[ياردەم] جىگەر قېتىش كىسىلى توغرىسىدا
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!نەچچە كۈن ئىلگىرى 4 ياشلىق جىيەنىمنىڭ كۆز قاپىقى،پۇت -قوللىرى،قورسىقى،دوۋسۇنى ئىششىپ كىتىپ دوختۇرخانىغا ئەكىرسەك،ئا تىپلىق جىگەر كىسىلى دەپ دىئاگنۇز قويغان، بۈگۈن جىگەر قېتىپتۇ دەپتۇ،شۇڭا ئىزدىنىشتىكى ھەرقايسى تىۋىپ -دوختۇرلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى سورايمەن.
رەھمەت! 4 ياشلىق بالىدا جىگەر قىتىش كىسىلى يۈز بىرەمدۇ؟
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىمۇ، جىگەر قىتىش ئاقىۋىتى كۆرۆلەمدۇ؟ جىگەر قېتىشقا داۋا يوقكەن ، پەقەت ۋىروسنى تىزگىلەپ تۇردىكەن ، بۇنىڭغا داۋاملىق دورا يېيىش ، تاماقتىن ، تۇرمۇشتىن پەرىز تۇتۇش كېرەككەن . ئېغىر بولسا خىمىۋىلىك داۋالايدىكەن ، مېنىڭ ئاپاممۇ س تىپلىق جىگەر قېتىش ، ئۇنىڭ ئۇستىگە دەسلەپكى باسقۇچتا بايقاش تەس كېسەلكەن بۇ ، چوقۇم مۇنتىزىم چوڭ دوختۇرغانلاردا داۋالىتىڭ ! بۈگۈن قارىسام دوۋسۇنى ئىششىپ يوغىنىغانلىقتىن سۈزۈلۈپ كىتىپتۇ، دوختۇرلار ئاقسىل ئوكۇلى ئۇرۇۋىتىپتۇ...راستىنلا داۋا يوقمىدۇ؟ دوختۇرلار ھازىر پەقەت ، بەدەندىكى سۇنى كىچىك تەرەت ئارقىلىپ چىقىرۋېتىدۇ ، بەدەندىكى سۇ تۇگۇگەندىن كېيىن خېمىۋىلىك داۋالامدۇ ياكى دورا بېرەمدۇ ، كېسەلگە قاراپ بىر گەپ قىلدۇ ، ئەگەر دورا بەرسە جىگەر قېتىشقا قارتا ھەم سۇدۇك ھەيدەيدىغان دورا بېردۇ ، بۇ دورا مەنچە 螺内酯片,呋塞米片 دېگەندەك دورىلار ، جىگەرگە قارتا جىگەرنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ بېردۇ ، ئاندىن ، سۇ ، تۇز نىڭ كىرشىنى چەكلە ديدۇ ۋە شىكەر ، لازا قارالىق نەرسىلارنى قەتتى يىمە دەيدۇ ۋە قورىما تاماق ، ئوتتا قاقلىغان ، مايدا پىشۇرغان ، قاتتىق قۇرۇق تاماقلارنى يىمەسلىكنى ، كۇندە ، ئاقسىل تۇلۇقلاش ئۈچۈن نەچچە تال تۇغۇمنىڭ ئېقىنى يەپ بېرىشنى ، ئارامنى ياخشى ئېلىشنى تاماكا - ھاراق قاتالىق لاردىن يىراق تۇرۇشنى ، پات-پات دوختۇرغانىغا كېلىپ تەكشۇرتۇپ تۇرۇشنى ، قالايمىقان دورا يىمەسلىكنى ، ھەرقانداق ئۆزگۈرۈش بولسا ئۆزىنى داۋالىغان دوختۇرغانىغا كېلىپ مەسلەھەت سوراشنى ئېيتىدۇ . udun007 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 14:21 static/image/common/back.gif
4 ياشلىق بالىدا جىگەر قىتىش كىسىلى يۈز بىرەمدۇ؟
بۇ يەرلەردە جىگەر قېتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ،ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئاساسلىق ھاراق سەۋەبىدىن بۇلىدۇ . جىگەر ياللۇغىدىن ، جىگەر قېتىش ، جىگەر قېتىشدىن جىگەر راكىغا تەرەققى قىلدۇ . izdinixazasi يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 15:53 static/image/common/back.gif
دوختۇرلار ھازىر پەقەت ، بەدەندىكى سۇنى كىچىك تەرەت ئار ...
نادىرئىنكاس! ئەگەرجىگەرياللۇغى بولغان بولسا ئۇيغۇرتىبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالاپ ساقايتىش تامامەن مۇمكىن ئىدى.ئەمما جىگەرقېتىش دەرىجىسىگەبېرىپ يەتكەن بولسا داۋالاش سەل تەسكە توختايدۇ. مىنىڭ ، دۇنيالىقتا پەقەت ئاپاملا بار ، بۇ كېسەل بەك قىينىۋەتتى ، داۋاملىق دورا يەيدۇ ، ھە دېسە دوختۇرغانىغا چاپىمىز
ھېچ ساقىياي دېمەيدۇ ، يېقىندىن بېرى تەكشۇرسەك ۋىروس يەنە كۆپىيۇپتۇ . ئاپامنىڭ كېسىلى ، مېنىمۇ جاندىن تويغۇزدى . خوتەندىكى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم ئىزدەڭ ئادىرىسى يىڭى لوپ بىكەت ئۇدۇلىدا . بۇ كىسەلنىڭ ئىنىق ئالامەتلىرنى بىلىۋالساق بۇپتىكەن.. udun007 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 14:21 static/image/common/back.gif
4 ياشلىق بالىدا جىگەر قىتىش كىسىلى يۈز بىرەمدۇ؟
بەزىلەر جۇڭگودا بالىلاردا كۆرىلىۋاتقان جىگەر كىسەللىكلىرى ، بۆرەك كىسەللىكلىرى زەھەر يىمەكلىكلەردىن بولىۋاتىدۇ دەيدۇ. ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئادەتتە بالىلاردا كۆپرەك كۈرۈلىدىغان بىر خىل جىددى خارەكتىرلىق يۇقۇملۇق كىسەل. مۇنتىزىم داۋالاش ئېىلىپ بارسا ئۈزۈل كېسىل ساقىيىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NamsizNur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-12 19:51
بايقالغان ھامان دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ئاساسى جەھەتتىن نورمال ھالەتكە قايتقاندا،دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە يىمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارسا ئۈزۈل كېسىل ساقىيىپ كېتىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارماي داۋالاشقا سەل قارىسا، جىەەر ئىقتىدارى تىز سۈرئەتتە بۇزغۇنچىلققا ئۇچريدۇ، جىگەر قېتىغانلىقتىن جىگەرگە بارىدىغان قان باشقا تومۇرلارغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇشۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئەزارلاردىكى تومۇرلار كۆپكەن ھالەتتە .شۇڭا بىمار يىقىلىپ سوقۇلماسلىقى كېرەك،ئاقسىل كەملىك سەۋەبىدىن ئاقسىلنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشى تېزلايدۇ، يەنە كېلىپ بەدەندىكى ئاقسىل ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇن دەل جىگەر، بەدەندە ئاقسىل زىيادە كەملىگەندە تومۇردىكى سۇ يۇمشاق توقۇلمىلارغا يىغىلىدۇ، دوۋسۇن، كۆزنىڭ ئاستى قاتارلىقلارغا سۇيىغىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ، يەنە بىر ئالامىتى قورساق بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىدۇ، سۈيدۇك ئازلايدۇ،بەدەن ئورۇقلايدۇ، داداممۇ شۇ كېسەل،داۋالىتىپ يۈرۈپ مۇشۇلارنى بىلىپ كەتتۇق،
يامان يېرى تولۇق ساقايمايدۇ دەيدىكەن،بىراق يۇقارقى بىمار تېخى كىچىك بالىكەن شۇڭا ئۈمىد يوقمۇ ئەمەستۇ ىۇدايىم بۇريۇسا، دوختۇرخانىغا مۇنتىزىم 4قېتىم داۋالاش ئېلىپ باردۇق، ھەر قېتىمدا ھېچنىمىنى قويماي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ئاندىن داۋالايدۇ، ئىككى كۈن ئىچىدە ئىككى تۈمەن گەپ يوق كېتىدۇ،بولۇپمۇ ئاقسىل ئاتچوت بولمايدىغان دورا بولغاچقا كۈنىگە ئىككى كىچىك بوتۇلكا ،قۇرساقنى تەشكەن ۋاقىتتا ئۈچ ياكى تۆت بوتۇلكىدىن ئوكۇل ۇرغۇزمىسا تېخى بولمايدىكەن،ئاقسىل دوختۇرخانىدا يوق دەپلا تۇرىدۇ دوختۇرلار بىراق ئاقسىل ساتىدىغان دورىكەشلەرنىڭ تېلفون نومۇرىنى يادقا بىلىدۇ، بىر بوتۇلكىسى580يۈەن، كۈندە سۈيدۈك ھەيدەيدىغان دورا ۋە كالىي تۇزى تابلىتى يېيىشى كېرەك ،بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە بۆرەك بېسىمغا ئۇچرايدىكەن ،شۇنىڭ بىلەن بۆرەكنى ئاسرايدىغان ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى بەردۇق ، خەنزۇلارنىڭ جۇڭيىچە داۋالاش ئۇسولى بويىچە قارا چېكەتكە بىلەن موزاي بېشىنى تاۋباۋ تورىدىن ئەكەلدۈرۈپ قۇرۇتۇپ تالقان قىلىپ كۈندە بېرىۋاتىمىز ،بىرىنچىدىن بۇلارنىڭ تەبىئىي سۈيدۈك ھەيدەش يولى باركەن ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، يەنە بىردىن ئاقسىل تولۇقلايدۇ،يەنە بىرسى ئاقسىل تولۇقلىدۇق دەپ ئاقسىل مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەرنى قارغۇلارچە ئارتۇق مىقداردا بېرىشكىمۇ بولمايدىكەن ،بولمىسا جىگەر خىزمىتى ياخشى بولمىغانلىقتىن ئاقسىللىق يېمەكلىك يارچىلىنىپ ئاممونىيلىق تەركىبكە ئايلىنىپ قانغا ئۆتكەندىن كېيىن بىماردا ئايلىنىپ كېتىش ،خۇدىنى بىلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن،
كۈندە يەيدىغان نەرسىلەردىن :سۈيدۈك ھەيدەيدىغان دورا (سۈيدۈك مىقدارى ۋە ئىششىقنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئامال بار ئاز بېرىش كېرەك)،قەۋزىيەت بولۇشقا قەتئىي بولمايدىكەن، قاتتىق گالنى قىرىپ ئۆتىدىغان يېمەكلىك بېرىشكە بولمايدۇ،سەۋەبى بەدەندىكى تومۇرلار كۆپكەن ھالەتتە زەخىملەندە ئىچكى قاناش بولۇپ ئەھۋال خەتەرلىك.
ئايدا بىر قېتىم ئاقسىل ئۇرۇش6 بوتۇلكا (ئاقسىل چوقۇم ئىشەنچلىك بولۇشى كېرەك ،ساختىسىنى ئۇرغۇزغاندا قاندىكى ئاقسىل مىقدارى دا يۇقىرلاش بولمايدىكەن)
چېكەتكە +موزاي بېشى تالقىنى بىر قوشۇق
ئۆزىمىز ياسىغان ياڭاق بادام تالقىنى ۋە سۈت
ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ ئىششىق ياندۇرىدىغان سۇلۇق دورىلىرى .
يەنە زىرىق دەپ تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ پايدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ شۇنە ئەكەلدۈرۈپ قاينىتىپ ئىچۈرىۋاتىمىز، خۇدايىم بۇيرۇسا ئەھۋالى بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى
ئەڭ مۇھىمى ھېرىپ چارچاشقا بولمايدۇ، خوشال خورام بولۇشى ئاچچىقى كەلمەسلىكى كېرەك ،
تاققا تۇققا بولۇپ قالدى ،بىلگىنىمنى دەپ قويدۇم يەنە بىرگەپ تۇزسىز تاماق يېسۇن، ياكى تۇزسىزراق بولسۇن 79588010 يوللىغان ۋاقتى 2015-02-12 22:20:22 static/image/common/back.gif
جىگەر قېتىغانلىقتىن جىگەرگە بارىدىغان قان باشقا تومۇر
ئۇچۇر مىقدارى مول ئىنكاس بوپتۇ، بۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن رەھمەتلىك دادامنى داۋالاتقاندا 人血白蛋白 دېگەننى ئۆزەڭلار تېپىپ ئەكىلىپ بېرىسىلەر دېگەنتى، قەشقەر ياۋاغدىكى ۋىلايەتلىك چوڭ دورىخانىدىن تېپىپ ئاپىرىپ بەرسەك ئوكۇل سۇيۇقلۇقى تەڭشىگەندە بىزنى چاقىراتتى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈڭلار دورا قوشقاننى دەپ… NamsizNur يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 19:41 static/image/common/back.gif
ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئادەتتە بالىلاردا كۆپرەك كۈر ...
رەھمەت! 79588010 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-12 22:20 static/image/common/back.gif
جىگەر قېتىغانلىقتىن جىگەرگە بارىدىغان قان باشقا تومۇر ...
رەھمەت! بەك تەپسىلىي يېزىپسىز!
بەت:
[1]
2