umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 17:01:21

دىن ھەققىدە پەننى ساۋات(ئۇمۇن)

دىن ھەققىدە پەننى چۈشەنچە

(ئۇمۇن)

ئەسكەرتىش: مەن بۇ تېمىدا دىننى ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلىمەن. تېمىغا مىنىڭ ھېچقانداق دىنىي ھېسسىياتىم قېتىلمايدۇ. تېما ھېچقانداق ئىسلامى چۈشەنچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش تارىخىدا ماددا بىلەن مەنىۋىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم مەزمۇن بولۇپ كەلگەن.ئىنسانىيەت كائىناتنىڭ چەكسىزلىك ۋە رەڭگارەڭلىك ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنى يوشۇرۇش،ماددا بىلەن ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەڭپۇڭلۇقتا توختىتىش ئۈچۈن يۈكسەك دەرىجىدىكى بىر ئىدىيە سىستېمىسىغا موھتاج بولغان.

تەبىئەت تېشىدا بىر كۈچ مەۋجۇتمۇ؟

ئىنسانىيەت نەچچە مىڭ يىللىق پەلسەپە ۋە ئىلىم-پەن تارىخىدا تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى.
ئىنسانلار ئەتراپىدىكى شەيئىلەر،ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان تەبىئەت ھادىسىلىرى ئالدىدىكى ئىمكانسىزلىقىغا يارىتىش ۋە يارىلىش مۇناسىۋىتىنى تىكلىدى ۋە مەركىزىگە تەبىئەتتىن ھالقىغان بىر كۈچنى قويدى.ئىلىم-پەن ۋە پەلسەپە تارىخى بۈگۈنگە قەدەر تېخى تەبىئەت تېشى بىر كۈچنىڭ بارلىقىغا مۇكەممەل بىر ئىسپات تېپىپ بېرەلىگىنى يوق،ئوخشاش ھالدا تەڭرىنىڭ يوقلىقىغىمۇ  ئىسپات تېپىپ بېرەلمەيدۇ. ئاتېئىستلارنىڭ  لوگىكىسىدا  بولسا ئىلىم-پەن پەقەت بار نەرسىنىڭ بارلىقىنىلا  ئىسپاتلىيالايدۇ،يوق نەرسىنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ.مەسىلەن رېئاللىقتا قاناتلىق ئات مەۋجۇت بولسا ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى بىلەن ئۇنىڭ  مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن.ئەمما رېئاللىقتا يوق بولسا ئۇنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس.
ئاتېئىستلارنىڭ  يۇقىرىقى مەنتىقىسى خاتا ئەمەس.بىراق ئىنسانىيەتنىڭ يوق نەرسىنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلىيالماسلىقى تەبىئەتتىن ئۈستۈن بىر كۈچ يوق دەپ جەزملەشتۈرۋىتىشىمىزگە  سەۋەب بولالمايدۇ.
ئىلاھىي كۈچ مەۋجۇتلىقى قارىشى دىنلارنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنىڭ مەۋجۇتلىقى ئىنكار قىلىنسا پۈتكۈل دىنلار غۇلاپ چۈشىدۇ.
تەبىئەتنىڭ ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرىنى مەنبە قىلغان تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنىڭ مەنتىقى مەۋجۇتلىقى ئىنسانىيەتنىڭ چۈشەنچە تارىخىغا ۋە رېئال ھاياتىغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن قاراشتۇر.
«تەبىئەت تېشى كۈچ مەۋجۇت»تىن ئىبارەت بىر جۈملە ئاغدۇرۇلسا پۈتكۈل دۇنيادىكى مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ روھى ئاساسى غۇلاپ چۈشىدۇ. ئاتېئىست مەۋجۇت بولۇش پەلسەپەسىنى يېتەكچى قىلغان پوزىتىۋىزىملىق (positivisim , 实证主义)  ئىلىم-پەن سىستېمىسى دىن ۋە تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنىڭ كۆلەڭگىسىدىن خالى خاراكتېرى بىلەن تەبىئەتتىن مۇستەقىل بىر كۈچنىڭ مەۋجۇتلىقىغا «بىلمەيمەن»دەپ جاۋاب بىرىدۇ.
دىن ھەققىدە

دىن تەبىئەت تېشى كۈچنى مەركەز قىلغان ئىتىك (ethic ,伦理) ۋە تېيولوگىيەلىك (theology, 神学) چۈشەنچىلەرنىڭ توپلىمىدۇر.
زامان،ماكان، ئۆزلۈك ھەققىدىكى قاراشلار،دۇنيانىڭ قانداق ئىكەنلىكى،قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ئۈستىدىكى دىنى چۈشەنچىلەر ۋە دىنى ئىبادەتلەر بىر جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىمدۇر. دىن پۈتۈن ئىنسانلارغا ئورتاقتۇر.دىننىڭ تارىخى ئىنسان تىلى قەدەر قەدىمىدۇر.
پەيلاسوپ paul kurtz دىننى شەرھلەشنى  رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ  ئورنىغا دىننىڭ تەسىر قىلىش ساھەسىنى چۈشەندۈرىدۇ :
دىن تەسىرلەندۈرگۈچى  ۋە جەلپكاردۇر .دىن ئىنسانىيەتنىڭ باسقۇچلىرى ۋە قىزىقىشلىرىنى  ئەكس ئەتتۈرىدۇ، مەنىۋى، شېئىرىي  ۋە ئېستېتىك ئىلھامى بولغان مۇراسىملارنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئىنساننىڭ مەنە ۋە مەقسەت  ئېچىرقاشلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. (kurtz،2002،s.44)
ئانتىروپولوگلار  (ئىنسانشۇناسلار anthropologist) دىنىي ئىدىيە ۋە ئىبادەت شەكىللىرىنىڭ بىر جەمئىيەتتىكى كەڭ كۈلتۈر زەنجىرلىرى ۋە ئىجتىمائىي،سىياسىي،ئىقتىسادى جەريانلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ۋە ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ.
بەزى ئانتىروپولوگلار كەڭ مەنىدە دىننى ياشاشنى مەنىلىك ۋە چۈشىنىشلىك قىلىشقا تىرىشقان، تەبىئەت تېشى كۈچلەر، سىمۋوللار ۋە ئىبادەت ئۇسۇللىرىدىن شەكىللەنگەن بىر ئېتىقاد سىستېمىسى  دەپ ئىزاھلىغان.
ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى ئىتورى ئورمانلىقىدا ياشايدىغان قەبىلىلەردىن مىبۇتى پىگمىلەر كېسەللىككە دۇچ كەلگەندە ياكى ئوۋچىلىقى مول بولمىغىنىدا ئەمەلىي چارىلىرى ئىشقا يارىمىسا،ئورمانغا دەردىنى ئاڭلىتىش مەزمۇنىدا ماسلىشىش ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن «مولىمو»دېيىلىدىغان بىر مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ.
پۈتكۈل قۇرامىغا يەتكەن ئەركەكلەر بىر ئاي ھەر كېچە توپلىنىپ ئورماننى خوش قىلىش ئۈچۈن ناخشا ئېيتىدۇ.مۇراسىمنىڭ مەقسىتى ئورمانغا بولغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاڭلىتىشتۇر.

بۇ ھەقتە مىبۇتىلار مۇنداق دەيدۇ:
ئورمان ئانا ۋە ئاتادۇر. چۈنكى بىزگە پۈتكۈل نېمەتلەرنى ئورمان بىرىدۇ. كىيىم ، ئۆي ، ئىسسىقلىق ......ۋە سۆيگۈ.بىز ئورماننىڭ بالىلىرى ئۇ ئۆلسە بىزمۇ ئۆلىمىز (Turunbull،1965،s.312)

مىبۇتىلارنىڭ ئورمانغا بولغان ئېتىقادى، مۇراسىمى ۋە ئورمان دۇئاسى بۇ دىننىڭ تەركىبلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن بۇ دىن دۇنيانىڭ بىر مودېلىدۇر.مىبۇتىلارنىڭ دىنىدا ھېچقانداق ئىبادەتخانا ۋە مولىمۇ مۇراسىمى بىلەن تەبىئەتتىن ئۈستۈن كۈچ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق راھىب،موللا ياكى پوپقا ئوخشاش بىر ۋاسىتە يوقتۇر.
كۆپلىگەن دىنىي جەمئىيەتلەردە (خىرىستىيانلىق،يەھۇدىي ۋە ئىسلام) تەبىئەتتىن ئۈستۈن كۈچنى تەڭرى دەپ قارايدۇ ۋە تۇتقىلى بولمايدىغان باشقا بىر دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇق دەپ قارايدۇ. ئەكسىچە مىبۇتىلارنىڭ ئېتىقاد قىلىدىغان ئوبيېكتى تەبىئىي ۋە قول بىلەن تۇتىلىدىغان نەرسىلەردۇر.

خۇلاسىلىسەك دىن ئېتىقاد قىلغان ۋە ئىشەنگەن نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى تەرىپىدىن ياكى ئىبادەت شەكلى تەرىپىدىن ئىزاھلانمايدۇ.
پۈتكۈل دىنلاردا ئورتاق ئىككى خىل ئوخشاشلىق بار.

1.تەبىئەت تېشى كۈچنىڭ ئىزاھاتى

2.دۇنياغا مەنە بەرگەن ئىدېئولوگىيلىك سىستېما.

دىننىڭ مەركىزى تەبىئەت تېشى كۈچ مەۋجۇتلۇق قارىشىدۇر. ھەر بىر دىننىڭ ئۆزىگە مۇستەقىل ئەخلاقى سىستېمىسى ۋە جەمئىيەت سىياسىتى بولىدۇ.دىننىڭ فۇنكسىيەسى تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇق قارىشىنى قوغداش ۋە بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتۇر.
دىن ئىنسانىيەتنىڭ ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سىستېمىدۇر.
ئىنسانىيەت نەچچە مىڭ يىللىق ئىجتىمائىيلىشىش باسقۇچىدا تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنى ئىنسانىيەتنىڭ ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكلەپ ئىنسانلاردىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجنى ئىنتايىن مۇكەممەل شەكىلدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ كەلگەن.

دىننىڭ ئىدېئولوگىيە يۆنىلىشى

ئانتىرپولوگ Clifford Greett دىننى كۈچلۈك ھېسسىي چاقىرىقلارغا تولغان ۋە ئىنساننىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئەقلىي تەڭپۇڭلۇق ساقلىغان ئىنتايىن كۈچلۈك سىمۋوللار سىستېمىسى ياكى ئىدېئولوگىيە دەپ قارايدۇ.
دىن  ھەسرەت ۋە ئىزتىراپ ياكى بىلىنمىگەن ۋەقەلەر بىلەن قالغان شەخسنىڭ ھادىسىلەرنى ئىلاھىي مۇرەسسە بىلەن ئىزاھلايدىغان ۋاسىتىسىدۇر.دىنى ئىدېئولوگىيە شەخسلەرنىڭ كائىنات ئىچىدىكى ئورنىنى چۈشىنىشكە ئىمكان بىلەن تولغان مۇھىت يارىتىدۇ.

دىن كۆپىنچە ئۆزىنى رىۋايەتلەر بىلەن ئىپادە قىلىدۇ.مەسىلەن تەۋراتنىڭ بىرىنچى كىتابى بولغان«يارىتىلىش»تىكى رىۋايەتلەردە ئىنسان ۋە كائىناتنىڭ يارىتىلىشىنى سىمۋوللۇق تېرمىنلار بىلەن ئىزاھلىغان.دىننىڭ پۈتۈنلىكى،تارىخىلىقى ۋە تەسىر كۆرسىتىشچانلىقىنى دىندىكى رىۋايەتلەر قوغدايدۇ.دىندىكى سىمۋوللار دىنغا ئىشەنگەنلەرنىڭ رېئال ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ.بىر كۈلتۈرنىڭ ئەڭ مۇھىم رىۋايەتلىرى شۇ كۈلتۈرنىڭ ساماۋى كىتابلىرى،دىنى رىۋايەتلىرى بولىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكى شامان دىنىغا ئائىت كۆپلىگەن رىۋايەتلەر ئەسلىدە شۇ دەۋرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تەڭپۇڭلىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرى ۋە تەبىئەتكە، مەۋجۇتلۇققا بولغان چوڭقۇر تەسەۋۋۇرلىرىدۇر.
بۇيەردە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇش كېرەككى كۆپىنچە ئانتىروپولوگلار رىۋايەتلەر ۋە ئەپسانىلارنى بىر جەمئىيەت ئىچىدىكى قىممەت توقۇنۇشلىرى ۋە ئەخلاقى ئىككىلىنىشلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان سىمۋوللۇق فورمۇلا دەپ قارايدۇ.Lévi-strauss رىۋايەتلەرنى رېئال ھايات بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمما ئۆزىگە مۇستەقىل ئىچكى مەنتىقىگە ئىگە دەپ قارايدۇ.ئۇ يەنە ھەر بىر رىۋايەتنىڭ ئۆزىگە خاس نوپۇزغا ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.
رىۋايەتلەر ئاساسەن ئوخشاش شەكىلگە ئىگىدۇر.ئۇلارنىڭ پەرقى كۆپىنچە ئىپادىلەش سەنئىتىدە كۆرۇلىدۇ.
داڭلىق جەمئىيەتشۇناس  Emile Durkheim دىننىڭ بىر تۈرلۈك ئېتىقاد،پوزىتسىيە ياكى ئەمەلىي نەزەرىيەلەر سىستېمىسى ئەمەس بەلكى تېخىمۇ كەڭ،تېخىمۇ دۇنياۋى بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دىنى ئېتىقاد بىر جەمئىيەتنىڭ ئىلاھلاشتۇرغان قىممەتلىرىنى ئىپادە قىلىدۇ.بۇ خىل ئىلاھلاشتۇرۇلغان قىممەتلەر دەرەخ،قۇياش،يۇلتۇز،ئورمان ياكى بىر ھايۋان بىلەن تەمسىل قىلىنىشى مۇمكىن.قەدىمكى ئوغۇز ئىپوسىدىكى ئىلاھلاشقان دەرەخ ۋە كۆلنىڭ ئوبرازى،شامان ئېتىقاتىدىكى كۆك تەڭرى ياكى ھىندى دىنىدىكى كالىنىڭ تەمسىلىگە ئوخشاش سىمۋوللۇق  شەيئىلەر ئىلاھلاشقان ۋە دىندا ئىپادە قىلىنغان بولىدۇ.بۇ سىمۋوللار دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنى بىر ئەخلاقى جامائەت ھالىتىدە بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق كوللېكتىپ مۇراسىملارنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ.
ئىنتايىن ئاز ساندىكى توپلۇملارلا دىندىن ئايرىم ھايات بىلەن ئىلاھىيلىق،تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدا ئوچۇق بىر ئىزاھاتتا بولغان.ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ئىنسانلار جەمئىيەتتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىلاھىي تون بىلەن ئوراپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھاببەتنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.مەسىلەن كۆپىنچە دۆلەتلەر دۆلەت بايراقلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ مۇتلەق ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ.
ئىسرائىل،ياپونىيە،گىرېتسىيە،رۇسىيە،تۈركىيە ، ئىران قاتارلىق كۆپ ساندىكى مىللىي دۆلەتلەردە دىن ۋە ئىلاھىيلىق بىلەن مىللەت،ۋەتەن ۋە مىللەتچىلىك ئۇقۇملىرى ئىنتايىن زىچ بىرىكىپ كەتكەن.مەسىلەن بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى  كوممۇنىستىك تۈزۈلمىدە لېنىن ۋە ئۇنىڭ ئۆمۈر بويى ئىشلەتكەن ئەشيالىرى جەمئىيەتتە ئىلاھىي تۈسنى ئالغان.ھەتتا بۈگۈنكى چاۋشيەننىڭ ئىلاھلاشتۇرۇلغان ھاكىميىتى بۇنىڭ ئۆرنىكىدۇر .
ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھلاشقان سىمۋوللاردىن سەللە ۋە ئەرەب تونىنى مىسالغا ئىلىش مۇمكىن. ئەرەبلەرنىڭ باش كىيىمى ۋە تونلىرى ئىسلام دىنىنىڭ مۇراسىملىرىدا كەڭ تۈردە قوللانغانلىقى ۋە ئىسلامنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىن كېڭەيگەنلىكى سەۋەبلىك ئىسلامنى قوبۇل قىلغان باشقا مىللەتلەر (ئۇيغۇرلار،تۈركلەر،خۇيزۇلار)سەللە ۋە ئەرەب تونىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغان. ئىسلاملاشتۇرۇش ئەرەب مىللەتچىلىكى بىلەن ئىنتايىن زىچ ھالدا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ ھەتتا ئىسلامغا ئېتىقاد قىلغان پارىسلاردىن باشقا مىللەتلەر شەخسى ئىسىملىرىنىمۇ ئەرەب ئىسىملىرىغا ئۆزگەرتىۋەتكەن.بۇ خىل مىللەتلەردە ئەرەبچە ئىسىملار ئىلاھلاشقان سىمۋوللارغا ئايلىنىپ قالغان.بۇ مەزمۇندا پارىسلار بىر قەدەر پاراسەتلىك چىققان بولۇپ پارىسلار ئەرەبچە ئىلاھىي ئاتالغۇلارنى ۋە ئىبادەت ئىسىملىرىنى ئۆز تىلىغا ئەپچىللىك بىلەن ئۆزلەشتۈرگەن.قۇرئان ۋە ئەرەبچىدىكى كىلاسسىك ئىسلام مەنبەلىرىدە«خۇدا»،«ناماز»دېگەندەك پارىسچە كەلىمىلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ.«ناماز» ۋە «خۇدا» دېگەن كەلىمىلەر پارىسلار ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئۆز تىلىغا ئۆزلەشتۈرگەن ئىلاھى ئاتالغۇ ۋە ئىبادەت ئىسملىرىنىڭ ئۆرنەكلىرىدىندۇر.
تەبىئەت بىلەن تەبىئەت ھالقىغان كۈچ،رېئال ھايات بىلەن روھانىي ھايات ئوتتۇرىسىدا ماسلاشماسلىق دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.ئۇنداقتا تەبىئەت بىلەن تەبىئەت ھالقىغان كۈچ، رېئال ھايات بىلەن دىنى ھايات ئوتتۇرىسىدا بىر چېگرا بولۇشى كېرەكمۇ؟؟

بەزى دىنلار بۇنىڭغا «ياق»دەپ جاۋاب بىرىدۇ.بەزىلىرىدە بولسا دىن ۋە رېئال ھايات ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بىر چېگرانىڭ شەكىللىنىشى ۋە بۇ چېگراغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەر ئىتىقادنىڭ يادروسى دەپ قارىلىدۇ.
ئاكادېمىك نۇقتىدىن دىن ھەققىدە بەزى خاتا چۈشەنچىلەر


بۇ يەردە بىز دۇنيا ئىلىم پېنىدىن دىنغا باھا بىرىمىز.دۇنيادىكى دىنى ئېتىقادلار  ۋە دىننىڭ قۇرۇلمىلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر.بىز بىر مۇسۇلمانلا ئەمەس بىر دۇنيا پۇقراسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسى دىنغا قانداق قارايدۇ بىلىشىمىز كېرەك.تۆۋەندە دىن ھەققىدە ئىسلام ئىزاھلىغان دىن چۈشەنچىسى ئىچىدىن چىقىپ تۇرۇپ بىر قانچە خاتا چۈشەنچىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەن.
1.كۆپىنچە ھاللاردا دىننى بىر تەڭرىچىلىك بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويىۋالىمىز.توغرىسى دىن بىلەن تەڭرىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويىۋالىمىز.دۇنيادىكى دىنلارنىڭ كۆپۈنچىسىدە بىردىن كۆپ ئىلاھ بار. خىرىستىيان دىنىنىڭ بەزى مەزھەپلىرىدە ئىلاھىي كۈچلەرنى تەڭرى،ئەيسا ۋە مۇقەددەس روھ دەپ بۆلگەن.بەزى دىنلاردا ھەتتا تەڭرىمۇ يوقتۇر.
ھېچقانداق دىندا دىننىڭ ئاساسىي بولغان ئىلاھىي كۈچ(تەڭرى)بىلەن دىننى بىر دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.تەڭرىنىڭ مۇستەقىللىقى دىننىڭ ئىجدىمائىيلىقى  تەرىپىدىن ئىنكارلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن دىن بىلەن تەڭرىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويالمايمىز.
2.دىن ئىنسانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىدىغان ئەخلاقى ئەمىرلەر بىلەن بىر تەكشىلىككە قويۇلماسلىقى كېرەك.دىنى چۈشەنچىلەر بىلەن بېزەلگەن ئەخلاقى قاراشلارنى دىن بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش ئاكادېمىك يۆنىلىشتىكى دىن تەتقىقاتىنىڭ روھىغا خىلاپ.
3.دىنلار دۇنيانىڭ بۈگۈنگە قانداق كەلگەنلىكىنى ئىزاھلاش مەجبۇرىيىتىدە ئەمەس.ھاۋا ئانا ۋە ئادەم ئاتا رىۋايىتى كۆپىنچە دىنلاردا ئادەمنىڭ يارىتىلىشى ۋە كۆپىيىشىنى ئىزاھلاپ بىرىدۇ.كۆپ دىنلاردا يۇقىرىقىغا ئوخشاش مەۋجۇتلۇق ۋە يارىتىلىش ھەققىدە رىۋايەتلەر مەۋجۇت.ئەمما بەزىلىرىدە بۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەتلەر يوق. 
4.دىن تەبىئەتتىن مۇستەقىل بولغان ئۆلۈمدىن كىيىنكى دۇنياغا ئىشىنىش بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇلمايدۇ.چۈنكى بەزى دىنلاردا تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە ماسلىشىشنى ئېتىراپ قىلىدۇ ئەمما ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى تېپىشقا قىزىقمايدۇ.


ئېتىقاد سىستېمىلىرى  


1.ئانىمىزىم (روھ تەلىماتى نەزەرىيىسى)، (animism,泛灵论) ۋە ئانىماتىيزىم (Animatism)


19-ئەسىردە ياشىغان ئانتىرپولوگ E.B Tylor دىنى ھادىسىلەرنى تۇنجى بولۇپ پوزىتىپ يۆنىلىشتە چۈشىنىشكە ۋە سىستېماتىك بىر شەكىلدە ئىزاھلاشقا تىرىشقان ئالىملارنىڭ بىرىدۇر. Tylor دىننىڭ ئاساسىنى فىزىكىلىق ۋۇجۇدتىن پەرقلىق بولغان،غەلىتە ۋەقەلەر ۋە چۈشلەردىن ئەكس ئەتكەن روھى ئۆزلۈك ياكى روھى پىكىر دەپ ئىزاھلايدۇ.ئۇنىڭغا نىسبەتەن روھ ئۇقۇمى رېئال ھايات،ئۆلۈم ۋە چۈش ئارىسىدىكى پەرقلىققە بولغان قىزىقىشتىن تۇغۇلغاندۇر .
ئۇ ئىلىم پەن ساھەسىدە تۇنجى بولۇپ ئىلاھىي ئەمما ئىنسانلاشقان مەۋجۇتلۇقلارغا(روھ،جىن،پەرىشتە)بولغان ئىشىنىشكە ئانىمىزىم دېگەن ئىسىمنى بەردى ۋە بۇ خىل ئىشىنىشنىڭ دىننىڭ تەرەققىياتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.لېكىن بۇخىل چوقۇنۇش كۆپ تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدىغان قەۋىمنىڭ بىر تەڭرىگە بولغان ئىتىقادىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن توختاپ قالىدۇ.
ئىنسانشۇناس Tylorنىڭ زاماندىشى بولغان R.R.Marrett ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچلەرگە بولغان ئىتقادىغا  ئانىماتىيزىم دەپ ئىسىم قويغان ۋە ئانىماتىيزىمنىڭ ئانىمىزىمدىن بالدۇر شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئانىمىزىم مۇئەييەن ئىلاھىي كۈچكە ئىنسانلىق خاراكتېر ۋە كىشىلىك يۈكلەيدۇ.ئانىماتىيزىم بولسا تەبىئەتتىن مۇستەقىل بىر ئىلاھىي قۇۋۋەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىدۇ.


2.يەھۇدىي دىنى،خىرىستىيانلىق ۋە ئىسلام


1.يەھۇدىي دىنى 


يەھۇدىي دىنى بۇ ئۈچ دىن ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمكى بىرىدۇر.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1000-يىللاردا شەكىللەنگەن.تۇنجى ئىبارانىيلار كۆچمەن قەۋم ئىدى ۋە قەدىمكى مىسىر تۇپراقلىرىدا ياشايتتى.ئىبرانىيلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ياكى دىننى رەھبەرلىرى پىكىرلىرىنى يەرلىكتە ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان دىنىي ئېتىقادلاردىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان.
يەھۇدىيلارنىڭ قوشنىلىرى بولغان ئەرەبلەر،تۈرك شامانلىرى ۋە پارىسلار ئەينى زاماندا كۆپ تەڭرىچىلىك ئېتىقادىدا ئىدى.يەھۇدىيلار بولسا تەڭرىنىڭ بىرلىكىگە ئىشىنەتتى.
ئەينى زاماندا يۇناننىڭ دىنىي ئېتىقادلىرى ئەخلاق بىلەن تەڭرى ئايرىم بولۇپ تەڭرىلەر ئىنسانلارنىڭ دۇنيادىكى ئەخلاقى پوزىتسىيەلىرىگە ئارىلاشمايدۇ دېيىلەتتى.يەھۇدىيلار بولسا تەڭرىنىڭ ئىنسانلاردىن ئەخلاققا ئۇيغۇنلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى،توغرا دىننىڭ يەھۇدىي دىنى ئىكەنلىكىنى ۋە ھەقىقەتنىڭ پەقەتلا يەھۇدىيلارغا بېرىلگەنلىكىنى سۆزلەيتتى.


ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن دۇنيادا يەھۇدىي دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان بىرمۇ ئۆلكە يوق ئىدى.يەھۇدىي توپلۇملىرى دۆلەت قۇرۇلماستا ياۋروپا،ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ياشىغان.دائىم تاجاۋۇزغا ئۇچۇرغان ۋە ئەشەددىي دەرىجىدە قىرىلغان.مىليونلىغان يەھۇدىيلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فاشىستلارنىڭ لاگېرلىرىدا ئىنتايىن ئەشەددىي ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.بۇلارنىڭ ئارىسىدا بالىلار ۋە ئاياللارمۇ زور سالماقنى ئىگىلىگەن.
2. خىرىستىيانلىق يەھۇدىي دىنىنىڭ نۇرغۇنلىغان چۈشەنچىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۆزلەشتۈرگەن.ئەيسا ئورتۇدوكۇس بىر يەھۇدىي ئىدى.خىرستىيانلىق دۇنياغا ئەڭ ئاۋۋال يەھۇدىي دىنىنىڭ بىر مەزھىپى شەكلىدە كەلگەن.ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خىرىستىيان دىنىنى ئايرىم دىن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىيىتى بار ياكى يوقلىقى ئېنىق ئەمەس.
ئەيسانىڭ ياردەمچىلىرى ئۇنى مەسىھ (ئىبرانىيچە«ياغدا كۆيدۈرۈلگەن كىشى»،گىرېكچىدە «chris»)دەپ ئويلايتتى.پائۇل خىرىستىيانلىقنى تۇنجى بولۇپ كىچىك ئاسىيادىن گىرېتسىيەگە ئەكەلگەن ۋە گىرېتسىيەدە تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان كىشىدۇر.خىرىستىيانلار ياۋروپادا ئاۋۋال ئەشەددىي زۇلۇمغا ئۇچۇردى.كىيىن ئىمپېراتور كونىستانتىن خىرىستىيان دىنىنى روما ئىمپېراتورلىقىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتتى.سىياسىي ياردەمگە ئېرىشكەن خىرىستىيانلىق ئىنتايىن تىز سۈرەتتە كېڭەيدى ۋە ئىككى مىڭ يىللىق تەرەققىياتىدا غەرب ئەللەر مەدەنيىتىنىڭ  ئاساسى بولۇپ قالدى.
بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خىرىستىيانلىق دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىنسان ئېتىقاد قىلىدىغان دىندۇر.بىر مىلياردتىن كۆپ ئىنسان ئۆزىنىڭ خىرىستىيان ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.بىراق چېركاۋنىڭ باشقۇرۇشى ۋە تېيولوگىيەلىك پەرقلىقلەر يۈزىدىن خىرستىيانلار كاتولىك،پىروتىستان ۋە شەرقىي ئورتادوكۇس قاتارلىق كۆپ خىل مەزھەپلەرگە ئايرىلىدۇ.


3.ئىسلام


ئىككىنچى بولۇپ ئەڭ كۆپ ئىنسان ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنىنىڭ يىلتىزى خىرىستىيانلىققا تايىنىدۇ.ئىسلام يەتتىنچى ئەسىردە مۇھەممەد پەيغەمبەر تەرىپىدىن كەلگەن.بىردىنبىر ياراتقۇچى بولغان ئاللاھ كائىنات ۋە ئىنساننىڭ ھاكىمىدۇر.ئىسلام دىنىنىڭ بەش ئاساسى شەرتى باردۇر.(ناماز،ئىمان ئېيتىش قاتارلىقلار)
مۇسۇلمانلار مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭمۇ مۇسا ۋە ئەيسا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئاللاھتىن ۋەھىي ئالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن ئاخىرقى پەيغەمبەر دەپ تونۇيدۇ. مۇسۇلمانلار بىر مىلياردقا يېقىن نوپۇسقا ئىگىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي ۋە شىمالى ئافرىقا،ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبىي ئاسىياغا مەركەزلەشكەن.


3.بۇددىزم كۇڭزىچىلىق ۋە تويىن


بۇددىزم ۋە كۇڭزىچىلىق شەرقنىڭ ئەخلاقى دىنلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.بۇ دىنلاردا تەڭرى يوقتۇر.ئۇلار كائىناتنىڭ تەبىئىي پۈتۈنلىكى ۋە بىرلىكىنى ئېتىكىلىق ئىدېئولوگىيەلەر بىلەن ئىزاھلىماقتا.


1.بۇددىزىم


بۇددىزم مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە ياشىغان جەنۇبى نېپالدىكى كىچىك بىر خانىدانلىقنىڭ پادىشاھى Sddhartha Ga
utama يەنە بىر ئىسمى بۇددا (ئارىف كىشى) نىڭ ئوتتۇرىغا قويغان چۈشەنچىلىرىنى مەنبە قىلىدۇ.
بۇددىزمدا ئىنسانلار مەڭگۈ روھ كۆچىشى بىلەن ئازاپىلىنىپ ياشايدۇ. روھ كۆچىشى(سانسارا)دىن پەقەت ئارزۇلىرىدىن ۋازكەچكەندىلا قۇتۇلغىلى (نىرۋاناغا يەتكىلى)بولىدۇ.قۇتۇلۇشنىڭ يولى دۇنيانىڭ ماددىي مەئىشەتلىرى ۋە ھەر خىل سىناقلىرىغا ئالدانماي ياشاشتۇر.بۇددىزمنىڭ پۈتۈن مەقسىتى نىرۋانا(قۇسۇرسىز روھى يۈكسەكلىك)غا يىتىشتۇر.بۇددا ھىندى ئەنئەنىسى ۋە تەبىقە سىستېمىنى رەت قىلىدۇ.بۇددىزم كۈلتۈر پەرىقلىقلىرىغا،يەرلىكلەرنىڭ ئۆز كۈلتۈرلىرىگە ئائىت تەڭرىلەرگە ئىشىنىشىگە قارشى تۇرمايدۇ.پەقەتلا بىر ھەقىقەت بار دەپ زورلىمايدۇ.بۇددىزم بۈگۈن تايلاند،جۇڭگو،كورېيە،بىرما،سېرلانكا،ياپونىيە قاتارلىق يىراق شەرق دۆلەتلىرىدە تەسىر كۈچكە ئىگىدۇر.


2. كۇڭزىچىلىق ۋە تويىن


كۇڭزىچىلىق كونا جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ھۆكۈمران سىنىپلارغا ئائىت كۈلتۈرنىڭ ئاساسىدۇر.كۇڭزى بۇددا بىلەن ئوخشاش دەۋردە،مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە ياشىغان.كۇڭزىمۇ تويىننىڭ قۇرغۇچىسى لاۋزىغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچى ئىدى.ئوتتۇرا شەرق دىنىي لىدىرلىرىگە ئوخشاش پەيغەمبەرلىك سۈپىتى يوق ئىدى.كۇڭزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۇڭزىنى تەڭرى ئەمەس،«دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمىنى» دەپ بىلەتتى.كۇڭزى ئاتىلارغا بولغان ھۆرمەتنى تەكىتلەيىتتى ۋە ئىنساننى تەبىئەت بىلەن يېقىن بولۇشقا،تەبىئەتنىڭ ئىچكى تەرەققىياتىغا ماسلىشىشقا ئۈندەيتتى.
تويىن دىنىنىڭ كۆپىنچە تەرىپى كۇڭزى ئېتىقادىغا ئوخشايدۇ.تويىن دىنى تەركى دۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.ھەر قانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى رەت قىلىدۇ ۋە بۇنى مۇقەددەس ھايات ئۇقۇمىغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ.
كۇڭزىچىلىق ۋە تويىن دىنى يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرىلىشى بىلەن خەن جەمئىيىتىدە تەسىرىنى ئاساسەن يوقۇتۇپ قويدى.


خۇلاسە:
دۇنيادا ھەرقانداق جەمئىيەتتە دىن ياكى دىنغا ئوخشايدىغان ئېتىقاد سىستېمىسى مەۋجۇتتۇر.ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىن،شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلارغا،ئوتتۇرا شەرقتىن جەنۇبىي ئامېرىكىغا،ياۋروپادىن ئاۋسترالىيە  يەرلىكلىرىگە قەدەر بولغان پۈتكۈل جەمئىيەت قۇرۇلمىلىرىدا ئېتىقاد سىستېمىسى مەۋجۇتتۇر.لېكىن پۈتۈن جەمئىيەتتە تەڭرى ۋە تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ ئۇقۇمى مەۋجۇت دەپ قارالمايدۇ.
تەڭرى ئۇقۇمى بەزى توپلۇملاردا مەۋجۇت بولسا بەزى توپلۇملاردا يوقتۇر.
ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئىزدىنىشلىرى ۋە چۈشەنچە تەرەققىياتى ئىلاھىي كۈچكە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى مەنبە قىلىدۇ دەپ قارىساق مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز دەپ قارايمەن.
ئافرىقىدىكى تۇتېم ئەنئەنىسىگە ئىگە جەمئىيەت ئەزاسىدىن مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى،ئامازون ئورمانلىقىدىكى يەرلىك خەلقتىن خىرىستىيانلىق ئېتىقادىنى،نېپال يېزىسىدىكى بىر بۇددىستتىن تەڭرى ئۇقۇمىنى تەلەپ قىلىش دۇنيانىڭ رېئاللىقىغا كۆز يۇمغانلىقتۇر.ھەرقانداق دىننىڭ ئاساسىنى ۋە شەكىللىنىشىنى پەننى بىلىملەر بىلەن مۇكەممەل شەكىلدە يورۇتقىلى بولىدۇ.بۈگۈنكى دۇنيادا تەبىئەت ۋە رېئاللىقنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىش يولى ئىلىم-پەندۇر.
مەن ھەرقانداق نەرسىنى  رېئال مەنىسى بىلەن،رېئال پوزىتسىيە بىلەن قوبۇل قىلىمەن.


ئىككىنچى تېمام دىن ۋە جەمئىيەت توغرىسىدا بولىدۇ.دىن بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەلىرى ۋە داڭلىق جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ قاراشلىرى بىلەن يورۇتۇشقا تىرىشىمەن

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 12:29:46

مىنوسنى باسىمەن دەپ پىلوس بىسىلىپ قاپتۇ. ناچاردىن بىرىنى مەن باستىم.
@goodluck@مۇنبەر سىستىمىسىغا باھانى خاتا بەرسە بىر سائەت ئىچىدە تەھرىرلىگىلى بولىدىغان قىلىپ قويساڭلا.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 12:35:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 12:36  

ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھلاشقان سىمۋوللاردىن سەللە ۋە ئەرەب تونىنى مىسالغا ئىلىش مۇمكىن. ئەرەبلەرنىڭ باش كىيىمى ۋە تونلىرى ئىسلام دىنىنىڭ مۇراسىملىرىدا كەڭ تۈردە قوللانغانلىقى ۋە ئىسلامنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىن كېڭەيگەنلىكى سەۋەبلىك ئىسلامنى قوبۇل قىلغان باشقا مىللەتلەر (ئۇيغۇرلار،تۈركلەر،خۇيزۇلار)سەللە ۋە ئەرەب تونىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغان. ئىسلاملاشتۇرۇش ئەرەب مىللەتچىلىكى بىلەن ئىنتايىن زىچ ھالدا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ ھەتتا ئىسلامغا ئېتىقاد قىلغان پارىسلاردىن باشقا مىللەتلەر شەخسى ئىسىملىرىنىمۇ ئەرەب ئىسىملىرىغا ئۆزگەرتىۋەتكەن.بۇ خىل مىللەتلەردە ئەرەبچە ئىسىملار ئىلاھلاشقان سىمۋوللارغا ئايلىنىپ قالغان.
__________________________________________________________________

تېمىنىڭ بېشىدا ئىلاھ بىلەن دىن ئىككىسى ئايرىم نەرسە دەپ ئۆتكىنىڭىزدەك ئەرەبلەرنىڭ باش كېيىمى بولغان سەللە بىلەن ئەرەبچە ئىسىملارنى ئىلاھلاشقان سىمۋول دېمەي دىنىي سىمۋوللارغا ئايلىنىپ قالغان دېسىڭىز توغرا بولار بولغىيتتى؟ بولمىسا يازمىدا ئۇقۇم خاتالىقى، مەنتىقىي زىتلىق كىلىپ چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ.
مېنىڭ چۈشۈنۈشىمدە مۇسۇلمانلار نامازغا تۇرغاندا بېشىغا سەللە ئورىۋېلىشى پەيغەمبىرىمىز ئورىغانلىقى ئۈچۈن بىزگىمۇ سۈننەت دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈندۇر. بەزى مۇسۇلمانلار سەللە ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى باش كېيىمى خالاس، ئومومىي مۇسۇلمانلار كېيىشى زۆرۈر بولغان دىنىي مەجبۇرىيەت ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇ يەردە ھېچقانداق ‹‹ئىلاھلاشقان سىمۋوللۇق›› يوق. پەقەت دىنىي بەلگە سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان، ياكى سىز ئېيتقاندەك ‹‹ئىستىمال›› قىلغان.
ئىسىممۇ شۇنداق. پەقەت مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە سۈپىتىدە ئەرەبچىلەشكەن. ھەرگىزمۇ ئىلاھلاشقان سىمۋۇللۇق خۇسۇسىيەتكە ئايلىنىپ چوقۇنۇش دەرىجىسىگە بارمىغان.

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 12:47:48

دىنلار توغرسدا چۇشەنچە بەرگەن يازمىغا ناچار دەپ باھا بېرىش نىمنى بىلدۇردۇ.
ئادەمگە قاراپ تېمىسىغا باھا بېرمىزما. راس گەپنى كىم دىسە ئوخشاش.

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 12:53:48

نىمانداق نادىر تىما بۇ!!.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 13:10:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-15 14:34  

alip824 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 12:47 static/image/common/back.gif
دىنلار توغرسدا چۇشەنچە بەرگەن يازمىغا ناچار دەپ باھا ب ...

مۇشۇلارنى دىنغا بەرگەن چۈشەنچە دەمداق؟ توغرا راست گەپ كىم دىسە ئوخشاش ئەمما سەپسەتىلەرنىمۇ كىم دىسە ئوخشاش.
نادىر بەرسەڭلا بىرىۋىرىڭلا، ئۆزىمىزنىڭ دورىسىنى ئۆزىمىزگە ئىچىرىمىز دىمەي.

aktirak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 13:11:15

ناچارمۇ ئەمەسقۇ ، داۋامىنى كۆرۈپ بىر نەرسە دىگەن تۈزۈك، خەقنى بىر نەرسە يازغىلىمۇ قويمىساق چاتاق.
خەق مىڭ قېتىم دىسىمۇ ھېچنىمە ئۆزگەرمەيدۇغۇ

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 13:12:50

ئادەمگە ئەمەس، يازمىسىغا قاراپ باھا بىرىۋاتىمىز. نادىر بەرسەڭلا، يازمىغا قاراپ بەرگەن، ناچارنى بەرسەك ئادەمگە قاراپ بەرگەن بولىمىزما؟ بۇنداق كىنوسىڭلانى تولا كۆردۇق ئىزدىنىشتا.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 13:12:54

كۈچۈكۈم كۈچۈكۈم دەپ بەرسە بىر غىرىچ چىقىرىپتۇ.
مۇشۇنداق بىر تەمسىل بار ئىدى. ھە دەپ بەرسە كىرىشىپ قاپتۇ بۇ بالا.
يازغۇدەك باشقا گەپ قالمىدىما ئۇمۇنئاخۇن؟ بىر يىل ئالدىدا ئۆزەڭلار يازغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىنى قايتا ئوقۇڭلار.

86 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 13:22:42

ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشتە  ئۇنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ تۇغرا بىلىش مۇمكىن ئەمەس.  ھەقىقەت بولغىنى ئاندىن ئىلىم  ھىساپلىنىدۇ.  دىننىڭ سىرتىدا تۇرۇپ قارايدىغان تەكەببۇرلار پەيغەمبەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ تۇغرا بىلەلمەيدۇ.
يۈزەكى قاراشلىرىنى پەن دەۋىلىپ، خاتا ھۆكۈم بىلەن سۆزلەۋاتقانلىقىنىمۇ بىلەلمەيدۇ. دىن تۇغرىلۇق چىقارغان ھۆكۈملىرى بەزى ئىنسانلار ئارىدىسىكى ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىلا ئاساس قىلىۋېلىپ يۈزەكى ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، ياكى ئۆزلىرىنىڭ  پەرەزنى ئاساس قىلغانلقىنى بىلەلمەيدۇ.
ئىلمگە ھەقىقى سەمىمىي كىشىلەر بۇ دىننى تۇغرا چۈشىنىشى مۇمكىن بولىدۇ.

ئومۇننىڭ تىمىسىدا بېشىدىلا پەرەزنى ئاسا قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى باشلىغان:
«ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش تارىخىدا ماددا بىلەن مەنىۋىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم مەزمۇن بولۇپ كەلگەن.ئىنسانىيەت كائىناتنىڭ چەكسىزلىك ۋە رەڭگارەڭلىك ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنى يوشۇرۇش،ماددا بىلەن ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەڭپۇڭلۇقتا توختىتىش ئۈچۈن يۈكسەك دەرىجىدىكى بىر ئىدىيە سىستېمىسىغا موھتاج بولغان»(umun99)
بۇ umun99 مۇشۇنداق پەرەز قىلىپ چىقارغان پىكىرىنى «پەن» دەپ قارىۋالغان. ئۇنىڭ يىلتىزى ماددا ئەزەلىيلىك قارىشىددىن كەلگەن. شۇنى ھەقىقەت دەپ قاراىغانلىق ئاساسىدا  پىكىر قىلغان.

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 13:31:07

RE: دىن ھەققىدە پەننى ساۋات(ئۇمۇن)

ئەسكەرتىش: مەن بۇ تېمىدا دىننى ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلىمەن. تېمىغا مىنىڭ ھېچقانداق دىنىي ھېسسىياتىم قېتىلمايدۇ. تېما ھېچقانداق ئىسلامى چۈشەنچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
---------------------------------------------------------------------------

  رېتسار ئۇمۇن 99 نەچچىۋاختىن بېرى مۇنبەردىكى تېمىلىرىغا بېرىلگەن باھالار بىلەن خورلۇق ھىس قىلىپ بولسىمۇ  ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپتۇ مانا ، بۇ كىرپىدەك تۈگىلىۋېلىش ئەمەس بەلكى ياخشى يۈزلىنىش دەپ قارايمەن ، چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھىسسىياتىغا تېگىۋېرىش ئاسان ۋە كۆڭۈللۈك ئويۇن ئەمەستە ... :)

لېكىن ئادەتلەر بويىچە سەنئەتكارلارنى مۇكاپاتلاش مەيدانغا سېلىنغان  قىزىل پاياندازدەك ئۇزۇندىن ئۇزۇن يېزىلغان تېمىنىڭ ئۆزىنى ئەمەس ، قىزىقارلىق ئىنكاسلارنى كۆرگىلى كىردۇق مانا  بۇ تېمىغا :lol

rock يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 13:53:21

بىچارە!

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 13:55:01

江晓原 دەپ بىر پروفېسور بار، شۇنىڭ بىر ماقالىسدە مۇنداق مەزمۇن ئۇچرايدۇ:
كۆپىنچە ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئىلىم-پەنگە بەكمۇ چوقۇنىدۇ، ئەمما ھەقىقىي ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولسا ئىلىم-پەننىڭ چەكلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار شۇنىمۇ بىلىدۇكى، ئادەتتە بىز ئاۋام-خەلققە ياساپ بەرگەن ئىلىم-پەن "تەسۋىرى"، مەسىلەن-ئىلىم-پەن ئىنتايىن ئوبىيكتىپ، خاتاسىز بولىدۇ...دېگەندەكلەرنى بولسا ئەمەلىيەتتە دەرسلىك كىتابلار تۈزۈپ چىققان. ئىلىم-پەن ساھەسىگە چوڭقۇر چۆككەن، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئالىملار بولسا، ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا نېمە ئىشلار بولىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇنداقلا مۇتلەق توغرىلىقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئاتالمىش ئوبىيكتىپ دەپ قارىلىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر، ئەمەلىيەتتە بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئوبىيكتىپ ئەمەس...

ئۇمۇن نەقلا چۈشىدىكەن بۇ گەپكە. ئىلىم-پەنگە ۋەكالىتەن سۆزلىدىم دەپ ئويلاپ قېلىشى قىزىق بۇنىڭ.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 15:03:16

buyukturn يوللىغان ۋاقتى  2015-02-15 13:25:23 static/image/common/back.gif
نىمانداق پۈچەك ، ناچار يازما بۇ .
ئۇمۇن دىگەن بۇ بالىنى
سىلەر ئۇمۇننى جىق خەت يازدىكەن دەپ چەكلىدىڭلارمۇ ياكى تېما مەزمۇننى چۈشنىپ ئاندىن چەكلىدىڭلارمۇ ؟ سىز ئاۋالبى ئۆزىڭىزنىڭ بىلدىغىنىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ ، ئاندىن خەققە بىرنىمە دەڭ.  ئىزدىنىشقا خەت يازغانغا تويغۇزۇپ قويماڭلار! مۇنبەر دېگەن مۇنازىرە قىلدىغان جاي ، خەقنى ئۇنى - بۇنى دەپ ئەيىپلەيدىغان يەر ئەمەس.  چۈشەنسەك ئىلمىي مۇنازىرلىشىلى ، بىلمىسەك كۆرسەكلا بولىدۇ ، خەت يازمىساق خەق بىزنى كومپىيۇتېردا خەت بېسىشنى بىلمەيدىكەن دەپ قالمايدۇ.

aral يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 15:18:44

ئىزدىنىشنىڭ « ئەخلەت » دەيدىغان تامغىسى كۆرەنمەيدىغۇ ؟ قىزىقارلىق تامغىكەندۇق بولمىسا ... :lol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 15:26:25

aral يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 15:18 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشنىڭ « ئەخلەت » دەيدىغان تامغىسى كۆرەنمەيدىغۇ  ...

ناچار 21 قېتىم بېسىلسا شۇ ‹‹ئەخلەت›› تامغىسى بىسىلامدىكى

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 15:59:54

   بۇ ماقالە ئالدىنقى ماقالىڭىزدىن سەۋىيەلىكرەك چىقىپتۇ.
‏   ئەمىلىيەت شۇنداق! بۇنىڭغا يا ئۇمۇن دىن مۇنداق دېمەپتۇ. دېگىنى پەقەت: a مۇنداق قارايدۇ، b مۇنداق قارايدۇ. دېمىسىمۇ شۇ.

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 16:17:13

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 15:59 static/image/common/back.gif
بۇ ماقالە ئالدىنقى ماقالىڭىزدىن سەۋىيەلىكرەك چىقىپت ...

ئاۋارە بولىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىدىغۇ دەيمەن،ئەخلەت دىگەن سەت بىر تامغا ئۇرۇلۇپ قاپتۇ.........

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 16:22:44

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 15:59 static/image/common/back.gif
بۇ ماقالە ئالدىنقى ماقالىڭىزدىن سەۋىيەلىكرەك چىقىپت ...

ئەنۋەركا، بىرسى مانداق دەپتىكەن دەپلا كۆتۈرۈپ كەلگىلى بولمايدۇ. بىرسى يالقۇن روزى پەرھات تۇرسۇننى مۇنداق دەپتىكەن، ئۆزباش ئەنۋەر جۇلانى مۇنداق دەپتىكەن دەپ تېما يازسا سىزدىن قانداق ئىنكاس قايتىدىغانلىقىنى بىزگە ئايان.
ئالىيجانابلىقىنىڭمۇ يولى بار.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 16:22:45

ئاۋارە بولىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىدىغۇ دەيمەن،ئەخلەت دىگەن سەت بىر تامغا ئۇرۇلۇپ قاپتۇ.........
‏-------
‏ئۇ تامغىڭىزنىڭ مېنىڭ نېمە دەپ باھا بېرىشىم قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. ماقالىنىڭ ماۋزۇسى «دىن ھەققىدە پەننىي ساۋات». ماقالى مۇشۇ ماۋزۇنى خېلى ياخشى يورۇتۇپ بېرىپتۇ.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: دىن ھەققىدە پەننى ساۋات(ئۇمۇن)