huxhui يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 08:40:11

تەۋرىنىش

تەۋرىنىش
(ھېكايە)
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن


- ئاجىرشايلى ئەمسە!- دىدى ئايال ئاخىر ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ.
- ئاجىراشساق ئاجىراشتۇق!- دىدى ئەرمۇ تەئەددى بىلەن ھومىيىپ.
ئايالنى بىردىنلا يىغا تۇتتى. ئۇ ئىچ-ئىچىدىن قاپسىلىپ چىقىۋاتقان بىر خىل ئاچچىق ئازاپتىن پاڭڭىدە ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇرۇۋاتاتتى.
ئەرمۇ ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇرۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇرۇن كۆمۈرچىكىنىڭ ئەنسىز لىپىلدىشىدىن، تاتارغان چىرايىدىن، ئوتتەك تىنىقلىرىدىن بۇنى ھېس قىلىش مۇمكىن ئىدى. تىتىرەۋاتقان قوللىرى قولاشماي، ئوراۋاتقان موخوركىسىمۇ چېچىلىپ كەتتى.
- تويدۇم بۇنداق ئۆيدىن!- ئەر قولىدىكى موخوركىسى تۆكۈلۈپ كەتكەن تاماكا قەغىزىنى زەردە بىلەن يەرگە ئاتتى. قەغەز خۇددى ئۆزىنى ئەركىلىتىۋاتقاندەك بوشلۇقتا ھەريان تولغىنىپ لەرزان يەرگە چۈشتى.
- مەنمۇ تويدۇم بۇنداق جاندىن!- ئايال كىيىم ئىشكاپىنى زەرىب بىلەن تارتىپ ئېچىپ، كىيىملىرىنى ئۇياق-بۇياق سىلكىپ تارتىشتۇرغىلى تۇردى. ئۇ «بوغجىمىسىنى قولتۇقلاپ» ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ ماڭىدىغاندەك ئىدى.
ئەر ئالدى بىلەن بېرىپ ئىشكنى ئاچتى. كەينىگە قايىتىپ ئاسقۇدىكى چاپىنىنى قولىغا ئالدى.
- نەگە؟ قىلدىغاننى قىلىپ بۇلۇپ نەگە ماڭاي دىگەن؟!- ئايال تۇقۇمنى بىراقلا قارنىغا ئالدىغاندەك قىلاتتى.
- يوقىلىمەن بۇنداق ئۆيدىن، گۆردىن!- ئەر ئىشىك تەرەپكە مېڭىۋېتىپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ گۆلەيدى.
ئايال قولىدىكى نەرسىلەرنى تاشلاپ تېزلىكتە بېرىپ ئىشكنى يېپىپ ئارقىسىچە تىرىۋالدى.
- چىقساڭ خېتىمنى بىرىپ چىق!
- ئەستاغپۇرۇللا! ھېلى جۇمۇ!- ئەر قاتتىق ئۇۋالچىلىق تارتىپ كەتكەندەك ئېڭىكىنى سىيلاپ، چىشىنى غۇچۇرلىتىپ قويدى. ئايالىنى ئۇرۇش ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن ئوڭ قولى ھاۋا بوشلۇقىدا بىر پەس توختاپ لاسسىدە چۈشۈپ كەتتى.
ئايال تېزلىكتە تۈگۈلۈپ يەنە ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. قارىغاندا سەل بوشاپ قالغاندەك ئىدى. ئۇ پۈتۈن ئاچچىقىنى بىراقلا چىقىرۋالماقچى بولغاندەك پۇتىدىكى باسنۇشكىسىنىمۇ سالماستىنلا ئۆزىنى زەرىب بىلەن قوش كىشلىك كارىۋات ئۈستىگە تاشلىدى. كارىۋات بۇنداق تاشلىنىشلارغا ئاللىقاچان كۆنۈپ كەتكەندەك سەل-پەل تەۋرەپ ئاجىزغىنە غىچىلداش بىلەنلا توختاپ قالدى.  ئايالنىڭ سۈزۈك، تولغان پاقالچاقلىرى كارىۋات لېۋىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئېسەدەشتىن تىتىرەۋاتقان يەلكىلىرى بەل ئۇمۇرتقىسىنى بويلاپ يارىشىملىق سۆڭگەچلىرىدە سۇس تەۋرىنىش ھاسىل قىلاتتى.
ئەر ئىشىك تۈۋىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قايتىدىن موخوركا ئوراپ چېكىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايتى. ئويلاۋاتقانلىرىمۇ ئېغىز-بۇرنىدىن تۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان ئىس تۇمانلىرىدەك يېيىلىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ ئايالىغا قاراپ قۇياتتى. قولىدىكى قوپال يۆگەلگەن موخوركىسىنى ئاچچىق بىلەن كۈچەپ شورايتى.
ئەرۋاڭ-سەرۋاڭ تولغىنىۋاتقان كۆكۈش تۈتەكلەرنىڭ ئارىسىدا بىر جۈپ قىز-يىگىت تارتىنىشقان ھالدا ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى. ئۇلار گاھ يېقىنلىشاتتى، گاھ يىراقلىشاتتى. قىزنىڭ توم ئۆرۈلگەن قاپقارا چاچلىرى يىگىتنىڭ مۈرىلىرىگە، قولاقلىرىغا، يۈزىگە يۇمشاق-يۇمشاق ئۇرۇلاتتى. يىگىت مەغرۇر ھالدا چۆرگىلىگەچ قىزنىڭ كۆزلىرىگە يەپ كېتىدىغاندەك تىكىلەتتى. قىز خىجالەت ئارلاش خۇمار كۆزلىرىنى تېز-تېز ئېلىپ قېچىپ يەرگە باقاتتى... ئۇلار دوستلىرىنىڭ ئەنە شۇ توي ۋىچىركىسىدا تاساددىپىي ئۇچىرشىپ، بىر-بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپ قېلىشتى. قىز خېلى موھىم بىر ئىدارىدە كاتىپلىق قىلاتتى. يىگىت دائىم قىزنىڭ ئىشخانىسىغا تېلىفۇن بېرەتتى. تېلىفۇن بەرمەيمۇ تۇرالمايتى. ئۇلار رەستىلەرنى ئايلىنىشاتتى، ئەركىلىشەتتى. باغچىلاردا، خېلۋەت جايلاردا قانماي مۇڭدىشاتتى، سۆيۈشەتتى. ئۆزلىرىنى ئەڭ بەخىتلىك بىر جۈپلەردىن ھېساپلىشاتتى. توي مۇراسىمى زامانغا لايىق ئۆتكۈزۈلدى. شۇ ئاخشىمى يىگىت چىلىق-چىلىق قارا تەرگە چۆمگەن ھالدا، ھۇزۇر ۋە خىجىللىق ئېلكىدە، تېخى قول تەگمىگەن «قىزىلگۈل» نىڭ غۇنچىسىنى قېنىپ «پۇراش» قا مۇيەسسەر بولدى...
ئايال تېخىچىلا ياتاتتى. توم بىر ئۆرۈم چېچى بوينىغا يۆگىشىپ ئۇچى مەيدىسىگە بېسىلىپ قالغان ئىدى. ئەرنىڭ ئاچچىقى يېنىپ كەتكەندەك بولدى. ئۇ ھالسىز ھالدا كارىۋاتنىڭ بوش يىرىگە كاسىسىنى قۇيۇپ ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانچە ۋاقىتلار مۇشۇنداق ئولتۇرغىنىنى، يەنە قانچىلىك ئولتۇردىغىنىنى بىلمەيتى. ئۇ ئاستا يىشىندى. كارىۋاتنىڭ تام تەرىپىگە ئاۋايلاپ ئۆتۈپ پەم بىلەن ياتتى. نىمىلا دېگەن بىلەن ئايال ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇلىمۇ موھىم ئىدى. گويا تۇرمۇشتا نان، سۇ كەم بولسا بولمىغىنىدەك...
بۇ خىل سۈركىلىشلەر ھەر قېتىم ئۇرۇنسىز كۈنلەشلەر بىلەن باشلىنىپ، ئىچىگە تىنىش بىلەن ئاخىرلىشاتتى. تۇتامسىز غەزەپ مۇھاببەتكە ئۇرۇن بوشىتاتتى.
ئايال ئۇخلاپ قالغاندەك قىلاتتى. تەكشى ئېلىۋاتقان نەپسى ئۇنىڭ بىر تۇتاملا بېلىنى بىر خىلدا يەڭگىل تەۋرىتىپ، ئۇخلاپ قالغىنىدىن دېرەك بىرىپ تۇراتتى. ئەرنىڭ تۇرۇپلا ئىچى سىيرىلىپ كەتتى. بايىلا غەزەپ بىلەن كۆتۈرۈلگەن قولىنىڭ بارماقلىرىنى ئاغزىغا تىقىپ چۈشىنىكسىزلا چىشلەپ قويدى.
ئايال بۇ پېتىلا ئۇخلاپ قالسا بولمايتى. ئۇ ئايالىنىڭ پاقالچاقلىرىنى كۆتۈرۈپ، باسنۇشكىسىنى ئاۋايلاپ سالدۇردى. ئاستا ئۆرۈپ چېچىنى ئوڭلاپ قۇيۇۋاتقاچ بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىپ ئۇزاققىچە ھېدلاپ كەتتى. ئۇ مۇشۇ چاچلارغا خۇمار ئىدى. توي قىلىشقا ۋەدىلەشكەن چاغلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېدلاپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ قەلبى دولقۇنلىنىپ كەتتى. ئايالىنىڭ مەڭزى تۇلىمۇ ئىسسىق ئىدى. ئېقىپ چۈشكەندەك بۇرنى، ئورغاقتەك ئەگىم ئىنىچكە قاشلىرى، سۆسۈن ئۈجمىدەك چۈرۈك، نېپىز لەۋلىرى، شەبىنەمدەك تەر تامچىلىرى تەپچىرەپ تۇرغان ئوماق، قۇشۇقتەك يۈزى ھەر قانداق ئەركەكنىڭ مەيلىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتاتتى.
ئۇ ئايالىنىڭ مەڭزىنى چەكسىز مېھرى بىلەن سىيلىغاچ چىراغنىڭ يىپىنى تارتتى. ئايال ئۇيقۇلۇق ھالەتتە بوشقىنا ئېڭىراپ ئۆرۈلدى-دە، قولىنى ئەرنىڭ مۈرىسىگە سىيلىققىنا تاشلىدى. ئەر ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويدى. ئۇ توختىماي ھاسىرايتى، سىيلايتى، گويا ئەتىۋارلىق سەنئەت بۇيۇمىنى سۈرۈتىۋاتقاندەك ئېھتىيات بىلەن ئايالىنىڭ كىيىملىرىنى بىر-بىرلەپ سالدۇراتتى. ئايال ئېغىر-ئېغىر نەپەسلىنەتتى، ئەرنىڭ مۈرە، بىلەكلىرىگە چوغدەك لەۋلىرىنى يېقىپ، ئۈنچىدەك چىشلىرىنى يەڭگىل پاتۇرۇپ نازلىق ئېڭىرايتى...
قارىماققا ئۇلار تارتىپمۇ ئاجىراتقىلى بولمىغىدەك جىپسىلىشىپ كېتىشكەن ئىدى.
  
(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2007-يىلىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 13:23:42

پىپەن قىلايلۇق،دەرھاللا:(:(

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 13:36:26

:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 13:41:12

تەنقىتچىلەر قېنە؟ بۇ تېمىنى كۆرمەي قالغان ئوخشىمامدۇ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:21:59

كارىۋات لېۋىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى   

بۇقانداق كارۋاتتۇ ئەمدى ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:23:21

مەن 1- قەۋەتكە تەنقىدلەپ ئىنكاس يازسام، گىلاس باشقۇرغۇچى ئۆچۆرۋىتىپتۇ. قارىغاندا باشقۇرغۇچى گىلاسنىڭ ئىددىيسى ساپ ھالەتتە ئىكەن.:lol:lol:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:24:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 16:26  

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 16:21 static/image/common/back.gif
كارىۋات لېۋىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى   

بۇقانداق كارۋاتتۇ  ...

بەلكى ئوت يۈرەك كارۋات بولسا كىرەك.:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:25:18

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 15:36 static/image/common/back.gif


ھىكايىنى ئوقوپ كىلىپ ئاخىرىغا كەلگەندە،  خىلى ھاياجانلىنىپ كىتىپسىز ھە!:lol

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 15:50:06

ئادەمنىڭ شەھۋىتىگە تەسىر قىلىدىغان نەرسىلەرنى يوللىمىساڭلارچۇ:'(

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 08:17:43

ھەجەپ مىنى تەسۋىرلەپ يازغاندەكلا قىلدىيا، لىكىن مەن تاماكا چەكمەيتىم
بەت: [1]
: تەۋرىنىش