Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 14:53:43

خاتا پەلسەپە ،سەپسەتىلەر بىزنى ئازدۇرمىسۇن !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ehsan21 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 15:17  

ماددا ۋە ئىنساننىڭ ماددىنى تونۇشى ۋە ماددا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىدراك قىلىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلساق ،ئىنسانلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى بەش خىل سەزگۈسى ئارقىلىق ھېس قىلالىغان مۇشۇ مەۋجۈدىيەتنى ماددا دەپ قارىغان بولۇپ ،ئۇنىڭغا ھەرخىل  تەبىر بەردى.ئىنسانلارنىڭ ماددى دۇنياغا بولغان ئىزدىنىشى  فىزىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولدى دىيىشكە بولىدۇ. ماددىلار بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. ھەممە ماددا سەۋەب –نەتىجە مۇناسىۋىتىدە باغلانغان بولۇپ ،ئالەمدىكى پۈتكۈل ماددىلار مەۋجۈدىيىتى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ،بىر –بىرىگە زىچ باغلانغان بولىدۇ. ھىچقانداق ماددا باشقا ھىچقانداق ماددىغا تايانماي مۇستەقىل مەۋجۈت بولۇپ تۇرالمايدۇ.ماددىلار ئارىسىدىكى بۇ خىل مۇناسىۋەت،بىرخىل قانۇنىيەتلىك باغلىنىشنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىز بۇخىل باغلىنىش قانۇنىيىتىنى فۇنكىسىيە دەيمىز. ماددىلارئارىسىدىكى سانلىق مۇناسىۋەت (فۇنكىسىيە) ماددىلار مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ بىۋاستە بولغان  ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر.مانا بۇ خىل  ماددىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سان ئارقىلىق ئىپادىلەش ماتىماتىكىدۇر.ئەمدى بۇ مۇناسىۋەتلەر قانۇنىيەتلىك بولىدۇ .مانا بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئۆزىنى بىلىش لوگىكىدۇر. مەسىلەن، لوگىكا ۋە ماتىماتىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا،كومپيۇتىرنى مىسال ئالساق،كومپيۇتىر بىر جانسىز ،ئاڭسىز ماددىدۇر، ئەمىسە ئۇ قانداق قىلىپ شۇنچە زور ماتىماتىكىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال لوگىكىلىق تەپەككۈردىن كىلەيلى . ئادەتتە بىز توك يولىدا پەقەت ئىككى خىل ھالەتلا بولىدۇ،ئۈزۈك ياكى ئۇلانغان،يۇقىرى بېسىم ياكى تۆۋەن بېسىم،يۇقىرى ماگنىت مەيدانى ياكى تۆۋەن ماگنىت مەيدانى... بۇ ئىككى خىل ھالەتنى سان بىلەن ئىپادىلىسەك ‹1› ياكى ‹0›، دىمەك كومپيۇتىر پەقەت بىر ۋە نۈلدىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەتنىلا «تونۇيدۇ». ئەمدى بىز بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ،مۇناسىۋەتلەرنى قانداق قىلىپ مۇشۇ ئىككى سان ئارقىلىق ئىپادىلەپ ،ئۇنى ‹1›ۋە‹0›مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇپ كومپيۇتىرغا ھىساپلىتىپ،چىققان نەتىجىنى يەنە قانداق قىلىپ ئادەتتىكى ئونلۇق سىستىمىسىدىكى سان ھالىتىدە ئىپادىلەش مەسىلىسى لوگىكىلىق تەپەككۈرگە بېرىپ تاقىلىدۇ.ھەتتا خەت ،ئاۋاز ،كۆرۈنمە ،رەسىم قاتارلىقلارنىمۇ ئىككىلىك سانلىق رەقەم ھالىتىدە كومپيۇتىرغا تونىتىپ بىرتەرەپ قىلىپ بولۇپ،ئۇنى قايتىدىن يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كومپيۇتىر ‹1›بىلەن ‹0›نىلا تونۇيدىغان ‹گالۋاڭ› ماشىنا بولۇپ ،پەقەت بۇ گالۋاڭ ماشىنىنىڭ ھىساپلاش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كومپيۇتىرنىڭ  كەمچىللىكىنى يېپىپ، ئۇنى ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك .مانا بۇ لوگىكىلىق تەپەككۈرنىڭ مەھسۇلىدۇر. دىمەك لوگىكىلىق تەپەككۈر كومپيۇرنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ۋە تەرەققى قىلىپ ئاشۇنداق «قالتىس » نەرسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغان دىيىشكە بولىدۇ.
  فىزىكىنى ئەڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن پەنلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئىنسانلار يارىلىشتىنلا كۈچدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش  ئۈستىدە ۋە  بېشى ئۈستىدىكى تولىمۇ سىرلىق كائىنات ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەن ئېدى. شۇڭا مىخانىكا ۋە ئاسترونومىيەئىلمىنىڭ تارىخىنى  ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن باشلانغان دىيىشكە بولىدۇ. ئىنساننىڭ بىلىش جەريانىنى ئۇنىڭ بىلگەنلىرىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانى دىيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، تىنچ جىسىمغا كۈچ تەسىر قىلسا ھەرىكەتكە كېلىدۇ،بولمىسا ئۇ توختايدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن ئارستوتېل ئەينى چاغدا«كۈچ جىسىمنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئامىل »دەپ يەكۈن چىقارغان ئېدى. ئارىدىن ئون نەچچە ئەسىر ئۆتكەندە گالىلى ئۇنىڭغا گۇمانىنى ئوتتورىغا قويدى . يەنى يانتولۇقتىن ھارۋىنى قويۇپ بەرسەك ،ئۇ گورىزونتال تەكشى يۈزگە كەلگەندىن كىيىن ،توختاپ قالماي يەنە بىر ئاز مېڭىپ توختايدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا ھارۋىنى قايسى كۈچ ھەرىكەتلەندۈرگەن؟ بۇ ئەينى چاغدا ھەقىقەت دەپ قارالغان ، ماددىنى چۈشەندۈرۈشكە  ئاساس قىلىپ كېلىۋاتقان ئارىستوتىلنىڭ تەلىماتلىرىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. دىمەك شۇ چاغدىكى زىيالىيلارنىڭ پىكىر قىلىش لوگىكىسىغا يەنى ئۆلچىمىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشتىن بىشارەت كەلدى. كىيىنكى ۋاقىتتا نىيۇتون «كۈچ جىسىمنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزگەرتكۈچى ئامىل» دەپ يەكۈنلەپ، ئېنىرتسىيە قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويدى. « نىسبىيلىك نەزىرىيسى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى نيۇتوننىڭ يەكۈنىنىڭمۇ چەكلمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى . مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا ئىبىن سىنا بىلەن ئەبۇ رەيھان بىرۇنى مۇنازىرە قىلغان يەرنىڭ يايپاڭ ياكى يۇمىلاق بولۇش مەسىلىسى، نەچچە يۈز يىلدىن كىيىنمۇ ياۋرۇپادا نۇرغۇن تىراگىدىيىلىك تالاش- تارتىشلارغا سەۋەب بولۇپ، كولۇمبۇنىڭ ئامىرىكا قۇرۇقلۇقىنى تاپقىنىغا قەدەر داۋاملاشتى .كولۇمبۇ ياۋرۇپالىقلارغا نىسبەتەن دۇنيادا تۇنجى يەرشارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئەمەلى ئىسپاتلىغان كىشى ھىساپلانسىمۇ.  كولۇمبۇنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ 1-كىشى ئەمەسلىكى ئايان ئېدى ...دىمەك ،ئىنساننىڭ بىلىشى ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش جەريانىدىدۇر. ئۇ ئىزدىنىش جەريانىدا ،مۇئەييەن ئۆلچەمگە تايىنىپ تۇرۇپ دۇنيانى كۆزىتىدۇ،پىكىر قىلىدۇ. بۇ ئۆلچەم مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ ئۆزى بولمىغانلىقتىن ،ئۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئۆلچەم ئۆزگەرسە يەكۈنمۇ ئۆزگىرىدۇ.
ئىنساننىڭ بىلىشى ھەقىقى مەۋجۈدىيەت ئالدىدا پەقەت ھەقىقەتكە يېقىنلىشىش بولۇپ ،ئۇ ھەرگىزمۇ ھەقىقەتنىڭ ئۆزى ئەمەس .شۇڭا ئىنساننىڭ بىلىش تارىخىنى ئۆزلۈكسىز خاتالىشىش ۋە ئۇنى ئۆزلۆكسىز  تۈزىتىش جەريانى دىيىشكە بولىدۇ. لېكىن ئىنساننىڭ بىلىشى مەلۇم دائىرىدە نىسبى توغرىلىققا ئىگە بولغاچقا ئۇ ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن ،ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان دەيمىز . لوگىكا ماددىنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلىشتىكى پىرىنسىپ ھېسابلىنىدۇ.مۇشۇ ئۆلچەم ئارقىلىق ئىنسان ماددىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. ئىنسانىيەت تەپەككۈر ئارقىلىق ئاخىرى مۇشۇ مەۋجۈدىيەتنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ، ھاياتنىڭ مەنىسى ،دۇنيا ھەققىدە مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن بىر يەكۈنگە كېلىدۇ.مانا بۇ پەلسەپىدۇر..
ئىنساننى ئازدۇرۇشتا خاتا پەلسەپەدىنمۇ كۈچلۈك مەنىۋى ئەپيۇن بولمىسا كېرەك. خاتا پەلسەپە كىشىنى ئاخىرى چىقماس تۇيۇق يولدا ئازدۇرۇپ يۈرۈيدۇ. بۈگۈن چىقارغان يەكۈنىنى ئەتىسى ئېنكار قىلىدۇ،ئۇلار خۇددى باياۋاندا تېڭىرقاپ يۈرگەن كىشىلەرگە ئوخشايدۇ...  خاتا پەلسەپە قانداق كېلىپ چىقىدۇ؟ خاتا پەلسەپە خاتا بولغان پىكىر قىلىش يولىدىن كېلىپ چىقىدۇ.خاتا پىكىر قىلىش دىگەن نىمە؟ ئۇ پىكىر قىلىشتىكى لوگىكىلىق ئاساسنى خاتا بىكىتىۋىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.يەنى ماددىلاردىن يەكۈنلىگەن لوگىكىلىق باغلىنىشنى ماددىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ، ماددا قانۇنىيەتلىرىدىن ئۈستۈن بولغان مەنبەنىڭ ماھىيىتىگە تەدبىقلىۋىلىشتۇر .  خاتا پەلسەپىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى يەنە بىر ئامىل ئىنساننىڭ تەپەككۈرىنى چەكسىز دەپ قارىۋىلىپ، تەپەككۈر ماھىيىتىنى بىلىشكە قەتئى قادىر بولالمايدىغان ساھەگە ئېسىلىۋىلىپ ،ھاياتىنى ئىسراپ قىلىشتۇر. تارىختا بىرقىسىم پەيلاسوپلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپ بىر-بىرىگە زىت نەتىجىگە ئېرىشىپ ئاخىرى ئۈمىتسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ۋەقەلەر بولۇپ تۇرغان. « توكۇرلارنىڭ قولىدىكى ھاسىنى تارتىۋىلىڭلار ،پەقەت ھاسا بولغاچقىلا توكۇرلار پەيدا بولغان.» دەپ «ئاجىزلىق جىنايەت » قارىشىنى تەكىتلەيدىغان نېتزىمۇ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئېدى.  ھەتتا خاتا پەلسەپەلەرنىڭ ئازغۇن تەسىرىدە بۈيۈك ئېمپىرىيەلەر ھالاكەتكە يۈزلەنگەن ۋاقىتلارمۇ بولغان. ھازىر كۆپلىگەن دىنلاردا مەۋجۈت بولغان ،يارالمىش ئىنساننىڭ ئۆزىنى پاكلاپ ياراتقۇچى بىلەن بىرلىشىپ كېتىش، ياراتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرىنى ماددىدا بار دەپ قىياس قىلىش، ياكى ماددىدىكى سۈپەتنى ياراتقۇچىدا بار دەپ تەسۋىرلەشنىڭ ھەممىسى ئازغۇن خاتا پەلسەپىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
خاتا پەلسەپەدىكى يەنە بىر نۇقتا ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئېنتىلىشنى رەزىللىك بولىدۇ دەپ قاراپ،« رەزىللىك ،شەھۋەت،جىنسىيەت دىگەنلەر ئىنسان يارىلىشىدىلا بولىدۇ،ئۇنى تىزگىنلەش دىگەنلىك ئىنسان تەبىئىتىگە قارشى چىققانلىق ياكى مۇقەددەس ئەركىنلىكنى بوققانلىق »دەپ قارايدۇ.توغرىسى شۇكى ،ئىنسان تەبىئىتىدە ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش، ھاياتىنى ساقلاش تەبىئىتىدىن كېلىپ چىققان  يېيىشكە –ئىچىشكە ئېنتىلىش، ئۆزىنى قوغداش ، يات جىنىسقا تەقەززا بولۇش قاتارلىقلار بولۇپ ،ئۇ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ياخشىلىقى ياكى يامانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئىنساننىڭ مۇشۇ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشى ئاڭلىق ھالدا تەرتىپلەش پائالىيىتى بولۇپ،ئۇ ھايۋاندىن پەرقلىنىدۇ.ئەگەر مۇشۇ مەسىلىلەر گۈزەل تەرتىپتە تەرتىپلەنسە ئۇ ئىنسانغا خاتىرجەملىك ،بەخىت،ئىنسان نەسلىگە يۈكسىلىش ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر بۇ تەبىئەتنى ئەسەبىيلەرچە مەيلىگە قويىۋەتسەك ،ئىنسان ھايۋاندىنمۇ تۆۋەن پەسلىككە چۈشۈپ قالىدۇ. مەسىلەن ،ھايۋانلار بەچچىۋازلىق قىلمايدۇ،  لېكىن ئىنسانلار قىلماقتا ...  
ئىنسان تەبىئىتى ئەسلى ياخشىلىقنى خالايدۇ. مەسىلەن، ئاپتوبوستا بىر مىيىپ كىشىنى يېنىڭىزدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ ئالىيىپ ئولتۇرغاندىن،ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئۆزىڭىز ئۆرە تۇرسىڭىز ،يۈرىكىڭىز بەكرەك راھەت ھېس قىلىدۇ. ھەتتا ئوغرىمۇ ئۆز شېرىكىنى ئۆزىگە خىيانەت قىلمىسىكەن دەيدۇ. شۇڭا ئىنسان تەبىئىتى ئەسلى ياخشىلىققا تەشنا، ھايات ياخشىلىق يەتكۈزۈش بىلەن مەنا تاپىدۇ.
خاتا پەلسەپەدىكى يەنە بىر شەيتانىۋى قاراش سەۋەبسىزلىكتۇر .ئۇلارنىڭ قارىشىچە« ئالەمدە ھىچنىمە ھىچنىمىگە تايانمايدۇ. ھەممە نەرسە مۇشۇنداقلا سەۋەبسىز مەۋجۈت، دىن ،ئەخلاق دىگەنلەر ئىنسانلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ،ئۆزىنى كىشەنلىۋالغان نەرسىلەردۇر،ئۇلار ئەمەلىيەتتە ھىچنىمە ئەمەس .ئىنسان ئەسلى ئۆز تەبىئىتى بىلەن ھايات تىرىتورىيىسىنى ئۆزى سىزىپ ، قاندان ياشىغۇسى كەلسە شۇنداق ياشاش كېرەك .يەنى ھايات ھوزۇرىنى سۈرۈش ئۈچۈن نىمە قىلساڭ بولىۋىرىدۇ.ئىشقىلىپ سەن قىلغان ئىكەنسەن ئۇ توغرا...»
ئەمەلىيەتتە ھەممە ماددا سەۋەب –نەتىجە مۇناسىۋىتىدە باغلانغان بولۇپ ،ئالەمدىكى پۈتكۈل ماددىلار مەۋجۈدىيىتى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ،بىر –بىرىگە زىچ باغلانغان بولىدۇ. ھىچقانداق ماددا باشقا ھىچقانداق ماددىغا تايانماي مۇستەقىل مەۋجۈت بولۇپ تۇرالمايدۇ. پەلسەپەدىكى«مەن كىم؟» ،«مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟» دىگەن سۇئالمۇ سەۋەبىنى ئىزدەشتىن كەلگەندۇر.يەنى ھەتتا پەلسەپەنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭمۇ سەۋەبى باردۇر.سەۋەبنى ئىنكار قىلىش ،ئەڭ بىمەنە  ،مەنتىقىسىزلىق ئەخلىتىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ سېسىق ئەخلەتتۇر. بۇ خىل پەلسەپىدە يۇقۇملانغان كىشى ئۆزىنى بەك بىلەرمەن چاغلايدۇ، ھەممە نەرسىنى ئېنكارقىلىپ ،مەسخىرە قىلىپلا ئىشنى تۈگىتىدۇ . ئۇلار ھەقىقەتنى نەيرەڭۋازلىق بىلەن سۆز ئويۇنى ئويناش ئارقىلىق بۇرمىلىماقچى بولىدۇ.  نەيرەڭۋازلىق ھەققىدە مۇنداق بىر  مىسالنى كۆرگىنىم ئېسىمدە،
ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن سورايدۇ :
ــ مۇئەللىم «نەيرەڭۋازلىق »دىگەن نىمە؟
ــ مەن مۇنداق بىر مىسال ئالاي ، ئىككى ئادەم  سەپەردىن تەڭلا  قايتىپ كەلدى ، بىرى پاكىزلىقنى سۆيىدۇ،تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ. لېكىن ئۇ ئانچە مەينەت بولۇپ كەتمىگەن، يەنە بىرى تازىلىققا ئېتىبار بەرمەيدۇ، لېكىن ئۇ مەينەت بولۇپ كەتكەن . سېنىڭچە ئۇلارنىڭ قايسىسى يۇيىنىدۇ؟
ـــ مېنىڭچە ، كىر بولۇپ كەتكەن ئادەم يۇيىنىدۇ، چۈنكى ئۇ يۇيىنىشقا ئېھتىياجلىق.
ـــ خاتا ! كىر بولۇپ كەتمىگەن ئادەم يۇيىنىدۇ، چۈنكى ئۇ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، يۇيىنىش ئۇنىڭغا ئادەت بولۇپ كەتكەن ، ئەكسىچە كىر بولۇپ كەتكەن ئادەم بولسا ، تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، يۇيۇنۇش –يۇيۇنماسلىق ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر . چۈشەندىڭمۇ ؟ كىم يۇيىنىدىكەن؟
ــ چۈشەندىم ، كىر بولۇپ كەتمىگەن ئادەم يۇيىنىدىكەن.
ـــ خاتا ! ھەر ئىككىسى يۇيۇنىدۇ. چۈنكى بىرىنجى كىشى پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ .شۇڭا ئۇ يۇيىنىدۇ. ئىككىنجىسى  كىر بولۇپ كەتكەن ئۇ يۇيۇنۇشقا ئېھتىياجلىق .ئەمدى چۈشۈندىڭمۇ؟
ــ ھە چۈشەندىم ، ھەرئىككىسى يۇيۇنىدىكەن.
ــ خاتا ! ھەر ئىككىسى يۇيۇنمايدۇ. چۈنكى بىرىنجى كىشى پاكىز ،يۇيىنىشقا ئېھتىياجى يوق . ئىككىنجى كىشى يۇيۇنۇش بىلەن خوشى يوق شۇڭا ئۇمۇ يۇيۇنمايدۇ. ئەمدى چۈشەندىڭمۇ؟
ــ مەن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم ــ ،دېدى ئوقۇغۇچى ھاڭۋاققان ھالدا.
ــ ھە مانا مۇشۇنى «نەيرەڭۋازلىق » دەيمىز ــ ،  دېدى ئوقۇتقۇچى مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ .
سۆز ئويۇنى ئويناشنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ،مۇقەددەس كىتابتا بۇرۇنقى قەۋىملەرنىڭ سۆز ئويۇنى ،ئىككى بىسلىق سۆز قاتارلىقلارنى  قوللىنىپ ، ھەقىقەتنى بۇرمىلىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
«يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق بىزگە قۇلاق سال بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ. دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقۇرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق قۇلاق سالدۇق ئۇنزۇرنا دېسە ئۇلار ئۈچۈن (ائاللاھنىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ توغرا بولاتتى لېكىن كۇفرى سەۋەپلىك ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ.(سۈرە نىسا 46)»
سۆزئويۇنى ئويناش، ئىنكار قىلىش ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.ئىشنى بۇزۇش ،ئىشنى پۈتتۈرمەكتىن ئاسان. شۇڭا ئۇلار بۇخىل «ئاسان» يولنى تاللىۋالغان بولۇپ،ئۆمرىنى مۇشۇنداق مەنىسىزلىككە زايا قىلىپ ئۆتىدۇ، كۆرۈنۈشكە بەك كۆرەڭ، ئەمەلىيەتتە ئىچكى دۇنياسى قۇرۇق، ھەسەت، ئاچچىق، رەزىل، شەھۋانى، بىچارە ھالەتتە ياشاپ،ئەگىز لاي سۇدەك ئېقىپ  ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
«ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ بەدەن قۇرۇلۇشى (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە (سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن (ئىلىمسىز ئەقىلسىز پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر .ئۇلار(قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ ئۇلار (ساڭا ۋە مۇئمىنلەرگە) دۈشمەندۇر .ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن ائاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ!(63:4)»

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 01:08:08

ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن سورايدۇ :
ــ مۇئەللىم «نەيرەڭۋازلىق »دىگەن نىمە؟
ــ مەن مۇنداق بىر مىسال ئالاي ، ئىككى ئادەم  سەپەردىن تەڭلا  قايتىپ كەلدى ، بىرى پاكىزلىقنى سۆيىدۇ،تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ. لېكىن ئۇ ئانچە مەينەت بولۇپ كەتمىگەن، يەنە بىرى تازىلىققا ئېتىبار بەرمەيدۇ، لېكىن ئۇ مەينەت بولۇپ كەتكەن . سېنىڭچە ئۇلارنىڭ قايسىسى يۇيىنىدۇ؟
ـــ مېنىڭچە ، كىر بولۇپ كەتكەن ئادەم يۇيىنىدۇ، چۈنكى ئۇ يۇيىنىشقا ئېھتىياجلىق.
ـــ خاتا ! كىر بولۇپ كەتمىگەن ئادەم يۇيىنىدۇ، چۈنكى ئۇ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، يۇيىنىش ئۇنىڭغا ئادەت بولۇپ كەتكەن ، ئەكسىچە كىر بولۇپ كەتكەن ئادەم بولسا ، تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، يۇيۇنۇش –يۇيۇنماسلىق ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر . چۈشەندىڭمۇ ؟ كىم يۇيىنىدىكەن؟
ــ چۈشەندىم ، كىر بولۇپ كەتمىگەن ئادەم يۇيىنىدىكەن.
ـــ خاتا ! ھەر ئىككىسى يۇيۇنىدۇ. چۈنكى بىرىنجى كىشى پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ .شۇڭا ئۇ يۇيىنىدۇ. ئىككىنجىسى  كىر بولۇپ كەتكەن ئۇ يۇيۇنۇشقا ئېھتىياجلىق .ئەمدى چۈشۈندىڭمۇ؟
ــ ھە چۈشەندىم ، ھەرئىككىسى يۇيۇنىدىكەن.
ــ خاتا ! ھەر ئىككىسى يۇيۇنمايدۇ. چۈنكى بىرىنجى كىشى پاكىز ،يۇيىنىشقا ئېھتىياجى يوق . ئىككىنجى كىشى يۇيۇنۇش بىلەن خوشى يوق شۇڭا ئۇمۇ يۇيۇنمايدۇ. ئەمدى چۈشەندىڭمۇ؟
ــ مەن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم ــ ،دېدى ئوقۇغۇچى ھاڭۋاققان ھالدا.
ــ ھە مانا مۇشۇنى «نەيرەڭۋازلىق » دەيمىز ــ ،  دېدى ئوقۇتقۇچى مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ .
بىلىۋالدىم

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 08:20:29

ئىنساننى ئازدۇرۇشتا خاتا پەلسەپەدىنمۇ كۈچلۈك مەنىۋى ئەپيۇن بولمىسا كېرەك. خاتا پەلسەپە كىشىنى ئاخىرى چىقماس تۇيۇق يولدا ئازدۇرۇپ يۈرۈيدۇ
ماۋۇ گەپ مىنى بۇرۇن تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارىمنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن يادقا ئېلىۋالغان بىر ھىكايەتنى ئەسلىتىپ قويدى :
ئاپتۇرى جىبران خېلىل جىبران،
قەدىمقى ئۇپاكا( يۇناننىڭ شەھرىمىكىن) شەھرىدە ئىككى پەيلاسوپ بار ئىدى، بىرى دىنسىز، يەنە بىرى خۇداگۇي ئىدى، ئۇلار دائىم مۇرتلىرىنى ئەگەشتۈرگەن ھالدا بىريەرگە يىغىلىپ «خۇدانىڭ بار يوقلىغى» توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشاتتى، ئۇزاق يىللار ئۆتۈپ، بۇ ئىككى پەيلاسوپ يەنە ئۇچرىشىپ قالدى، بۇ چاغدا دىنسىز پەيلاسوپ خۇداگۇيغا، خۇداگۇي بولسا دىنسىزغا ئايلانغان ئىدى .:lol
( ئاساسلىق مەزمۇنى مۇشۇنداققۇ دەيمەن )

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 10:58:13

  ھەقىقەت ئاددىي ھەم ساپ بولىدۇ، سەپسەتە مۇرەككەپ ھەم خىلمۇ-خىل كېلىدۇ .

مەسىلەن : قۇياشنىڭ شەرىقتىن چىقىشى بىر ھەقىقەت، ئەمما قۇياشنىڭ شەرقتىن چىقىشىنى تۈرلۈك-تۈمەن سەۋەپلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرمەكچى بولۇش سەپسەتە .  

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 12:22:03

ئېتەك بىلەن كۈن نۇرىنى ياپقىلى بولمىغاندەك، پەلسەپە بىلەن ھەقىقەتنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ. ھەر قانچە ئۇلۇغ پىكىرمۇ ئۆزى قارشى چىققان ئەمەلىيەت ئالدىدا بويۇن قىسىپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.
سەپسەتىچىلەرنىڭ بىر تۈركۈمى پەلسەپە تونىغا ئورىنىۋېلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ۋە براۋنى ئالدايدۇ. بۇنداقلار، پەلسەپىنىڭ يۈزىنى بەك تۆكىۋەتتى.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 13:17:51

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 08:20 static/image/common/back.gif
ماۋۇ گەپ مىنى بۇرۇن تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارىمنى چېنىقتۇرۇ ...

ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالماپتىما ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 13:52:55

asalam يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 13:17 static/image/common/back.gif
ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالماپتىما ؟

يۈزى قېلىنلىق قىلىپ ياشاۋېرىپتۇ .:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 08:31:50

     نەيرەڭۋازلىقنىمۇ ئەمەلىيەتتە لوگىكا ئارقىلىق بىتچىت قىلغىلى بۇلىدۇ

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 09:26:31

چۈشنىشلىك تېما بوپتۇ ، خېلى نەرسىلەرنى بىلۋالدىم. :lol

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-15 09:28:15

قايسىڭلار سوفىيەنىڭ دۇنياسى. دېگەن كىتاپنى ئوقۇپ باققان ؟

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 00:29:05

ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن. ئاۋۇ ئاتالمىش « ئىلىم - پەن » چىلەرمۇ ئوقۇپ قويسا بولغىدەك.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 03:18:55

تەغدىرلەشكە ئەرزىگۈدەك تېما ئىكەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 09:06:28

    ئېسىل تېما، يارقىن تەپەككۇر!
  

Fedaiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:38:49

بارلىق پەنلەر تەبىئەتنى، ئىنساننى (يىغىپ ئېيتقاندا يارىتىلىشنى)، ۋە قانۇنىيىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يىتىش مەۋقەسى ئارقىسىدا تەرەققىي قىلغان. ئىلمىيلىك دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر پەنلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى: «تەبىئەت، ئىنسان، مەۋجۈلۇق دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ رولى، سىرى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىزدەش»دىن ئىبارەت پەلسەپىۋىي سوئالغا (بۇلانىڭ ھەممىسى «ھەقىقەت دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئالدا مۇجەسسەملىنىدۇ.) قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تېپىش ئۈچۈندۇر. پۈتۈن پەلسەپە تارىخىمۇ ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقىلار ئۈستىدە ئويلىنىشتىن ھاسىلىلەنگەندۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پەن ۋە پەلسەپە ھەرخىل پىكىرلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويىدۇ.
شۇڭا، شەخسنىڭ تەۋە بولغان پەلسەپىۋىي چىقىش نوقتىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبلىك ھەقىقەتكە بولغان چۈشەنچە ئوخشاش بولمايدۇ. (مەسىلەن: بەزىلەر ئىدىئالىسىت، بەزىلەر ماتېرىيالىست بولىدۇ.) نۇرغۇن كىشى ئۆزى تاللىغان مەيدان ۋە كۆز-قارىشىنى توغرا دەپ قارايدۇ. ۋە شۇ قاراش ئاساسىدا پائالىيەتلەرنى، كۆرەشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ھەتتا قان تۆكۈشىدۇ.
ئەمما دىندا بۇلارنىڭ جاۋابى بىردۇر. (يەنى: بارلىق مەۋجۈدادنى ئاللاھ ياراتقاندۇر. مانا بۇ بىردىنبىر ھەقىقەتتۇر.) بۇنىڭغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ۋىجدان، ئىمان مەسىلىسىدۇر.
ئىشەنمەسلىكنى قارار قىلىپ بولغان ئادەمگە پولاتتەك دەلىل كەلتۈرگەن بىلەنمۇ ئۆزگەرمىكى تەس. خۇددى: «ئۇلارنىڭ قەلىبلىرى پىچەتلەنگەندۇر، كۆزلىرى كوردۇر، قۇلاقلىرى گاستۇر. ھەقىنى ئاڭلىمايدۇ، كۆرمەيدۇ.» (ئايەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنىلا ئالدىم.) دەپ كۆرسەتكىنىدەك. دارۋىنىزىم ئىلمىي مېتودلار بىلەن ۋەيران قىلىنغان بولسىمۇ مىلياردلىغان كىشى يەنىلا دارۋىنىزىمغا جاھىللىق بىلەن چىڭ ئېسىلماقتا. ئىلمىيلىكنى مازاق قىلماقتا، ئۆزىنىڭ مايمۇندىن ئۆزگەرگەنلىكىدە چىڭ تۇرماقتا.
مەيلى ئىلگىرىكى دارۋىنىزىم (مايمۇنىزىم) بولسۇن، مەيلى ئالەمنىڭ تاسادىبىي پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «تاسادىبىيچىلەر» بولسۇن، ياكى «چوڭ پارتلاشچىلار» بولسۇن، ھازىر چىقىۋاتقان «كۋانت تەڭلىمىسىچىلەر» بولسۇن، مەيلى «... چىلەر» بولسۇن، ھەممىسى ھەققەت ھەققىدە ئىزدەنمەكتە. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مۇتلەق ھەقىقەت دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. خۇددى دارۋىنىزىم (مايمۇنىزىم)نىڭ ئۆرۈلگىنىگە ئوخشاش ئۇلارنىمۇ بىركۈنى ئۆرۈلمەيدۇ دېگىلى بولسۇنمۇ. بۇلار پەقەت ئىزدىنىش جەريانىدا ئۆز قاراشلىرىنى ياقىلاپ، نەزەرىيە ئاساسىنى چىڭىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما، بەزى نەزەرىيەلەرنىڭ تەتقىقات جەريانى بىزگە شۇنداق ئىماگلارنى (ئۇچۇرلارنى) بەرمەكتە: «كائىنات تاسادىبىي پەيدا بولغان، يارىتىلمىغان، بارلىق دىنى كىتابلار يالغان، پەيغەمبەرلەرمۇ يالغان سۆزلەپ دىن ئاستىدا كىشىلەرنى ئالدىغان ساختىپەزلەر»...
يىغىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار ئۆز قارىشى ۋە مەيدانى بويىچە پىرقە تائىپەلەرگە بۆلۈنمەكتە. ئەلۋەتتە قايسى پىرقىگە تەۋە بولۇشنى تاللاش ئىنساننىڭ ئۆز ئەركىنلىكىدىكى ئىش. زورلاش يوق. دىندىمۇ ھەم زورلاش يوق. كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا بۇنىڭ ئايرىلىشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسىدۇر. خۇددى نەتچە يۈز يىل كىشىلەرنى گالۋاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان دارۋىنىزىم (مايمۇنىزىم) كۈنىمىزدە ئايرىلغىنىدەك.
شۇنداق قارايمەنكى: پەن ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانكەن، ھامان مەقسىتىگە يىتىدۇ. يەنى: ئايەتلەرنى بىر-بىرلەپ ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. شۇڭا، پەن ۋە دىن ھەققىدىكى مۇنازىرىدە سەۋىرچان بولمىقىمىز لازىم. يۇقىرىدىمۇ ئېيتقىنىمدەك، دىن مەسىلىسى ۋىجدان (ئىمان) مەسىلىدۇر. (بىر ئۆمۈر ئادەمنىڭ مايمۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەتقىق قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئالىم بىلەن، شاھادەت بىلەن كەتكەن ئاددىي دېھقاننى پەرقلىق قىلغان ۋىجدان، ئىمان بولماي يەنە نېمىمۇ بولالىسۇن.)
ئەلۋەتتە، ئەشۇ شاھادەت ساھىبلىرى ئۆزىنىڭ قايسى پىرقىگە تەۋە ئىكەنلىكىدىن ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسە كېرەك.

باشقا تېمىغا يازغان ئىنكاسلىرىم ئىدى، قايتا تۈزىتىپ، رەتلەپ بۇ يەرگىمۇ يوللاپ قويدۇم. تېمىغا دەل ماسلاشقۇدەك.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:18:15

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 09:28 static/image/common/back.gif
قايسىڭلار سوفىيەنىڭ دۇنياسى. دېگەن كىتاپنى ئوقۇپ باقق ...

قانداق دەيسىز.
بەت: [1]
: خاتا پەلسەپە ،سەپسەتىلەر بىزنى ئازدۇرمىسۇن !