azmat97 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 12:02:36

غەرىپچە بولكا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر مەن ئازراق مەبلەغ سېلىپ غەرىپچە بولكا،پىچىنە-پىرەنىك دۇكىندىن بىرنى ئاچقان ئىدىم.بۇ دۇكانغا بىر ماس كەلگۇدەك،ئەستە ساقلاشقا ئاسان ھەم ھازىرقى زامانغا ماس كەلگىدەك بىر ئىسىمغا مۇھتاج بوپ قالدىم.بۇ ئەرزىمەس تەلۋىمگە مالال كورمەي بىر ياردەم قىلساڭلار. رەھمەت....

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 13:00:39

ئەلدىك، ئەلبىك، ئەلبىلگ دېگەندەك بولكا-پاچاقخانىلار ئىچىلدى. ۋېنىرا، تېكساس، كونسۇل دېگەندەك تاماقخانىلارمۇ بار ئىكەن.
پىلانىت ئىسىملىرىنىڭمۇ جەلىپكارلىقى بار ئىكەن.  مارىس بولكىخانىسى، مېركۇرىي غەربچە تاماقخانىسى دېگەندەكلەرمۇ بولامدىكى :)

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 13:04:05

‹ۋۇييۇ› دەپ قويۇڭ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 14:16:47

ئوباما بولكىخانىسى

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 14:30:42

ئالېپىس دەپ قويۇڭ.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 14:30:48

ۋۇييۇ دېگەن ئىسىمغا بىر بېلەت تاشلىدىم . ۋىۋىسكىغا ئۆزگىچە قىلىپ ‹ۋۇييۇ› دېگەن خەتنىلا يازىسىز ، بولكا-پىرەنىكخانىسى باش ئەلچىخانىسى مەركىزى دېگەندەك خەتلەرنى يازمايسىز ، تەگلىككە بىر پارچە رەسىم بولسا بولدى ، مەسىلەن ئوخشىغان بولكىغا قاراپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ‹ۋۇييۇ›دەپ قاراپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى ياكى شۇخىلدەك باشقىچە ئىپادىلەش ...

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 15:30:48

‹ۋۇييۇ›
{:91:}

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 15:31:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   harunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 15:45  

ئىمبارگو غەربچە بولكا پىرەنىكلىرى
دونستېك پىچىنە پىرەنىكلىرى
مىيۇنخېن بولكىخانىسى
سارائىۋو بولكىخانىسى

جەنۋە بولكىخانىسى
ۋادوۋېتىس غەربچە تاماقخانىسى
ۋالتېر  بولكىلىرى

پورلى بولكا پىرەنىكلىرى
گىئورگې پىرەنىكلىرى

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 15:51:00

تىل شىرىن
ئۇزتەم
مىلان
بايرىن
ھىراكىلىس
بازىل
ھېنىسمان
ئوساسۇنا
پارىژ...
ۋاي ۋاي ۋاي نىمىلەرنى دەپ كەتتىم مەن...{:92:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 16:18:16

قايسىدۇر بىر ژۇرنالدىن مىلان شەھرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ پالانچى يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە دۇنيادىكى مىلان دەپ ئىسمى بار ياكى شۇنىڭغا يېقىن ئاھاڭداش ئاتالغان شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرىنى چاقىرىپ، مىران جايلاشقان يەرنىڭ مەمۇرىي باشلىقىنى چاقىرىپتۇ دەپ ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە. بولمىسا مىران دەپ قويۇڭ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 16:54:22

ما ئىسىمنى ئۆزەم ئىشلىتەرمەن دېگەن ، بولدى سىزگە بىرەي  «ژىگو» :lol

«ژىگو» نى 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار بىلىدۇ -ھە،  نەق بولكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك خام -سىمىز ، ئاق-كۆڭۈل ژىگو ....ھەراست باللا شۇ كىنونى تاپقىلى بولارمۇ؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 16:56:13

«سىپاتىس تېز تاماقخانىسى» دەپ بىر كومىدىك تىياتىر بولۇدىغان يەنە ...

azmat97 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 17:02:07

كوپ رەخمەت uqkun1 تىل شىرىن دىگەن ئىسىم بولغىدەك،ئوزمىزنىڭ ئىسىملىردىن كوپرەك قالدۇرۇپ قويساڭلا كىيىنچە ماركان ئەنگە ئالدۇرۇپ قالسام ئەجەپ ئەمەس، سىلەرگە كوپ رەخمەت....

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 17:52:28

بۇ  رەسىمدىكى ۋىۋىسكىنى ئىلھام بولسۇن دەپ قىستۇرۇپ قويدۇم. ئۆزەم تارتقان
خوتەن يۇرۇڭقااش كۆۋرۈكى بويىدىكى كىچىك ئاشخانا ،ھازىر بۇ ئاشخانا يوقكەن

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 18:23:43

:lol

825 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 18:52:55

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 21:06:21

مىكرو سوفت
گۇگۇل
فەيسبۇك
{:92:}

paranghumar117 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 21:21:04

825 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 18:52 static/image/common/back.gif
بىنلادىن ماشىنا زاپچاسلىرى دەپ بىر دۇكان كۆرگەنتىم. ھ ...

بىنلادىننى ئەمەس ،ھىلالىدىنلارمۇ ساق قالمىدى، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا كىچىك ئالما،小苹果بولسۇن!:lol

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 22:40:23

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 17:52 static/image/common/back.gif
بۇ  رەسىمدىكى ۋىۋىسكىنى ئىلھام بولسۇن دەپ قىستۇرۇپ قوي ...

ھازىر يوق بۇ  ئاشخانا.
  ھازىر بۇ دۇكان  قاشتېشى پىششىقلاپ  ئىشلەس دۇكىنىغان ئۆزگەرتىلدى  .     بىر يىلدىن ئاشتىمىكىن دەيمەن

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 22:57:53

قار مەلىكىسى بولكاخانىسى
بەت: [1] 2
: غەرىپچە بولكا