tarsayi2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 21:10:30

تېپىشماقلىق ھېكايە : گۆھارنى كىم ئوغۇرلىدى ؟

تېپىشماقلىق ھېكايە: گۆھەرنى كىم ئوغۇرلىدى ؟

ئاجايىپ ھېكايەتلەرنىڭ جامالىنى ئاچقۇچى، غارايىپ رىۋايەتلەرنىڭ سۆرىتىنى سىزغۇچى زامان دانىشمەنلىرى، سۆز گۈلۈستانىنىڭ چىمەن باغلىرىدا ئېچىلغان  مەنەلەر گۈل- چىچەكلىرىدىن مۇنداق گۈلدەستىلەرنى تىزىپتۇ.
  ئيتىشلارغا قارىغاندا جەمشىت پادىشاھلىق قىلغان  قەدىمىي زاماندا تۆت   كىشى ئۆز ئارا ھەمدەم ۋە رەپىق بولۇشۇپ ،سەپەر يولىنى ئىختىيار قىلىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرىدە بىر دانە قىممەت باھالىق گۆھەر بار بولۇپ،ئۇنى پادىشاھى جەمشىتكە سوغا قىلماقنى ئىىختىيار قىلغان ئىكەن .ئۇلار تۈنەش ئۈچۈن قايسى بىر ئۆتەڭگە چۈشسە گۆھەر ئىگىسى بىر چەتكە چىقىپ تۈگۈنچىكىنى يېشىپ گۆھەرنىڭ بار يوقلىغىنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىكەن. بۇنى سېزىپ قالغان ئۈلپەتلىرىدىن بىرسى گۆھەنى قانداق قىلىپ قولغا چۈشۈرۈشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ پەيت كۈتۈپ يۈرۈپتۇ.
  تۇنلەرنىڭ بىرىدە گۆھەر ئىگىسىنى غەپلەت بېسىپ قاتتىق ئۇخلاپ قاپتۇ.پەيتنى غەنىمەت بىلگەن ھېلىقى ئۈلپىتى ئۇخلاپ ياتقان گۆھەر ئىگىسىگە تۇيدۇرماي ئۇنىڭ تەكىيىسى ئاستىدىن گۆھەرنى ئوغۇرلىۋاپتۇ.
  گۆھەر ئىگىسى ئەتىسى ئويغۇنۇپ،گۆھەرنىڭ يوقالغانلىغىنى بىلىپتۇ ۋە ئالاقزادە بولۇپ ھەر ياقنى ئاختۇرۇپتۇ. ئەمما گۆھەرنى تاپالماپتۇ. خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ ،ھەسرەت ئوتىدا پۇچۇلۇنۇپ سوغۇق ئۇھ تارتىپ ئۆز- ئۆزىگە شۇنداق دەپتۇ : «چىداشتىن باشقا ئىلاجىم يوق، ھازىر بۇ سىرنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۈچ كشى، مەن بولسام يالغۇز،ئۇلارنىڭ مېنى ھالاكەتكە مەھكۇم قىلمىغى بىر دەملىك ئىش. ئۇلارغا «گۆھەرنى قايتۇرۇپ بىرىڭلار »دېسەم ئۇلارغا تۆھمەت قىلغان بولىمەن، ئۇلار بېشىمنى كىسىدۇ، كېسىلگەن باش سۆزلىيەلمەيدۇ. ئۇلۇغلار« بېشىم جايىدا بولسۇن دېسەڭ،سىرىڭنى ئىچىڭدە ساقلا» دەپ بىكار ئېيىتمىغان.شۇڭا ۋاقتى كەلگىچە سەۋر ئېتىغا مېنىپ، خامۇشلۇق يولىغا ماڭمىقىم لازىم» .
          گەر كۈچۈڭ بولمىسا دۈشمەن يەڭگۈچى،
          سەۋر قىل، بىر كۈنى  كېلەر  پۇرسىتى .
  ئۈلپەتلەر ئاخىرى كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ كەپتۇ.گۆھەر ئىگىسى پۇرسەت تېپىپ بولغان ئەھۋالنى جەمشىتنىڭ ۋەزىرىگە يەتكۈزۈپتۇ.بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان جەمشىت تۆت  مۇساپىرنى سارايغا چاقىرتىپ ۋەقەنى ئۆز قۇلىغى بىلەن ئاڭلاپتۇ ۋە گۆھەرنى تاپشۇرىشنى بۇيرۇپتۇ. ئەمما ھېچكىم ئىقرار قىلماپتۇ.
جەمشىت گۆھەرنى مۇساپىرلارنى قىيىن-قىستاق قىلماي قولغا چۈشۈرۈشنىڭ ئامالىنى ئويلاپ خىيالغا چۆكۈپتۇ.
جەمشىتنىڭ ناھايتى ئەقىللىق ۋە زېرەك بىر قىزى بولۇپ، ئۇ زامان دانىشمەنلىرىنىڭ تىلىدىن ھېكمەت دۇردانىلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ،ئەقىل –پاراسەتتە زامانىسىنىڭ يېتىشكەن گۈزىلى ئىكەن. ئۇ دادىسىنىڭ غەمكىن ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپتۇ. جەمشىت بولغان ئەھۋالدىن ئۇنى خەۋەردار قىلىپتۇ. قىز گۈلدەك ئېچىلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ دادىسىغا  شۇنداق دەپتۇ :
  -ئەي ھۆرمەتلىك دادا، بۇ غەمنى كۆڭۈللىرىدىن چىقىرىۋەتسىلە،بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ناھايتى ئوڭاي، ئۇلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىشكە ئەمىر قىلغايلا،مەن ئۇلاردىن ھىچقانداق قىيناق ئازاپسىزلا گۆھەرنى قايتۇرۇپ ئالىمەن.
قىزىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان جەمشىت تۆت مۇساپىرنى قىزى قىشىغا ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇپتۇ. قىز ئۇلارنى ناھايتى كاتتا ئىززەت –ئىكرام بىلەن كۈتىۋاپتۇ. ئۇلارغا زىياپەتلەر بېرىپ، بىرنەچچە كۈن مېھمان قىلىپتۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى ھىكايە قېلىپ سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ.تۆت مۇساپىر قىزنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىدىن قىزىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بىر كۈنى قىز مۇساپىر يىگىتلەردىن تۇيۇقسىز سوراپتۇ :
-يىگىتلەر! سىلەر بولساڭلار مۇساپىرچىلىق ھاياتىڭلاردا جاھان كېزىپ، كۆپنى كۆرۈپ، جاھاننىڭ ئىسسىق –سوغۇقلىرىنى بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزۈپ،  سەپەر مۇشەققەتلىرى بىلەن كامىللىققا يەتكەن كىشىلەرسىلەر، مەن سىلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتىڭلارنى  بىر قىتىم سىناق ئىمتاھان قىلىپ بېقىشنى ئارزۇ قېلىپ قالدىم .سورغان سۇئاللىرىمغا ئوزۈڭلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىڭلار بىلەن جاۋاپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن، بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر ؟
مۇساپىر يىگىتلەر :
ئەي گۈزەل مەلىكەم، سىز نېمىنىيكى سورىسىڭىز، بىزنىڭ ئەقلىمىز جاۋاپ بېرىشكە قادىر بولالسىلا ئەلۋەتتە سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بەرگەيمىز،- دەپتۇ.
قىز سۇئالنى مۇنداق بىر ھېكايە بىلەن باشلاپتۇ:
  -رىۋايەتلەردە زىكىر قىلنىشىچە، بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھنىڭ ھۆسۇن جامالىدا كامالەتكە يەتكەن گۈزەل بىر قىزى بولۇپ، ئۇ قىزىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرگەچكە بىر دەممۇ قېشىدىن نېرى قىلمايدىكەن.قىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە
چاھارباغنى سەيلى قىلىۋىتىپ دەرەخ ئۈستىدە يېڭى ئېچىلغان چىرايلىق بىر گۈلنى كۆرۈپ قاپتۇ دە ئۇ گۈلگە تەلپۈنۈپ دەرەخ قېشىغا كەپتۇ،لىيكىن دەرەخقە چىقىشنى ئار كۆرۈپ تۇرۇپ قاپتۇ.قىزنى باغۋەننىڭ  قىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئوغلى كۈزۈتۈپ تۇرغان ئىكەن، بۇئەھۋالنى كۆرگەن يېگىت دەرھال دەرەخ قېشىغا كىلىپ دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ بۇ يېڭى ئېچىلغان چىرايلىق گۈلنى ئۈزۈپ قىزغا سوغا قىلىپتۇ. گۈلنى كۆرگەن قىز يىگىتتىن قاتتىق سۆيۈنۈپتۇ ۋە بۇ گۈلنى ئاتىسىغا سوغا قىلىشنى ئويلاپ  يىگىتكە قاراپ :
-ئەي باغۋەننىڭ ئوغلى، رەھمەت ساڭا ،ماڭا بەرگەن بۇ سوغىتىڭغا ساڭا چىن دېلىمدىن تەشەككۇر ئىيتىمەن. مېنىڭدىن قانداق تىلىگىڭ بولسا تارتىنماي ئىيىت، ھەر قانداق تىلىكىڭنى ۋە ئارزۇيىڭنى ئادا قىلغايمەن ،- دەپتۇ.
بۇ مەملىكەتنىڭ شۇنداق بىر قائىدىسى بولۇپ، كىمىيكى تۇنجى ئېچىلغان گۈلنى ياكى يازدا ئاۋۋال پىشقان يېڭى مېۋىنى بىرەر كىمگە ھەدىيە قىلسا ۋە ئۇنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا رەت قىلىشقا بولمايدىكەن.
باغۋەننىڭ ئوغلى ياشلىقىغا ۋە نادانلىقىغا ئېلىپ قىزغا شۇنداق تەلەپ قويۇپتۇ؛
-سېنىڭ تويۇڭ بولغان كۈنى كېلىنلىك لىباسىڭ بىلەن مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ
ماڭا سالام بېرىشىڭنى تېلەيمەن، مەن زىبۇ- زىننەتلەر بىلەن چىرايلىق ياسانغان گۈزەل قامىتىڭنى تاماشا قىلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قېلىمەن.
  قىز باغۋەننىڭ ئوغلىنىڭ تەلىۋىنى خۇشھاللىق بىلەن قوبۇل قېلىپ،ئۇنىڭ ئارزۇسىنى چوقۇم ئورۇنداشقا ۋەدە بېرىپ، گۈلنى ئىلىپ دادىسىغا سوغا قىلىشقا مېڭىپتۇ.
ئارىدىن يىللار ئۆتۈپ قىز ۋەزىرنىڭ ئوغلىغا ياتلىق بوپتۇ. نىكاھ كېچىسى
قىز ۋەزىرنىڭ ئوغلىغا شۇنداق دەپتۇ :
-        مەن پالانى ۋاقىتتا باغۋەننىڭ ئوغلى بىلەن شەرىتلەشكەن ئىدىم، ۋەدەمگە ئەمەل قېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشىم كېرەك، گەرچە مەن سېنىڭ خوتۇنۇڭ بولساممۇ، مەن ئۆز ئەھدىمنى ئادا قىلمىغىچە ساڭا بويسۇنمايمەن. ئاقىللار «ئەھدىگە ۋاپا قىلىش- مەرت كامالەت ئىگىسىنىڭ ئىشى، ئەھدىگە ۋاپا  قىلماسلىق رەزىل قىلمىشتۇر. ۋەدىگە ۋاپا قىلمايدىغان كىشىنى ياخشى كۆرۈشتىنمۇ خەۋىپلىكراق ۋە قىلغان ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ئادەمگە ياخشىلىق قىلىشتىنمۇ زىيانلىقراق نەرسە يوق. » دەپ ناھايتى توغرا ئىيتقاندۇر. دانىشمەنلەرنىڭ مۇنۇ پەندى- نەسىھەتلىرىنى سەنمۇ ئاڭلىغان بولغىيدىڭ؟.
                ۋاپا يولىدا گەر سابىت قەدەمسەن،
                ھېچۋاخ كۆرمىگەيسەن رەنجۇغەمسەن.
                بۇدۇر پەندىم ساڭا زىنھارۇ- زىنھار،
                نە ئەھدە ئەتسەڭ ۋاپاسىزلىق قىلما ئىزھار.
  ۋەزىرنىڭ ئوغلى قىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قىزغا  رۇقسەت بېرىپتۇ . قىز باغۋەن ئوغلىغا بەرگەن ئەھدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز چاھار باققا قاراپ يول ئاپتۇ.
قىز كىتىۋاتسا تۇيۇقسىز باغ تېمىنىڭ يېنىدىن بىر بۇلاڭچى چىقىپ ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپتۇ. قىممەت باھالىق ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلەر ۋە كىيىملەر بىلەن ئورالغان دىلرەبا قىزنى كۆرگەن بۇلاڭچى ئۆزىچە: « شۇنچە يىل بۇلاڭچىلىق قىلىپ يۈرۈپ بۇنداق ئاجايىپ كۆپ ئولجىغا ئۇچىرمىغان ئىدىم. ئەندى بۇ قىزنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلىۋالسام ئىككىنچىلەپ بۇلاڭچىلىق قىلمىساممۇ ئۆمرۈم ئاخىرغىچە توق ياشىغۇدەكمەن » دەپ ئويلاپ قىزغا تاشلانماقچى بوپتۇ.
قىز بۇلاڭچىغا قاراپ :
  -ئي كىشى، بىر ئاز سەۋرى قىلىپ سۆزلىرىمنى ئاڭلا، مەن بۇ باغدا بىرسىگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، ۋەدىسىگە تۇرماسلىق يامان ئىللەتتۇر، ماڭا ئىجازەت بەرگىن، بېرىپ ۋەدەمگە ۋاپا قىلىپ ئەھدىمنى ئادا قىلىۋالاي. قايتىشىمدا ئەلۋەتتە سىنىڭ قېشىڭغا كىلىمەن،شۇ چاغدا ھەممە نەرسىلىرىمنى ئالساڭمۇ مەيلى. مەرتلىك- ئالىي ھىممەتلىكلەرنىڭ خىسلىتىدۇر، مەرتلىك بىلەن نامەرتلىكنىڭ ئارىلىغى پەقەت بىر قەدەم دەپتۇ .بۇلاڭچى قىزنىڭ جاسارىتىگە قايىل بولۇپ، ئۆزىچە مۇنۇ بىيىتنى ئاستا ئوقۇپتۇ .
                ئەھدى  ۋاپا شۇنچە بولسا  خوتۇندا ،
                قانداق مەرتسەن سەندە ۋاپا بولمىسا.
  بۇلاڭچى قىزغا قاراپ شۇنداق دەپتۇ :
-كىشىلەر خوتۇنلارنى كەمسىتىپ: « خوتۇن جاپا، ئىشىت ۋاپا» دېيىشەتتى. مەن ھازىر ئۇنىڭ ئەكسىنى كۆرۈۋاتىمەن. سەندەك مۇرۇۋەتلىك ئايالغا مۇرۇۋەتسىزلىك قىلش نامەرتلىكتۇر، بار ۋەدەڭگە ۋاپا قىل.
   قىز باققا كىرىپ باغۋەن ئوغلى قېشغا كېتىۋاتسا تۇيۇقسىز چاتقاللار ئارىسىدىن بىر شىر چىقىپ قىزنى يېمەكچى بولۇپ ھەملە قىلىپ كەپتۇ.قىز شىرغا تىز چۆكۈپ يېلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ:
  -ئەي شىر!  مەن بۇ باغدا بىرسىگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم . مېنى ۋەدەمگە ۋاپا قىلغىلى قوي، شۇ كىشى بىلەن ئۇچىرىشىپ ئەھدىمنى ئادا قىلغاندىن كىيىن ئالدىڭغا چوقۇم كېلىمەن، شۇ چاغدا نىمە قىلساڭ ئىختىيارىڭ، سېنىڭ لوقماڭغا ئايلىنىشقا رازىيمەن. شىر قىزنىڭ سۆزىنى چۈشەنگەندەك قېلىپ يولنى بوشىتىپ چەتكە مىڭىپ كېتىپتۇ.
  قىز مېڭىپ كۆپ ئۆتمەي باغۋەن ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. باغۋەن يىگىت ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. قىز ئۇنى ئويغىتىپتۇ. يىگىت كۆزىنى ئېچىپ ئالدىدا تۇرغان ئاجايىپ ياسانغان پەرى سۈپەت ساھىبجامال قىزنى كۆرۈپ ھاڭ- تاڭ قاپتۇ. قىز ئۇنىڭغا شۇنداق دەپتۇ :
  -ئىسىڭدىمۇ؟ بىر چاغدا سەن بىلەن ئەھدىلەشكەن ئىدىم، ۋەدەمگە ۋاپا قىلىپ مانا ئەندى قېشىڭغا كەلدىم .
يىگىت ھاياجانلانغىنىدىن  چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى تاشلاپ شۇنداق دەپتۇ  :
-سەن قانداق تەلىۋىڭ بولسا ئادا قىلىمەن دېگەچكە مەن قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ چاقچاق قىلىپ  شۇنداق دەپ قويغان ئىدىم.سېنىڭ بۇنداق كېچىدە جاپا تارتىپ مىنى يوقلاپ كىلىدىغانلىغىڭنى  خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن  ئىكەنمەن.ياشلىقتىكى نادانلىغىم ئۈچۈن مىنى كەچۈرگىن.سەن ھەقىقەتەن ئىچ تېشى گۇزەللىككە تولغان ۋاپادار قىز بوپسەن؛- دەپ قىزغا قايتىپ كىتىشكە ئىجازەت بىرىپتۇ .
  قىزئارقىسىغا يېنىپ قايتىپ شىرنىڭ قىشىغا كىلىپ ئۇنىڭغا دەپتۇ:
-ئەي شىر !سىنىڭ مەرتلىگىڭ بىلەن مەن ۋەدەمنى ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم،يەنە ساڭا قىلغان ۋەدەمگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن قېشىڭغا كەلدىم. ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق نامەرتلىكتۇر، قېنى خالىساڭ مېنى يە، بولمىسايولۇمغا
ماڭغىلى رۇقسەت بەر.
شىر تۇيۇقسىز زۇۋانغا كېلىپ قىزغا:  
-ئەي ئاجىزە،سەن ھەقىقەتەن مەرت قىز ئىكەنسەن. سېنى يېيىش نامەرتلىكتۇر.ساڭا يول بەردىم ،يولۇڭغا كېتىۋەر؛-دەپ يولنى بوشىتىپتۇ .
قىز باغدىن چىقىپ بۇلاڭچىنىڭ قېشىغا كەپتۇ، قارىسا بۇلاڭچى خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقۇدەك. قىز بۇلاڭچىنى ئويغىتىپ دەپتۇ :
  -ئەي كىشى! مەن ئەھدىمنى ئادا قىلىپ باغۋەننىڭ ئوغلى بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇ مەرتلىك قىلىپ ماڭا چېقىلماستىن قايتىپ كېتىشىمگە رۇقسەت بەردى. مانا ئەندى ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قېشىڭغا كەلدىم،خالىساڭ ھەممە زىبۇ- زىننەتلىرىمنى ئال.
  بۇلاڭچى قىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مىيىغىدا كۈلۈپ تۇرۇپ دەپتۇ:
-خوتۇنلارنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دېگەن گەپ ھەقىقەتەن راستكەن،
مېنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىغىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ، نىمىشكە ئۈندىمەي ئۆتۈپ يولۇڭغا كىتىۋەرمىدىڭ؟ نىمىشكە ئۆزۈڭنى بۇنداق ھالاكەتكە دۇچار قېلىسەن ؟
قىز بۇلاڭچىنىڭ سۆزىگە شۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ :
  -ئەي مەرت كىشى!سەن مېنىڭ ئەھدىمنى ئادا قېلىشىمغا يول قويۇپ ماڭا ياخشىلىق قىلدىڭ، مەن يەنە ساڭىمۇ ۋەدە بەرگەن ئىدىم، بۇ ۋەدەمنى ئادا         
قىلماسلىققا قانداقمۇ يۈزۈم چىدىسۇن ؟
بۇلاڭچى قىزغا شۇنداق دەپتۇ:
  -ئەي ئالىي جاناپ قىز ! مەن سېنى سىناش ئۈچۈن قويۈپ بەرگەن ئىدىم، كېلىۋاتقىنىڭنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ئۇخلىغان قىلىپ كۆرسەتتىم، ۋەدەڭگە ۋاپا قېلىپ قېشىمغا كەلدىڭ. سەنمۇ مەرت قىز ئىكەنسەن. خوتۇن كىشىدىمۇ ۋاپا بولىدىغانلىغىغا ئىشەندىم، ماڭ يولۇڭغا كېتىۋەر، ماڭا سېنىڭ ھىچنەرسەڭ كېرەك ئەمەس. ئېرىڭنىڭ قېشىغا تىزراق بارغىن.
  قىز بۇلاڭچىغا رەھمەت ئىيتىپ ساق- سالامەت ئېرى قىشىغا قايتىپ كەپتۇ.
   جەمشىتنىڭ قىزى ھېكايىسىنى سۆزلەپ تۈگىتىپ توت مۇساپىر يىگىتكە قاراپ شۇنداق دەپتۇ :
   -ئەي يىگىتلەر! قېنى ھەر  بېرىڭلار ئۆزەڭلارنىڭ ئەقل- پاراسىتى بويىچە  ئىيتىپ بېقىڭلارچۇ، يۇقاردىكى تۆت جانزاتتىن قايسىسى ھەممىدىن بەك سەۋرى تاقەتلىك، مۇرۇۋەتلىك  ھەم مەرت ئىكەن ؟
ئۇلاردىن بىرى باغۋەننىڭ ئوغلىنى ھەممىدىن سەۋرى تاقەتلىك، مۇرۇۋەتلىك  ھەم مەرتلىك ھەققىدە ماختاپتۇ. يەنە بىرسى خوتۇنىنى كىچىدە ۋەدىسىنى ئورۇنلاشقا رۇقسەت قىلغان ۋەزىرنىڭ ئوغلىنى ھەممىدىن سەۋرى تاقەتلىك، مۇرۇۋەتلىك  ھەم مەرت ئىكەن دەپتۇ. ئۈچىنچىسى بۇلاڭچىنى ھەممىدىن سەۋرى تاقەتلىك، مۇرۇۋەتلىك  ھەم مەرت ئىكەن دەپتۇ. تۆتىنچىسى شىرنى ھەممىدىن سەۋرى تاقەتلىك، مۇرۇۋەتلىك  ھەم مەرت ئىكەن دەپ ماختاپتۇ.
يېگىتلەرنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان قىز ئۇلارغا تەبەسسۇم بىلەن قاراپ قويۇپ «ھەممىڭلار ياخشى جاۋاپ بەردىڭلار، ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىق ئىكەنسىلەر،» دەپتۇ دە ئۇلارنىڭ قېشىدىن چىقىپ دادىسىغا قايسىسىنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ بېرىپتۇ. پادىشاھى جەمشىت قىزنىڭ  ئەقىل پاراسىتى بىلەن ھېچقانداق قىيىن قىستاق ئىشلەتمەيلا گۆھەر ئوغۇرلىچىنى تېپىپ گۆھەرنى قايتۇرىۋاپتۇ .  
    ھۆرمەتلىك تورداشلار ! قېنى سىلەرمۇ ئىيتىپ بېقىڭلارچۇ، قىز نىمىگە  ئاساسلنىپ گۆھەرنى ئوغۇرلىغان ئوغۇرنى بايقاپ قالدى. سىلەرچە يۇقارقى تۆت جانزاتتىن قايسىسى ئەڭ مورۇۋەتلىك ھەم مەرت ؟

   
    ـ كىلاسسىك ئوقۇلمىلاردىن تەرسايى ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىدى .

bugday يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 22:45:51

ئوغرى ئۈچىنچىسىمىكى دەپ قالدىم، ئۇ ئوغرى بولغاندىكىن قاراقچىنى ماختىغان گەپ.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 22:48:15

مەنمۇ شۇنداق قاراشتا

ibrayim11229 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 23:16:55

جاۋابىنى كۈتەي

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 23:38:46

شۇ مەلىكىنى شۇ گۆھەرگە مىسال قىلساق، ۋەزىرنىڭ ئوغلى گۆھەرنى يۈتتۈرگەن كىشى بولىشى مۇمكىن. بۇلاڭچى، شىر ، باغۋەننىڭ ئوغلى ئۈچىسىنى ماختۇغۇچىلاردىن بولسا مەنچە باغۋەننىڭ ئوغلىنى ماختۇغۇچى گۆھەر ئوغرىلىغان ئوغرىغا ئۇدۇل كىلەرمىكىن.

باغۋەننىڭ ئوغلى، ۋەزىرنىڭ ئوغلى، بۇلاڭچى ۋە شىر تۆتىسىدىن مىنىڭچە يەنىلا ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئەڭ مۇرۇۋەتلىك ۋە مەرت.
جاۋابىم خاتا بولۇپ بۇلاڭچىنىڭ جاۋابى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالمىغاندۇ ھە...:lol

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 23:45:23

مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۇ چوقۇم باغۋەننىڭ ئوغلىنى ماختىغىنى ئوغرى شۇ.ۋەزىرنىڭ ئوغلى ئەڭ مۇرۇۋۋەتلىك ۋە ئەڭ مەرت ئىكەن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 00:14:44

مىنىڭچە شىرنى ماختىغىنى ئوغرى، ئۈچ ئادەم تۇرسا بىر ھايۋاننى ئەڭ مەرت ۋە مۇرۇۋەتلىك ئىكەن دەپ ماختىشى كاززاپلىق بىلىنىۋاتىدۇ، چۈنكى نەپسىدىن كېچىپ مەرتلىك قىلىش بۇ ئەقىل ۋە ئىدراك ئىگىسى بولغان ئىنسانغا خاستۇر، گەرچە ھىكايەتتە شىر زۇۋانغا كەلتۈرۈلۈپ ئادەملەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ…

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 00:19:53

مىنڭچە ۋەزىرنىڭ ئوغلىنى ماختىغىنى شۇ ، :lol

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 00:32:02

نەچچە يىللار بۇرۇن بۇ چۆچەكنى ئوقۇغان ، ئەپسۇس ، جاۋابىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 08:16:30

مىنىڭ جاۋابىم مۇزتاغنىڭكىگە ئوخشاش .

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 08:35:36

مىنىڭچە بۇلاڭچىنى ماختىغىنى ئوغرى، ئالتۇن-كۈمۈشكە ھىرىسمەن ئادەم .

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 10:18:25

دىخاننىڭ ئوغلىنى ماختىغىنى .چۈنكى دىخاننىڭ ئوغلى ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلگەن  قىزبالىنى  بولدى دەپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن . لېكىن ئوغرى بۇنداق قىلالمىدى  شۇڭا ئۇنى مەرت دەپ ماختىدى دەپ ئويلايمەن سىلەرچە

alshah يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:04:50

يەنىلا ۋەزىرنىڭ ئوغلى مەرت ئىكەن.   ھەر قانداق ئادەم پۇل ـ مالدىن كېچەلەيدۇ، بىراق توي كۈنى خوتونىنى باشقا بىرىنىڭ ئالدىغا ۋەدەڭنى ئورۇنلاپ كەل دەپ ئەۋەتەلەيدىغان ئىش ئادەتتىكى ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. قاراقچنى ماختىغىنى ئوغرى بۇلىشى مۇمكىن.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:05:35

جاۋاپ:بۇلاڭچىنى ماختىغىنى ئوغىرى دەل ئۆزى شۇ،چۇنكى ھەر كىم ئۆز خىلى تائىپىسىدىكىلەرنى ماختايدۇ.مەكتەپكە كىرمەستە بىلىتىم مەن بۇ جاۋابنى،30يىلدىن بۇيان ئۇنتۇپ قالمىدىم جۇما:P:P:P

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:39:23

قايىل قىلارلىق، پىسخىكلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق تەھلىل قىلغان جاۋاپ بولمىسا ھەممىسى خاتا. بۇ ھېكايەتنى ئوقۇغان، لىكىن چۈشەندۈرىشى قايىل قىلارلىق ئەمەس. ئەڭ ئاخىرىدا ئوغرى قايىل بولۇپ گۆھەرنى تاپشۇرىدۇ. ئەسلىدە ھولمىسقا ئوخشاش ھەل قىلىش كېرەك ئىدى.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:46:54

ھېلىقى بىر تېپىشماق باتىغۇ ،توخۇ-توشقان 38 جەمئىي پۇتى 108 .توخۇ قانچە ،توشقان قانچە دەيدىغان . بۇنى مۇنداق يېشىدىكەنمىز.
يەرنى دەسسەپ تۇرغان پۇت جەمئى 108،بۇنىڭدا توخۇنىڭمۇ،تۇشقاننىڭ بار.توخۇ تۇشقانلارنى بىر رەتكە تۇرغۇزۇپ مۇنداق بويرۇق بىرىمىز.ھەممىڭلەر بىر پۇتۇڭلارنى كۈتۈرۈڭلار.شۇنىڭ بىلەن 38 پۇت يەردىن كۈتۈرلۇپ كەتتى.108-38=70،دىمەك يەرنى بىر پۈتتى بىلەن توخۇ.ئۈچ پۇتى بىلەن توشقان دەسسەپ تۇرىدۇ ،بۇ پۇتلار جەمئىي 70.يەنە بىر قېتىم يەنە بىر پۇتۇڭلارنى كۆتىرىڭلار دىسەك !يەنە 38 تال پۇت كۈتۈرلۈپ كىتىدۇ دە ،توخۇ يەرگە يېقىلىدۇ.70-38=32،بۇ ۋاقىتتا يەرنى دەسسەپ تۇرغان 32تال پۇت ئىككى پۇتتى بىلەن يەرنى دەسسەپ تۇرۋاتقان تۇشقاننىڭ پۇتى.32 ئىككىگە بۆلسەك 16،دىمەك توشقان 16،توخۇ 22.:lol
شۇنچە كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ بىلدىغان بۇ تېپىشماقنىڭ ئۆلچەملىك يېشىش ئۇسۇلىنى ئەمدى بىلىپ ،سەل ھەيران قىلىپ يوللاپ سالدىم:L

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 18:19:02

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 11:46 static/image/common/back.gif
ھېلىقى بىر تېپىشماق باتىغۇ ،توخۇ-توشقان 38 جەمئىي پۇتى 1 ...

لېكىن بۇ ھىسابلاش ئۇسۇلۇڭلا بۇ تېپىشماقنىڭ ئەسلى نۇسخىسىغا ماس كەلمەيدۇ، يەنى توخۇ توشقان 18 پاچىقى 108 گە.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 14:32:14

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 18:19 static/image/common/back.gif
لېكىن بۇ ھىسابلاش ئۇسۇلۇڭلا بۇ تېپىشماقنىڭ ئەسلى نۇس ...

سىز خاتا ئاڭلىۋالدىڭىزمۇ يا ئىزدىنىشلىقلارنى چېلىپ بېقىۋاتامسىز ؟   قېنى ئۆزىڭىز بېر ئىشلەپ بېقىڭا ،   توخۇ - توشقان 18 ، پۇتلىرى 108 ، نى ؟ 18 نىڭ ھەممىسى توشقان بولغان ھالەتتىمۇ پۇتلىرى توشمايدىغان تۇرسا ئاۋۇ سانغا .    مەن ئاڭلىغان ۋارىيانتى بولسا :  « توخۇ توشقان 18 ، پۇتلىرى 48 »  .

بۇ تېپىشماقنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇشلۇقلىرىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسلى نۇسخىسى : « توخۇ - توشقان ئوتتۇز سەككىز ،  جەمئى پۇتى بىر يۈز سەككىز ، توخۇ قانچە ، توشقان قانچە ، ھېسابلاپ تاپالامسىز ؟ »  ،

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 15:21:08

گوھەر بىر ياقتا قېلىپ پاچاق تېپىشقا چۇشۇپ كەتتىڭلاغۇ

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 15:50:22

ئۆزى ئۆيدە،قۇيرۇقى تالادا.     ئۇ نىمە؟ :P
بەت: [1] 2
: تېپىشماقلىق ھېكايە : گۆھارنى كىم ئوغۇرلىدى ؟