GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 12:27:52

ئەمما

ئەمما
مۇھەممەتجان راشىدىن   

يوغان ھويلاڭنى ماختايسەن، كۆرۈنمەيدۇ ئاناڭ ئەمما،         
ئاناڭ يوق ھويلىغا ئەسلا ياراشماپتۇ باراڭ ئەمما.  
پىشۇرساڭ،تۇتسىمۇ قايماق گويا ناندەك قېلىنلىقتا،         
ئاناڭغا بەرمىگەن سۈتتىن ئەمەس رازى كالاڭ ئەمما.
         
ئاناڭ يوق ھويلىدىن خۇشكەن ئەجەب كۆڭلى ئايالىڭنىڭ،      
مومام!دەپ يىغلىسا، ئۇندىن تاياق يەپتۇ بالاڭ ئەمما.         
ياياق كەلدى، ياياق كەتتى سېنى ھەر كۆرگۈسى كەلسە،  
ئاناڭنى سۆرىمەي سۇندى بالاڭ چۈشكەن چاناڭ ئەمما.

ئۆيۈڭدە قىشلىدى بەزەن گويا قىشلاقتىكى قويدەك،         
جىمى يۇرت كۆزى شاھىتتۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستى يالاڭ ئەمما.         
بالام، دەپ بوينىغا ئالغان كۆيۈمچانلارغۇ كۆپ بىزدە،         
ئانام!دەپ باغىرنى ياققان كىشى بىزدە شالاڭ ئەمما.  

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 14:23:47

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن مۇشۇ ئىككى شائىرنىڭ شېئىر كىتابى بارمىدۇ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 18:55:49

ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 14:23 static/image/common/back.gif
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن مۇشۇ ئىككى شائىرنىڭ شېئىر كىت ...

كىتابخانىدا كۆپقۇ

faruh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 19:41:44

ArpatKurban يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 14:23 static/image/common/back.gif
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن مۇشۇ ئىككى شائىرنىڭ شېئىر كىت ...

http://book.menzil.biz/2013/10/08/4003.html

http://book.menzil.biz/2013/10/08/4003.html

http://book.menzil.biz/2013/07/13/2666.html

مۇھەممەتجان راشىدىننڭ شېئرىمۇ باتتى ۋاقىت چىققاندا ئىزدەپ تىپىپ يوللاپ بىرەي سىزگە

TMD يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 19:57:19

بىر ئۆمۈر خەققە پەندى نەسىھەت قىلىپلا ئۆتتى بۇ ئادەم، ئۇيغۇرنى نەسىھەت بىلەن ئۆزگەرتىش خىيالىدا، لېكىن ئۇيغۇرنىڭ مويى ئۆزگەرگىنى يوق.
مۇشۇ پەندى نەسىھەت خاراكتىرلىك ،شىئېر ھېكايە پوۋسىت، دىرامما ناخشا ئېتوت ئۇسۇل دېسە قۇلىقىمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىندۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 10:46:38

faruh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 19:41 static/image/common/back.gif
http://book.menzil.biz/2013/10/08/4003.html

http://book.menzil.biz/2013/10/08/4003.html


ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت:)

rakita يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 10:59:49

باشلاندى:lol:lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 13:50:05

مەمەتجان راشىدىن شېېئر جىنايەتچىسى بولسا ، قايسىڭلار شېئىر دوختۇرى ياكى شاپائەتچىسىنىڭ شېئىرىنى يوللايسىلەر

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 14:20:03

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 13:50 static/image/common/back.gif
مەمەتجان راشىدىن شېېئر جىنايەتچىسى بولسا ، قايسىڭلار  ...

:lol شېئىرغا ھۆددىگەر پىرىم كىم بولغۇيتتىكىن تاڭ:lol
بەت: [1]
: ئەمما