Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 21:46:49

[باچكا] كۆپ كۆزنەكتە ئوخشىمىغان كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 21:59  

كۆپ كۆزنەكتە ئوخشىمىغان كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش

(ئىزدىنىش تورىدىن باچكا)
قەدىردان دوستلىرىمىز ئۈچۈن يوللاندى.:)
WindowsXP ئىشلەتكۈچىلىرىگە ئېنىقكى، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ كۆزنەكتە يېزىق كىرگۈزگەندە، ئوخشىمىغان كىرگۈزگۈچنى ساقلاپ قالىدۇ. Windows 7  ۋە 8 دە بولسا، كىرگۈزگۈچ سۈكۈتتىكى تەڭشىكى ئالماشتۇرۇلغانلىق سەۋەپلىك، كىرگۈزگۈچ ئالماشتۇرۇلسا ھەممە كۆزنەكتە ئوخشاش ئالمىشىدۇ.
Windows8 دە سىستېما تەڭشەكلىرى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. پروگراممېر دوستلىرىمىز بۇرۇنقىدەك مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن ھەپىلىشىش دەۋىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن سەۋەپلىك، بىرلا ۋاقىتتا بەشتىن ئوتتۇزغىچە كۆزنەكنى تەڭ ئېچىپ مەشغۇلات قىلغاندا، كىرگۈزگۈچنىڭ بىر تۇتاش ئالمىشىشى قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىشى تەبئىي، كىرگۈزگۈچنىڭ سۈكۈتتىكى قىممىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئىشلىرىمىزنى قولايلىقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

مەشغۇلات ئۇسۇلى تۈۋەندىكى رەسىمنىڭ تەرتىپى بويىچە، سائەتنىڭ يېنىدىكى كىرگۈزگۈچ بەلگىسىنى ئوڭ كۇنۇپكىدا چېكىپ باشلايمىز:






ھەم، خەنچە تەڭشەكتىكى رەسىمىمۇ بېرىلدى:



umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 23:00:55

باشقۇرغۇچىلار يوللىغان تىمىلارنى كۆرىۋاتامدۇ؟كۆماۋاتامدۇ؟؟
ئارقى بەتكە بىر قاراپ بىقىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 00:57:06

يوق بۇرادەر، ھېچنىم يوقكەن..:(

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 11:17:13

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 23:00 static/image/common/back.gif
باشقۇرغۇچىلار يوللىغان تىمىلارنى كۆرىۋاتامدۇ؟كۆماۋا ...

ئىنىقلا دەۋېرىڭ ھىچنىمە بولمايدۇ.
نىمە باركەن ئاخىرقى بەتتە

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 19:34:44

ئىنكاس ئارقىلىق ساقلاپ قويغاچ تۇراي.{:112:}
بەت: [1]
: [باچكا] كۆپ كۆزنەكتە ئوخشىمىغان كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش