malak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 18:10:03

مېنى كەچۈر، مەكتەپتىكى ئەڭ ساپ مۇھەببەت


گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى
يەنە شۇ مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى مەندە ئىلھام قوزغىغىلى تۇردى، ئەھ، قانداق قىلىمەن يازماي...
يازسام شۇ يەنە قەلب جاراھەتلىرىمنى تاتىلايدىكەنمەن، يازمىسام شۇنچە كۆپ ئوقۇرمەنلىرىمنى ھېلىمۇ ئاز ساقلاتتىممۇ مەن ھە؟!
   ئۇنىڭ ئىسمى ئەخمەتجان. تۇنجى قېتىم ھەقىقىي ئىسمىنى ئاشكارىلاپ يېزىشىم. مەيلى ئۆزى كۆرسىمۇ، كۆرمىسە تېخى ياخشى!
   ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمەم شۇ ئەخمەتجان بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئۇنىڭ قىزىقارلىق يۇمۇرىستىك خاراكتېرى ھەربىر ھەرىكىتىنى شۇنچە ئوماق كۈلكىلىك كۆرسىتەتتى. ئۇ چىقىشقاق ھەم كېلىشكەن بولغاچقا ھەممە قىزلار ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.
   تۇنجى كۆرگەندە ئۇنىڭغا ئانچە قىزىقمىدىم، نېمىشقا دېسەڭلا، ئۇنىڭدىن بەكرەك كېلىشكەن ئوغۇللار خېلى باردە!؟ ئۇ باشقا قىزلارنى ئەتراپىغا ئولاشتۇرىۋېلىپ ھەممىسىنى كۈلدۈرىۋاتاتتى. مەن ياخشى كۆرگەن يىگىت بولسا، ئۆزى يالغۇز ئولتۇراتتى. مەنمۇ ھەم يالغۇز، قىزلار بىلەنمۇ تېخى تونۇشقىدەك بولمىغانىدىم. ھەيرانمەن، ئەخمەتجان خۇددى نەچچە يىللىق ساۋاقداشلاردەك قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتىدۇ-دېسە... ئۇنىڭغا مۇنداقلا قاراپ قويدۇم، يەنە كۆزلىرىم ئاۋۇ ياقتا يالغۇز ئولتۇرغان يىگىتكە كېتىۋاتاتىدۇ. سەۋر قىلاي، مەن بولىدىكەن دېگەنلا يىگىت بولسا، ھامان ماڭا ئاشىق سەۋدايى بولىدۇ. پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بار، خالاس.
   كۈنلەر ئۆتىۋاتىدۇ، ئەمما مەن تېخىچە ئۇ تاھىرىم بىلەن تونۇشمىدىم. خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، ئۇ مەنلا ئەمەس، بەلكى ھېچبىر قىز زاتى بىلەن تونۇشمىدى. شۇ قەدەر جىمجىت ئىدى. ئۇنىڭ سەل تۈرۈلگەن قاپاقلىرىدىن ئەركەكلەرگە خاس ھەيۋىنى كۆرسەم ئىچىمگە ئوت چۈشكەندەك تولغىنىپ كېتەتتىم.
   - ھوۋۋۋۋ، مالىم، مالىم....- بىرىنىڭ ئەنسىز ئىچىگە تارتقان ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم. كەينىمگە قارىسام، ئەخمەتجان چىرايى ئۆڭگەن ھالەتتە قۇلىقىم تۈۋىگە قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ، بۇرۇتلىرى سەل پەل تىترەپ قالغانىدى، يۈرىكىم سېلىپ، ئاران تەسلىكتە كەينىمگە ئۆرۈلدۈم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمغا ئەگىشىپ دەرستىن قېچىشىم بولغاچقىمۇ، يۈرىكىم قېپىدىن چىقاي دەپ قالدى. ئەپسۇس، كۆز ئالدىمدا ئوقۇتقۇچىدىنمۇ قورقۇنچلۇق بىرى تۇرماسمۇ؟! ئاھ، بۇ نېمە سەتچىلىك! قىز بالىمۇ دەرستىن قاچامدۇ؟! مانا قاچە گۈلمىرە...
    تاھىرىم ماڭا قاراپ، سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، مۈرەمنى يېنىككىنە سوقۇپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا مەن بىر لۈكچەك ئوقۇغۇچى بولدۇمغۇ!؟
   - ھەي ئاۋاق، نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟! تېز، مالىم كېلىۋاتىدۇ دەيمەن؟!- ئەخمەتجان قولۇمدىن تارتىپلا، مېنى ياندىكى مۇزىكا ئەسۋابلىرى قويىدىغان سىنىپقا ئەكىرىپ كەتتى. ئوقۇتقۇچى راست بارمۇ يوق، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئىدى. ئۇنىڭ قولۇمنى تېخىچە قويۇۋەتمىگەنلىكىدىن سەل قورۇنۇپ، ئاستا قولۇمنى چىقىرىۋالدىم. ئەخمەتجانمۇ خىجىل بولغاندەك، بېشىنى تاتىلاپ قويدى-دە، تېزلا چاندۇرماي:
   - نېمدا ھاڭۋاقتى سىز، قاچانلا قارىسا ئاسماندىن چۈشۈپ قالغاندەك، ئاغزىنى ئېچىپ ئاسمانباقىلىق قىپلا يۈرگەن!؟
   -ھە؟؟ - مەن يەنىلا ئېسىمنى يىغالماي، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشەنمىگەندەك قايتۇرۇپ سوئال سورىدىم.
   - ئەمەلىيەتتە ئۇ سىزگە قىزىقمايدۇ. بىكار قىينىماڭ ھە ئۆزىڭىزنى!     ئەخمەتجان شۇنداق دەپ قويۇپلا، ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن سىرتقا مارىلاپ قارىۋېتىپ، ھېچكىم يوقلىقىنى پەملەپ غىپپىدە چىقىپ كەتتى. مەن بۇ گەپنى چۈشەنمىدىم دېسەم، يالغان ئېيتقان بولىمەن. ئەمما، ئۇ قانداق بىلىدىغاندۇ؟
    شۇندىن كېيىن ئەخمەتجان خۇددى مېنىڭ سەتچىلىكىمنى بىلىۋالغاندەك ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ، قېچىپلا يۈردۈم. ئەمما، مەن قاچقانسېرى ئۇ ماڭا يېقىنلىشىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ماڭا يازغان خەتلىرىدىن مۇنۇ بىر جۈملە مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى:«ياخشى كۆرۈشنى بىلگەن قىز ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.» شۇڭا ئۇ مېنى ھۆرمەتلەرمىشلەر...مېنىڭ جاۋابسىز قالدۇرغان خەتلىرىم ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئاتا قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. سەھەردە مەن چېنىقىدىغان مەيداندا ئۇنىڭ سايىسى پەيدا بولىدىغان بولدى. قىزىقىشلىرىمىز ئاساسەن ئوخشاپ قالغانلىقتىن بارغانسېرى چىقىشىپ قېلىۋاتاتتۇق. كىچىكى سىنىپتىكى ئىشلاردىن تارتىپ، تارىخ ۋە دۇنيا ئېقىم مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ، مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت توغرىسىدىمۇ ئورتاق پىكىرلەردە بولاتتۇق. بارا-بارا ئۇنىڭ شۇ قەدەر يېقىشلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىۋاتىمەن.
   بىر كۈنى ئىككىمىزنىڭ ئورتاق قىزىقىشىمىز بويىچە، ئىككى ئاپتوبۇسقا ئالمىشىپ ماڭسا، بىر يۆنىلىشى 35 بېكەت كېلىدىغان مۇساپىنى پىيادە بېسىپ، نىشانلىغان نۇقتىمىزغا بېرىپ كەلدۇق. كېلىۋېتىپ كۆل بويىدا ئارام ئالغاچ يەنە شۇ ئالەمچە پاراڭلىرىمىزنى باشلىۋەتتۇق.
   - ۋۇييۇ، ئاۋۇ بېلىق ئالغۇچقا قارىڭە!
   - ھە كۆردۈم، ئەجەب يامانكىنا بۇ!؟
  ئەپسۇس، ھاھاھاھاھا!!!! كۈلكە كۆتۈرۈلدى. ئىككىمىز ئۇ بېلىق ئالغۇچقا قاراپ كۈلۈپ كەتتۇق. چۈنكى ئۇ شۇنداق تېز سۈرئەتتە سۇ يۈزىدىكى نەرسىنى چىشلەپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپلا، ئاغزىدىكى ئولجىنى تاشلىۋەتتى. قارىساق، ئۇ بېلىق بولماستىن، بىر پېتەككەن... ئولجىنى خاتا تونۇپ قېلىپ، ئۆزىگە قىلچە پايدىسىز نەرسىنى چىشلەپ سالغانلىقىدىن ئۆزىمۇ نومۇس قىلدى بولغاي، ئۇچۇپ كەتتى.
   ئوقۇشلىرىمىز شۇ قەدەر كۆڭۈللۈك، ئىككىمىز بىرلىكتە دەرس تەكرارلايمىز. بىرلىكتە چېنىقىمىز. ھەتتا بىرلىكتە سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلايمىز، پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىمىز. ئىشقىلىپ، كىملا كۆرسە بىزنى زەپمۇ قاملاشقان بىر جۈپلەر دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئاشخانىلارغا كىرسەكمۇ، «ھە مانا، بىزنىڭ پەرھاد شېرىنلار كەلدى مانا ھە، ئوخشىتىپ توقسۇن سومىنىدىن ئىككىنى!» ئۇلار بىزگە ئامراق. بىزمۇ ھەم ئامراق، ئۇلارنىڭ توقسۇن سومىنىگە تېخىمۇ ئامراق.
    ئەڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىمىزگە ئەمدى كەلدىم.
    بىز بىر شەنبە كۈنى يېزىغا چۈشۈشنى پىلانلىدۇق. ئىككىمىز ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، يېزىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. بىزگە ناتونۇش بۇ يېزىلارنىڭ قايسى بېكىتىدە چۈشۈشنى ھەم بىلمەي خالىغان بىر بېكەتتە چۈشىۋالدۇق. ئۈژمە دەرىخى سايىسىدا تاشلىنىپ ياتقان ئۈژمىلەرگە ئىچىم ئېچىشىپ، يەردىن تېرىپ، سۈرتۈپ پۈۋلەپ ئاغزىمغا سېلىشىمغا، ئەخمەتجان كۈلۈپ كېتىپ:
  - ھەي نېمدا ئاچپاقا سىز؟! توختىڭە، دەرەختىن چۈشۈرۈپ بېرەي!
  ئۇ شۇنداق دەپلا، چاققانلىق بىلەن مايمۇندەك سەكرەپ ئۈژمە دەرىخىگە چىقىۋېلىپ، ماڭا قاراپ مايمۇننى دوراپ قولىنى پېشانىسىگە قويدى. ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم.
   - سىلەر نەدىن كەلدىڭلار؟
   بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ ئىككىلىمىز كەينىمىزگە قارىدۇق. ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاكاش قولىدىكى گۈرجەكنى يەرگە تىرەپ قويۇپ، بىزدىن جاۋاب كۈتىۋاتاتتى.
   - شەدىن كەلدۈك... -ئەخمەتجان ھەييارلىق بىلەن ھىجىيىپ، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» غا ئۇلاپلا شۇنداق دېدى. ئىككىلىسى قوللىرىنى سىقىشىپ كۆرۈشۈپ، بىردەم ئەھۋاللاشتى. توۋا، ئىككىلىسى بىردەمدە چاقچاقلىشىپ ئۇرۇق-تۇغقاندەك بولۇپ كېتىشتى. ماڭا كەينىدىن مېڭىشىمغا ئىشارە قىلىپ قويۇپلا، ئالدى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. مەنمۇ قولۇمدىكى بىر سىقىم ئۈژمىنى ئاغزىمغا بىراقلا سېلىۋېتىپ، قوۋزىمنى كۆپتۈرۈپ كېتىۋاتىمەن.
   توۋا، يولدا ئۇچراپ قالغانلا بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق مانا. قىززىق ئىشلار باشلاندى. بۇ ئاكاشنىڭ ئايالى يامانلاپ كېتىپتىكەن دەڭلا، ئۆيىگە مېھمان كېلىۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەخمەتجاننىڭ دەۋىتىدە تاماق ئېتىشقا كۆندۈم. ئۆيلەرنى تازىلىدۇق، كۆكتاتلىققا چۈشۈپ كۆكتات ئادالىدۇق. ئەلۋەتتە ھەممىنى ئىككىمىز بىرلىكتە قىلدۇق.
   ئۇ كۆكتات توغراشقىلا ئەمەس، تاماق ئېتىشكە ئاساسلىقى قازان تۇتۇشقىمۇ شۇنچە ماھىر ئىدى. توخۇ قوردىقىنى ۋەھشىي ئوخشىتىۋەتتىكى، مەن يۈز كۆزلىرىمنى قارا قىلىپ، پەقەت ئوچاققا ئوتۇن سېلىپ، ئوت قالاپ بېرىشتىن باشقىنى قىلالمىدىم. ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىغۇدەك ھالىمىز يوق، ئاشپەز بولۇپ كېتىپتىمىز-دېسە؟! ئۇ قازاننى ئىشلىتىپ بولسا قازاننى يۇياتتى، ئەمبەلنى ئىشلىتىپ بولسا ئەمبەلنى، قىڭراقنى ئىشلىتىپ بولسا قىڭراقنى يۇيۇپ جايىغا قوياتتى. مەن قىز بالا جۇمۇ بۇ يەردە، ئەمما مەن پەقەت ئوت قالايمەن...
    مېھمانلارغا تاماقنى يەنە ئۆزى ئۇسۇپ ئەكىردى. مېنى ئەرلەرنىڭ ئالدىغا كىرىپ يۈرمەڭ ھە، دەپ ئوچاق بېشىدىلا بىر قاچا تاماقنى يېيىشىمگە بۇيرۇپ كىرىپ كەتتى.
    تاماق شۇنداق تەملىك تېتىپ كەتتى. ئويلاپ كۈلگۈم كېلەتتى، توۋا، بۇ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمدى؟!
   ئۆينىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى ئوچۇق بولغاچقىمۇ ئىچىدىكىلەرنىڭ پاراڭلىرى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
- بۇياق ئىنىڭما؟
- ئىنىڭ يوقتىغۇ؟ كىمۇ بۇلار؟
- ئۈژمە ئوغرىلىرى، تۇتۇلۇپ قېلىپ جازا ئۈچۈن تاماق قىلىپ ئۆي تازىلاۋاتىدۇ.- ئۆي ئىگىسى ئاكاش قىززىقچىلىق قىلىپ شۇنى قوشۇپ ئۈلگۈرگەنىدى،- ئاۋۇ كېلىنچەك سېزىككەنتۇق، شۇڭا مەخسۇس ئۈژمە يېگىلى كەپتۇ شەھەردىن...
    -ھاھاھاھا....ھاھاھا...ھاھاھا.... -كۈلكە ئاۋازلىرى كۆتۈرۈلدى. ۋاي يۈزۈم، ئەمدى ئەخمەتجانغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارايمەن؟!
    بىر دەمدە ئىشىكتىن چىقىپ كېلىۋاتقان ئەخمەتجاننى كۆرۈپ يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى، ئۇ ماڭا:
- تېلېفونىڭىزنى بېرىپ تۇرىڭە، مېنىڭكىنىڭ توكى قالماپتۇ. ياتاقتىكى بالىلارغا تېلېفون قىلىۋالاي،- دەپلا تېلېفونۇمنى ئېلىپ دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى. مەن خىجىللىقتىن قۇتۇلغاندەك بولۇپ، ئۇ ئېلىپ چىققان قاچىلارنى يۇيۇشقا كىرىشتىم.
    شۇنداق قىلىپ، ئىككىمىز بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ مەكتەپكە قاراپ يولغا چىقتۇق. ئۇ يولىچە ماڭا يول قاسنىقىدىكى گۈللەردىن گۈلدەستە تىزىپ سوۋغا قىلدى. ئىككىمىز شۇنداق شادىمان كۈلۈشتۇق.
   ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئەمدىلا بىر بېكەت مېڭىشىمىزغا، بىرمۇنچە بەغرەز مەينەت چىۋىنلەر يېنىمدىن كېتەلمەيتتى. ئۆزۈمچە باشقا كىشىلەردىن نومۇس قىلىپ كەتتىم. ئىككىمىز بىر ئورۇندا ئولتۇرغاندىكىن، ئۆزىمىزنىڭ ئاياغلىرىنىڭ ئاستىلىرىغا قاراپ كەتتۇق، ئەمدى بىخەستەلىك قىلىپ، بىرەر نەرسىگە دەسسەپ سالغان بولساق شۇ دەپ... ئەمما، ئاياغلىرىمىزمۇ پاكىزە، بۇ نېمە ئىشتۇ؟؟
   - ئۇكام خاپومماي، ئاۋۇ قولىڭىزدىكىنى تاشلىۋېتەمسىز؟
   ۋۇي، ئاپلا، ما ئىشنى كۆرۈڭ! ئەسلى مەخسۇس چىۋىن ئولىشىدىغان سېسىق گۈلكەنتۇق ئەمەسمۇ بۇ!؟ گۈلنى تاشلىۋېتىپ، ئەخمەتجاندىن خاپولغاندەك ئولتۇرغانىدىم. ئۇ بېشىنى مۈرەمگە قويۇپلا كۆزىنى يۇمىۋالدى. خەپ! مۈرەمنى تارتىۋالدىم، يەنە قويۇۋالدى، يەنە تارتىۋالدىم. ئۇ بىلىكىمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، مۈرەمگە بېشىنى قويدى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، بىرخىل لەرزىگە كەلدى.
    ئىككىمىز يەنە پاراڭغا چۈشتۇق. چۈنكى بىردەملىك بولسىمۇ سۈكۈت بىزگە بىئاراملىق ئېلىپ كېلەتتى. شۇڭا خۇشاللىقىمىز ئۈچۈن گۇڭۇر-مۇڭۇر ياخشى!
   
   دۈشەنبە كۈنىدىكى بۇ ئىشقا مەن نېمە دەي؟! ۋاي يۈرىكىم، ۋاي يۈزۈم!
   مېنىڭ شۇ ئاشىقىم تاھىرىم، ئۇ مەندىن بەكلا خاپا ئىدى. ئەمما بىز تۈزۈك پاراڭلىشىپمۇ باقمىغانىدۇقتە! شۇڭا نېمىشقا مەندىن خاپا بولغانلىقىنى ھەم بىلمەي، كۆڭلۈم غەش بولدى. يەنىلا ئەخمەتجان بىلەن بىللە تاماق يېگەچ سوراشقا مەجبۇر بولدۇم:
   - ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ بىلدىڭىزمۇ؟
   - ئىككىمىزنىڭ ئىشىدىن خاپا بوپقاپتۇ شۇ... سىزمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانسىز؟
  - نېمە؟- مەن بۇ جاۋابتىن چۆچۈپ كەتتىم. مەن قانداقمۇ بۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلاي؟ نېمە بولغىنىنى بىلسەمكەن كاشكى...
  - سىز خۇپسەنلىك قىلىۋاتامسىز ياكى راستىنلا بىلمەمسىز؟
  مەن ئەمدى راستىنلا قايمۇقۇپ قالدىم. يەۋاتقان تامىقىمنى قويۇپ، قوشۇقنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم:
  - تېز دەڭە، نېمە دېمەكچى ھەممىنى دەڭ!
  - توۋا، سىزدەكمۇ دۆت ئادەم بولىدىكەن دېسە. تېلېفونىڭىزنى ماڭا بېرىڭە.
مەن تېلېفوننى ئۇنىڭغا بەردىم. ئۇ قولىغا ئېلىپ، ئۇ يەر بۇ يەرنى بېسىپ باققاندىن كېيىن، كۈلۈپ كەتتى. ماڭا ئېكراننى كۆرسىتىپ:
   - ئالدىنقى كۈنى سىز ئاپتوبۇستا بىزنىڭ ئوغۇللار ياتىقىغا تېلېفون ئۇرۇپسىز، بىزنىڭ گەپلىرىمىزنى ھەممىسى ئاڭلاپتۇ. بىزنى ھازىر يۈرىۋاپتۇ دەپ يۈرىدۇ.
  - نېمە؟ مەن سىلەرنىڭ ياتاققا ئۇرۇپتىمەنما؟ توۋا! قارىڭە، كاللامدا بىرەر ۋېنتا كەممىكەن ياكى ئارتۇقمىكەن؟
  ئۇ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، كۈلۈپ كەتتى:
  - ھە بىلدىم. ماۋۇ قوتا تېلېفون بېسىلىپ كېتىدىكەن-دە، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەن ياتاققا تېلېفون قىلغان ئەمەسمۇ، شۇڭا يانجۇقتا تۇرۇپ بېسىلىپ كېتىپتۇ. ما ئىشنى كۆرۈڭ!
  - ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ بالىلارغا سىز چۈشەندۈرۈڭ!
  مەن ھەممىدىن ئەنسىرەيدىغىنىم دەل مېنىڭ تاھىرىم ئىدى. ئۇ مېنى خاتا چۈشىنىپ قالسا قەتئىي بولمايتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە ئەڭ پاك ئەڭ ئاقكۆڭۈل پەرىشتە سۈپەت قىز بولۇشۇم كېرەك!
   - ئۇ ئاداش، سىزنى ياخشى كۆرىدىكەنتۇق، ئادەتتە گەپ قىلمايدىغان ئادەم، بۇ تېلېفوننى دەل ئۇ ئېلىپ قاپتۇ. تېلېفوننى قويۇۋەتمەي بىزنىڭ پاراڭلىرىمىزنى زەن قويۇپ ئاڭلاپتۇ. شۇڭا بەك كۆڭلى يېرىممىش. مەن ياتاققا كىرىشىمگىلا بەك سوراق قىلىپ كەتتى.- ئۇ شۇلارنى دەپ، مېنىڭ چىراي ئىپادەمگە قارىماستىن، يەنە داۋاملاشتۇردى:
  - ئەمما، گۈلمىرە، مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن ھېچيېرىم كەم ئەمەستى. مۇز چىراي ئادەم بىلەن سىز قانداقمۇ ماس كېلىسىز؟ مەندەك سىزگە ھەممە جەھەتتە ئورتاقلىشىپ بېرەلمەيدۇ. بۇلارنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟
  مەن ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتىمەن. ئەخمەتجانغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدىم. پۈتۈن ئەس-يادىم تاھىرىمدا. ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە قانداق ئېرىشەرمەن؟!
   ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا بېرىپ، مەن قەستەن قىلمىغان، ئەسلى تېلېفون بېسىلىپ كېتىپتىكەن دەپ، ھەممىنى چاندۇرۇپ نېمە قىلاي؟ بەرىبىر ئۇنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئەخمەتجان بىلەن يېزىلاردا يۈرسەم. بۇنى ئۆزۈممۇ قوبۇل قىلالمايمەن، ئۇ ئەلۋەتتە قوبۇل قىلمايدۇ-دە! بىراق، بىزنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز بولمىسا، مەن نېمىدىن غەم قىلاتتىم؟! بەلكىم ئۇنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن قىلچە كارى يوقتۇ؟ يەنە بىراق، ئەخمەتجان دېگەنكىدەك، ئۇ راستىنلا مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا نېمىشقا ماڭا ئېغىز ئاچمايدۇ؟!
    كەينىمدىن يېتىشىۋالغان ئەخمەتجان ئالدىمغا ئۆتۈپ، ماڭا بىر ئېغىزلا سۆز قىلدى، بۇ بىر ئېغىز سۆزنىڭ ماڭا قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلسەم ئىدى، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئۇنداق قوپال مۇئامىلە قىلمايتتىم.
   - كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدا، پىئانىنو مەشق ئۆيىگە كىرىڭ!
   مەن كەچلىك مۇزاكىرىدە شۇ دېگەن جايغا كەلدىم. ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغان، ئەخمەتجان بىلەن تاھىر ئولتۇراتتى. ئەخمەتجان مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ، ئۈن تىنسىز چىقىپ كەتتى. تاھىر ئىككىمىز شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قويۇق ئالاقىلاشتۇق. ئەمما بىر ئايغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە، كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم. بىزنىڭ ئورتاق پىكرىمىز يوق ئىدى. ئۇنىڭ قىزىقىشى يوق، پەقەت ماڭىلا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا مېنىڭ توخۇئەتلىرىم چىقىپ، بەكلا بىئارام بولاتتىم. چۈنكى بۇ كۈلكىلىك يالغان سۆز ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ-دە!؟ ماڭا يەنىلا ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغان، ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان شۇ ئەخمەتجان لايىقكەنتۇق.
    تاھىر بىلەن ئادەتتىكى دوست قاتارىدا قېپقالدۇقيۇ، ئەخمەتجاننى قولدىن چىقىرىپ قويدۇم. ئۇنىڭغا ئازار بەرگەنىدىم، مۇھەببىتىنى كۆزگە ئىلمىغانىدىم. ئەمدىلىكتە ئۇ ئەتراپىدىكى شۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۈلدۈرسىمۇ ئۆزى كۈلمەيتتى، مېنى ھەم كۈلدۈرمەيتتى. چۈنكى قەلبىمىز يارىغا تولغان، كۈلكە ھۈجەيرىمىز ھەم ئۆلگەن ئىدى.
    ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تا ھازىرغىچە نەچچە يىل بولدى. ئۇنىڭ توي قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مېنى ئۇنۇتقان ياكى ئۇنۇتمىغانلىقىنى ھەم بىلمەيمەن. ئەمما، مېنىڭ تا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىمنى، ئۇنى ھەر دائىم ئەسلەيدىغانلىقىمنى ئۇ ھەم بىلمەيدۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 22:12:00

ئالىي مەكتەپكە تۇنجى قەدەم قويغان ۋاقىتلاردا نەدە ئۇنداق يات جىنىسقا قاراپ مۇھەببەت ئىزدەيدىغان ئىش،
يات چىراي مەكتەپنىڭ ئۆزىگە خاس بىسىمى ئارسىدا ئۇنداق ئىشلارغا تاۋى بارمايدۇ،جىددىيچىلىك ئالدىراش تەمتىرەش تارتىنىشتىن باشقا ئىش يوق.
لىكىن يىرىم يىلدىن كىيىن كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلاربىر بىرسىنى چۇشىنىپ  قوغلىشىشقا باشلايدۇ.

Teghdrim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 23:07:35

2 قىز بىلەن يۈرۈپتىمەن شۇ چاغلاردا ، ھەممىسى ئەرگە تېگىپپ ئۆز بەختىنى تاپتى .

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 00:06:58

مەن كەلگىلى يىرىم مەۋسۈم بولدى. ھازىرقى قىزلار پۇلى بارلارنى ، ئويۇن - تاماشا قىلىپ بىردىغان يىگىتلەرنى قوغلىشىۋاتىدۇ. مەندەك ئۆزىنى ئۆگىنىشكە ئاتىۋەتكەن كىتاب خالتىسىغا ، پۇلغا گاداي روھقا باي يىگىتكە ھېچبىر قىز كۆز قىرىنى سېلىپمۇ قويمايدۇ. :lol:lol
  چاخچاق ، ئۆزەمنىڭمۇ تاپقىسى يوق ، قىز مۇۋاپىقىيەت يولۇمدىكى توسالغۇ دەپ قارايمەن. ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلدۇ شۇ! :P:P

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 00:19:50

بەزىدە كۆڭلۈم يالغۇزلۇق ھېس قىلغان ۋاقتىمدا ، بىرەر قىزنىڭ يىنىمدا ماڭا مەدەت بىرىشنى ئويلاپمۇ قالىمەن . لېكىن بىزنىڭ مەكتەپتىن مەن ئويلىغۇدەك ، كۆڭلۈمدىكىدەك قىزنىڭ چىقىشى ناتايىن ئوخشايدۇ. مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى قىز بولسا ، ئىزدىنىش يولىدا ماڭا ھەمراھ بولالايدىغان ، بىلىمگە ھېرىسمەن ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشنى خالايدىغان ، بوران - چاپقۇنلۇق ، جاپاكەش كۈنلەردە مەن بىلەن بىرلىكتە بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشنى خالايدىغان  ...................
، ئەڭ مۇھىمى مېنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان. :loveliness::P:P

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 00:22:16

مارى كىيۇرى خانىمدەك :lol

Qamcha يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 00:23:32

مەكتەپتىكى تۇنجى ئاشىقىنى تىلغا ئالغاندا ھەممە كىشىنىڭ قەلبىنى پۇشايمان دەردلىرى قاپلارمىكىن دەيمەن.

لېكىن سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بىر ياخشى كۆرىدىغان يىگىت تۇرۇپ يەنە باشقا بىر يىگىت بىلەن باشقا يۇرتلارغا بېرىپ كىشىنىڭ ئۆيىدە يېتىپ قوپقىنىڭىز ئەخلاق نۇقتىسىدىنمۇ قەتئىي توغرا بولماپتۇ .

قەلبىڭىزدىكى ئاق ئات مىنىۋالغان يىگىتنىڭ تاڭسىڭ چىقىپ قالغانلىقىدىن ناھايىتى خوش بولدۇم :lol تاس قاپسىز ئەخمەتچان دېگەن ھېلىقى بالىنى قارا باستۇرغىلى. :lol

كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى دەۋەتتىم، ئېغىر كەتكەن بولسا ئۆزرە

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 00:33:02

مەكتەپتىكى مۇھەببەت،
شۇنچە شىرىن، شۇنچىلىك لەززەت.
دەسلەپ كۈلدۈرگەن بىلەن،
يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت.
:lol

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 00:41:38

ما قىز بالا باركىنا توۋا. شۇنچە ئۇزۇن ئەسلىتىپ، ئاران بىر ئەسلىمىنى يېزىپ كەلگىنىنى!:D

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 07:26:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 07:27  





{:92:}

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 07:34:56

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 00:22 static/image/common/back.gif
مارى كىيۇرى خانىمدەك

:lol {:143:}

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 08:13:01

كىيۇرى خانىمدەك قىزلارمۇ ئېنىشتىيىندەك يىگىتلەر ئۇچرىسىكەن دەپ يۈردىغاندۇ.
مۇھەببەت ئۇ مال ئەمەس خالىغان تەلەپتە زاكاس قىلىدىغان {:92:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 09:31:24

مەكتەپتىكى مۇھەببەت ،
خۇدايىمغا ئامانەت !

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 09:52:04

jesurmen يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 08:13 static/image/common/back.gif
كىيۇرى خانىمدەك قىزلارمۇ ئېنىشتىيىندەك يىگىتلەر ئۇچر ...

:lol :lol :lol

moltoshey يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 09:54:27

ئوخخو دۇچۇ

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 10:05:17

مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا قىزلارغا ئانچە دىققەت قىلماپتىكەنمە. ئەمدى بولغاندا يۈرگىلى ئەمەس ھەتتا ئۆمۈرلۈك دېسەممۇ چىقمايۋاتىدۇ.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 10:41:13

ياخشى نەرسىنىڭ شۇ پېتى قەلبتە ساقلانغىنى ياخشى . ئەگەر ئۇنىڭغا تەككەن بولسىڭىز بۇ ئاخىرقى گۈزەل ئەسلىمىمۇ قالمىغان بولاتتى .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 11:52:18

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى  بىلەن مەلەك دىگەن قىزچاق ئىككىسى بىر قىزبالىمۇ؟

arqin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 12:57:26

ئىزدىنىشتىكى بوۋاي مۇمايلارغا مەكتەپتىكى مۇھەببەتنى ئەسلەتتى ھە :lol

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 13:31:58

مەن تۇنجى قىتىمقى مۇھەببەتىمگە  ئىتىزدىن قايتىشىنى ساقلاپ قوناقلىقتا تەلەپ قويغان  ،ئارانلا تۇرۇپتىكەن ئەسلى، تەلەپ قويۇش گەپلىرىم تۇگىمەيلا ماقول دەپ بولغان ئىدى ،لىكىن كىيىن ئاكىسى ئۇقۇپ قىلىپ ئۇ قىز بىلەن مىنى تازا تىللاپ كەتكەن  قورقۇپ كىتىپ ئىزدەشمىگەن ئىدۇق ،تاياق يەپ كەتمەيلى دەپ..:'(
بەت: [1] 2 3
: مېنى كەچۈر، مەكتەپتىكى ئەڭ ساپ مۇھەببەت