kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 18:24:54

[خەتلىك فىلىم] 6 ئەزىمەت


فىلىم نامى: 6 ئەزىمەت
ئەسلى نامى: Big Hero 6
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2014-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: كارتون فىلىم
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.0
رازمىرى: 480*854 / 1280*720 / 1920*1080
چوڭلىقى: 2.65G / 1.79G / 1.37G
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:41:52
رېژىسسور: Don Hall, Chris Williams
باش روللاردا: Ryan Potter, Scott Adsit, Jamie Chung

فىلىم ھەققىدە:
كەشىپ قىلىش ۋە ئىجاد قىلىشقا ئامراق شاكىچىك خىرو، ئاكىسى خامادانىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن كەلھىھېن پىروفېسسور يېتەكچىلىك قىلغان پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ ياسىغان مىكرو ماشىنا ئادەم كۆرگەزمە قاتناشقۇچىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. كىم بىلسۇن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى بىلەن خىرونىڭ ئارزۇلىرى ھەش-پەش دېگۈچە ۋەيران بولىدۇ. ئوت كۆرگەزمە مەيدانىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ئاكىسى بولسا كەلھىھېن پىروفېسسورنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئوت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلانغان خىرو شۇنىڭدىن تارتىپ ئەتىدىن-كەچكىچە ئۆزىنى ئۆيگە سولاپ يۈرىدۇ، ئاكىسى ھايات ۋاقتىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ساقلىقنى ساقلاش ماشىنا ئادىمى ئاپئاق ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىدىغان بىردىنبىر ھەمراھى بولۇپ قالىدۇ.
خىرو ئۆزى ئىجاد قىلغان مىكرو ماشىنا ئادىمىنىڭ ئەسلىدە ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كۈل بولۇپ كەتتى دەپ ئويلاپ يۈرەتتى، ئەمما ئۇ ۋە ئاپئاق ئىككىسى تاسادىپىي ھالدا بۇلارنىڭ زور مىقداردا ئىشلەپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ، ھەمدە ئاكىسى خامادانىڭ ناھەق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، پەردا ئارقىسىدىكى جىنايەتچىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، ئاكىسىنىڭ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە قەبىھ بىر سۇيقەستنى كۆڭلىگە پۈككەن سىرلىق رەقىبى بىلەن تۇتۇشۇشقا باشلايدۇ.

كەسمە رەسىملەر:


















بۇ بەتكە كىرىپ، شۈنلېيدىن، بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 19:15:45

تېخى ئىككى كۈن ئاۋال بۇ كارتۇننىڭ ئۆز تىلدىكى سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ كۆرگەن ، باللىرىم بەك ياقتۇرغان ئىدى، مانا بىردەمدە تەرجىمىسىنى ئىشلەپ بوپسىلەر ، بولۇپمۇ نەچچە خىل فورماتتا پىرىسلاۋاتقان ئىشىڭلار بەك ياخشى بولدى .  مومكىن بولسا 1080 لىك نۇسخىسىنى تېخىمۇ سۈزۈك پىرىسلىساڭلار ، ھازىر كەڭ بەلۋاغ تورنىڭ سۈرئېتى بەك ياخشى بولغاندىكىن ، 10 گىگابىت چوڭلۇقمۇ ئانچە چوڭ ھېسابلانمايدىغان بولۇپ قالدى ،   1080 لىك سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئۆيدىكى چوڭ ئېكرانلىق تېلىۋىزۇردا كۆرۈپ كەتسەك ... ، ۋاھ ..

سىلەرگە كۆپ رەھمەت .

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 19:18:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mohsin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 19:20  

ئارتۇق ئىنكاس ......................

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 19:20:53

چۈشۈۋاتىدۇ، مەنمۇ تېخى باشقا تىلدىكى سۈزۈك نۇسخىلىرىنى ئىزدەپ يۈرەتتىم ، بۇ كارتونلارنىڭ بىزنىڭ كۆۋرۈكتىن بۇنچە تېز ئۆتۈپ كېلىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن . قالتىس ، قالتىس يەنە قالتىس !

hudeyfe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 19:45:27

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ماڭا تەرجىمە قىلغان كىنۇلىرىڭلار بەك يارىدى،كىنۇلار بەك سۈپەتلىك چىقىپتۇ،خەتلىك فىلىملەرنى ئاساسەن كۆرۈپ بولاي دىدىم،بولۇپمۇ چوڭ ئىكرانلىق تىلىۋىزوردا كۆرسە بەك نوچى بولىدىكەن.
بۇندىن كىيىن تىخىمۇ كۆپ نادىر كىنۇلارنى تەرجىمە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن يېقىندا كورىيەنىڭ بىر فىلىمىنى كۆرگەنتىم ،بەك ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمكەن،فىلىم ئىسمى 辩护人، كىنۇ باھاسىمۇ بەك يۇقىرى،مۇشۇ فىلىمنى بىر تەرجىمە قىلساڭلار بەك نوچى چىقاتتى.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 20:24:02

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 19:15 static/image/common/back.gif
تېخى ئىككى كۈن ئاۋال بۇ كارتۇننىڭ ئۆز تىلدىكى سۈزۈك نۇ ...

بىر ئاي بولدى ، شۈنلىدىن چۈشۈرسەم بەك ئاستا ، تور 20ئىم لىك تور ، تور سۇرەتنى ئۆلچىسەم توغرا ئەمما شۈنلىدىن چۈشكىنى بەك ئاستا ، بەك تىز بوپ قالسا 60كى دىن چۈشىدۇ ، بۇرۇن 3م دىن چۈشكەن ۋاقتىمۇ بولغان ، بۇ نىمە ئىشتۇ ؟ شۇنلىنىڭ بەشقا نەشىرىدىمۇ ئوخشاش

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 20:28:20

  شۈنلى نىڭ 会员试用 دىگەن يىرى باركەن ، بىر مىنوت سىناپ ئىشلىتىدىغان ، شۇ ۋاقىتتا ئەسلىدىكى سۈرئەت بويىچە 3ئىم دىن چۈشتى ، ۋاقىت توشۇپلا يانا سۈرئەت ئاستا  ،  10 كويگە ئالاھىدە ئەزا بولاي دىسەم تىخى،20ئىم لىق تور بولغاندىكىن

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 20:32:54

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 20:28 static/image/common/back.gif
شۈنلى نىڭ 会员试用 دىگەن يىرى باركەن ، بىر مىنوت سىناپ ئىش ...

شۈنلېيگە ئالىي ئەزا بولمىسا چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى چەكلەپ قويىدىكەن، بەيدۇنىڭ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ، بەيدۇدا چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى چەكلەپ قويمايدۇ.

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 20:33:50

1080 لىق قىلىپ پىرىسلىساڭلار. بىرنىجى قەۋەتىكى تورداشنىڭ ئىنكاسنى ئالامەت قوللايمەن {:112:}

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 21:35:41

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 20:24 static/image/common/back.gif
بىر ئاي بولدى ، شۈنلىدىن چۈشۈرسەم بەك ئاستا ، تور 20ئىم ...

بۇ تور بەتتە ھەر كۈنى ھەقسىز ئاق ئالتۇن ئەزالىق ھېساباتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،مېنىڭ ئىسمىم لېيفىڭ:lol

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 23:07:40

تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا خەنچە خەتلىكىنى چۈشۈرۈپ باللىرىم بىلەن كۆرگەنتىم .
بەك ياخشى فىلىمكەن .
ئۇيغۇرچە خەتلىكىنىمۇ چۈشۈرۈپ ساقلاپ قوياي

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 23:40:17

كىنونى چۈشۈرۈپ كۆرىمەن دىسەك 2-3 سائەتتە ئاران چۈشۈپ بولغۇدەك. ئازراق كاللا ئىشلەتسەك چۈشۈرمەيلا بىۋاستە كۆرگىلى بولىدىكەن .

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 08:46:32

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 20:24 static/image/common/back.gif
بىر ئاي بولدى ، شۈنلىدىن چۈشۈرسەم بەك ئاستا ، تور 20ئىم ...

بۇنى مۇنداق ئوڭشايسىز ،

بىرىنچى خىل ئۇسۇل مودېمنى ياكى روتېرنى توكتى ئۈزىۋېتىپ قايتا ئۇلايسىز. 100% ئوڭشىلىدۇ

2- ئۇسۇل 360تىن LSP修复 نى بىر قېتىم ماڭدۇرۋېتىسىز . بۇ بەك ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن

مەن مۇشۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىمەن .  120 سكۇنتلىق 高速通道 سىناق ۋاقتىنى بەرگەندە ئىشلىتىڭ ئەمما 天翼光速通道 نى قەتئى ئىشلەتمەڭ ، كاشىلىنى ئانىسى بۇ

Ablazewolf يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 09:25:58

قالتىس! رەھمەت سىلەرگە!

taxyurak001 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 09:56:53

مەن 7mb    چۈشۈرۋاتىمەن. قاپلان تور كۆرگۈسىنىڭ چۈشۈرگىسىدىن.

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 09:59:23

رەخمەت سىلەرگە  ئىسىل فىلىملەرنى ھەقسىز تارقىتۋاتىسىلەر {:112:}

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 10:10:50

yigana523 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 21:35 static/image/common/back.gif
بۇ تور بەتتە ھەر كۈنى ھەقسىز ئاق ئالتۇن ئەزالىق ھېساب ...

迅雷粉迅雷会员账号362987911:1密码7970138
迅雷粉迅雷会员账号362987911:2密码9594528
迅雷粉迅雷会员账号790539410:1密码0027276
مەخپى نۇمۇر خاتا دەيدىغۇ قانداق ئىشلىتىدۇ؟

bayram يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 11:15:19

كوۋرۇك كىنو تورىدا رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن. تەرجىمە قىلغان كىنولارنى كۆرىۋاتىمەن. بۇ كىنونىمۇ چۈشۈرۈپ كۆرىمەن {:112:}

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 15:00:10

كۆۋرۈكنىڭ مۇشۇنداق ئەڭ تېزلىكىنى دەيمەن ئەمەسمۇ.... خەنچە تەرجىمىسى چىقىپ بولغۇچە چىقىپ بولىدۇ دەپ
دوسلىرىمغا كۆپ تەۋسىيە قىلغان ئىدىم.   ئاندىن بەت يۈزىمۇ ناھايىتى كۆركەم توربېتىڭلارنىڭ.... بىر ئادەمگە
ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ.... باشقا كىنو توربېكەتلىرىگە كىرسە بىرخىل بىئاراملىق تۇيغۇ بېرىدۇ...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 16:35:13

ئاخىرى كۆرۈپ بولدۇم بەك پەيزىكەن...{:112:}
بەت: [1] 2
: [خەتلىك فىلىم] 6 ئەزىمەت