majnun422 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 19:05:54

يالغۇز

               يالغۇز
     ئابدۇللا ئەيسا(مەجنۇن)

غېرىپلىققا پاتقىنىمدا مەن يالغۇز،
يارنى ئويلاپ ياتقىنىمدا مەن يالغۇز.
ئايرىلمايمەن بىر مىنۇتمۇ دىسىمۇ،
ھىجرانغا باش ئەگكىنىمدە مەن يالغۇز.

ئانام كەتكەن ئۇ دۇنياغا ئاتلىنىپ،
شۇندىن بېرى كۈلەلمەيمەن شاتلىنىپ.
خۇشاللىقىم ئازاپلارغا ئايلىنىپ.
كۆزۈمدىن ياش ئاققىنىدا مەن يالغۇز.

بىر يىتىم بوپ قالدىم ئون بەش يېشىمدا،
يېقىنمۇ تۇققۇنۇم يوقتۇر قېشىمدا.
ھېچ بىلمىدىم نە قىسمەت بار بېشىمدا،
كېرەك قانداش بولغىنىدا مەن يالغۇز.

پايدا ئالسا ئەگەر پۇل ۋە مېلىمدىن،
دوسلۇرۇممۇ كەتمەيدىكەن يېنىمدىن.
تانىدىكەن ئامەت قاچسا مىنىڭدىن.
كىرەك مۇڭداش بولغىنىدا مەن يالغۇز.

بەزىلىرى يامان يولغا باشلىسا.
ئەگەشمىسەم قاتارىغا قاتمىسا.
تەقدىر مىنىڭ كۆزلۈرۈمنى ياشلىسا،
كىرەك بىر ‹‹باش››بولغىنىدا مەن يالغۇز.

نەپ تەگكەندە پەرۋانە بوپ يۈرگەنلەر.
كەل جانىم دەپ شوخ ھىجىيىپ كۈلگەنلەر.
نەپ تەگمىسە بولۇر قاپاق تۈرگەنلەر،
دەرتكە بەرداش بىرەلمىدىم مەن يالغۇز.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم.
باشقۇغۇچىلانىڭ ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىپ تىمامنى تەستىقلاپ قويۇشىنى سورايمەن. قولۇمغا قەلەمنى يېڭى ئالغانلىقىم ئۈچۈن، كەڭ ئۇستازلانىڭ تەكلىپ پىكرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:09

ياخشى يېزىپسىز!
بەت: [1]
: يالغۇز