waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 20:11:08

شىنجاڭ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسى قۇرۇلدى دىلارە ئۇنىڭغا قۇشۇلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 21:06  

   

  شىنجاڭ تەڭرىتاغ قىزلار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى يېقىندا رەسمىي قۇرۇلدى، ھازىر كوماندىدىكى 15 ئەزا بېيجىڭ ۋاقىتلىق مەشىق بازىسىدا مارتنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان WCBA (جۇڭگو قىزلار ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى) تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
  بىر ئاي بۇرۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەر ياقلاردا بىر-بىرى بىلەنمۇ تونۇشمايتتى، بىراق بۈگۈن ئۇلار «شىنجاڭ تەڭرىتاغ» بايرىقى ئاستىدا جەم بولۇشۇپ كوماندىداشلاردىن بولۇپ قالدى، شۇنداقلا ئورتاق شىنجاڭ ئۈچۈن مۇسابىقە مەيدانىدىكى كۈرىشىنى باشلىۋەتتى.
جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى  مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن  بۇ كوماندىغا شىنجاڭ تەغرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى دەپ نام بەردى.
شىنجاڭ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشى.
شىنجاڭ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئىلگىرى شانلىق بىر مەزگىلى بولغان بولۇپ، 1958-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە كومىتېتىغا كېلىپ خىزمەت ئۆتىگەن، ئىشچىلار تەنتەربىيە ئەترىتىگە چوڭ ئەترەت باشلىقى بولغان 88 ياشلىق ليۇ ۋېيجيەن ئەينى ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ ھاياجانغا چۆمگەن ھالدا : «1963-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىككىنچى نۆۋەتلىك ترېنېرى جا دېمىننىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا باشتىن ئاخىرى ياخشى ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ شىنجاڭ تەنتەربىيە تارىخىدىكى تۇنجى مەملىكەتلىك ئاياللار ۋاسكېتبول ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى» دېدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى خىزمىتىنى ئۆتىگەن 89 ياشلىق فاڭ شىڭۋۇ : «ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تېخنىكا-ماھارىتى پۈتكۈل جۇڭگوغا نام چىقارغانىدى، بولۇپمۇ كوماندا ئەزاسى دىڭ ۋېنيۈنىڭ بەدەن ئارقىسىدىن توپ ئېلىپ مېڭىش ماھارىتى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇراتتى» دېدى.
ليۇ ۋېيجيەن يەنە : «1958-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنى قۇرۇپ، 1963-يىلىغا كەلگەندە شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى بىلەن پۈتكۈل جۇڭگوغا نامى پۇر كەتكەن بولۇپ، پۈتكۈل جۇڭگولۇقلارنىڭ شىنجاڭ تەنتەربىيەسىگە يېڭى بىر تونۇشىنى ھاسىل قىلغان ئىدى»
ئەپسۇس، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى شانلىق نەتىجىلەر ئەسلىمىگىلا ئايلىنىپ قالغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىلىرى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مەشىق سېستىمىسى ئۈزۈلۈپ تۇراقسىز ھالەتكە، شۇنداقلا نامى بار جىسمى يوق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، ئارىلىقتا 20 يىلدەك ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى شىنجاڭ تەنتەربىيەچىلىرىنىڭ ئەسلىمىسىدىكى تارىخقا ئايلىنىپ قالغان.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى كوماندا باشلىقى چيۇ سىيۆ : «كوماندا ئەزالارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 185 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، ئوتتۇرىچە يېشى 26 ياش بولۇپ، كوماندىمىز ھايات كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر كوماندا» دېدى، چيۇ سىيۆ سابىق جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ئۇنىڭغا ئوخشاش كوماندىداشلىرى ما زېڭيۆ، جاڭ شياۋنىلارمۇ سابىق جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئۇندىن سىرت باشقا ئەزالارمۇ WCBA نىڭ مول تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەن.
كوماندا ترېنېرى سۈن يۇڭچيەن : «ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇنجى كوماندا ئەزايىمىزنىڭ كوماندىغا قوشۇلۇشىدىن باشلاپ بۇ يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر نەپەر كوماندا ئەزايىمىزنى كۈتۈۋېلىشكە قەدەر بولغان 40 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدىلا مۇشۇنداق بىر كوماندىنى قۇرۇپ بىر قوشۇننى ھاسىل قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئوڭاي ئەمەس» دېدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، ئۆتكەن يىلى WCBA ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىدە جەمئىي 17 كوماندا بار بولۇپ، بۇ يىلقى يېڭى قاتناشقان شىنجاڭ، شەنشى، تيەنجىن قاتارلىق ئۈچ كوماندا بىلەن ھازىر جەمئىي 20 كوماندا بار ئىكەن، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى 3-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تاللاش مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى 12 كوماندىدىنىڭ ئىچىگە كىرەلىگەندىلا ئاندىن يىل ئاخىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان WCBA ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول ئايلانما مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدىكەن.
    ‹‹كوماندىمىزدىكىلەرنىڭ بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.85 مېتىر، ئوتتۇرىچە يېشى 26 ياش، بىز ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، يوشۇرۇن كۈچى زور كوماندا››، دېدى شىنجاڭ تەڭرىتاغ قىزلار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى چيۇ سىيۆ. ئۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى بولۇپ، كوماندا ئەزالىرى ما زېڭيۈ، جاڭ شياۋنىمۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزالىرى ئىكەن، ئۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئەزالار مول مۇسابىقە تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەن.
    ‹‹بۇلتۇر 15 – دېكابىر تۇنجى تۈركۈمدىكى كوماندا ئەزالىرى تىزىملىتىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، بۇ يىل 2 – فېۋرال ئەڭ ئاخىرقى ئەزا يېتىپ كەلگىچە بولغان 40 نەچچە كۈندە مۇشۇنداق بىر كوماندىنى قۇرۇش ئاسان ئەمەس››، دېدى تىرېنېر سۈن يۇڭچيەن.
    2014 – يىلى ئاۋغۇستتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭ قىزلار ۋاسكېتبول كەسپىي كوماندىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى شىنجاڭ قىزلار ۋاسكېتبول كەسپىي كۇلۇبى قۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىدى. بۇلتۇر 15 – نويابىر كۇلۇب قۇرۇلۇپ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج ۋە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇش خىزمىتى تاماملاندى؛ 30 – نويابىر جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەستىقلىتىش خىزمىتى تاماملاندى.
    ئىگىلىشىمىزچە، ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىدە، WCBAدا ئاران 17 كوماندا بار ئىكەن، بۇ يىل شىنجاڭ، شەنشى، تيەنجىن كوماندىسىدىن ئىبارەت ئۈچ كوماندا يېڭىدىن قوشۇلۇپ، كوماندا سانى 20گە يەتكەن. WCBAنىڭ 2016 – 2015 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، مۇسابىقە تۈزۈمى تەڭشەلگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن 20 كوماندا مارتنىڭ ئاخىرىدىكى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن، ئالدىنقى 12 كوماندا قاتارىغا كىرگەنلەر يىل ئاخىرىدىكى جۇڭگو قىزلار ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىكەن.
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ 10 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقىتلىق مەشىق بازىسىدا، قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ قىزلار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسى ئوڭۇشلۇق قۇرۇلۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاپا – مۇشەققەتتىن، ھېرىش – چارچاشتىن قورقمايدىغان، جاسارەت بىلەن ئېلىشىدىغان كوماندا ئىستىلىنى ھازىرلىدى، ئۇلارنىڭ بۇ روھى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
    لى گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ۋاسكېتبول قىزلار كوماندىسىنى قايتا قۇرۇش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم ر رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا تەنتەربىيەنىڭ دىن ئەسەبىيلىكىگە قارشى تۇرۇش، ساغلام، ئىنتىلىشچان تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت، كوماندا ئەزالىرىنىڭ كېلەر قېتىمقى مۇسابىقىدە كارامىتىنى كۆرسىتىپ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن شىنجاڭ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئوخشاشلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يارقىن سىموۋولغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇنجى نەپەر كوماندا ئەزاسى كوماندىغا قوشۇلغاندىن باشلاپ بۇ يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگە كەلگەندە كوماندىنىڭ جەمئىي 15 نەپەر كوماندا ئەزاسىدىن تەشكىل بولۇشى شىنجاڭ ئاياللار كەسپىي ۋاسكېتبول كوماندىسىنى قۇرۇشقا مەسئۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە  ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇيىنىڭ كۆڭلىنى جايىغا چۈشۈردى.
2-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسىنىڭ بېيجىڭدىكى مەشىقلىنىش بازىسىدا ليۇيىنى ئۇچراتقىنىدا ئۇ ترېنېر بىلەن كوماندا ئەزالىرىنىڭ تىزىملىتىش خىزمىتى توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ تۈرلۈك خىزمەت 2-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا تاماملىنىدىكەن.
ئارىلىقتا 20 يىل ئۈزۈلۈپ قالغان شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ 1-2-3-سەپلىرى خۇددىي ئاق قەغەزدەك قۇپقۇرۇق بولۇپ، كوماندا قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ليۇيى بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ نەقەدەر چوڭ، ھەم ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى، شۇنداقلا ئۇ بىرلەشمىدىكى ھەر قايسى كوماندىلاردىن كوماندا ترېنېرى، كوماندا ئەزالىرىنى «قېزىشقا» باشلىدى.
ليۇيى مۇخبىرغا : «شىنجاڭدا ئۆزىمىزنىڭ ماھىرلىرى كەمچىل، توختىماستىن سىرتتىن ئادەم قېزىشىمىز كېرەك، يەنە تېخى يېڭى قۇرۇلغان كوماندىلاردىن ئادەم تالىشىشىمىز كېرەك» دېدى.
ئۇ يەنە مۇخبىرغا گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن يېڭى ئەسىر گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى لياڭ جىبىڭنىڭ كوماندا قۇرۇش ئۈچۈن چوڭ ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇخبىرغا : «لياڭ جىبىڭ گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن بەش نەپەر كوماندا ئەزاسىنى شىنجاڭ تەغرىتاغ كوماندىسىغا ياردەم بەردى، ئەڭ مۇھىمى بۇ جەرياندىكى كوماندا ئالمىشىش پۇلىدىن بىر پۇڭنىمۇ تەلەپ قىلمىدى، بۇ بەش نەپەر ماھىرنىڭ ئىچىدە يەنە نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بايراقدارى بولغان دىلارە دىلشاتمۇ بار» دېدى.
  ئالاقىدار كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ مۆلچەرىچە بۇ بەشەيلەننىڭ كوماندا ئالمىشىش ھەققى ئاز دېگەندىمۇ 1.5 مىليون يۈەندىن كەم بولمايدىكەن. ليۇيىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە لياڭ جىبىڭ يەنە 3 مىليون چىقىرىپ جەنۇبىي شىنجاڭدا 10 ئۆلچەملىك ۋاسكېتبول مەيدانى قۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈلمىرە يۈسۈپ كوماندا ئىچىدىكى دىلارەدىن سىرت بىردىنبىر شىنجاڭلىق ماھىر بولۇپ، ئوخشاشلا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يولى «توختاپ» قالغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ماھىرلاردىن ئىكەن. شىنجاڭدىن چىققاندىن كېيىن گۈلمىرە يۈسۈپ ئىزچىل تۈردە چۇڭچىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا كۈچ قوشۇۋاتقان بولۇپ، يەنە بىر قېتىم شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە كىيىمىنى كىيگىنىدىن تولىمۇ ھاياجانغا چۆمگەنلىكىنى، دادىسىنىڭمۇ ئۆزىنى ئىنتايىن قوللايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ يەنە نەچچە يىل شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 08:19:05

بۇلارنى يىققۇچە ھۆكۈمەت  تازا پۇل خەجلەپتۇدە، .
دىيارىمىز ئۇچۇن شان-شەرەپ كەلتۈرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز .
قىزلار پۇتبول كۇلۇبىنىمۇ قۇرۇش كىرەك ، نەچچە كۈن بۇرۇن باش مىرزا بەگ جاڭ جەبۇپتىكى قىزلار پۇتبولىنى قوللايدىغانلىقىنى بىدۈرگەندەك قىلغان .

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 15:14:15

پۇل يۇيۇش
بەت: [1]
: شىنجاڭ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسى قۇرۇلدى دىلارە ئۇنىڭغا قۇشۇلدى