ئەفغانىي: ئوغۇزغا تويمىغان بوغۇز
ئوغۇزغا تويمىغان بوغۇزئابدۇرەھمان ئەفغانىي
...
قۇربان ھېيت يېقىنلاپ قالدى.
كىيىم - كىچەك زاۋۇتى كېرەكسىز دۆۋە - دۆۋە رەختلەرنى 300 يۈەن بىلەنلا چىرايلىق يۈز قۇر لىباس قىلىپ، بازارغا سالدى. ئۇلارنى بىر يايمىچىغا 1500يۈەنگە توپ سېتىپ بەرگەنىدى، يايمىچىنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى. زاۋۇت ئىشچىلىرىمۇ چاندۇرماي قاقاھلاشتى. يايمىچى ھەر بىر لىباسنىڭ باھاسىنى 49 يۈەن بېكىتتى. خېرىدارلار شۇ ياققا يولىدى. يايمىچى ئۆزىنىڭ ئۇستا ئاراتۇرلىقى بىلەن يايمىلىرىنى بىردەمدىلا سېتىپ تۈگەتتى. باجچىلار كەلدى. يايمىچىدىن 100يۈەن سورىدى. يايمىچى خۇشامەت قىلىپ 150يۈەن تۆلىۋەتتى - دە، ئۆيىگە راۋان بولدى. شۇ سەۋەب، باجچىلار كېيىنكىسىنىڭ قېشىغا «200يۈەن!» دەپ باردى. يايمىچى ئۆيىگە كېلىپ، دارامەتلىرىنى قانماي - قانماي سۆيۈشكە باشلىدى. دەرۋازا قېقىلدى. بىر ھاسىلىق دىۋانە. ئۇنىڭغا بىر پۇچۇق نان بېرىۋەتسىلا، دۇئاسىغا نائىل بولالايتتى. ئەمما تىللاقلىق ھەيدىۋەتتى. شۇ چاغدا، يىرتىق كىيىملىرى مەينەت، ئوماق يۈزلىرى توپا ئىككى قىز يايمىچىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ:
___ دادا، ئۈچ كۈن ئۆتسە قۇربان ھېيت!بىزگە ئېگىن - ئاياغ ئېلىپ بەرمەمسەن؟ ___ دېدى.
___ پۇل بولسا ئان ئالغىلى بولىدۇ ئېگىن دېگەننى.
___ سەندە بۇ يىل پۇل جىققۇ، دادا!ئۆتكەن يىلى يېنىڭدا پۇل شۇقەدەر ئاز تۇرسىمۇ، ھېيتنىڭ يۈزى دەپ بىزگە، ئانامغا يېڭى نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگەنتىڭ!ئاداشلىرىمىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇلارغا شۇنداق چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ. سەنمۇ ئېلىپ بەرگىنچۇ، دادا!
___ ۋايجان ن، تولا كاپشىماي يوقىلىشە ماڭ!يا شۇلارغا بالا بولۇۋېلىش بېرىپ. جايى بار پۇللار ئۇ مەندىكى.
بالىلار خاپا بولۇشۇپ ئانىسىنىڭ باغرىغا يىقىلدى. ئانا ئۇلارغا:
___ يىغلىماڭلار، مەلىكىلىرىم! سېلەر يىغلىساڭلار، مېنىڭ يۈرىكىممۇ ياش تۆكىدىكەن. مەن ئەتە مۇشۇ كىيىمىڭلارنى پاك - پاكىز يۇيۇپ - تىكىپ بېرەي، بولامدۇ - ھە؟ ___ دەپ تەسەللى بەردى.
دادا گۇگۇمدا ئۆيدىن چىقتى. بىر تۈڭلۈكتىن ئولجىنى مارىدى. ئاندىن قىچقاردى.
___ تېز كەت! ___ دېدى چوكان ئاياللارغا خاس ناز بىلەن يايمىچىنى ھەيدەپ.
___ نەگە كېتىمەنۇي، يۈزسىز خېنىم؟
___ نەگە كەتسەڭ شۇ يەرگە كەت! باشقىلار كۆرۈپ قالسا...
___ مەيلى ئەمەسمۇ!
يايمىچى يانچۇقىدىن بەش تال قىزىل پۇلنى چىقىرىپ، چوكاننىڭ ئالدىدا گىچىڭلاتقىلى تۇردى. ئولجا ئېرىدى. چوكاننىڭ ئۇزۇندىن بېرى جىمىپ قالغان ناز-كەرەشمىسى پۇلنى كۆرۈپ بىردىنلا خۇيلىنىپ كەتتى. توغرا، ئۇ ئەركەككە تويۇپ كەتكەن بىلەن، پۇلغا تېخى تويمىغان...
يايمىچى ئۆيىگە بامدات پەيتىدە كەلدى. كېلىپلا خورەككە چۈشتى. بۇ ھالنى كۆرگەن ئايال ئېغىر خورسىندى. يايمىچى زاۋالدا ئويغىنىپ، قاۋاقخانىغا كەلدى. بىر مۇنچە بوتۇلكىلارنى بوشلىدى. بوغالتىر ھېسابنى ئىككى ھەسسە قىلىپ بوغدى. يايمىچىنىڭ «مەرد» قوللىرى ئىككىلەنمەستىن تاۋكاغا پۇل تاشلىدى.
يولدا بىر ئوغرى يايمىچىنىڭ چۆنتىكىنى نىشان قىلدى. ئوغرى ئىشنى پۈتتۈردى. مەست - ئەلەس يايمىچى بۇنى تۇيمىدى. قىسقىسى، ئۆزىنىڭ قاق - سەنەم بولۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيالمىدى.
يايمىچى يولنىڭ ھېلى ئۇ چېتىدە، ھېلى بۇ چېتىدە دەلدەڭشىپ مېڭىۋاتاتتى، ھەمساتتا بىر ماشىنا ئۇچقاندەك كېلىپ ئۇنى سوقىۋەتتى. شوپۇر ئاقىۋەتتىن قورقتى. ئەتراپقا باقتى. ئىنسى - جىن يوق ئىدى. ھاپىلا - شاپىلا قاچتى.
كېتىۋاتقان بىر كىشى يايمىچىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئاۋۋال يانچۇقىنى ئاختۇردى. ئاندىن غەزەپتىن: «ھۇ قەلەندەر!» دەپ قارغىۋەتتى. ئۇنىڭغا نەدىن كەلگەن ئىنسابكىن، 120گە تېلىفۇن ئۇرۇپ، ئەھۋالنى بايانات ئەيلىدى. كېيىنلا «بىكاردىن - بىكار» سەرپ بولغان توققۇز پۇڭىغا ئىچى قەۋەت كۆۋرىدى. قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دورا يەۋالغان بېلىقتەك ئالدىرماي نەق مەيداندا ھازىر بولدى. دۇختۇرلار يايمىچىنى دۇختۇرخانىغا ئاپىرىپ، يارىلانغان يەرلىرىنى بىر قاتار تەكشۈرۈپ چىقتى.
ئەتىسى يايمىچى مەستلىكتىن يېرىم يېشىلگەن ھالەتتە ھوشىغا كەلدى. ھوشىغا كېلىپلا يانجۇقىنى مالتىلاپ، خۇددى چار يىلان چېقىۋالغاندەك چىرقىراپ كەتتى: «ۋاي پۇلۇم!». ياتاققا بىر دۇختۇر كىردى. ھەمدە بىر قەغەزنى يايمىچىنىڭ ئالدىغا چىرايلىققىنە قۇيۇپ، كۈلۈمسىرەپ بىر ياققا ئۆتتى. يايمىچى ئاغرىۋاتقان قوللىرى بىلەن قەغەزنى ئالدى ۋە يوغانغىنە يېزىلغان سانلارغا كۆزى چۈشتى: 3000يۈەن.
يايمىچىنىڭ بېشىنى بۇس ئورىدى. ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىدىن تۆت - بەشى خېلى قاتتىق سۇنغان، شۇ تاپ ئۇ چىدىغۇسىز ئاغرىقنىڭ چاڭگىلىدا ئېچىنىشلىق ئىڭراۋاتىدۇ. دۇختۇرلار ئالدىن پۇل تۆلەنمىسە، داۋالاشنى باشلىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. رېئاللىق رەزىل! ئۇلارغا يايمىچىنىڭ جېنىدىن كۆرە پۇلى بەكرەك لازىم.
يايمىچىنىڭ كۆيۈمچان، بىچارە خوتۇنى يېقىن - يورۇقلارنىڭكىگە قەرز سوراپ باردى. ئۇنىڭ چىرايىغا ھېچكىم قارىمىدى. قارىسىمۇ ھېيتنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھېيتتا ھەممە ئادەمگە پۇل كېرەك بولىدىغانلىقىنى باھانە ئەتتى. بىر قەدىناسى بار ئىدى. ئۇ بەجايىكى جېنى تېنىدىن جۇدا بولغاندەك، تەستە مىڭ يۈەننى سۇندى. داۋالاش ئىككى كۈنلا داۋام ئەتتى.
ئايالنىڭ قەدىناسى دەرۋازىنى قاقتى. «پۇل!» دېدى. ئايال تىرنىقىنى كوچىلىدى...
●●● ●●● ●●●
جاھاننامە روجىكىدىن 21 - ئەسىرنىڭ ئۇشبۇ كارتېنلىرىنى كۆرگەن دانىشمەن جاھان، زامان، ئىنسان... ھەممىسىنىڭ شەخسىيەتچىلىكىگە ئۆكۈنمەي، ئېچىنماي تۇرالمىدى. ئۇ كۆككە قاراپ نالە قىلدى:
___ ئېھ بارچە قىسمەتنىڭ شاھىتى پەلەك، قېنى دەپ باققىنە! بۇ جاھان نېمە بولۇپ كەتتى؟زاۋۇت، يايمىچى، باجچى، جۇۋان، بوغالتىر، ئوغرى، شوپۇر، دۇختۇر، تۇغقان، قەدىناس... ھەممىسىلا پۇل دەيدىكەنغۇ!؟ ئۇلار نېمىشقا پۇلنى دەپلا سەمىمىيلىكتىن، ئىپپىتىدىن، ۋىجدانىدىن، ئىنسابىدىن، بۇرچىدىن، قېرىنداشلىقتىن تانىدۇ؟ ياكى پۇل شۇقەدەر قۇدرەتلىك نېمىمۇ؟ بۇلار زادى نېمىشقا؟
___ ئوغۇزغا تويمىغان بوغۇز پۇلغىمۇ تويمايدۇ - دە! ___ دەپ گەپنى خۇلاسىلىدى پەلەك.
2014 - يىلى ئىيۇننىڭ 18 - كۈنى، يۇرۇڭقاش
{:112:} ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن
بەت:
[1]