ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 07:54:15

كۆۋرۈكسىمان قوزغاتقۇچلۇق توك مەنبە

ئالدىنقى تىمىدا ‹‹تەۋرەنگۈچلۈك توك مەنبە›› نى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغان ئىدۇق، ئۇ تىمىدا دىيىلگىنى پەقەت بىر يۈنىلىشتىلا ماگىنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدىغان يېرىم دەۋىرلىك قوزغاتقۇچلۇق مەنبە ئىدى، بۇ تىمىدا بىز ئىندوكتىپلىق توك ھاسىل قىلىشى ھەسسىلەپ يۇقىرى بۇلىدىغان كۆۋرۈكسىمان ۋە يېرىم كۆۋرۈكسىمان توك مەنبە ھەققىدە مۇلاھىزە قىلايلى. بۇ ئىككىسىدىن قايسىسىدىلا بولسۇن يۇقىرى چاستوتىلىق تىرانسىفورماتوردىن ئۈتىدىغان توك، بىر قىتىم ئوڭ يۈنىلىشتە ئۈتسە يەنە بىر قىتىم سول يۈنىلىشتە ئۈتىدۇ.
  يېرىم كۆۋرۈكسىمان توك مەنبە؛
    يېرىم كۆۋرۈكسىمان (ئەمىليەتتە ئىككى كوندىساتور قۇشۇلۇپ پۈتۈن كۆۋرۈكسىمان بۇلىدۇ) مەنبەدە ئىككى لامپىنىڭ ئۇتتۇرىدىن بىرلەمچى ئورامنىڭ بىر ئۇچى ئۇلىنىپ، يەنە بىر ئۇچى توك مەبەگە ئارقىمۇ ئارقا ئۇلانغان كوندىساتورنىڭ ئۇتتۇردىكى نۇقتىغا يەنە بىر كىچىك سىغىملىق كوندىساتور ئارقىلىق ئۇلانغان بۇلىدۇ. 220 ۋولىتلىق توك مەنبە ئۇلانغاندىن كىيىن كۆۋرۈكسىمان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن رەتلەنگەن توك C1 گە زەرەتلىنىپ بىسىمى بارغانچە ئىشىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئارقىمۇ ئارقا ئۇلىنىپ مەنبەگە ئۇلانغان C3 ۋە C4لەرمۇ مەنبە بىسىمىغا تەڭ زەرەتلىنىدۇ، ئىككى كوندىساتور ئۇلانغان ئۇتتۇرا نۇقتىدا توك مەنبەنىڭ يېرىمىغا تەڭ بىسىم ھاسىل بۇلىدۇ.
  قۇلايلىق ئۈچۈن ماگزىنلاردا رەڭلىك ۋولفىراملىق چىراغ ياندۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان توك يۇلى ئىسخىمىسىنى تۇنۇشتۇراي.


  توك يۇلى ئىخىمىسىدىكى L1,L2,L3 لەر ئىسخىما يۇقىرى تەرپىدىكى رەسىمدىكىدەك ماگىنىتلىق ھالقىغا ئىككى ئورامدىن ئورالغان بۇلىدۇ. بىرلەمچى ئورامدىن ئۈتىدىغان توك ئىقىمى ماگىنىتلىق ھالقىدىكى ئىككى ئورام ئورالغان سىمدىن ئۈتكەندە ماگىنىت ھالقىدىكى قالغان ئىككى ئورامدا ئىندوكسىيلىك توك ھاسىل بۇلىدۇ. لاھىيەدە L1 ۋە L2 لەر نىڭ R2 ۋە R4 لەر ئارقىلىق كىرىستال ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىغا ئۇلىنىدىغان ئۇچلېرىدىن چىقىدىغان ئىندوكسىون توكنىڭ يۈنىلىشى بىر-بىرىگە قارشى لاھىيلەنگەن. R3 تىن ئۈتكەن ئاجىز توك ئىقىمى Q2 نىڭ ئاساسى قۇتۇبىغا قوزغاتقۇچى توك تەمىنلەپ يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبىدا توك ئۈتكۈزىدۇ. Q1 بولسا بۇ چاغدا قوزغالمايدۇ. چۇنكى R3 تىن كەلگەن توك  Q1 نىڭ تارقاتقۇچى قۇتۇبىغا ئۇلانغان، ئادەتتە كىرىستال ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىلارنىڭ ئاساس قۇتۇپ توك بىسىمى تارقاتقۇچى قۇتۇپ توك بىسىمىدىن يۇقىرى بولمىغاندا خىزمەت قىلمايدۇ.
  Q2 خىزمەتكە كىرىشكەندىن كىيىن L1 دىكى ھاسىل بولغان ئىندوكسىون توك بىسىمى ئاشقانچە Q2 تىخىمۇ كۆپ توك ئۈتكۈزىدۇ، بۇ جەرياندا C4 كوندىساتوردىكى زەرەتلەنگەن ئوتتۇرا بىسىم توك تىرانسىفورماتور، L3 ۋە Q2 لەردىن تۈزۈلگەن ئىلىكتىر زەنجىرى ئارقىلىق زەرەتسىزلىنىدۇ ھەم بىرلا ۋاقىتتا شۇ ئىلىكتىر زەنجىرى ئارقىلىق C3 زەرەتلىنىدۇ. C4 زەرەتسىزلىنىپ ، C3 زەرەتلىنىپ ئاخىرلاشقاندا بىر دەۋىر توك ئۈتكۈزۈش ئاخىرلىشىدۇ.
  بىر دەۋىرلىك توك ئۈتكۈزۈش ئاخىرلاشقاندا تىرانسىفورماتور ئورامى ، L3 ۋە L2 ، L1 لەردە تەتۈر يۈنىلىشلىك قۇيۇن توك ھاسىل بۇلىدۇ، بۇ ئاجىزغىنا تەتۈر قۇيۇن تۇكى Q2 نى توك ئۈتكۈزۈشتىن تۇختىتىش بىلەن بىرگە Q1 لامپىنىڭ ئاساسى قۇتۇبىنى ئاجىز قوزغىتىش بىسىمى بىلەن تەمىنلەپ Q1 نىڭ يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبىنى ئاجىز توك ئۈتكۈزۈش ھالىتىگە كىرگۈزىدۇ ھەم بۇ قىتىمدا C3 زەرەتسىزلىنىش بىلەن بىرگە C4 زەرەتلىنىدۇ. ھەم توك مىقتارى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ. ھەم C3 زەرەتسىزلىنىپ، C4 زەرەتلىنىپ ئاخىرلاشقاندا يەنە ئوراملاردا قۇيۇن توك ھاسىل بۇلۇپ دەۋىرلىنىدۇ. بۇ توك يۇلىدىكى R3 پەقەت بىر قىتىملىق قوزغىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغان ئىنتايىن ئاجىز بىر توك ئىقىمى تەمىنلەش ئۈچۈنلا قۇشۇلغاچ، شۇڭا قارشىلىق قىممىتى 510 كىلو ئومدىن بىر مىگا ئومغىچە بۇلىدۇ.
  بۇ خىل توك مەنبە 15 ۋات، 25 ۋات، 35 ۋات، 50 ۋاتلىق ھەر خىل بۇلۇپ، يۈكسىز ھالەتتە 10كىلو گىرتىسقىمۇ يەتمەيدىغان چاستوتىدا ئىشلەيدۇ، ئەمما لامپۇچكىسىنى ياندۇرىۋاتقاندا 25 كىلوگىرتىستىن 100 كىلوگىرتىسقىچە بۇلىدۇ، ئەگەر D1 قوش يۈنىلىشلىك لامپا بولمىسا چىقىرىش توك قۇۋۋىتىنى كونتۇرول قىلغىلى بولمايدۇ. ناۋادا چىقىش توكىنى يۇقىرى چاستوتىلىق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بىلەن تۇغىرلاپ مۇقىم بىسىم قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغاندا مۇقىم يۈك بولمىغاندا بىسىمنى كونتۇرول قىلغىلى بولمايدۇ.
  كونتۇرول قىلىش ئۈچۈن تەۋرىنىش سىگنالىنى ئىمپىلوس كەڭلىگى كونتۇرول قىلىنىدىغان توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى ئارقىلىق تىزگىنلەشكە تۇغرا كىلىدۇ، كومپىوتىرلارنىڭ توك مەنبەسى دەل مۇشۇنداق توك يۇلىغا تەۋە. يەنى ھەجىمى كىچىك، قۇۋۋىتى يۇقىرى، بىز 55 ۋاتلىق رەڭلىك تىلۋىزورنىڭ تىرانسىفورماتورى بىلەن كومپىوتىرنىڭ توك مەنبەسىنىڭ ئاساسى تىرانسىفورماتورىنى سىلىشتۇرساق كومپىوتىر مەنبەسىنىڭ تىرانسىفورماتورى كىچىكرەك تۇرىدۇ، ئەمما قۇۋۋىتى 5 ھەسسە يۇقىرى...
كومپىوتىر توك مەنبەسى ATX توك مەنبەسى
      
  كۆۋرۈكسىمان توك مەنبە؛
    يۇقارقى يېرىم كۆۋرۈكسىمان توك مەنبەنىڭ پىرىنسىپىدىن ھەجىمى كىچىك، قۇۋۋىتى چوڭ بۇلۇشتا ئادەتتىكى توك مەنبەلەرگە قارىغاندا ئوڭ يېرىم دەۋىر ۋە تەتۈر يېرىم دەۋىرلىك ئىندوكسىيلىك بولغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى قۇۋۋەتكە ئېرىشكىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۇق.
  كىچىك قۇۋۋەتلىك توك مەنبەلەردە رىمونىتقا قۇلايلىق، تەننەرخى ئەرزان بۇلىشى ئۈچۈن 500 ۋاتتىن كىچىك مەنبەلەردە كۈپىنچە يەككە يۈنىلىشلىك تەۋرەنگۈچ مەنبە ۋە ATX توك مەنبەسى ئىشلىتىلىدۇ.    ئىلىكتىرىك كەپشەر دىگەندەك چوڭ قۇۋۋەتلىك ئۈسكىنىلەر ۋە چوڭ قۇۋۋەتلىك تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ، چاستوتىسى تىزگىنلىنىدىغان ئىلىكتىرماتور قوزغاتقۇچلاردا بولسا پۈتۈن كۆۋرۈكسىمان قوزغىتىش ئۇسولى قوللىنىدۇ.
   
  ‹‹ئىلىكتىرىك كەپشەر ۋە ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى ›› ۋە ‹‹مىتال بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش›› دىگەن تىمىلېرىمدىن قالغىنىنى كۆرۈڭ.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 14:06:51

مۇشۇ مۇرەككەپرەك توك يولىنى چۈشىنىشكە زادىلا كاللام يەتمەيدۇ، قانداق قىلسام بولىدىكىن

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 14:53:36

akida525 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 14:06 static/image/common/back.gif
مۇشۇ مۇرەككەپرەك توك يولىنى چۈشىنىشكە زادىلا كاللام ي ...

تەدرىجى چۈشىنىپ قالىسىز، ئاددىدىن باشلاپ قايتىلاپ نەچچە رەت ئۇقۇڭ.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 15:27:00

كۆۋرۇكسىمان ...:funk:

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 19:27:03

ئابلىمىت ئاكىمىزنىڭ فىزىكا ھەققىدىكى تېمىسىغا كۆپ رەھمەت. گەرچە تولۇق ئوتتۇرىدىكى چېغىمدا ئازىراق بىلسەممۇ ، فىزىكىنىڭ مۇشۇ توك بىلەن ماگىنىت قىسمىغا ئاجىز ئىدىم . ئابلىمىت ئاكىمىزنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىدىن باشلاپ تېما يوللىغان بولسا بىزمۇ ئۆگىنۋالساق بولاتتى .:lol
  ئالدىرىماي قايتا ئوقۇپ چىقاي.........

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 20:49:17

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 19:27 static/image/common/back.gif
ئابلىمىت ئاكىمىزنىڭ فىزىكا ھەققىدىكى تېمىسىغا كۆپ رەھ ...

توكنىڭ ئاساسى تۇلۇقسىز 3-يىللىقتا، ئۈگىنىمەن دەيدىغان ئادەم ئالدى بىلەن قارشىلىقنى ياخشى ئۈگىنىشى كېرەك.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 22:47:22

مەنمۇ ئىككى يىل ئوقىغان، شۇ توك سىخىمىلىرىنى ،قالاپ كۇزۇم ئىلىشپ كەتتى، بولسا ئاستىغا سۇرەتتىكى لاتىنچە ھەرىپلەرنىڭ چۇشەندۇرىشىنى بىر بەرگەن بولسىڭىز.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 22:58:44

678123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 22:47 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئىككى يىل ئوقىغان، شۇ توك سىخىمىلىرىنى ،قالاپ كۇ ...

ATX توك مەنبەسىنى چۈشىنەلمىدىڭىزمۇ؟ رەسىمنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ، خېلى چوڭ رەسىم ئۇ...

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 22:15:36

مەن بەك قىزىقىمەن، ھەممەيلەن بىرلىكتە كۆرۈپ چۈشىنەيلى.
تىما يوللىغۇچى چۇقۇم چۈشىنىدۇ دەپ قارايمەن.مىڭ ئەدەبى ماقالە ئوقۇۋەرگەندىن مۇشۇنى ئوقۇسام بىر تېخنىكىلىق بولۇپ قالىمەن.
قايتا قايتا ئوقۇڭ دەپسىز .ھەقىقى توغرا سۆز مانا.

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 22:18:35

ئىندوكتىپلىق توك دىگەن نىمە ؟
        بەزى سۇئاللارغا جاۋاب بەرگۈڭىز بولمىسا،ئاتالغۇنىڭ خەنزۇچىسىنى ياكى ئىنگىلىزچىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.

Destur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 22:24:53

يۇقىرى چاستوتىلىق تىرانسىفورماتور دېگىنىمىز كاتۇشكىغا يۆگەلگەن سىمنىڭ سانى جىق بولغان تىرانسىفورماتور High Frequently TransferMotor  دىگىنىمىز شۇمۇ ؟
كاتوشكا دىگىنىمىز نىمىنى كۆرسىتىدۇ ،ئابلىمىت ئاكا ؟ {:90:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 00:00:39

L298N غا ئوخشاش H كۆۋرۈكلىرىنىڭ يوقىرى قۇۋۋەتلىكلىرىنى ئىشلىتبپ باقتىڭىزمۇ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 05:24:19

Destur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 22:15 static/image/common/back.gif
مەن بەك قىزىقىمەن، ھەممەيلەن بىرلىكتە كۆرۈپ چۈشىنەيلى ...

‹‹ قىزىقىش ئەڭ ياخشى ئۇستاز›› قىزىققانلا بولسىڭىز چۈشەنمىگەن نۇقتىلار ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئېرىنمەيسىز. قەيېرىنى چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز سورىسىڭىز بۇلىدۇ.
تىل؛ 18999695431
چ چ؛ 1461243296

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 05:40:28

Destur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 22:24 static/image/common/back.gif
يۇقىرى چاستوتىلىق تىرانسىفورماتور دېگىنىمىز كاتۇشكىغ ...

كاتوشكا دىگىنى ئورام سىم دىگىنى، بۇ ئۆلچەملىك ئاتالغۇ ئەمەس، 92- يىللاردا ئۈگىنىۋاتقان چىغىمدا ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىنغان يىڭى يىزىقتىكى ئۇيغۇرچە كىتاپتىن رادىئودىن باشلاپ ئۈگەنگە ئىدىم، ئۇنىڭدا بۇ ئاتالغۇ يوق.  كاتوشكىنى باشقىلاردىن ئاڭلىشىمدا ئورام سىمغا تەۋە...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 05:51:10

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 00:00 static/image/common/back.gif
L298N غا ئوخشاش H كۆۋرۈكلىرىنىڭ يوقىرى قۇۋۋەتلىكلىرىنى ئ ...

  بۇ تۇراقلىق توكلۇق چۇتكىلىق ئىلىكتىرماتور كونتۇرول قىلىدىغان نەرسىلەرنى 92- يىللاردا ماگىنىتلىق سىن قويغۇلاردا كۆپ كۆرەتتۇق. 98-يىللاردىن كىيىن مەن رىمونتچىلىق قىلمىغاچقا بۇ خىل نەرسىلەرگە ئېھتىياجىم كۆپ بولمىدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا تۈرلەر بىلەن بولغاچقا چۇتكىلىق ئىلىكتىرماتور ئىشلىتىدىغان ئىشمۇ يوق.
  ئەگەر زۆرۆر بولسا شۇنىلا 8 لامپا بىلەن چوڭلىتىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ. 2000-يىللاردىن بۇرۇن 2030نى ئىككى لامپا ئارقىلىق قۇۋۋىتىنى چوڭلىتىپ ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ چوڭلېرىنى ئۇلايتتۇق.
  

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 06:16:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-16 06:18  

Destur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 22:18 static/image/common/back.gif
ئىندوكتىپلىق توك دىگەن نىمە ؟
        بەزى سۇئاللارغا جاۋ ...

  ئالدىنقى ‹‹توك مەنبەنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلېرى›› دىگەن تىمامدا بار.  يەنە بىر گەپ، بۇ نەرسىلەر بۇندىن بۇرۇنقى، 60-يىللاردىكى تېخنىكىلار، دۆلىتىمىزگە كىرگىلىمۇ 20 يىلدىن ئاشتى.  بىلمەيدىغان ئادەم بۇ يەرگە يىزىپ يۈرمەيدۇ.
   2007- يىللېرى 7تال كىرىستال ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىدىن پايدىلىنىپ چىقىش بىسىمى مۇقىم 220 ۋولىتتا تۇرىدىغان تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ياساپ چىقسام بىر كوندىساتور سىغىمىنىڭ ماس كەلمىگەنلىكىدىن 220 ۋولىتتا تۇرىۋاتقان بىسىم يۈك ئۇلانغاندا 6 ۋولىت يۇقىرلاپ 226ۋولىت بۇپ قالغان ، شۇنىڭ بىلەن شۇ ساھەدە ئىنجىنىربولغان، ياپونىيەدە ئۇقۇپ كەلگەن دەپ كېرىلىپ يۈرگەن بىرى ‹‹يۈك ئۇلانسا بىسىمى چۈشۈپ كەتمەي يۇقىرلاپ قالىدىيا، بۇ قانداق گەپ بۇپ كەتتى››... دەپ ھەيرانلىقىنى يۇشىرالمىسا مەن‹‹ئاللىبۇرۇن ئىشخانىلېرىمىزغا، بازارلېرىمىزغا كىرىپ بولغان نەرسىنىڭ پىرىنسىپىنى مۇشۇ ساھەدە تۇرۇپ بىلمەيدىيا›› دەپ ئۇنىڭغا ھەيران بولغانتىم.
  ئەلۋەتتە، كۈپىنچە رىمونتچىلار پىرىنسىپلېرىنى بىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا مەن بىرىنسىپنى تەھلىل قىللىپ يىزىش ئارقىلىق تەھلىل قىلىشنى ئۈگەنسۇن دىمەكچى. ئادەم بۇ ئۈمرىدە رىمونتچى بۇلۇپلا ئۈتۈپ كەتسە بولمايدۇ. كەشپىيات قىلدىم دەپ 100 يىلدىن ئاشقان نەرسىلەرگە پاتىنت ئىلىماس قىلىپ يۈرگەندىن تېخنىكىنى ھەقىقى چۈشەنسە ئاندىن ھىچ بولمىسا سۈرۈشتۈرۈپ بازارغا چىقمىغان نەرسىلەرگە پاتىنت ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ.
  تۈۋەندىكىسى مەن بۇرۇن ئالغان ئىككى پاتىنتنىڭ ماتىريال ئۇلىنىشى
http://ablimitt.blog.163.com/blog/static/4862604820079128482404/
  بەزىدە تەجىربە ئىشلىسەكمۇ خاتىرلەپ قۇيىمىز.
http://ablimitt.blog.163.com/blog/static/48626048200831603552269/
بەت: [1]
: كۆۋرۈكسىمان قوزغاتقۇچلۇق توك مەنبە