gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:05:59

خام پىلان: ساغلاملىق مۇلازىمەت ئامبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gldingwash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 14:08  



خام پىلان: ساغلاملىق مۇلازىمەت ئامبىرى

خېلىدىن بىرى مۇنداق بىر يېڭى ئىگىلىك پىلانى كاللامغا كەپ قالدى:
«ساغلاملىق مۇلازىمەت ئامبىرى» قۇرۇپ چىقىش. بۇ ئالاھىدە كارخانا تەرىقىسىدىكى تۈر بولۇپ، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى بىلەن قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرى بىر گەۋدىلەشكەن، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك يېڭىلىقتۇر.

مۇلازىمەت دائىرىسى:
1. شەخس ۋە ئىختىيارىي گەۋدىلەرنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى، ساغلاملىق نىشانىنى، ساغلاملىق جەريانىنى ھۆددىگە ئېلىش؛ ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىش.
2. شەخس ۋە ئىختىيارىي گەۋدىلەرنى مۇلازىمەت توختامىدا بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تەكشۈرۈشكە؛ دورا بىلەن كۈتۈنۈش ۋە مۇنتىزىم داۋالىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىشقا مەسئۇل بولۇش.
3. ئابونېتنىڭ ياش پەرقى، كېسەللىك ھالىتى، ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن تۈركۈملەرگە ئايرىپ قەرەللىك ھالدا ساغلاملىق-ئىلمىي ئوزۇقلىنىش-ئىلمىي كۈتىنىش مەزمۇنىدا سۆھبەت، لېكسىيە، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنلىرىنى تەشكىللەش.
4. بالنىستتا يېتىش كېرەك بولغان ئابۇنتلارنى توختامدا بەلگىلەنگەن مۇلازىمەت تۈرلىرى بويىچە كۈتۈشكە مەخسۇس سىستېرا ئورۇنلاشتۇرۇش.
5. تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرى ۋە ساغلاملىق كۆرسەتكۈچلىرىگە ئاساسەن، ئابونتلارنى يېمەك-ئىچمەك، بەدەن چىنىقتۇرۇش، تۇرمۇش تەرتىپى جەھەتلەردە مۇتەخەسىس كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلەش...
6. داۋامى داۋاملىق تولۇقلانسا ۋە پىششىقلانسا بولىدۇ.

دەسلەپكى قۇرۇلۇش كۆلىمى:
مىڭ كۇۋادرات مېتىر ئەتراپىدىكى كۆلەم بولسا بولىدۇ. بۇ كۆلەمدە ئاساسەن مۇلازىمىتىر ئۆيى، ئۇچۇر-تېخنىكا ئىشخانىسى، شىركەت مەسئۇلى ئىشخانىسى، خادىملار ئىشخانىسى ۋەھاكازالار؛ يەنە، سۆھبەت ۋە لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان زال، بەدەن چىنىقتۇرۇش ۋە ئەقلىي ئىقتىدار سىناق ئۆيى، مۇتەخەسىسلەر مەسلىھەت ئۆيى، خېرىدارلار ھېساب ئېچىش ۋە توختاملىشىش مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىقلار بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى:
بۇ ئومۇمەن شەخسلەرنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچ يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئۇنىڭدا شەخسنىڭ تەرجىمىھالى، شىركەت تەرەپنىڭ مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتى، تۇغۇلغاندىن باشلاپقى تەكشۈرۈتۈش، داۋالىنىش خاتىرىسى ھەمدە بۇندىن كېيىنكى ساغلاملىق، ئوزۇقلىنىش، كۈتىنىش ئەھۋاللىرى تەپسىلىي خاتىرىلىنىپ ماڭىدۇ. ئاندىن، شەخسلەر ئائىلە بويىچە گۇرۇپپىلىنىدۇ. مۇشۇ بويىچە، بارلىق ئابونتېلارنىڭ ئۇچۇرلىرى شىركەتنىڭ سانلىق ئامبىرىدا ساقلىنىپ ماڭىدۇ. شەخس ئۆز ھېساۋات نومۇرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدۇ. ئەمما ئۇنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئۆزگەرتىش، يېڭىلاش، تۈزىتىش پىكىرى بولسا، شىركەت تەرەپنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شىركەت تەرەپ مەسئۇل خادىملىرى يېڭىلاپ بېرىدۇ.

بۇ خىل كەسپنىڭ ئەۋزەللىكى:
نۆۋەتتىكى تۇرمۇش شارائىتىمىز ۋە كەسپ جەھەتتىكى ئالدىراشچىلىقىمىز تۈپەيلىدىن ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىمىز يېتەرلىك ئەمەس. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇ كەسپنىڭ تېز سۈرئەتتە قوللاشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. چۈنكى، سىز بۇ خىل مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغان بولسىڭىز، ياكى ئۇنىڭغا يىللىق ئەزا بولسىڭىز، شىركەت تەرەپ سىزدىن ئېرىشكەن بارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن سىزنىڭ قانچىنچى ئاينىڭ قانچىنچى كۈنى قانداق بەدەن تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بېرىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ، ئوزۇقلىنىشدا پايدىلىنىدىغان كۆرسەتمىلەرنى قەرەللىك ھالەتتە سىزگە يوللاپ تۇرىدۇ. دېمەك، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقىڭىزنى يۇقىرىدىكى كارخانىغا ھۆددىگە بېرىۋەتكەن بولىسىز. بۇ يەنە كېلىپ، ئۇزاق ۋاقىت تەكشۈرۈتۈشكە سەل قارايدىغان، ئۇشتۇمتۇت كېسەل چىرمىۋالىدىغان، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمەيدىغان ئاجىزلىقلىرىمىزنىمۇ تولدۇرالايدۇ.
بۇ كارخانا ياكى شىركەتنىڭ مەخسۇس پىسخولوگىيەلىك مەسلىھەت بېرىش ئورنى، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمە ئۆيى، بالىلار ۋە بوۋاقلار مەسلىھەت ئۆيى، ساغلاملىق دەرسخانىسى... قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئارتۇقچىلىقى بار بولغان بولىدۇ.

بۇ خىل پىلان ماس كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ شەرتى:
چوقۇم بەلگىلىك ئوقۇش تارىخى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئىقتىسادى، تەشكىللەش كۈچى بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى ئۈچۈنلا مېنىڭ مۆلچەرىمچە، 1 مىليۇن ئەتراپىدا مەبلەغ كېتىدۇ. قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرى، ئادەم كۈچى، ئىشخانا قىلىدىغان ئورۇن قاتارلىقلارغا كېتىدىغان چىقىملار ئەلۋەتتە بۇنىڭ سىرتىدا.

بۇ پىلانىمنى قىسقىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا مەن ئويلاپمۇ كۆرمىگەن باشقا نۇقتىلاردىن ئىلھاملار كېلىپ قالسىمۇ بۇ قىسقىلا تېمام ئۆز ئەھمىيىتىنى كۆرسەتكەن ھېساپلىنىدۇ.
ئەمما لېكىن، ماۋۇ پىلاننى رەسمىي قوزغىتىپ ئىشقا كېرىشتۈرەلەيدىغانلار چىقىپ قالسا، ئىشىنىمەنكى، غايەت زور مەبلەغ سېستېمىسىغا ۋە ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشىدۇ .
بۇ پىلانىم بارلىق كىشىلەرگە مەنسۇپ، خالىغانچە پايدىلانساڭلار بولىدۇ.:lol

5819 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 20:58:34

بىر ئەپلىك پىلاننىڭ لايىھەسى ئىكەن. جۈرئەت قىلىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 08:20:37

ياخشى ئىجادىيەت پالانى بوپتۇ. مىنىڭچە ئارمان، ئىپار بىئۇ تىخنىكا شىركىتى قاتارلىق چوڭ ئىختىسادى گەۋدىلەر قىزىقىشى مۇمكىن.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 10:34:58

ئەگەر بۇ پىلانغا شەخسلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش تۈرى قوشۇلسا، تېخىمۇ تولۇق بولاركەن.
ھازىر چەتئەللەردە، interpreting personal genomes دەپ يېڭى تۈر مودا بولىۋاتىدۇ، ھازىرقى تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە تەكشۈرۈش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ،100 دوللار بىلەن بىر كىشىنىڭ بەدىنىدىكى بارلىق گېنىتىكىلىق ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، ساغلاملىق-كېسەللىك ئەھۋالىغا ئىلمىي دئاگنوز قويۇش ئۇزاققا بارماي ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 11:48:37

ئېيتقانلىرىڭىز ئورۇنلۇق. گېن ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش تۈرى بەلكىم بىز كۈتكەندىنمۇ يۇقىرى ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكا شەرتى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ ساھەلەردە خۇسۇسىي كارخانىلار مەيدانغا كەلسە، شۇنداقلا ئۇلار ئالاقىدار تەتقىقات تۈرلىرىگە ئۆلچەملىك مەبلەغ سېلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنى تەكلىپ قىلالىسىغۇ ئاجايىپ ئىش بولاتتى.
بەت: [1]
: خام پىلان: ساغلاملىق مۇلازىمەت ئامبىرى