waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 21:02:53

ئۇيغۇر ۋاسكېتبول چولپىنى دىلارە دىلشاتنى زىيارەت

   

         - شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى دىلارە دىلشاتنى زىيارەت

 نەنجىڭ ياشلار ئولىمپېك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايراقچىسى، ئاسىيا ياشلار، ئاياللار ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى U16, U18 گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى، WCBA (جۇڭگو ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى) چېمپىيونى... بۇ دەل شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى دىلارە دىلشات.
ئەمدىلا قۇرۇلغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى تېخى ياش قوشۇن بولۇپ، كوماندىدىكى 15 ئەزانىڭ ھەممىسى بېيجىڭدا مەشىق قىلماقتا. مەشىق ئارىلىقىدا مۇخبىرلىرىمىز جۇڭگو ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى يېڭى چولپاننى زىيارەت قىلدى.

  «مەن يۇرتۇمدىكى كوماندىدا يېتىلىمەن»
  «مەن يۇرتۇمدىكى كوماندىدا يېتىلىمەن». دىلارە دىلشاتنىڭ ئېگىزلىكى 193 سانتىمېتىر بولۇپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى ئەڭ ئېگىز توپچىلارنىڭ بىرى؛ ئۇ 1997- يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئەمدىلا 18 ياش بولۇپ،كوماندىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك توپچى.
  يۇرتىغا قايتىپ توپ ئويناشنى باشلىغان دىلارە دىلشات ناھايىتى ھاياجانلاندى، تۇنجى كۈندىكى مەشىقتە ئۇ يارىلاندى. كوماندا 8-فېۋرالدىن باشلاپ، ئالدىنقى مۇسابىقە مەزگىلىدىكى CUBA (جۇڭگو ستودېنتلار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى)دىكى ئاياللار كوماندىسىنىڭ چېمپىيونى بېيجىڭ ئونىۋېرسىتېتى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، دىلارە دىلشات مەيداننىڭ چېتىدە نومۇر ھېسابلىغاچ بۇ مۇسابىقىگە مەسئۇل بولدى.
  دىلارە دىلشات سەمىمىي ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن WCBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى مۇسابىقە مەزگىلىدىكى مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتىم، سەنشى كوماندىسىدا تۇرغىنىمدا، كۆپىنچە مەيدان سىرتىدا ئۆگىنىش قىلاتتىم؛ گۇاڭدوڭ كوماندىسىدا تۇرغىنىمدا مەيدانغا چىقىش پۇرسەتلىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىت ناھايىتى چەكلىك بولدى». ئۇنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۇنىڭ ھەقىقىي يېتىلىشىدىكى سۇپا بولالايدىكەن.

   «مەن شىنجاڭ كوماندىسىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭ كوماندىسىنى تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىتىمەن»
دىلارە دىلشات يەنە ناھايىتى كەمتەر بىلەن: «مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي كۈچۈمنىڭ يۇرتۇمدىكى توپ كوماندىسىغا ياردىمى بولماسلىقىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيمەن»، دېدى. ئۇ ئون يېشىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلىپ گۇاڭدوڭغا بېرىپ توپ ئوينىغان بولسىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە مەيدانىدا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
  داڭلىق ۋاسكېتبولچى دۇ فېڭ دىلارە دىلشاتنىڭ «تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى». كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا دىلنار دىلشاتنىڭ بويى ئېگىز بولسىمۇ، ۋاسكېتبول جەھەتتىكى تەبىئىي تالانتىنى ئانچە ئاشكارىلىمىغان ئىدى. ئۇ «دۇ فېڭ ئاكام بىلەن ئاتا- ئانامنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا، دۇ فېڭ ئاكام مېنىڭ شوخلۇقۇمنى كۆرۈپ، ۋاسكېتبول ئويناشقا تەۋسىيە قىلىدۇ»، دېدى،
  2011- يىلى7- نۆۋەتلىك شەھەرلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دىلارە دىلشات نومۇر ئېلىش شاھى ۋە گاردىن توپ ئېلىش شاھى بولدى، مۇسابىقە مەيدانىدا %65 لىك گارغا كىرگۈزۈش نىسبىتى بىلەن 22 نومۇر ئالغاندىن سىرت، 10.5 قېتىملىق ھۇجۇمنى گار ئالدىدا توسۇپ قېلىپ، 3.5 قېتىملىق توپنى تارتىۋېلىپ شۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۆز نامىنى چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ۋاسكېتبول كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشتەك قەتئىي ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى.
  دىلارە دىلشاتنىڭ دائىم: «مەن ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭ تەڭرىتاغنىڭ <ئىسىم كارتوچكىسى> ئىكەنلىكىنى بىلىمەن» دەيتتى. بۇنىڭدىن دىلارە دىلشاتنىڭ قەلبىدە كۈچلۈك جاسارەتنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «مەن چوقۇم تېخىمۇ كۈچىيىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كوماندىسىغا ياردەم بېرىپ تېخىمۇ ئىلگىرىلەيمەن».
  دىلارە دىلشات مۇنداق دېدى: چەت، يىراق رايونلاردىكى بالىلارمۇ سىرتلارغا چىقىپ جاھاننى كۆرۈشى، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشى كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئۆگەنگەندىلا، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى ياراتقىلى بولىدۇ. خەۋەرلەردىن، تۇغقان، دوستلىرىمدىن دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسىنىڭ شىنجاڭغا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى، ئۆسمۈرلىرىگە كەلتۈرگەن زىيىنىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن مۇشۇ كوماندىنىڭ نەتىجىسى، ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسى ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىنى- سىڭىللىرىمغا كۈرەش قىلىش ئۈمىدى ۋە نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  دىلارە دىلشات مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي كوماندىسىنىڭ سىرتقى دۇنيانىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى كۆۋرۈك، رىشتە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن كەسپىي ھاياتىمنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان ئەلچى بولۇپ، ئاكتىپ كۈچكە تولغان شىنجاڭلىق بولۇشنى خالايمەن.
  «يۇرتۇمدا توپ ئوينىسام، بەك پەيزى بولىدىكەن!»، دىلارە دىلشات يېڭى مۇسابىقە مەزگىلىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قاتنىشىش ھېسسىياتىنى ئەينەن ئىپادىلىدى.

  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

aptap1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 20:53:05

بويى نىماندا بويى ئىگىز ؟ بىر مىتىر توقسان ئۈچ ، مەندەك بويى بىر مىتىر يەتمىش ئىككى كىلدىغانلارنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كىتىتۇدە ؟ :lol:lol

erxat1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 18:45:10

مىنىڭ دىن 3سانتا ئىگىزكەن بۇ قىزچاق.مەن 1.90
بەت: [1]
: ئۇيغۇر ۋاسكېتبول چولپىنى دىلارە دىلشاتنى زىيارەت