ھىيلىگەر جىياڭ جىيېشى مەخپى ئاتوم بومبىسى ياسىماقچى بولغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GHURUR1992 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 14:44تەھرىر ئىلاۋىسى: دۆلەتتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 1945-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئون نەچچە پارچە مەخپىي تېلېگراممىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبەقىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئاتوم بومبىسى ياساشنى سىناپ باققانلىقىنى دەلىللىدى.بۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساشنى تۇنجى قېتىم سىناپ بېقىشى ھېسابلىنىدۇ.
چەت ئەلدىن كەلگەن ئىككى پارچە مەخپىي تېلېگرامما
ياپونىيىدىكى خروسىما بىلەن ناگاساكى ئامېرىكا ئاتوم بومبىسىنىڭ ھۇجۇمىغائۇچرىغاندىن كېيىن، ئاتوم بومبىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭدىققىتىنى تارتىدىغان يېڭى پەن-تېخنىكا بولۇپ قالدى.
ياپونىيە تەسلىم بولۇپ ئىككى ئاي ئۆتمەيلا، گومىنداڭ چۇڭچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭشۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خې فېڭشەن ستوكھولمدىن جياڭ جيېشىغا مەخپىيتېلېگرامما ئەۋەتكەن. بۇ، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەر جياڭ جيېشىغا قەرەللىكئەۋەتىپ تۇرىدىغان «دۇنيا ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات» بولۇپ، تېلېگراممىدا:شۋېتسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، موسكۋا پەنلەر ئاكادېمىيىسى فىزىكاتەتقىقاتخانىسى 1934-يىلىدىن باشلاپ پروفېسسور كاپكانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاتومپارچىلاش سىنىقىنى تاماملاپتۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېتئىتتىپاقى پارتلاش خاراكتېرلىك ئاتوم ياساش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئاتوم بومبىسىياساپتۇ. ئۇنىڭ تەننەرخى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئەرزان ئىكەن، دېيىلگەن.
ئون كۈندىن كېيىن خاس كاتىپ چەت ئەللەرنىڭ ئاتوم بومبىسىنى تەرەققىيقىلدۇرۇۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار يەنە بىر پارچە ھۆججەتنى جياڭ جيېشىغا يەتكۈزگەن.ئۇ «ھەربىي كومىتېت تەكشۈرۈش-ستاتىستىكا ئىدارىسى»نىڭ مەخسۇس ئاخباراتباشقۇرىدىغان 2-ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى، گېنېرال لېيتېنانت جېڭ جيېمىن يوللىغان
«مۇھىم ئاخبارات» بولۇپ، ۋەزىيەت توغرىسىدىكى بۇ قىسقىچە دوكلات ھەربىي باشقۇرۇشئىدارىسىنىڭ ئىراننىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ئاخبارات ئەمەلدارى خۇاڭ يۈئەن دۆلەتكەقايتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن مەخپىي تېلېگرامما ئىدى. تېلېگراممىدا: «ئىران ئارمىيىسىباش شتابىنىڭ مەخپىي خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيىنىڭ سەرگەردان ئالىملىرى كەرپاتتېغىدا يېڭى ئاتوم بومبىسى ياساپتۇ، ئۇ ئامېرىكىنىڭكىدىن ئاددىي، كۈچلۈك، تەننەرخىتۆۋەن بولۇپ، ئەنگلىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش كويىدابولۇۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ راست-يالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، دېيىلگەن.
بۇ ئىككى تېلېگراممىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار جۇڭگو بىلەن بىۋاسىتەمۇناسىۋەتسىز بولۇپ، جياڭ جيېشىنىڭ نېرۋىسىغا تەگمىگەن. لېكىن، جياڭ ئەپەندىنى بۇئىشقا ھەقىقىي قىزىقتۇرۇپ، ئاتوم بومبىسى ياساشقا كۈشكۈرتكىنى يەنىلا ئۇنىڭپارتىيە ئىچىدىكى رەقىبى، گۇاڭشىلىق گېنېرال ئارمىيە لى زۇڭرېن بولۇپ، ئۇ بىرمەزگىل پەردە ئارقىسىدا جياڭ جيېشىنى ئاتوم بومبىسى ياساشقا كۈشكۈرتكەن.
لى زۇڭرېننىڭ تەكلىپى
1946-يىلى 1-ئايدا بېيجىڭ شتابىنىڭ مۇدىرى، گېنېرال ئارمىيە لى زۇڭرېن ناھايىتىئىشەنچلىك ئاخباراتقا ئېرىشكەن. ئاخباراتتا: ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانمەزگىلدە، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋازارىتى تېخنىك خادىملار قوشۇنىنى جۇڭگوغامەخپىي ئەۋەتىپ، جاڭجياكۇدا ئاتوم رادىيوئاكتىپ خام ماتېرىيالى قازغان. ياپونىيەتەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئاتوم بومبىسى ياساشنى تەتقىق قىلغان بۇ گۇرۇپپىدىكى 30نەچچە كىشىنى جۇڭگو كومپارتىيىسى قولغا ئالغان، قالغانلىرى بېيپىڭدا يوشۇرۇنۇپيۈرۈپتۇ، دېيىلگەن. لى زۇڭرېن بېيپىڭغا يوشۇرۇنۇۋالغان ياپونىيە ئاتوم بومبىسىمۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېرىكىنى ئىزدەپ، ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مىللىي ھۆكۈمەتدائىرىلىرىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياسىشىغا ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان.
لى زۇڭرېن ئۆزى توپلىغان ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدىن دوكلات تەييارلاپ، 1946-يىل2-ئاينىڭ 1-كۈنى مەخپىي تېلېگرامما شەكلىدە چۇڭچىڭدىكى مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى(قوشۇمچە ھەربىي كومىتېتنىڭ باشلىقى) جياڭ جيېشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن.
دەي لىنىڭ تەكشۈرۈشى
جياڭ جيېشى لى زۇڭرېندىن خاتىرجەم بولمىغاچقا، يوشۇرۇنچە ھەربىي كومىتېتتەكشۈرۈش-ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى دەي لىگە ياپون باسقۇنچىلىرىغاقارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ياپونىيىنىڭ جۇڭگودا ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلغانلىقىغادائىر تەپسىلاتلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان.
دەي لى ئىككى-ئۈچ كۈندىلا جياڭ جيېشىغا بىرنەچچە پارچە مەخپىي تېلېگرامما يوللاپ،لى زۇڭرېننىڭ مەخپىي تېلېگراممىسىدىكى مەزمۇنلارنى دەلىللىگەن.
دەي لىنىڭ 2-پارچە مەخپىي تېلېگراممىسى كەلگەندىن كېيىن، مىللىي ھۆكۈمەت ھەربىيئىشلار ئىدارىسىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى چېن تىڭجېن ئۇنى جياڭجيېشىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. دەي لىنىڭ تەكشۈرۈشى ياپونىيىدە نىشىنو ئىسىملىك ئاتومفىزىكا ئالىمى بارلىقىنى، ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ توكيودا «فىزىكا-خىمىيە تەتقىقاتيۇرتى» قۇرغانلىقىنى، بۇ جايدا نىشىنونىڭ مەخسۇس تەتقىقات ئىشخانىسى بارلىقىنى يەنىمۇدەلىللىگەن. ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئوساكائىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نىشىنونىڭ مەخسۇس ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلىشتاپايدىلىنىشى ئۈچۈن «ئىلمىي تەتقىقاتقا ئىشلىتىمىز دېگەن نام بىلەن ئامېرىكىدىن بىرسېنترىفۇگنى ئىمپورت قىلغان.
دەي لى جياڭ جيېشىغا: ئەگەر لى زۇڭرېن تىلغا ئالغان نىشىدا ھەقىقەتەن نىشىنوبولسا، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى قولغا كەلتۈرۈپ، نىشىنونىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭقولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، دەپ دوكلات قىلغان.
دەي لىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، نىشىنونىڭ تەجرىبىخانىسى ئۇران ئېلېمېنتىدىن 22قاداق ئايرىپ چىققان. ئەگەر نىشىنو قولغا كەلسە، تۈجۈپىلەپ ئايرىلغان بۇ 22 قاداقئۇران جۇڭگولۇقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپلا قالماستىن، ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقاتىئېلىپ بېرىش تېخىمۇ ئاسانغا چۈشىدىكەن.
ئاتوم بومبىسى توغرىسىدىكى ئاخباراتلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي دەلىللەش ئۈچۈن،1946-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ھەربىي سىياسىي بۆلۈمنىڭ باشلىقى چېن چېڭ ئۇچۇرلارنىرەتلىگەندىن كېيىن، جياڭ جيېشىغا تېخىمۇ مۇكەممەل دوكلات يوللىغان.
ئەمەلىيەتتە، لى زۇڭرېن جياڭ جيېشىغا بېيپىڭدا ياپونىيىلىك يادرو بومبىسىمۇتەخەسسىسلىرى بارلىقىغا ئالاقىدار ئاخباراتنى مەلۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، جياڭجيېشى جۇڭگولۇقلار ئۆزى ئاتوم بومبىسى ياساش ئېھتىمالىنى يوشۇرۇن ئويلىشىشقاباشلىغان. بۇ پىلانغا قورال-ياراغ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ داۋېي مەسئۇلبولغان.
مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەش
يۈ داۋېي غەربىي جەنۇب بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋۇدايۇۋنى يادرو بومبىسى پىلانىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر يادروسى قىلىشنى تەكلىپ قىلغان.جياڭ جيېشى دەرھال چۇڭچىڭدا ۋۇ دايۇۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا: 100 مىڭ فابىئاجرىتىپ، بۇ مەخپىي پىلاننى يولغا قويۇش بۇيرۇقى چۈشۈردۈم، دېگەن.
ۋۇ دايۇۋ جياڭ جيېشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يادرو بومبىسىنىتەرەققىي قىلدۇرۇشتا پۇلدىن مۇھىمراقى ئىختىساسلىقلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. جياڭجيېشى مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ۋۇ دايۇۋغا: ئامېرىكا چىڭسۇلالىسى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە قوشۇنىغا تۆلىگەن تۆلەم پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەندىنكېيىن، ئۇنى ئىختىساسلىقلارنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىپ بىلىم ئاشۇرغۇزۇش خىراجىتىقىلىشقا بولىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆزىڭىز تاللاڭ، دېگەن.
شۇنداق قىلىپ، ياڭ جېننىڭ، لى جېڭداۋ، جۇ گۇاڭيا قاتارلىق فىزىكا ئۆگەنگەن بىرتۈركۈم ياش ئىختىساس ئىگىلىرى ۋۇ دايۇۋنىڭ باشچىلىقىدا ئامېرىكىغا بىلىم ئاشۇرۇشقاماڭغان. ۋۇ دايۇۋ قاتارلىقلار تاللىغان ياش ئالىملار كەينى-كەينىدىن ئامېرىكىغابىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئاتوم بومبىسى تەتقىقات پىلانى رەسمىييولغا قويۇلغان. 1946-يىلى 6-ئايدا ئاتوم بومبىسى ياساشنى يادرولۇق ۋەزىپە قىلغانبىر ئورۇن رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە «ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقاتكومىتېتى» بىلەن ئىلگىرى قۇرۇلغان «دۆلەت مۇداپىئە ئىلمىي كومىتېتى» يېقىندىنھەمكارلىشىپ،ئاتوم بومبىسى تەتقىقاتىنى باشلىغان.
پىلاننىڭ يوققا چىقىشى
ئەمما، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىشى ھەم لياۋشېن ئۇرۇشىنىڭباشلىنىشىغا ئەگىشىپ، گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي خىراجىتى يېتىشمەيۋاتقانبولسىمۇ، ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۈچۈن چەت ئەلگە ئەۋەتىلگەن ياشئالىملار يەنىلا ئامېرىكىدا داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇۋاتقاچقا، مەسئۇل دائىرىلەرئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى خىراجەت بىلەن داۋاملىق تەمىنلىگەن.لېكىن، خىراجەت ۋە خام چوتنى تېجەش ئۈچۈن، «ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقات كومىتېتى»قۇرۇق نامىلا قالغان بۇ ئاپپاراتنى يەنىلا ساقلاپ قالغان. شۇڭا، ئاتوم بومبىسىنىتەتقىق قىلىدىغان ئورۇنلار كېڭەيتىلمەيلا قالماي، ئەكسىچە تەدرىجىي قىسقارتىلماقچىبولغان.
ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ھەربىي خىراجەت بەك كۆپىيىپ كەتكەچكە، جياڭ جيېشىئامالسىزلىقتىن ئەسلىدە داغدۇغىلىق قۇرماقچى بولغان «ئاتوم فىزىكا تەتقىقاتخانىسى»پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ چوڭقۇرۇقلۇقتىكى مەزگىلدىكى ئاتوم بومبىسى ياساش خىزمىتى بىراقلا تاشلىنىپ قالغان.
بۇ پىلان تاشلىنىپ قېلىپ ئۈچ يىل ئۆتمەيلا جياڭ جيېشى مەغلۇپ بولۇپ تەيۋەنگەچېكىنگەن. ئۇ ئاتوم بومبىسى ياساشقا 2-قېتىم تۇتۇش قىلغاندا تۆت- بەش يىل ۋاقىت ئۆتۈپ بولغانىدى.
ئىملا خاتالىقى بەك ئېغىر
بەت:
[1]