irpan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 07:44:00

تاماكا زادى قانداق پەيدا بولغان؟

1492 – يىلى ئىسپانىيلىك دېڭىزچى كۇلۇمبو ئامېركا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغاندا كۇبالىق يەرلىك ئاھالىكلەرنىڭ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراۋاتقانلىقىنى كېمىدىكى ئىككى ماتۇرۇس كۆرگەن، ئىككى ماتۇرۇسنىڭ بىرى ئىسنى شوراپ باققان، بۇ تاماكا چەككەن تۇنجى ياۋرۇپالىق ھېسابلىندۇ، ئىسپانىيگە قايتقاندىن كىيىن، ئۇ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن قوشنىلىرى قاتتىق ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جىن چاپلىشۋاپتۇ دەپ قاراپ ئۇنى دىننى سوتنىڭ تۈرمىسىگە قامىتىۋەتكەن.

1496 – يىلى تاماكا ئۇرۇقى ئىسپانىيگە تارقىلىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى قاتارىدا تېرىلغان.

1518- يىلى ئىسپانىيەلىك ئىكىسپىدىتسىيچىلەر ئازىتاكلار ۋە مايالىقلارنىڭ قۇرۇق قۇمۇش نەيچىسى بىلەن تاماكا چېكىۋاتقانلقىنى كۆرگەن، ئېكىسپىدىتيىچىلەرمۇ ئۇلاردىن ئېلىپ چىكىپ باققان. بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق تاماكا تىلەپ چىكىش ھىسابلىنىدۇ.

1530- يىلى ئىسپانىيەلىكلەر ھاياتىدا تاماكا تېرىغان.

1560- يىلى فىرانسىيەنىڭ پورتىگالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يان نىكوتىن تاماكىنى فىرانسىيەگە ئېلىپ كېلىپ كېسەل داۋالاشقا ئىشلەتكەن ھەم خانىشنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايىتقان. نىكوتىننىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، خېمىيە ئالىملىرى كۆك تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىغا « نىكوتىن » دەپ ئىسىم قويغان. شۇندىن كىيىن كۆك تاماكا فىرانسىيەدە تېرىلىشقا باشلىغان.

1575- يىلى كۆك تاماكا فىلىپىندىن جۇڭگۇغا كىرگەن.

1595- يىلى ئەنگىليەلىك دورىگەر ئالىملىرى يازغان « تاماكا ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە قىممىتى بار كۆز قاراش» دېگەن ئەسەردە تاماكنىڭ ئادەم بەدىنگە زىيىنى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ھەم ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان.

1600- يىلى كۆك تاماكا لاۋاندا ( خۇش پۇراق ئۈسۈملۈك) بىلەن ئارلاشتۇرلۇپ لوندوندىكى ھەشەمەتلىك چىركاۋلارنىڭ ئەتىرى قاتارىدا ئىشلىتىلگەن.

1612- يىلى لوندوندىكى تاماكا سودىگەرلىرنىڭ ئوتتۇرا ئامىركىدىكى جامىستوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يوھان رولفېي شىمالى ئامىركىدىكى ۋېرگىنىينىڭ جىمىس دىگەن بازىردا دۇنيادىكى تۇنجى تۈركۈم سودا قىلىندىغان تاماكا تېرىغان ھەمدە ئەنگىليەگە 10 توننا يۆتكىگەن. شۇ يىلى ئامىركىدا تاماكا سىناق تەرەقىسىدە تېرىلغان.

1616- يىلدىن 1627- يىلغىچە كۆك تاماكا بىر قانچە يولدىن مەملىكىتىمىزگە كىرىشكە باشلىغان، يەنى فىلىپىندىن تەيۋەن، فۇجىيەنگە، ۋېيتنامدىن گۇاڭدۇڭغا، ياپۇنيىدىن چاۋشىيەن ئارقىلىق لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلغا، روسيەدىن شىنجاڭغا كىرگەن.

1639- يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى پەرمان چۈشۈرۈپ تاماكىنى چەكىلگەن ھەمدە تاماكا چەككەنلەرنى ئۈلۈمگە بۇيرىغان.

1666- يىلى ئەنگىليەدە گېزىتقا تاماكا ئېلانى بېسىلغان.

1799- يىلى ناپالىئون تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئەنقەرە شەھرىنى قوغداۋاتقان بىر توپ تۈركىيە ئەسكەرلىرنىڭ چىلىمى توپ ئۇقىدا پارتىلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار مىلتىق دورىسىنى تۇتاشتۇردىغان قەغەزدە تاماكا ئوراپ چەككەن، بۇنىڭ بىلەن تاماكىنى قەغەز بىلەن ئوراپ چىكىش دۇنياغا كەلگەن.

1825- يىلى شىۋىتسارىيەلىك خېمىيە ئالىمى ئا. پىكتې تۇنجى بۇلۇپ كۆك تاماكا تەركىبىدىن تاماكا ئىشقارى نىكوتىننى ئاجىرتىۋالغان.

1881- يىلى كۈنىگە 120 تال تاماكا ئورىيالايدىغان ماشنا پاتنىت ھۇقۇقىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاماكا ئوراش پۈتۈنلەي قول بىلەن قىلناتتى. `1900- يىلغا كەلگەندە تاماكىنىڭ ماركىسى 160 تىن ئېشىپ كەتتى.

1902- يىلى تاماكا چېكىشكە قارشى تۇنجى تەشۋىقات كىتابى « تاماكا زىيىننى يۇقىتىش ھەركىتى » ئەنگىليەدە نەشىر قىلىندى.

1927- يىلى ئەنگىليەلىك دوختۇر تايلور كوت تېببى ژورنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆزى بىلىدىغان ئۆپكە راكغا گىرىپتار بولغان بارلىق بىمارلارنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى.

1941- يىلى 2- دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە ئامېركا زۇڭتۇڭى روزىۋېلىت تاماكىنىڭ ئاساسى زىرائەت قاتارىغا كىرگۈزىلدىغانلىقىنى، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ھەربى سەپكە قاتنىشىش مەجبۇريىتىنى كەينىگە سۈرۈشكە بۇلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1948- يىلى « ئامرىكا تىببى جەميىتى ژۇرنىلى » دا، « پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، تاماكا جىددىيلەشكەن روھى ھالەتنى پەسەيتىدۇ، تاماكا چىكىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق » دىيىلدى.

1955- يىلى ئامېركا قوشما شىتات سودا كومتىتى تاماكا ئېلانلىردا سالامەتلىككە پايدىلىق دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى چەكىلىدى.

1957- يىلى ئامېركا راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى بىر تەتقىقات گورۇپىسى قۇردى. بۇ گورۇپپا مۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: تاماكا چېكىش بىلەن ئۆپكە راكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.

1966- يىلدىن باشلاپ تاماكا قېپىغا « دىققەت: تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن خەت بېسىلدى.

1967- يىلى نيۇ يۇرۇكتا تۇنجى قېتىملىق « تاماكا ۋە سالامەتلىك » خەلقارا يىغىنى ئېچىلدى، شۇنىڭدىن كىيىن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يۈكسەلدۈرلۈپ، تاماكا تاشلاش خىزمىتى كۈچەيتىلدى.

1980- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ باش ئىش بىجۈرگۈچىسى دوكتۇر مالۇر1980- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىكىتىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە « سىزگە تاماكا كېرەكمۇ ياكى سالامەتلىكمۇ، ئۆزىڭىز تاللاڭ » پائاليىتىنى قانات يايدۇردى.

1983- يىلى ئامىركا ھەر يىلى تاماكا چىكىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 300 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

1987- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى دۇنياۋى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىككىتى ھەمدە بۇ كۈنى تاماكا چەكمەسلىكنى ۋە تاماكا سېىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

1989- يىلى ئامېركا سەھىيە ئىدارىسى بىر قېتىملىق دوكىلاتىدا، تاماكا چېكىدىىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 15 ھەسسە يۇقۇرى دەپ كۆرسەتتى.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 08:14:20

1575 يىلى كۆك تاماكا فىلىپىندىن جۇڭگۇغا كىرگەن.

غەرىپكە ساياھەتنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا ، كۈمۈش ئالۋاستى ۋە ئالتۇن ئالۋاستىنىڭ ئانىسى غاڭزىدا تاماكا چەككىنى كۆرگەن ئىدىم ، بۇمۇ ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 1575- يىلىدىكى ۋەقەكەن ھە{:87:}

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 09:33:52

دىمەك ھازىرقى قەغەزگە ئورالغان تاماكىنى ئەسلى ناپالىيون ئۇرۇش دەۋرىدىكى تۈركلەر ئىجاد قىلىپتىكەن...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 11:48:03

بىزدە چىكىدىغان موخىركا بىلەن بۇ ماقالىدە دىيلگەن تاماكا بىر ئۆسۈملۈكمۇ؟

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 14:13:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 14:16  

مەن 1990-يىلى 11 يېشىمدا تۇنجى قېتىم تاماكا چېكىپ باققان، 1995-يىلى مۇقىم چېكىشنى باشلاپ 2005-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى تاشلىغان، شۇنىڭدىن بۇيان قەتئىي چېكىپ باقمىدىم ھەم تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە چەكمەيمەن!

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 14:47:47

تاشلىۋەتسەك بولىتتى مۇشۇ نەرسىنى.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 16:18:32

مۇشۇنى ئىجاد قىلغان ئەدەمگە دەرت كەلمىسۇن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 16:19:31

تاماكا تاشلاش كۈنى 31-ماي ئەمەسمۇ؟

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 16:36:53

ruslan007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 16:18 static/image/common/back.gif
مۇشۇنى ئىجاد قىلغان ئەدەمگە دەرت كەلمىسۇن

:lol

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 17:08:48

مۇشۇ ھاراق، تاماكا دىگەن نەرسىدىن قەتئى ھوزۇر ھىس قىلالمايمەن، بىرەر خىل سەزگۈ نىرۋام كەممىكىن دەيمەن{:92:}

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 17:39:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muztag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 17:42  

10ياش ۋاختىمدا تۇنجى قىتىم كىنوخانىدىن بابازىلارنى تىرىپ ،گىزىتكە قايتا ئوراپ ، خالاخانىدا ( ئوپچە خالاخانىتى ) بالىلار بىلەن چىكىۋاتساق ،بىر ئومۇچۇك پەلۋان كۆرۇپ قىلىپ ،ئويدىكىلەرگە چىقىپ قويۇپتىكەن ، دادام قاتتىق قورقۇتىۋەتكەن چىغى ،  شۇندىن بۇيان ئىغىزغا ئالماي ،تاماكا چىكىشنى دوستلار ئارسىدا ئەڭ كىيىن باشلىغان ، تولۇقنىڭ ئۇچىنچى يىللىقىدا . :lol
ئارلقتا بىسىپ چىكىۋەتتۇق، ئەمما يىقىندىن بۇيان
1518- يىلى ئىسپانىيەلىك ئىكىسپىدىتسىيچىلەر ئازىتاكلار ۋە مايالىقلارنىڭ قۇرۇق قۇمۇش نەيچىسى بىلەن تاماكا چېكىۋاتقانلقىنى كۆرگەن، ئېكىسپىدىتيىچىلەرمۇ ئۇلاردىن ئېلىپ چىكىپ باققان. بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق تاماكا تىلەپ چىكىش ھىسابلىنىدۇ.:lol:lol
تاماكىنى ئاساسەن چىكىشنى تاشلىدىم ،ئەمما بەزىدە مانداق قىزىل رەڭدە بويالغاندەك قىلىپ قويىمەن .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 18:26:59

بىر چىكىپ باققۇم بار مۇشۇنى نىمە ھوزۇر باتۇ؟:lol

AAA يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 18:50:20

ياخشى بالا بولغاننىڭ دەردىنى تولا تارتىپ ، ئەسكى ئادەم بولاي دەپ نىيەت قىلغاندىن كىيىن بىر يىل پىراكتىكا قىلىپ يۈرۈپ ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ئادەم باريەردە تارتىنماي چەككۈدەك بولغان تاماكىنى .

باشقا ياغاچ ،سولياۋ ياكى ئۈسۈملۈكلەرنىڭ تۈتۈنىدىن ھەممىدىن بەك تاتلىقراقى مۇشۇ تاماكىنىڭ تۈتۈنى بولسا كىرەك .
ئىنسانىيەت تارىخىغا تۆھپىسى بار يۈز كەشپىياتنىڭ بىرىگە تىققۇدەك ئىسىل نىمىدە بۇ .{:101:}

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 21:41:41

كىچىك ۋاقتىڭلاردا قوي باققاچ چىڭگىلىك چېكىپ باقمىغانما؟:lol

rakita يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 23:50:13

خەپ  كولۇمبو!

mayur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 07:18:36

ئالامەت،ھېى ھېى ھېى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 12:42:13

20 يىل بوپتۇ چېكىۋاتقىلى
ئارىلىقتا 3 يىل تاشلاپ يەنە باشلىۋالدىم
گۇناھى سەغىرە  بەكمۇ كىچىك گۇناھلاردىن ئىكەن

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 13:11:49

گۇناھنى كىچىك ساناش چوڭ گۇناھتۇر.
بەت: [1] 2
: تاماكا زادى قانداق پەيدا بولغان؟