جۇڭگونىڭ پۇل قىسلىق خەۋپ - خەتىرى زادى قانچىلىك ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-12 17:45جۇڭگونىڭ پۇل قىسلىق خەۋپ - خەتىرى زادى قانچىلىك ؟
جۇڭگونىڭ 1 - ئايلىق CPI قىممىتى 1% تۆۋەنلەپ ، بازاردا پۇل قىسلىقى غەم - ئەندىشىسىنى پايدا قىلدى ؛ بۇ يىل جۇڭگونىڭ پۇل قىسلىق خەۋپ - خەتىرى زادى قانچىلىك ؟ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، دۆلەت ئېھتىياجى ئاجىزلاپ ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسى تۆۋەنلىگەن ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېنېرگىيسى ئېشىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ، جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى پۇل قىسلىق خەۋپ - خەتىرى ئىنتايىن چوڭ ، لېكىن ئومۇمىي نۇقتىدىن قارىغاندا ، گەرچە 2015 - يىلى CPI قىممىتىنىڭ ئۆرلەش دائىرىسى 1.6% ئەتىراپىدا مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا پۇل قىسلىق ئەھۋالىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن .
كونكرېت ئەھۋالدىن قارىغاندا ، 1 - دۆلەت ئېھتىياجى يەنىلا ئاجىز ھالىتىنى ساقلىشى ؛ 2 - دوللارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن دۇنيا ئېھتىياجىنىڭ ئاجىزلىشىشى ؛ 3 - ئىشلەپچىقىرىش ئېنېرگىيىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللار جۇڭگونىڭ پۇل قىسلىق ئەھۋالىغا پايدىسىز ؛
ئالتۇن سودا تەھلىلى 12 - 2
ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى (242.19) 1283.4 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى (245.07 ) 1285.94 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى (242.69 ) 1228.44 بازار بازار يېپىلىش باھاسى (243.91) 1233.83دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 95.0 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1224 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
تۈنۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن نېفىت باھاسى بىلەن قىممەتلىك مېتال بۇيۇم باھاسىمۇ چۈشتى ، ئالتۇن باھاسى 1220 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىغا چۈشتى .
گرېتسىيە مەسىلىسىگە كەلسەك تۈنۈگۈن ياۋرۇپا رايونىدا گرېتسىيە ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە يىغىن ئىچىلدى ، ئەمما يىغىندا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەسلىھەت بىرلىككە كېلەلمىدى شۇڭا يىغىن كىيىنكى دۈشەنبە كۈنى داۋاملىق ئىچىلىدىغان بولدى .
گرېتسىيە مالىيە مىنىستىرى سۆز قىلىپ > ياۋرۇپا گۇرۇھى بىلەن ناھايىتى ياخشى تېمىلاردا پىكىرلەشتىم ، بولسا كىيىنكى دۈشەنبە كۈنى بىرلىككە كېلىپ يىغىننى ئاخىرلاشتۇرىمەن < دىدى .
ئامېرىكا تەرەپتىن بولسا ئامېرىكا Dallas فىدىراتىسيەنىڭ رەئىسى خافۇر چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىياپىتىدە > ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى كىرزىس مەزگىلىدە ئۆسۈم قۇشۇش ۋاقتىنى كىچىكتۈرگىنىگە قارشى تۇرىمەن ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياخشىلانغان بۇنداق ئەھۋالدا ئۆسۈم قۇشۇش كېچىكتۈرۈش خەتەرلىك ، دوللار كۆرسەتكۈچى بىلەن تۆۋەن نېفىت باھاسى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پايدىلىق ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىروۋۇت بازىرى فېدېراتسىيە نىڭ قارارىغا ئارىلىشىپ قالمىغان بولسا بولاتتى < دىدى .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى (243.0 )1230 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسى ئەتىراپىدا ئامىرىكا بازىرى ئىچىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تەۋرەنمە تەۋرىنىش ئىلىپ بېرىپ (243.0) 1230 ۋە (241.03)1220 دوللارنى بۇزۇپ تاشلاپ 1216 (240.24) دوللارغا چۈشتى .
2. بۈگۈنكى بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا بىرىنىجى قەدەمدە 1225(242.01) دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 5 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1220 -1218 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىقا بولىدۇ . ئەگەر 1225 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1232-1230(243-243.4) دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
3. ئالتۇن باھاسى 1230 دوللار ئەتىراپدا ئۈچ كۈن تەۋرەندى ، ئالتۇن باھاسىنىڭ كىيىنىكى يۆلىنىشى(238.06) 1205 دوللار ۋە 1200 (237.07 )دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسى بۇلۇپ قالىدۇ . كىيىكى دۈشەنبە كۈنى ياۋرۇپا رايونىنىڭ كىلىشمىشى ياخشى بۇلۇپ چىقسا ئالرۇن باھاسى 1200 دوللارنىڭ ساقلاپ قالىدۇ ، ئەگەر بىرلىككە كىلەلمىسە 1200 دوللارنى قايتا بۇزۇپ تاشلايدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1230 1232
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1200 1205
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1233-1206
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1200
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1240
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 241.80 يۈەن ؛
1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.35 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
ئاخشام قىممەتلىك مېتاللار باھاسى نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر
2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، گرېتسىيە مەسىلىسى ئەندىشە تولغان بولۇپ ، بازاردا قىسقا ۋاقىت تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى شەكىللەندى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ۋە خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ يۆنىلىشى بۆلۈنۈپ كەتتى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
ئاخشام دوللار يەنە ئۆرلەپ 95 نۇقتىدىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى سەۋەبىدىن قىممەت مېتاللار باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نەق ئالتۇن باھاسى 14.50 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1218 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 12.60 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1219.60 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .
تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى چەككىلەش زاۋۇتىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقى ، ھەم خام نېفىت زاپىسىنىڭ ئۇدا ئېشىپ يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن NYMEX قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.18% تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 48.84 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .
2014- يىل ئالتۇن بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى يورۇق نۇقتا
دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى (WGC) 2- ئاينىڭ 12- كۈنى 2014- يىللىق دۇنيا ئالتۇن ئېھتىياجى دوكلاتىنى ئېلان قىلىدى، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە 2014- يىللىق ئالتۇن ئېھتىياجى يىللىق نىسبىتى 4% تۆۋەنلەپ 3923 توننىغىچە بولغان.
ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلېرى 2014- يىلدا ئالتۇن سېتىۋېلىشى 50 يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، 477 توننىغا يەتكەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ETF ئېقىپ چىقىشى كۆرۈنەرلىك كېمەيگەن ، بۇ 2014- يىللىق ئالتۇن ئېھتىياجىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى يورۇق نۇقتا.
گرېتسىيىنىڭ قەرزدارلىق سۆھبىتى كىلەر ھەپتە قايتا ئۆتكۈزۈلىشى مۇمكىن
تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا رايوننىڭ مالىيە - ئىقتىساد بۆلۈم باشلىقى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتمە بەردى ، گرېتسىينى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدە گرېتسىيە سول قانات ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى باشقا دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىككە كېلىپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ، شۇڭا كىلەر ھەپتىدىكى يىغىندا قايتا سۆھبەتلىشىشى مۇمكىن ؛
بۇ قېتىمقى يىغىن 7 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ ، بريۇسسېل شۇ يەر ۋاقتى بۈگۈن تاڭ سەھەردە ئاخىرلاشقان ؛ رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسەن ، ياۋروپا گۇرۇھ رەئىسى Jeroen Dijsselbloem مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ، " ھازىر نىشانسىزلا ماھىيەتلىك خۇلاسدىن ئورتاقلاشساق بولدۇ ، بۇ يەردىكى مەسلە سۆھبەتلىشىشكە باغلىق ئەمەس بەلكى تەرەققىيات دەرىجىسىگە باغلىق " .
ئۇ يەنە كۆرسەتمە بېرىپ ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى گرېتسىيگە ياردەم بېرىش پىلانى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى ؛ كېيىنكى نىشان بولسا سىياسەت جەھەتتە بىرلىككە كېلىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ، بەلكىم كىلەر ھەپتە تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن دېدى ؛
Dijsselbloem يەنە مۇنداق دېگەن ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا باغلىق ئەمەس ، پەقەت بىر قېتىملىق مۇھاكىمە ؛
يۇقىردا بايان قىلىنغان خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ياۋرو ۋە قەرەللىك مال ئۆلچەملىك پور سىزىقى 500 كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ ، خام نېفىت باھاسى قايتىدىن ئۆرلىگەن .
مەبلەغ سالغۇچىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 5 مۇھىم نۇقتا
1 . كۆپ ساندىكى كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا غەلىبە قىلىش ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ ، سىز پەقەت سەۋىرچان بولۇڭ ھەم ئۆز پىرىنسىپىڭىزدا چىڭ تۇرۇڭ ؛
2 . سىز پەقەت ئۆز خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلىڭ ، ھەرگىز باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىن ئەقىللىق دەپ قارىماڭ ، بەلكىم سىز باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ نەتىجىگە ئېرشىشىڭىز مۇمكىن ؛
3 . سىزنى كۆپ ساندىكى غەلبە قىلغان كىشلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇلارنىڭ تەلىيى كەلگەنلىكتىن بولغان ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرلىقىدىن ئەمەس ؛
4 . بەلكىم ھازىر ئۆزىڭىزنى غەلبە قىلغۇچى ، لېكىن كەلگۈسىدە غەلبە قىلغۇچى پەقەت سىزلا بولماسلىقىڭىز مۇمكىن ، شۇڭا سىز ئالدىنئالا تىرىشىڭ ، ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرمەڭ ؛
5 . ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، مەبلەغ سالغۇچىلار مال سېتىۋالغاندا قولدىن چىقىرىۋەتكەن پۇل بازاردا سىزنى ئەڭ يۇقىرى پايدا نىسبىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ ، بۇ بازاردىكى بىردىنبىر دەلىل-ئىسپات ؛ شۇڭا ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى خاتىرجەم قىلىشنى خالىسىڭىز ، ھەرگىز باشقىلار خالىمايدىغان ئىشنى قىلماڭ ؛
ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتى بارغانسېرى يېقىنلاشتى
سان فىرانسىسكو فېدېراتسىيە رەئىسى ۋېيليەن مۇسى (John Williams) ئەنگلىيە " پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى" زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا مۇنداق دېدى ، 1 - ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ مۆلچەردىن ئۆرلەپ كېتىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى كۈچەيگەندىن كېيىن ، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتى بارغانسېرى يېقىنلاشتى ؛ ئۇ يەنە ، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش بەلكىم مەبلەغ سالغۇچىلارنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى جىددىي سىياسىتى توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك ؛
John Williams كۆرسەتمە بېرىپ ، نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى ھازىر ياخشىلىنىۋاتىدۇ دېدى ؛ گەرچە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە دوللارنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن پۇل پاخاللىق نىسبىتى بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ؛ بەلكىم نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە دوللارنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىقلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى بارغانسېرى ئاجىزلىشىشى مۇمكىن ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى كۈچىيىشى ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىغا يېتەكچى بولىشى مۇمكىن ؛ ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئامېرىكىدىكى شەخسىيلەرنىڭ ئىش ھەققى 3%`3.5% كىچە ئېشىپ ، پۇل پاخاللىق نىسبىتى 2% لىك ھالىتىگە قايتىشى مۇمكىن .
John Williams يەنە ، يېقىنقى مەزگىللەردىكى سانلىق مەلۇمات مۇستەھكەم بولسا 6 ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش باشلىندۇ دېگەن كۆز قاراشتا بولغان .
ئاساسى پۇل ۋە قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى
2 -ئاينىڭ11 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.1331 بولغان ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5232 دوللار بولغان ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.7716 دوللار بولغان ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 120.43 يېن بولغان ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.2628 كانادا دوللىرى بولغان ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 0.9283 شۋېتسارىيە فرانكى بولغان .
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرىدا : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1218.70 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1219.60 دوللار بولغان ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.78 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.761 دوللار بولغان ؛ بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 54.66 دوللار بولغان ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 48.84 دوللار بولغان .
ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى رەسمىي سافا ئالىيە خانىم بۈگۈن 2-13 كۈنى سائەت 10 يەرىمدا بىرگىرام ئالتۇن 246.79 كۈرۈندى ، سىز بۈگۈن ئالتۇن باھاسى 241 يۈئەن دەپسىز.ئىشەنچلىك دىتالدىن بولسا ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن رەھمەت. جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئەللىرىدىكى قايتۇرمايدىغان قەرزى ھەم ئامىركىدىكى قايتۇرۇپ ئالالمايدىغان قەرزىلرى ھەم لاتىن ئامىركىسىدىكى دوستانە دۆلەتلەرگە قايتۇرۇمىسىمۇ بۇلىدۇ دەپ قارىغان قەرز پۇللىرىنى يىقىپ كەلسە جۇڭگودا ھەرگىزمۇ پۇل قىس ئەمەس. بۇ تېخى يۇقىرى دەزىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چەتئەلدىكى باللىرى ئاشنىلىرى خوتۇنلىرى ئۈچۈن بانكلارغا قويغان پۇللىرىنى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ. نامراتلار ئۈچۈن پۇل ھەقىقەتەن قىس، ئەمما بايلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس، پۇل پۇلنى تاپىدۇ دەپ بايلارغا پۇل قىس بولۇپ قالسا باشقا پۇللىرى يەنە پۇل تاپىدۇ، شۇڭا.............................{:90:} ھازىرقىي جۇڭگۇ پۇلىنىڭ قىممىتى خەلىقئارا بازاردا چۈشتىمۇ ياكى ئۆستىمۇ ؟ نىمە ئۈچۈن ، گرېتسىيە مەسىلىسى بەك تەكىتلىنىدۇ؟
ئاۋۇ گرافىكنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟سىزىقلار ،كالتەك نىمە مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ؟ umidwar029 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 11:12 static/image/common/back.gif
نامراتلار ئۈچۈن پۇل ھەقىقەتەن قىس، ئەمما بايلار ئۈچۈن ...
ئۇنداق ئەھۋالدا بايلارمۇ مەبلەغ سىلىشتا ئىككىلىنىدۇ، تەرەققىياتقا زىيانلىق. xaha يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 22:27 static/image/common/back.gif
ئالىيە خانىم بۈگۈن 2-13 كۈنى سائەت 10 يەرىمدا بىرگى ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ، ئۈرۈمچى ئىلكان شىركىتىنىڭ جوڭسى ئالتۇن كۈمۈش سودا مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان سودا سۇپسى بار بولۇپ ، بۇ سودا سۇپسى دۆلىتىمىزنىڭ بولغاچقا ئىشەنچىلىك ھەم بىخەتەر، شىنجاڭدىكى بىردىن - بىر ئەزا شىركەت ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل بىخەتەرلىك جەھەتتە بانكا نازارەت قىلدۇ ، شىركەتتە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىلى 8 يىل بولغان مۇتەخخەسىس بار ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن سودا قىلغۇچىلارنى يېتەكىليەلەيدۇ ، سودا قىلشقا كۆپ مەبلەغ كەتمەيدۇ ؛
ئەگەر تېخمۇ تەپسىلى چۈشنىشنى خالىسىڭىز QQ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قوساق بولدۇ ؛ qarayuz يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 11:38 static/image/common/back.gif
نىمە ئۈچۈن ، گرېتسىيە مەسىلىسى بەك تەكىتلىنىدۇ؟
ئاۋۇ گ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ، چۈنكى نۆۋەتتە گرېتسىيە مەسىلىسى ئالتۇن باھاسىغا بەكرەك تەسىر كۆرسىتىۋاتقان سەۋەپ ، شۇڭا بۇ خەۋەر بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى ؛
گىرافىكتىكى سىزىقلار ۋە كالتەك دېگىنىڭىز بولسا ئالتۇن باھاسىنىڭ بازار يۆنلىشىنى يەنى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىگەن ياكى تۆۋەنلىگەنلىكىنى تەھلىل قىلدىغان سودا ئانالىز دېتالىدىن كىسىپ ئىلىنغان بىر بۆلەك گىرافىك رەسىم ؛
ئەگەر بۇ مەزمۇنلارنى تېخىمۇ تەپسىلى چۈشنىشنى خالىسىڭىز QQ نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بىز تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويساق بولدۇ ؛ موشۇنداق يېڭى ئەھۋاللاردىن بزنى خەۋەردار قىپ تۇغايسىز.
بەت:
[1]