پاسىل تام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mariya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 15:58پاسىل تام
(ھېكايە)مىرزا چوڭ سەھەردىلا قوتانغاكىرىپ ئاخشام ئېتىز قىرىن ئورۇپ كەلگەن بىر باغلام چۆپنى كالىسىغا تاشلاپ بەردى. ئۇ كالىسىنىڭ يۇمىران چۆپنى ئىشتھا بىلەن پۇشۇلداپ يىيىشىگە بىرھازا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن، قوتاننىڭ ئىشكىنى يىپىپ ھويلىغا چىقتى. باغنىڭ ئەتتىگەنلىك ھاۋاسى سالقىن بولۇپ قۇشلارنىڭ سايراشلىرىلا سەھەر جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى.
- ئانىسى چېيىڭلار تەييار بولدىمۇ؟
- مانا ھازىرلا...
ھويلىدىكى گۈل چىقىرىپ ياتقۇزۇلغان پىششىق خىش ئۈستۈگە سۇ چېچۋاتقان مەريەمخان دەرھال ئوچاق بېشىغا ماڭدى. ئەر – خوتۇن ئىككەيلەن ئالما دەرىخى ئاستىدىكى سۇپا ئۈستۈدە ناشتا قىلىشتى.
-ئېسىم قۇرسۇن،- دېدى چېيىنىڭ تېگىنى پاكىز ئىچىۋاتقان مىرزا چوڭ تۇيۇقسىزلا مۇھىم بىر ئىشنى يادىغا ئالغاندەك، -ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، تۈنۈگۈن قوناقلىقتىكى چېغىمدا ئەدىلىيە ئىشخانىسىدىكى بىر ئايال ھازىرلا ئىشخانىغا بىر كېلىپ كەتسىڭىز دەپ تېلىفون بېرىپتىكەن. قوناققا سۇ تۇتۋاتىمەن، يەنە بىر قېتىم سۇ نۆۋىتى كەلگۈچە قوناقلىرىم قۇرۇپ كېتىدۇ ئەتە باراي دېسەم ئۇ ماقۇل بولغان. مەن بازارلىق ئەدىلىيە ئىشخانىسىغا قاسسىدە كىرىپ چىقاي.
-زادى نېمىگە چاقىرتقاندۇ ئۇلار؟ قىزلارغا تېلىفون قىلايمۇ يا؟- دېدى مەريەمخان گەپ ئارىلاپ.
-بالىلىرى ئېڭكىگە تاقاشقاندا ئۇ يەرلەردە سۆرشىپ يۈرمەس قىزلىرىڭ. چەك باسماس گەپنى قىلماي قالپىقىمنى ئەپچىقىپ بېرىڭلار، يولدا ئاۋارە بولۇپ يۈرمەي يەنە،- دېدى مىرزاچوڭ.
مىرزا چوڭ موتوسىكلىت بىلەن كېتۋىتىپ ئۆز – ئۆزىگە سۆزلەشكە باشلىدى : ئەر ئۆمرۈمدە ئۇ يەرگە بېرىپ باقماپتىكەنمەن زادى نىمىش بولغاندۇ؟ يايلاقتىن قېچىپ چۈشكەن مال باشقىلارنىڭ ئېتىزىغا كىرىپ دېھقانچىلىقىنى بۇزۋىتىدىغان، ياكى مىڭ تەستە ئەي قىلغان كۆچەتلىرىنى غاجىۋىتىدىغان، قىزىلچىغا چاچقان دورا بۇغداي ياكى قوناقنى زىيانغا ئۇچىرتىدىغان، بۇغداي سۇغۇرۇپ قاچقان سۇ لەپىلدەپ ئۆسۋاتقان قوناق ئېتىزىغا بىۋاقىت كىرىپ يەرنى قاتۇرۋىتىدىغان ھەر ئىككى تەرەپ ئويلىمغان كاشىلىلار، تۇرمۇشتا كېلشەلمەيدىغان ئەر –خۇتۇنلار، يەر ۋە يايلاق چېگىرا دەۋاسى قىلغۇچىلار بارىدىغان يەر ئىدى، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ، ياخىشى ئىش ئەمەس...
مىرزا چوڭ شۇنداق خىياللار بىلەن يېزا بازىرىغا بىردەمدىلا كېلىپ قالغاندەك بولدى. ئۇ موتوسىكلىت سۈرىتىنى ئاستىلتىپ ئەدىليە ئىشخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى دەرەخ سايىسىدا ئولتۇرۇپ قارت ئويناۋاتقان كىشلەرنى ئەگىپ ئۆتتى- دە، موتوسىكىلىتىنى توختاتتى.
-يېڭى خوشنىڭىز جاي كىنىشكىسىنى ئۆز نامىغا يۆتكىمەكچىكەن، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئاراڭلاردا يېرىم مېتىر يەرنىڭ دەۋاسى بار ئىكەن، شۇڭا سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئاڭلايلى دەپ چاقىرىتقان،- دىدى ئەدىليە خادىمى قىسقىلا قىلىپ.
توۋا!- مىرزا چوڭ ئۆز – ئۆزىگە شۇنداق پىچىرلىدى،- كۆچۈپ كەلگىنىگە ھەپتە بولماي 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى پاسىلنىڭ ئىشىنىمۇ ئېنىقلاپ بوپتۇ. مەرھۇم خوشىنسى قۇناخۇنغا بۇ ئىشنى بىرقېتىم دېگىنى ئېسىدە شۇ چاغدا ئۇ «خۇناخۇنكاڭنى پىت ئۈچەي كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسەن، داداڭ بىلەن ئىككىمىز يارداڭلىقنى تۈزلەپ، بىرىمىز توپا تاشلاپ بىرىمىز تۆگە تاش ئۇرۇپ نەچچە كۈن دېگەندە بۇ پاسىل تامنى سوقۇپ، تام نەم ۋاختىدا ئاۋۇ چىرايلىق يان ئىشىكنى ئويۇپ ياسۋالغان. ئاشۇ يېرىم مېتىر يەرنى توپا ئېلىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ ھويلىغا ئۆز رازىلىقىم بىلەن قالدۇرغانمەن. تەيپىنەمنىڭ ۋاختىدىكى بۇ ئىشنى يەنە ئېغىزىڭغا ئالساڭ مەن رەنجىپ قالىمەن جۇمۇ دىگەندى »
مىرزا چوڭ بالىنىڭ كىچىكى بولۇپ بۇ ئۇنىڭ ئاتا مىراس جايى ئىدى. دادىسىنىڭ دىيىشىچە، ئۇزۇن يىللار ئالدىدىكى كەڭرى زاماندا مەھەلىنىڭ سىرتىدىكى بۇ يەرلەر شىۋاق باسقان، ئويمان – دۆڭ، ئادەمسىز كەڭرى تۈزلەڭلىك بولۇپ تۇنجى قېتىم مىرزا – چوڭنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە قۇناخۇنلار كۆچۈپ كەلگەندىن كىيىن ئۇلارنى كۆرۈپ نۇرغۇن كىشلەر ماكانلىشىپ ھازىرقىدەك ئاۋات مەھەلىگە ئايلانغانىكەن.
ئۇزۇندىن بېرى ئادەمسىز قالغان بۇ ھويلىغا بۇ ياش ئەر – خوتۇنلارنىڭ كۆچۈپ كىرىشى ئادەمخۇمار، مېھماندوس مىرزا چوڭنى ئالەمچە خوش قىلغانىدى. شۇڭا ‹‹كەچتە چۆچۈرە ئېتىپ ئۇلارنى چاقىرىپ قويغىن، ‹نامرات بولساڭ كۆچۈپ باق › دىگەندەك قارا ئۇلارنىڭ دۇنياسىنىڭ كۆپلىكىنى ، ئۆي رەتلەيمىز دەپ تاماقمۇ ئېتەلمەيدۇ ھەقىچان›› دىگەندى مىرزا چوڭ ئايالىغا.
مەريەمخان بىر جوزىغا لىققىدە چۆچۈرىنى تۈگۈپ قويۇپ ئۇلارنى چاقىرماقچى بولۇپ، يان ئىشىكنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاچالماي نائىلاج پاسىل تامغا چاپلاپ قويۇلغان تونۇر ئۈستۈگە چىقىپ ئۇلارنى چاقىرىشقا مەجبۇر بولغان ۋە ياش ئايالنىڭ ‹‹رەھمەت ھەدە، ئاۋارە بوپسىز، كەچتە چوڭ ئۆيگە بارىماقچى ئىدۇق›› دىگەن گېپىدىن لەسسىدە بولۇپ يېنىپ كىرگەن ئىدى.
ۋاييەي، خوشنىغا تازا يېتىشكەن ئوخشايمىز، ئېرى يېزىلىق يەر باشقۇرۇشنىڭ كادىرى، ئايالى مۈئەللىمكەن، ئوقىغان ، بىلگەن زىيالىيلار بىلەن خوشنا بوپتۇق دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئاۋۇ يان ئىشىكنىمۇ تاختاي بىلەن شامال ئۆتمەس قىلىپ مىخلىۋىتىپتۇ، شاۋاڭخان ھەدەملەر بىلەن يىڭنە چاغلىق نەرسىمىزگە قارا سانىماي، بىر ناننى تەڭ بۆلۈپ دىگۈدەك يەپ يىگىرمە نەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈپتىكەنمىز.
- مەن ھېلىلا كىرىپ چىققان ئىدىمغۇ ئۇلارنىڭ قېشىغا،- دېدى مىرزا چوڭ ھەيران قالغان ھالدا قاچانلاردا تاقىۋىتىپتۇ يان ئىشىكنى.
-مەن نەدىن بىلەي ، سىز ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسىنى ئاسمانغا ئېتىپ ئەركىلتىپ قورقىتۋەتكەن ئوخشايسىز.مەريەمخان شۇنداق دېگىنىچە تېخىچە ئۆزىگە ئىشەنمىگەندەك قاراپ تۇرغان ئېرىگە دوق قىلدى.
ئەمدىلا 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قاچانلا قارىسا يۈتۈپ كەتكەن نەرسىسىنى ئىزدەۋاتقان كىشىدەك يەردىن بېشىنى ئالمايدىغان يېڭى خوشنا بوش ئادەمدەك قىلمايتى. ئۇ يېرىم مېتىريەرنى ئالغاندىن كىيىن بىرنەچچە ئىشلەمچىنى تېپىپ كېلىپ ئاۋۋال گۈلدىرلىتىپ تامنى ئۆرۈپ پىشششىق خىش بىلەن پاسىل تام ئېتۋالدى. يېرىم مېتىر يەرنى بەرگەنگە غىڭ قىلمىغان مەريەمخان تېخى بىرنەچچە يىل ئالدىدىلا پاسىلغا چاپلاپ سېلىنغان مۈڭگۈزدەك تونۇرى چىقىلغاندا يۈرىكى لازا قۇيغاندەك ئېچىشىپ ئۆيدىن چىقماي يېتۋالدى. مىرزاچوڭ پاسىل تام پۈتكۈچە ئىشلەمچىلەرگە نەچچە چۆگۈن سوغاق چاي قاينىتىپ بەردى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەريەمخاننىڭ كونا خۇيى تۇتۇپ بىرنەچچە قېتىم پاسىل تامغا شوتا قويۇپ ئۇلارغا تاماق ۋە ئىسسىق نان سۇنماقچى بولۋىدى ئۇلار ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقتى.
ياندۇرقى يىلى يازدا يېڭى خوشنا ياۋرۇپا پاسونىدا چىرايلىق قىلىپ ئۆي سالدى. قىززىق يېرى ئۇلار لىمنىمۇ ئۇستاملار بىلەن ئۈن – تۈنسىزلا چىقىرۋالدى. خوشنىلارنى چاقىرىدۇ، قۇرۇق چىقسام بولماس، دەپ مانتىغا خېمىر يۇغىرۋالغان مەريەمخان خەۋەر بولمىغاندىن كىيىن چۈشكە ئۈلگۈرتۈپ بىر جاۋۇر مانتىنى نەۋرىسىدىن چىقارتىپ بەردى. بىراق نەۋرىسى ئېلىپ كىرگەن جاۋۇرنى يۇيماقچى بولۇپ داستىخانىنى شۇنداقلا ئېچىپ جاۋۇر ئىچىدىكى نەملىشىپ كەتكەن 50 يۈەنلىك پۇلنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
-بۇ نىمە قىلقىدۇ دادىسى ؟ بۇ ماڭا قىلغان ئادەمگەرچىلىكىمىدۇ ياكى...
ئەر – خوتۇن ئىككىسى بىر – بىرىگە قارىشىپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي بىر ھازا تىڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىشتى.
ھەش – پەش دىگۈچە قەھىرتان قىش كۈنلىرى يېتىپ كەلدى. مىرزا چوڭنىڭ سېغىن كاللىرى ئارقا – ئارقىدىن يېلىن سالغان ئىدى، ئۇ ماللىرىدىن ئەنسىرەپ ھەر كۈنى كېچىدە قوتانغا كىرىپ يوخلاپ چىقاتتى. لەپىلدەپ قېلىن قار يېغۋاتقان بورانلىق كۈنى ئۇلارنىڭ بىر كالىسى تۇغدى. مەريەمخان ئىككىسى كالا ۋە موزاينى ئايرىم قوتانغا يۆتكەپ ئاجىز تۇرغۇلغان موزاينى ئانىسىغا ئېمىتىپ تويغۇزغۇچە يېرىم كېچىدىن ئېشىپ كەتكەندى. بوراندا قار چېچەكلىرى بىر – بىرىگە ئۇرۇلاتتى. قارنىڭ يەردىن چىقۋاتقانلىقى، يا ئاسماندىن چۈشۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى. پۈتۈن ئالەم پايانسىز قار دېڭىزغا ئايلانغان، يەر بىلەن ئاسماننى پەرىق ئېتىش
قىيىن بولغان شۇ كېچىدە سوغوقتىن قېچىپ ئۆيگە ئالدىراپ ماڭغان مەريەمخاننى مىرزا چوڭ توختىتۋالدى.
- قۇلقىمغا بىر ئاۋاز كىلۋاتىدۇ ئاڭلىغىنا،- دىدى ئۇ. ئەر - خوتۇن ئىككىسى ھويلىدا خېلى چۆرگىلەپ يۈرۈپ بىردە مۈشۈكنىڭ مىياڭلىشىغا، بىردە كۈچۈكنىڭ غىڭشىشىغا، بىردە كىچىك بالىنىڭ ئىڭرىغىنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان غەلىتە بىر ئاۋازنىڭ خوشنىسىنىڭ ھويلىسى تەرەپتىن چىقۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. مىرزا چوڭ شوتىغا چىقىپ قول چىراقنى خوشنىسىنىڭ ھويلىسىغا ياقتى. قول چىراقنىڭ يۇرۇقى پەلەمپەي تۇتقۇچىغا يۆلەنگىنىچە قىمىر قىلماي قۇچاقلىشىپ ئولتۇرغان ئىككى كىچىك گەۋدىگە چۈشكىنىدە مىرزا چوڭنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى. ئۇ چاققانلىق بىلەن تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ ئۇلارنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغۇچە بولغان بىرنەچچە مىنوت ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۇزاق تۇيۇلۇپ كەتتى. ئەجىبا بالىلار توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانمىدۇ، دىگەن مۇددىھىش خىيال كاللىسىغا كېلىشى بىلەن قورقىنىشتىن بەدىنى تىتىرەپ پىشانىسىدىن پۇررىدە تەر چىقىپ كەتتى.
-كىسپۇرۇشلار، مۇشۇنداق جۇتتا بالىلارنى ئۆيدە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ چايغا كېتىتشىپسەن-دە ، سەن خەقكە بالىنىڭ نىمە گۇناھى.
مىرزا چوڭ ئۆزىچە پەرەز قىلدى. بالىلار ھاجاتخانغا چىققان، قايتىپ كىرگىنىدە بوران يىپۋەتكەن بىخەتەر ئىشىكنى ئاچالمىغان، دەرۋازا سىرتىدىن قۇلۇپلانغان بولغاچقا سىرتقىمۇچىقالمىغان ئىدى. قۇرۇپ كەتسۇن بىخەتەر ئىشىكىڭ ! ئۇ شۇنداق دەپ ئۆز – ئۆزىگە نىدا
قىلغىنىچە ئىككى بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ مۇزدەك تېنىنى باغرىغا چىڭڭىدە باستى.
بالىلارنىڭ ئاغزىدىن ئۇرۇلغان يىنىك نەپەسنى ھېس قىلغىنىدا يۈرىكىگە تەسۋىرلىگۈسىز خوشاللىق ئېقىپ كىردى. ئۇ بالىلارنى سىموندا سىلاپ بوتۇلكا سۇنۇقلىرى پاتۇرۇلغان تامدىن ئارتۇلدۇرۇپ مەريەمخاننىڭ قولىغا بەرگۈچە قولىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى ئەينەك پارچىسى تىتما –تالاڭ قىلىپ ھەيۋەتلىك پاسىل تامغا قان داغلىرى ئۇيۇپ قالدى.
بەت:
[1]