waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 17:39:14

ئىلىم ساخاۋەتچىسى ھاجى تۇرسۇنتوختى ساۋۇرنى زىيارەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-14 17:54

   

ئۇ بىر مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئادەم بولسىمۇ، بىراق دۇنياغا داڭلىق ئۇنۋېرستلارنى پۈتتۈرگەنلەردىنمۇ كاتتا ئىش قىلدى، ئۇ گەرچە خەت تۇنۇمىسۇ، خەت تونۇيدىغانلار ئۈچۈن 15 كۇتۇپخانا ئېچىپ بەردى، ئۇ بىر سودىگەر بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئۇ ئىنسانغا بولغان ساخاۋەتنىڭ بىلىمدىن ئارتۇق بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەنلىكتىن، ساخاۋەتنى ئىلىمدىن باشلىدى. ئۇ بولسىمۇ مۇھەممەتتوختى ساۋۇر ھاجىمدۇر، ئۇنىڭ ئىش- ئىزلىرىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەنكى ۋېدىئوغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ.

http://tvplayer.people.com.cn/player.php/xml/L3B2c2VydmljZS94bWwvMjAxNS8xLzI2LzkyMzMzMjJkLWY0YmMtNGVmMi04NWMzLTFkMzhlYzEwMGMyZS54bWw=/playerByOsmf.swf

مەنبەسى؛ خەلق تورى

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 01:55:47

ئالدىنقى قىتىم خوتەنگە بارغاندا ئاتايىتەن كۇتۇپخانىسىغا بارغان ، ئاكىمىزمۇ شۇ يەردە باركەنتۇق .

pomiqik يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 02:46:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pomiqik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-15 03:26

مەن گۇما ناھىيسىدىن ئىككى يىل بۇرۇن مۇشۇ كىشىنىڭ جىيەنى بىلەن خوتەندىكى ھەرەمباغ تاماقخانسىدا تاماق يەپ ئولتۇراتتۇق ئۇزاق ئوتمەي بۇ ئاكىمىزمۇ ئاشخانىغا كىرىپ بىز ئولتۇرغان ئۇستەلگە كىلىپ ئولتۇردى قىزغىن سالام سەھەتلەردىن كىيىن دوستۇم بۇ ئاكىمىزنىڭ قولىدىكى ئارخىپ خالتىسىنى قولىغا ئىلىپ بۇنىڭ نىمە ماتىريال ئىكىنلىكىنى يىقىننىڭياقى نىمىشلار بىلەن ئالدىراش بولىۋاتقانلىقىنى ىسورىدى ئۇ ئاكىمىز بۇنىڭ خوتەن ئىچى ۋە قوشنانا ھىيە لەردىن بولوپ توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان توت جۇپ يىتىم قىز يىگىتنىڭ ماتىريالى ئىكەنلىكىنى ئوزىنىڭ ھازىر گۇما ناھىيسىدىكى ئىككى جۇپ ياشنىڭ توي خىتىنى بىجىرىپ كەلگەنلىكىنى شۇ باللارنىڭ ھەممە توي چىقىملىرىنى ئوز يىنىدىن چىقىرىپ تويىنى قىلىپ بىرىدىغانلىقىنى ئەگەر بىزمۇ ئەتىراپىمىزدا ئاشۇنداق قىيىنچىلىقى بار باللارنى ئۇچىراتساق ئوزىگە خەۋەر قىلىپ قويىشىمىزنى بۇ ئىشلارنى داۋىراڭ سىلىپ ھىلىقى باللارنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىزنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىمىزنى سەمىمىلىك بىلەن بىر قور سوزلەپ ئوتتى مىنى بۇكىشىنىڭ كىچىك پىئىل سەمىمىلىكى تەسىرلەندۇرگەن بولسا كىرەك مىنى بىقىپ چوڭ قىلغان رەھمەتلىك مومام تۇگەپ كەتكەندىمۇ كوزۇمگە ياش كەلمىگەندىبىرى مۇشۇ كىشىنىڭ تاماسىز خەيرى ساخاۋىتى يەنەبىرى قانونى يول ۋە گۇلەن ئەپەندىلەرنىڭ ئاناتىل يەسلىسى قۇرۇش توغورسىدىكى تىيمىسى مىنى ئىختىيارسىز يىغلىتىۋەتكەن

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 09:31:41

جەمىيەتتە مۇشۇنداق كىشىلىرىمىز كۆپلەپ چىقسا، مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىقى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان بولاتتى.

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 10:12:59

مەنمۇ ئالدىنقى يىلى 7- ئايلاردا يەنى رامىزاندا خۇتەنگە بىرىپ دوستۇمغا مۇشۇ ئادەمنىڭ كۈتۈپ خانىسىغا ئاپىرىڭلا دىسەم ئاپارغان ئىدى كۈتۈپ خانىسى بىرنەچچە ئېغىز بۇلۇپ ھەقىقەتەن ئىسىل كىتاپلار ۋە مەنزىر رەسىم ھۆسىن خەتلەر بىلەن تولغان ئىكەن .
كۈتۈپخاننىڭ ھەممىسىگە كامىرا ئورنىتىلغان ئىكەن تۇيۇقسىز كۈزۈم بىركامىدىن ئېلىنغا كۈرۈنۈشكە كۈزۈم چۈشۈپ قېلىپ قارسام بىر ئادەم خگنزۇلارنىڭ چىغ ئۇرۇندىغى بارغۇ ھېلىقى يېتىپ ھۇزۇرلىنىدىغان ئاشۇنداق ئۇرۇندۇقتا يېتىپتۇ بىرقىز ئۇ ئادەمنىڭ پۇتۇنى تۇتقىلى تۇرۇپتۇ ، شۇنۇڭ بىلەن دوستۇمغا ئۇ كۈرنۈشنى كۆرسىتىپ ماڭا ئاداش ئاشۇ ئۆيگىلا كىرلى دەپ ئاشۇ كۈتۈپ خانغا كىرسەك بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۈرۈپ ھېلىقى قىز چىكەتتى كىيىن ھېلىقى ئادەممۇ چىكەتتى .بۇ ئادەم كىمۇ رامىزاندا نىمۇ باشقىلارغا پۇتۇنى تۇتقىلى سالدۇ دىسەم ئاۋۇ قزى مۇشۇ يەدە ئىشلەيدىغان قزى ئاۋۇ بولسا تۇسۇن توختى ئەپەندى دىگەن ئىدى ئۇلارنىڭ ئۇ ئىشى ھازىرغىچە ھىچ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 10:29:54

torqicom يوللىغان ۋاقتى2015-2-15 10:12 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئالدىنقى يىلى 7- ئايلاردا يەنى رامىزاندا خۇتەنگە...

پۇت-قوللېرى تىلىپ قالغاندۇ، تۇتۇپ قۇيۇشى نورمالغۇ...

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 11:29:08

ablimitt يوللىغان ۋاقتى2015-2-15 10:29 static/image/common/back.gif
پۇت-قوللېرى تىلىپ قالغاندۇ، تۇتۇپ قۇيۇشى نورمالغۇ...

شۇ مەن سەل مۇتەسسىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن.بۇلۇپمۇ رامزاندا،سەل كاللامدىن ئۆتمىگەن بۇلىشى مۇمكىن :)

erkam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 12:15:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   erkam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-15 12:16

torqicom يوللىغان ۋاقتى2015-2-15 11:29 static/image/common/back.gif
شۇ مەن سەل مۇتەسسىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن.بۇلۇپمۇ رامزا ...

بۇ كىشىنىڭ شەخسىيەتسىز مىننەتسىز قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ!

126Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 12:46:43

مۇھەممەتتوختى ساۋۇر ھاجىممۇ،ياكى تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ھاجىمۇ؟

126Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 12:48:44

مۇھەممەتتوختى ساۋۇر ھاجىممۇ،ياكى تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ھاجىمۇ؟

pomiqik يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 16:59:32

126Uyghur يوللىغان ۋاقتى2015-2-15 12:48 static/image/common/back.gif
مۇھەممەتتوختى ساۋۇر ھاجىممۇ،ياكى تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ھ ...

تۇرسۇنتوختى ساۋۇر ھاجىم

pomiqik يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 17:15:39

torqicom يوللىغان ۋاقتى2015-2-15 10:12 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئالدىنقى يىلى 7- ئايلاردا يەنى رامىزاندا خۇتەنگە...

بىرسىنى ھەقىقى چۇشەنمەي تۇرۇپ قالايمىقان باھا بەرمەڭ كور گىنىڭىز شۇ ئاكىمىزنىڭ قىزى بولىشى مۇمكىن بىرسوم ساخاۋەت قىپقويۇپ ئىككى سوم ئۇندۇرۇشنىڭ كويىدا تىلىۋۇزۇرغاچىقىپ ئوزىنى سازايى قىلىپ يۇرگەن ساخاۋەتچىلەرمۇ ئاز ئەمەسقو سىز بىزلەرنىڭ خەۋەرداربولغىنىمىز ئۇ ئاكىمىزنىڭ قىلىپ يۇرگەن ياخشى ئىز ئىزلىرىنىڭ پەقەت بىرقىسمى

Himmet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 22:34:10

بىز بىر بىرىمىزنىڭ ئەينىكى. جاھاندا ھېچقانداق بىر ئەينەك بىراۋنىڭ ئەيىبىنى باشقىلارغا سۆزلىمەيدۇ،ئەكىسچە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىلا بىلدۈرىدۇ،شۇڭا ئەيىبلەرنى يۆگەيلى. بەك ئاچقۇمىز كەلسە،ئۆزىگە دەيلى.

Himmet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 22:37:32

چوڭ بىر ئاق قەغەزگە بىر كىچىك قارا چىكىت قۇيۇپ، نىمىنى كۆردۈڭ؟ دىسە، چىكىتنى دىگەندەك ئىش قىلمايلى. تورغا ھەرخىل نىيەتتىكى كىشىلەر چىقىدۇ، يامان نىيەتلىك بىرەرسى گەپنى چوڭايتىپ ھاجىم ئۈستىدىن گەپ تارقاتمىسۇن يەنە!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 18:51:09

ئاللاھ ھاجىمنى ئىككى دۇنيالىق ئەزىز قىلغاي، بۇنى تاشچى خوتۇنپەزلەرمۇ كۆرسە ئوبدان بولاتتىكەن
يانفونداچىقمىدى ئاۋۇ ئۇلىنىش،ERROR دەيدۇ

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 19:40:44

ئاللاھ ھاجىمغا ئۇزاق ئۆمۈر ، سالامەت تەن ، بەختلىك تۇرمۇش ، ئىشلىرىغا خەيرلىك ئاتا قىلسۇن .

قىلغان ساۋابلىق ئىشلىرىغا ئىككى دۇنيالىق نەچچە مىڭ ھەسسىلەپ بەرسۇن .

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 19:47:31

ئاللاھ ھاجىمغا ئۇزاق ئۆمۈر ، سالامەت تەن ، بەختلىك تۇرمۇش ، ئىشلىرىغا خەيرلىك ئاتا قىلسۇن .

قىلغان ساۋابلىق ئىشلىرىغا ئىككى دۇنيالىق نەچچە مىڭ ھەسسىلەپ بەرسۇن .

خېلى خېلى بايلىرمىز، زىيالىلىرىمىز قىلالمىغان ئىشنى قىلدى بۇ ئەركەك ، ئەمىلى ئۈنۈمىنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ، ئىژتىمائى ئۈنۈمى ئاجايىپ قالتىس بولدى دەپ ئويلايمەن ئۈزۈمچە ،
بەت: [1]
: ئىلىم ساخاۋەتچىسى ھاجى تۇرسۇنتوختى ساۋۇرنى زىيارەت