GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 12:26:09

نەزەر مۇفتىمغا خەت

بۇيەردىن ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلىۋلىڭ
http://www.tudou.com/v/HPpgAr1iiec/v.swf


نەزەر مۇفتىمغا خەت


ھەجۋى شېئىرلار





  داڭلىق ھەجۋىيات(ساترا)
ئاپتۇرى ئەھمەت شاھ قاراقاشى


        رىۋايەت قىلنىشچە، خوتەن قاراقاشلىق ئەھمەدشاھ ئاخۇن تەلەبە
(ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى) بولۇپ،<<قەشقەر خانلىق  مەدرىسە>>گە (يەنە بىر رىۋايەتتە بۇخاراغا)ئوقوشقا بارىدىكەن.ئۇ يەردە ئاقسۇلۇق نەزەر ئاخون دىگەن تالىپ بىلەن ھوجىرداش بولوپ، ئوقوپ قايىتقانلىرىدىن كىيىن نەزەر ئاخون ئاقسۇغا  مۇفتى، ئەھمەد شاھ ئاخۇن خوتەنگە مۇدەررىس بولىدىكەن. ئۇ، ئاتخۇمار ۋە  ئاقسۇ ئېتىنىڭ داڭقىدىن خەۋەردار كىشى بولغىنى ئۈچۈم قەدىناس ساۋاقدىشى نەزەر  مۇفتىغا   60تەڭگە ھاۋالە قىلىدىكەن .      

      مۇفتى ئاتنى ئەۋەتىپ بەرمىگىنى ئۈچۈن ئۇ  ئۇنىڭغا بىرچارچە   خەت يازىدىكەن. شۇنىڭدىن بىريىل كىيىن: كارۋان ئارقىلىق  ئات ئەۋەتىلگەنلىكىنى ھەققىدە نەزەر مۇفتىدىن خەۋەر كىلىدىكەن،ئات قاراقاشقا كەلگەندە ئالدى بىلەن بىركىشى <<خوش خەۋەر >>ئىيتىپ<<سۆيۆنچە>> سوراپ كىلىدىكەن ۋە  ئاندىن  بىركىشى ئاتنى سۆرەپ ،يەنە كالتەك  تۇتقان ئىككى كىشى ئارقىسىدىن  ھەيدەپ ھويلىغا كىرىپ كىلىدىكەن. قارىسا << ئاجايىپ   بىر ئات >>. كۈلكە،پىچىڭلەر كۆپىيدىكەن. ئىزاغاقالغان  ئەھمەد شاھ ئاخون بۇ ئات توغورسىدا بىر نەزمە يىزىپ ،ئۇنى ئوقوپ بىىرپ كىلىش ئۈچۈن ماھىر ئىككى شاھىرچىنى ئاقسۇغا ئەۋەتكەن (بۇلارنىڭ ئارسىدا ئاشۇنداق ھەزىل-چاقچاقلار بولسا كىرەك ). نەزەر مۇفتى خوتەندى كەلگەن مىھمانلار شەرپىگە <<باغ زىياپىتى >>ئۆتكۆزگەن .شۇسورۇندا شىئېر ئوقۇلىدىكەن.
         باشتا<< ئۈنلۈك ئوقوش >> نى تەلەپ قىلغان مۇفتى شىئېرنىڭ بىريىرىگە بارغاندا<<توختا، ئوقوما،بەش سەر بىرەي خۇدا ھەققى ئوقوما…………………….>>،دەپ توۋلايدىكەن.
ئاممىنىڭ تەلىۋى بويىچە شىئېر تولوق ئوقولىدىكەن.جامائەت قاقاقلاپ كۈلۈپ چاۋاك چالىدىكەن.








نەزەرمۇفتىغا خەت
ئەھمەت شاھ قاراقاشى

دۇئائى بىئەددە ،خوجام،نەزەر مۇفتىغا ئەلۋەتتە،
تەھىيياتۇ سالىمىم  ئانچۇنان ئاھۇ - نادامەتت،
ۋىسال بولغاي دۇئا بىلەن سالىمىم ياخشى سائەتتە،
سىنى ياد ئەيلىدىم ھەركۈن  سەھەرلەردە  ئىبادەتتە،
كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.

ساڭا مەن نامە يازدىم،نامۇناسىپ  لەۋزىدىن ئەييار،
بىھەمدۇللا، تىرىكلىكتىن نىشانە  ئەيلىدىم  ئىزھار،
بىلىشنى ئىستىسەڭ، مۇندا شۈكرى كىم،بىز ئەمەس بىمار،
تىنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سىېنىڭ ،ئاندا نە ھالىڭ بار،
مۇشەقەتلىكمۇ سەن ، يا ئۆتتىمۇ  ئۆمرۈڭ  پاراغەتتە؟

قىرىلىق ھالدىن سورىسام يىتىشتى نەچچىگە ياشىڭ،
سىنىڭ ھالا بۇكۈنلەردە  ئاقارمىشمۇ قارا باشىڭ،
ئايال ،ئۇششاقلىرىڭ ساقمۇ،يەنە قەۋمۇ قىرىنداشىڭ،
قانداقتۇر ئىشتاھايىڭ، سىڭەمدۇ  ھەرۋاخ  ييىگەن ئاشىڭ،

تەنلىرىڭ ساق، چىرايىڭ  تازىمۇ  ھۆسنى  مالامەتتە؟
ئاڭىلىغن، ئەي رەپىقا، سۆزنى ئەھمەت شاھ قاراقاشتىن،
بايان ئەيلەيكى ھالىمنى  ساڭا  ئەمدى  يىڭىۋاشتىن،
ئەقىدەم بار ئىدى  شۇنچەيىقىن تۇققان قىرىنداشتىن،
سىنىڭ كۆڭلۆڭ ماڭا قاتتىق ئىكەن گويا قارا تاشتىن،
كۆرۈپ مەن،بىلگىنىم يوق مەن ئۇنى ئەينى زۆرۆريەتتە.

سىنى مەن دوسىتۇ يارىم دەپ،كۆڭلۆمدە ئىتقاد ئەتكەچ،
مۇھەببەت رىشتىسىدىن ھەرزامان كۆڭلۈمنى شاد ئەتكەچ،
سۈپىتىڭنى قىلىپ دائىم خوتەن ئەھلىگە، ياد  ئەتكەچ،
ئەۋەتتىم ساڭا ئاتمىش تەڭىگىنى،كۆپ ئىئىتماد ئەتكەچ،
ئەۋەتكەي  بىر ياخشى ئات دەپ، ھامان ئۆتتۈم خيالەتتە.

پۇلۇمنى توختىتىپ بىر يىل،ئەۋەتىپسەن ماڭا بىر ئات،
ئىشەكچە يوقتۇر رەپتارى، بۇئاتنىڭ ھەربىر مىجەزى يات،
كى يولدا توختىۋالدى قامچا بىلەن ئۇرسام  پات-پات،
كۇلا-ئارغامچىنى ئۈزدى قوزوققا باغلىسام قات-قات،
ئۇلاپ ئارغامچنى ھاردىم، كۈنى قالدىم  ھاكەتتە.

بايان ئەيلەي يەنە بىر-بىر بۇئاتنىڭ ئەيىبىنى ،ئاڭقا،
قىڭىر قۇيرۇق،سىڭا سۆڭگەچ،پۇتى مايماق،بويى لاڭقا،
بىرى تەپكەك،بىرى مۆڭگەك،بۇ ئەيىپلەر ئۈستىگە ماڭقا،
ساماندىن بەش كۆشۆك يەپ،ھەر قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،
تۇغۇلماس ھىچ  ۋىلايەت  ئىچرە  بىر  ئات  بۇ  قىياپەتتە.

مىنىپ چىقسام ئىلىپ ئۇردى،يىقىلدىم،نەچچە كۈن ياتتىم،
قويوپ بەرسەم، بۇزۇپ باغنى، ھەمىشە  ئەلنى  قاقشاتتم،
سۇغارغاندا قىچىپ سۆرەپ، ئاران  ھارغاندا  توختاتتم،
تىگشتىم ئۆي بىلەن بەش-ئالتە نۆۋەت،ئون قىتىم ساتتىم،
قىلىپ دەۋا  كىلىۋەردى  ماڭا  ياندى  شەرىئەتتە.

ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام تۈزۈك يۈگىرىپ چاپالمايدۇ،
ۋەيا ئۇي ھارۋىسى بىلەن  باراۋەرمۇ  ماڭالمايدۇ،
مۇبادا توختىۋالسا ئۇرۇپ قويسام چىچاڭلايدۇ،
مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بىرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ،
خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تىپىلماس بۇكاساپەتتە.

ئۇرۇپ مىڭ تەستە چاپتۇرسام،سوكولدايدۇ ئېشەك ئوخشاش،
قورساق سانجىق بىلەن ئاغرىپ،كىتەر گويا زىڭىلداپ باش،
يەنە بىر ئەيىبى شۇدۇر چىرقىراپ سەت،يولدا تاپ توختاش،
زىرىكمەي مىنسە،بىرسائەت بىرەلمەس ھېچ كىشى بەرداش،
شەھەر-يىزا ئارا قىلغان  سەپەر، سەيلە - ساياھەتتە .

زۆرۆريەتتىن مىنىپ، دوسلار بىلەن بارسامكى بىر سارى،
بولالماي چۈشكىچە، ئاش ۋاقتىلق يەرگە بىرىپ ھاردى،
كىيىن قالدى ئېشەكتىن، گاھىدا ئۇي بىلەن تەڭ باردى،
پاتقاقا  بىر  پىتىپ  ئالسا،  كۆتۆرمىسە  قوپمىغاي زادى،
قايان  بارسام  بۇ  ئات  بىلەن  قىلىپتۇرمەن  پالاكەتتە.

ئېرىقنى  كۆرسە  ياندى  ئارقىسىغا ، ئۆتمىدى ئاتلاپ،
ئەگرى يولغا كىرىپ ئالسا  ئەگەركىم، ھارمىدى  قاتراپ،
غۇلاپ بوينىغا چۈشتۈم ، قاتىرغاننىڭ زەربىدىن چاچراپ،
ئىچىم سانجق بىلەن تولدى، قوۋورغام  بەنتىدىن ئاجراپ،
ساقايدىم  ھەرزامان  پارپى  يالاپ  مەجۇنى  شەربەتتە.

بوغوز يىسە بىسىپ يىدى تولا  ئىخلاس بىلەن چايناپ،
خورازدىن قىزغىنىپ  پۇرقۇپ، تىپىشلەپ پۇتلىرى  ئويناپ،
سوۋوتقاندا تۇرار مۈگىدەپ،  كۆزىدىن  ھەم  چاپاق  قايناپ،
كى بىشى ساڭگىلار  يەرگە ،  چىۋىنلەر   بەستىنى  قاپلاپ،
قايسى بىر جانغا خۇش كەلگەي  سىياقى  بۇ  لاتاپەتتە.

جاھان  بازارىدا  ھىچكىم   بۇئاتقا  تەڭنى  تاپماسلەر،
يىقىلسا گاھىدا مۈدۈرۈپ، تىپىپ- ئۇرمىسا  قوپماسلەر ،
زورىدىن  بىر  يۈگۈرسۇن  دەپ ھەرنىما قىلسا، چاپماسلەر،
سالاملاشسام، تۇرۋىلىپ، تاياقسىز  زادى  ماڭماسلەر ،
ئوسال ئات كۆپ قىتىم  قويدى  مىنى  شۇنچە  خىجالەتتە.

تىپىپ  قېشىغا  كەلتۈرمەس كىشىلەرنى،  يىقىن بارسا،
تۇيۇقسىزلا مۆڭۆپ  قاچار  بىرەر  شەپە  تۇيۇپ  قالسا،
چىپىپ  رەسۋا قىلار ئوت-چۆپ، ساماننى ئالدىغا  سالسا،
ئوقور ئۆرۆيدۇ  ھەر  كۈندە  ئىغىل  ئىچرە  ئورون  ئالسا،
بۇ ئاتتىن بەك زىرىكتىم  مەن  بىقىپ  بىچاغ  بىتاقەتتە .

ئىغىلنى توختاتماي  بۇزدى،  ئىشىكنى كۆپ  قىتىم  چاقتى،
بوغوپ تەخەينى ئۆلتۈردى، موزاينىڭ  ھەم  خۇنى  ئاقتى،
قىچىپ كەتسە تۇتۇق  بەرمەي،  تالاي  كۈن  باشقىلار باقتى،
تۆلەپ ھەق ھارمىدىم مەنمۇ، ھامان  ھەركىمگە  خۇشياقتى،
تالاپەتتىن  بۆلەكنى  كۆرمىدىم ، قايغۇ- نادامەتتە.

بوشاپ چىقسا تالاغا، توختىماي سەكرەپ چىچاڭلايدۇ،
كىرەر بولسا چىمەننى  چەيلەيدۇ، بوستاننى چاڭلايدۇ،
كىشىنى كۆرسە كىشنەپ، كەلسە چىشلەپ، تىخى  قوغلايدۇ،
قاپاق ۋە كوزىنى  چەيلەپ، چۆگۆننى  ئۆرە  قويمايدۇ،
بالا - ئۇششاقلىرىم بۇ ئات بىلەن ھەر دەم  ئاداۋەتتە.

بۇزۇپ ئەلپازىنى بىر  كۈن  قىچىپ  بىر مەلىگە  يەتتى،
كى قوغونلۇققا كىرىدى ، ئىشتاھا بىلەن  غاچاپ  كەتتى،
جامائەت ئولىشىپ  شۇدەم  ئاغزى- بۇرنۇمنى قان  ئەتتى،
بەدەل بەردىم  تاغار  ئاشلىق،  قورساقنى دەرد- ئەلەم ئەستى،
بۇ ئات  بىلەن  قىلىپدۇرمەن  ھەمشە  كۆپ  مالامەتتە.

مىنى زاڭلىق ئېتشتى خەلق ، بۇ  ئات  ئەھۋالى كۆپ تارقاپ،
ئىلىپ چىقماسقا بەند قىلدىم ، ئۇنى تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ،
قومۇردى- يۇلدى تۈۋرۈكنى ، كىچە كىرسەم  مۆڭۆپ  قۇتراپ،
كاساپەتنى ئىغىل باسقاچ  توكور  بولدى  پۇتى  ئاقساپ،
دىدىم مەن : ئۆلسىمۇ – ئۆلسۇن، خۇدا  قىلغان  ئىرادەتتە.

ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم  قانچە  قېشىمغا  ئات  سوراپ  كەلدى،
بۇئاتنىڭ ئەسلى خۇي – پەيلى مېنى غەمگە ئوراپ كەلدى،
باھانە ئەيلىسەم نەچچە ، ئۇلار  يامان  قاراپ  كەلدى،
ئىلاجىم  يوق بىرىپ تۇردۇم ، مىنەلمەي  ياندۇرۇپ  كەلدى،
بۇ جىنىم چىققىلى تۇردى  كۈنى  يۈزمىڭ  خجالەتتە.

ئەۋەتكەن بۇ  ئېتىڭغا  ھىچ  كىشى بىر يول قاراپ باقماس،
قەلەندەر بىلەن ئابدالدىن  بۆلەكلەرگە  غۇلى  ياقماس،
كۆتۈرۈپ گەز بويى ھىچ  ئات ساغىرنى  ئۇنىڭدەك چاقماس،
كىشىكىم ئات  بالاسىدىن  بۇنىڭدەك  بىھېساب  قورىقماس،
ئېلىشتىم ، غەم  بىلەن  قايغۇ  بىسىپ  تائەت- ئىبادەتتە.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 13:27:52

ھازىرقى ئوچۇق خەت يازىدىغانلاردا مۇشۇنچىلىك سەۋىيە يوق، ئوقۇغۇسى كەلمەيدۇ ئادەمنىڭ .

yasharVB يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 15:04:06

تەكرار تېما. ئىزدىنىشقا بۇرۇن بىرەيلەن يوللىغان. نەزىر مۇفتىمغا خەت http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60865&fromuid=31062

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 15:38:48

yasharVB يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 15:04 static/image/common/back.gif
تەكرار تېما. ئىزدىنىشقا بۇرۇن بىرەيلەن يوللىغان. نەزىر ...

مەن :D

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 18:10:24

راستلا بىرەيلەن يوللاپتىكەن...:lol

ibrayim11229 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 18:38:13

تولۇق ئەمەسكەن، ھەم ئازراق خاتالىق باركەن، <قامچا بىلەن ئۇرسام پات-پات> ئەمەس <قامچا بىلەن ئۇرمىسام پات-پات>، يەنە بىرى < تىگىشتىم ئۆي بىلەن> ئەمەس <تىگىشتىم ئۇي بىلەن>، كالا مەنىسىدىكى ئۇي.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 19:02:37

«سالامنامە»

نەزەر مۇفتى

سېنىڭدەك بىر بۇرادەر يوق، كەمىنەڭگە مۇنۇ يۇرتتا،
شۇڭا مەن كۆپ سالام يازسام جاۋابىڭمۇ ئەمەس چولتا،
ساڭا يازسام ماڭا يازدىڭ، يەنە يازسام يەنە يازدىڭ،
سالامدا دۇر جىمىرلايدۇ، بىرىدىن ھەم بىرى كاتتا،
سالام يازدىم ساڭا دوستۇم، سېغىنغان ئۇشبۇ سائەتتە.

كۆزۈڭ قالغانتى بىر چاغدا ئۆزۈم مىنگەن قۇلۇن ئاتتا،
ئەۋەتتىم مەن ئاشۇ ئاتنى، تۇرارمۇ سەندىكى چاتتا؟
يۇرۇڭقاشتىن ئۆتەر بولساڭ، كۆزۈڭنى يۇم مىنىپ ئاتتا،
بىرەر بايتال تېپىپ بەرگىن قۇلۇن كىشنەيدۇ پات-پاتلا،
ئەگەر بايتال تاپالمىساڭ، بېشىڭ قاتقاي خىجالەتتە.

كۆرۈپ خۇش بولدى كارۋانلار، شۇئانلا ھەم مىنىپ كەتتى،
چامىمدا شۇ قۇلۇن ئاتىن ئۈزۈپ قاراقاشقىمۇ يەتتى،
كارۋانلار ئىشەنچىلىكمۇ، خىيالىمدىن گۇمان كەچتى،
قۇلۇننى كى ھىجايغانچە، كىلىپ شەيتان بىلەن يەشتى،
ئېتىمنى بەرمىدى ئەينەن، ساڭا بولسا ئىتائەتتە.

قۇلۇنغا ئەگىشىپ كەتتى، ئەۋەتكەن ئاقچا تەڭگەڭمۇ،
ئاشۇ ئاقچاڭغا باغلىقتۇر، خۇتۇن-قىز ھەمدە يەڭگەڭمۇ،
قۇلۇننى بىر مىنىپ ئالەمچە خۇش بولغان سەنمۇ،
كۆتۈڭدىن ئايرىما زىنھار قۇلۇن ئاتىمنى بىردەممۇ،
بۇنداق ئات تېپىلمايدۇ پۈتۈن خوتەن ۋىلايەتتە.

بۇ ئابدۇللا ئېلى بەگزادنىڭ «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان «نەزەر مۇفتى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» دېگەن ماقالىسىدىكى«سالامنامە»
بۇمۇ شۇ تىمىدىكى ئىنكاس

niyat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 21:58:50

ئىزدىنىشتىكى ‹‹غەرىبكە ساياھەت ›› ....

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 22:28:59

ئازراق گەپ بار...
بەت: [1]
: نەزەر مۇفتىمغا خەت