qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:16:10

كافكا نىڭ «قەلئە»سىگە نەزەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   man_sarang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 12:25  

فىرانىز كافكا ۋە ئۇنىڭ مەشھۇر رومانى «قەلئە»
گاۋ تيەنشېڭ

كافكا 20 – ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىلارنىڭ بىرى. 1941- يىلى ئەنگلىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى ئودېن: «يازغۇچى ۋە ئۇ ياشىغان دەۋر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، كافكانى دانتې، شېكىسپىر ۋە گيۇتې قاتارلىقلار  بىلەن  تامامەن بىر قاتارغا قويۇشقا بولىدۇ» دېگەنىدى. ئۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا ئەدەبىيات دالاسىدا ئۈن- تىنسىز مېھنەت قىلدى؛ ئۆزىگە خاس ئىجادىيىتى بىلەن شۇ چاغدىكى ھەرقايسى ئەل ئەدەبىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىپ، 20- ئەسىر ئەدەبىيات تارىخىدا ئۆچمەس سەھىپە قالدۇردى. ئۇ مۇدېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ بوۋىسى دەپ ھۆرمەت بىلەن تەرىپلىنىشكە تامامەن ھەقلىق.
فىرانىز كافكا 1883- يىلى 3- ئىيۇلدا ئاۋستىرىيە- ۋېنگىرىيە ئىمپېريىيەسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى بوخىمىيە (بۈگۈنكى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىگە تۇغرا كېلىدۇ) نىڭ پايتەختى پىراگادا  تۇغۇلغان. دادىسى قۇرۇق قول بىلەن ئىگىلىك تىكلىگەن سودىگەر بولۇپ، ئاپىسى تولىمۇ مىسكىن، خىيالچان ئايال ئىدى. كافكا كىچىكىدە نېمىس تىلى تەربىيەسى ئالغان، 1901- يىلى پىراگا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ نېمىس تىلى ئۆگەنگەن، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي دادىسىنىڭ تەلىپى بىلەن قانۇن كەسپىگە ئالماشقان ۋە 1906- يىلى قانۇن پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1908- يىلىدىن باشلاپ يېرىم ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلىگەن؛ 1917- يىلى ئۆپكە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان، 1922- يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن خىزمىتىدىن ئايرىلغان؛ 1924- يىلى 3- ئىيۇندا ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى  بىلەن 41 يېشىدا ۋاپات بولغان.
كافكانىڭ قىسقىغىنا ھاياتى پۈتۈنلەي بەختسىزلىك بىلەن تولغان.  ئۇ ياشىغان دەۋر، ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇھىتى، ئائىلىسى ئۇنىڭ  ئىدىيەسى ۋە ئىجادىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. كافكا ياشىغان دەۋر دەل ئاۋستىرىيە- ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيەسى خابۇسبېرگ پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ئىدى. ئەينى ھاغدا پىراگادا مىللىي زىددىيەت، سىياسىي زىددىيەت ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن بولۇپ، ئىمپىرىيەنىڭ ئۇلى لىڭشىپ قالغانىدى.  يەھۇدىي بولغىنى ئۈچۈن كافكا  سىلاۋىيانلار  بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمايتتى، لېكىن پىراگادىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىلاۋىيانلار  ئىدى؛ ئۇ نېمىس تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بولغاچقا، ئەتراپىدىكى ئادەملەر بىلەن ئورتاق تىلى  يوق ئىدى؛ ئۇ پۈتۈنلەي ئاۋستىرىيەلىكمۇ  ئەمەس، چېخلىقمۇ ئەمەس ئىدى. سۇغۇرتا  شىركىتىنىڭ ياللانما خادىمى بولغىنى بىلەن، مۈلۈكدارلار قاتلىمىغا تەۋە ئەمەس ئىدى؛ مۈلۈكدارنىڭ ئوغلى بولغاچقا، ئۇ يەنە پۈتۈنلەي ئەمگەكچىمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى مىجەزى چۇس، زالىم  كىشى  بولۇپ، ئائىلىدە مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە ئىدى. كافكا كىچىكىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدۇ، پۈتۈن ئۆمرى زالىم تەبىئەتلىك دادىسىنىڭ قاراڭغۇ كۆلەڭگىسىدە ئۆتىدۇ. ئۇ ئۈچ قېتىم توي قىلىشقا پۈتۈشىدۇ، لېكىن ئۈچىلى قېتىمدا ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن توي كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋېتىپ،  ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۇرمۇش قۇرماي تەنھا ئۆتۈپ كېتىدۇ. كافكا ياشاش مۇھىتىنىڭ تەسىرى  ۋە ئىچ مىجەزى تۈپەيلى يېزىقچىلىقنى بىر خىل روھىي ئەمىنلىك ۋاستىسى قىلىۋالىدۇ.
كافكا كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغانىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا   دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇغان؛ سىپنوزا، نېچشى، دارۋېن قاتارلىقلارنىڭ تەلىماتلىرى، دانىيەلىك مەۋجۇدىيەتچى پەيلاسوپ كىرىگورنىڭ ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، جۇڭگونىڭ لاۋزى، جۇاڭ زى پەلسەپىسىنىمۇ تەتقىق قىلغانىدى. ئۇ 1908- يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. كافكا ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويىدىغان يازغۇچى ئىدى. ئۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا ئۈچ رومان، نۇرغۇن پوۋېست،  ھېكايە، زور مىقداردىكى ئەدەبىي خاتىرە، فېليەتون، ھېكمەت، خەت- چەك، كۈندىلىك خاتىرىلەرنى يازغان. ئۇ ئەسەرلىرىگە بەك قاتتىق تەلەپ قوياتتى.  ئۇنىڭ ھايات چېغىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئۇنچە كۆپ ئەمەس. كافكا ئۆلۈپ كېتىشتىن  ئىلگىرى يېقىن دوستى ماكىس بىرودقا ئېلان قىلىنمىغان جىمى قوليازمىلىرىنى كۆيدۈرىۋېتىش، ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرىنىمۇ قايتا نەشر قىلماسلىق ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ.   كافكا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر  يىراقنى كۆرەر ماكىس بىرودنىڭ دوستىنىڭ  ۋەسىيىتىنى ئورۇندىمىغىنىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. كافكا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ماكىس بىرود ئۇنىڭ جىمى ئەسەرلىرىنى رەتلەپ نەشر قىلدۇرۇپ، بۇ ئاجايىپ تالانتلىق يازغۇچىنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەرلىرىنى يىرتىۋەتمەي ساقلاپ قالىدۇ، كېيىن بۇ ئەەسرلەر پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇرۇن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلىگەن. لېكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقالغان. 50- يىللاردىن باشلاپ ياۋروپا- ئامېرىكىدا كافكا قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. نۇرغۇن يازغۇچىلار كافكانىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى دوراپ، ئەسەر ئىجاد قىلغان. ئىلىم ساھەسىدىمۇ كافكانى تەتقىق قىلش قىزغىنلىقى قوزغىلىپ كەتكەن. ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىدىمۇ «كافكاشۇناسلىق»  ئىلمى شەكىللەنگەن. كافكانىڭ شۆھرىتى ھازىرمۇ بارغانچە ئېشىپ بارماقتا.  
دۇنيا ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە 20 – ئەسىر كىرگەندىن بۇيان بارلىققا كەلگەن مەۋجۇدىيەتچىلىك، سۇررېئالىزم، بىمەنىچىلىك ئېقىمى، قارا يۇمۇر، فانتازىيەلىك رېئالىزم  قاتارلىق كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئەدەبىيات ئېقىملىرى ئېلېمېنتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كافكانىڭ ئەسىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرى كافكانى خېلىلا كېچىكىپ چۈشەندى. 60- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كافكانىڭ ئاز بىر قىسىم ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى، لېكىن ئىچكى ماتېرىيال سۈپىتىدىلا تارقىتىلدى، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىدى. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن كېيىن ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى باھارى چەت ئەل ئەدەبىياتىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئەتتى، كافكاغىمۇ يېڭىباشتىن باھا بېرىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى. كافكا جۇڭگو يازغۇچىلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى، بەزى يازغۇچىلار كافكانى دوراپ ئەسەر يېزىشقا باشلىچى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كافكانىڭ ئەسەرلىرى ئېلىمىزدە بارغانسېرى كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە مەدھىيىسىگە ئېرىشتى.
كافكا ھاياتىدا «سوت»، «ئامېرىكا»، «قەلئە»   قاتارلىق ئۈچ رومان يازغان، لېكىن بۇ ئۈچ روماننىڭ ھېچقايسىسى تولۇق پۈتمىگەن. بۇ رومانلارنىڭ ئىچىدە «قەلئە» نىڭ سەھىپىسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، كافكانىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئەڭ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ھەمدە كىشىلەر تەرىپىدىن كافكانىڭ مۇھىم ئەسىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. ماكىس بىرود بۇ رومانغا «كافكانىڭ فائۇستى» دەپ باھا بەرگەن.  
روماندا باش قەھرىمان «K» نىڭ قەلئەگە كىرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھېكايە قىلىنىدۇ. رومان ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە ئىنتايىن چوڭقۇر، مەزمۇنى تولىمۇ غەلىتە بولۇپ، ئۆزگىچە بىر دۇنيا كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ. ئەسەردە يەنە رېئاللىق بىلەن رېئالسىزلىق، نورماللىق بىلەن بىمەنىلىك، ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن ئاجايىپ غەلىتە ئادەملەر بىر- بىرىگە جىپسىلىشىپ كەتكەن. بەزىلەر روماننى يەنە «سىرلىق ئوردا تۈسىنى ئالغان، كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىۋېتىدىغان رومان» دەپمۇ ئاتىغان. چەت ئەللىك بىر ئوبزورچى رومانغا مۇنداق دەپ باھا بەرگەن: «<قەلئە> نى ئوقۇغان كىشى بىرنەچچە بەت ئوقۇپلا ئۆزىنى ھېچنېمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايدىغان قويۇق تۇمان ئىچىدە لەيلەپ يۈرگەندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ رومان تىلىنىڭ مەززىسىز ئىكەنلىكىدىن ئەمەس (كافكانىڭ تىلى بەك راۋان ھەم چۈشىنىشلىك) بەلكى روماندا تەسۋىرلەنگەن ئىشلارنىڭ شۇ قەدەر بىمەنە، كىشىلەر ئارىسىدىكى دىئالوگنىڭ  شۇنچىلىك غەلىتە ئىكەنلىكىدىن بولغان.»
روماندا نۇرغۇن غەلىتە ۋە بىمەنە  ئىشلار  تەسۋىرلىنىدۇ. قەلئە ھېچقاچان يەر ئۆلچەش خادىمى تەكلىپ قىلمايدۇ، لېكىن «K» نىڭ يەر ئۆلچەش سالاھىيىتىنى  ئېتىراپ قىلىدۇ. «K» ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ  بىر- ئىككى سائەت ئۆتەر- ئۆتمەيلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىدۇ. قەلئەگە قاراشلىق كەنت ئۇنچىۋالا چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ كەنتنى بىر توپ ئەمەلدار باشقۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى، ھەتتا ئۆزلىرى باشقۇرۇدىغان كەنت پۇقرالىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ چىقىدۇ. ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە پۇت- قولىغا تەگمەي ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئىشخانىدىكى تېڭىق- تېڭىق ھۆججەتلەر تورۇسقا تاقاشقۇچە دۆۋىىلۋېتىلگەچكە، ھۆججەتلەر  ھېلىدىن ھېلىغا يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈۈشىدۇ.  ئىنتايىن ئادەتتىكى  ئەرزلەر ياكى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان تەلەپ- ئىلتىماسلار ئۈچۈن بىيۇروكراتلىق ئىنتايىن  ئەۋج ئالغان بۇ غايەت زور ئاپپارات ئايلاپ- يىللاپ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.  بارناباس قەلئەگە ئۆزى خالاپ خەت- چەك توشۇغۇچى بولىدۇ. ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدا كۈن- كۈنلەپ ئايىغى چىقماس ۋەزىپىلەرنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ، ھەتتا بىر ساقلىغانچە نەچچە يىل ساقلايدۇ، ئەمما بىرە قېتىممۇ خەت- چەك توشۇپ باقمايدۇ. قەلئە ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى كلام « K » غا ئىككى پارچە خىت يېزىپ، ئۇنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتىگە ناھايىتى يۇقۇرى باھا بېرىدۇ، لېكىن « K» كلامنىڭ ماختىغىنىغا تۇشلۇق قول سېلىپ بىرەر ئىشنى قىلىپ باقمايدۇ، كېيىن بۇ خەتلەرنىڭ بۇرۇن يېزىپ قويۇلغان كونا خەت ئىكەنلىكى، سارغىيىپ كەتكەن بىر دۆۋە كونا ئارخىپلارنىڭ ئارىسىدىن مۇنداقلا تارتىپ چىقىلغانلىقى سېزىلىپ قالىدۇ.  قەلئەنىڭ كاتىپى بورگېل بىر كۈندىكى كۆپ قىسىم ۋاقتىنى كارىۋات ئۈستىدىلا ئۆتكۈزىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى كارىۋات ئۈستىدىلا بېجىرىدۇ، ئەرز قىلىپ كەلگەنلەردىن سوراق ئالىدۇ. « K» ھەر خىل ئاماللار بىلەن قەلئەگە كىرمەكچى بولىدۇ، قەلئە ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولمايدۇ. لېكىن ئۇ شۇنچە تىرىشقىنىغا لايىق قەلئەگە بىر قەدەممۇ يېقىنلىشالمايدۇ. قەلئە ئەمەلدارى سۇتىنىڭ شۇ كەنتتىكى ئامالىيا ئىسىملىك بىر قىزغا كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ. لېكىن ئامالىيا ئۇنىڭ قوپاللىق بىلەن قويغان تەلەپلىرىنى كەسكىن رەت قىلىۋېتىدۇ. ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت ئامالىيانىڭ ئائىلىسىنى پالاكەت باسىدۇ. قەلئە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق قەلئەگە ئۆزلىرىنى كۆچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن يالۋۇرغىلى بارىدۇ. سۇتىنىڭ خىزمەتكارىنى تېپىش ئۈچۈن ئامالىيانىڭ ئاچىسى ئولگا مېھمانخانىغا بېرىپ، ئىنتايىن چۈپرەندە مالايلارنىڭ ئاستىدا ئاياغ- ئاستى بولۇشقا رازى بولىدۇ...
بۇ ۋەقەلىك ئوقۇرمەنلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇرۇىدۇ، لېكىن بايان قىلغۇچى بىلەن ئەسەردىكى پېرسۇناژ بۇنىڭدىن قىلچە غەلىتىلىك ھېس قىلمايدۇ. مانا مۇشۇنداق ھېچقانداق ھېسسىيات تۈسىنى ئالمىغان ساپ ھالەتتىكى ئوبيېكتىپ بايان قىىلش ئۇسۇلى كافكانىڭ ئۆزىگىلا خاس سەنئەت ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. ھېكايە ۋەقەلىكى تاشقى بىمەنىلىك ئاستىدا چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئادەمنى يەنىمۇ ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ.
كافكانىڭ ھەر بىر ئەسىرى مۇتلەق ساپ ھالەتتىكى مۇرەككەپ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «قەلئە» ناملىق بۇ رومان تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، كىشىى تامامەن ئوخشىمايدىغان يەكۈنگە  ئېرىشتۈرىدۇ. مەسىلەن،« قەلئە ئىلاھ ۋە ئىلاھنىڭ رەھىم شەپقىتىنىڭ سىمۋولى.  
< K>  قەلئەگە كىرىدىغان يولنى ئىزدەيدۇ ۋە  مۇشۇ ئارقىلىق روھىنى قۇتقۇزۇشىنى ئىستەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ جىمى تىرىشچانلىقى بىكارغا كېتىدۇ. چۈنكى، ئىلاھنىڭ رەھىم- شەپقىتىگە مەجبۇرىي ئېرىشكىلى بولمايتتى، < K>   پەقەت ئىنسانلار دۇنياسىدىن ئايرىلغاندىلا، ئاندىن بۇ ئىستىكى قانائەت تاپاتتى.»
« <قەلئە> ھوقۇقنىڭ سىمۋولى،  دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى. ئاجايىپ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ھۆكۈمەت ئورگىنى ناھايىتى يېقىندىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما خەلقنىڭ نەزىرىدە  ئۇنىڭغا ھەرقانچە قىلىپمۇ يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. قەلئە بىيۇروكراتلىق تۈزۈمنى ئۆتكۈر ھەجۋى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ، ئۇچىغا چىققان ئاكتىۋىزمدىن بىشارەت بەرگەن. »
«كافكا ياشىغان دەۋردە ياۋروپادا يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش قاتتىق ئەۋج ئالغانىدى. «قەلئە» يەھۇدىيلارنىڭ كىرگۈدەك ماكانى يوق بىچارە ھالىتىنىڭ سىمۋولى. »
« < K>   ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. كىشىلەر ئىنتىلىدىغان ھەقىقەت ئەركىنلىكنىمۇ، ئادالەتنىمۇ، قانۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئۇ  بۇ بىمەنە دۇنيادا كىشىلەرنى تۈرلۈك- تۈمەن پۇتلىكاشاڭلارغا دۇچار قىلىپ تۇرىدۇ. مەيلى سىز قانچىلىك تىرىشماڭ، ھەرقانچە قىلىپمۇ  ھەقىقەتنى تاپالمايسىز، تىرىشچانلىقلىرىڭىز ئەڭ ئاخىرى بېرىپ مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەللىنىدۇ.»
«   جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان ئوشۇقچە ئادەم، ئۇ يۇقۇرىنىڭلا ئەمەس، تۆۋەننىڭمۇ ئىجازىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. باشتىن- ئاخىر ناتونۇش ئادەم سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ.    نىڭ مۇشۇ ھالى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تەقدىرىگىمۇ سىمۋول قىلىنغان. كىشىنىڭ جەمئىيەت قوينىدا ياشىماي ئامالى يوق. لېكىن، جەمئىيەت ئۇ كىشىنى قوينىغا ئالمايدۇ ھەم ئۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.»
« <قەلئە> دە كافكا بىلەن دادىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىيادە جىددىي تۈس ئالغان مۇناسىۋەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قەلئە كافكانىڭ دادىسىنىڭ سىمۋولى. «K>> قەلئەگە كىرمەكچى بولىدۇ- يۇ، ھەرقانچە قىلىپمۇ كىرەلمەيدۇ. بۇمۇ بالا بىلەن دادا ئوتتۇرىسىدىكى زىدددىيەت ۋە قارىمۇ قارشىلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن...»
روماندا تەسۋىرلەنگەن سىمۋوللۇق نەرسىلەر بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرىدىكى تەھلىللەر ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ روماندىن ئالغان تەسىراتى. كەلگۈسىدىمۇ يەنە بۇنىڭدىن باشقا باھالار توختىماي چىقىپ تۇرىدۇ، ئاشۇ باھالارنىڭ ھېچقايسىسى خاتا ئەمەس، بەلكىم بۇ باھالار روماندا تەسۋىرلەنگەن مەلۇم بىر تەرەپنىلا كۆرسىتىپ بېرەلىشى مۈمكىن.  چۈنكى، ھەرقانداق بىر مۇنەۋۋەر ئەسەر ئادەتتە كۆپ خىل مەنە  ۋە مۇرەككەپلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئاددىيلا قىلپ بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ قويغىلى بولمايدۇ. كافكا ئەسەرلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئڭ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەرگىزمۇ مەسىلىگە جاۋاب تاپمايدۇ.
كىشىنى ئويغا سالىدىغان يېرى، كافكانىڭ ئۈچ پارچە رومانىنىڭ ھېچقايسىسى تولۇق ئاخىرلاشمىغان. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان ئايال  يازغۇچىسى جويس ئوز: «نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە كافكا يەنىلا بىر مەڭگۈلۈك تېپىشماق. كافكانى قانداق شەرھىيلەيمىز، كافكانىڭ قەلىمىدە يارالغان تىپىك ئوبرازلارنىڭ مەيدانىدىن قانداق ھالقىيمىز، <قەلئە> ئۆز ئىچىگە ئالغان پېرسۇناژلارنىڭ مەيدانىدىن قانداق ھالقىيمىز، <قەلئە> ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخپىيەتلىكنى قانداق يېشىشىمىز كېرەك؟ قارىغاندا بۇلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ئاسان ئەمەس ئوخشايدۇ...» دېگەن. لېكىن، مەلۇم نۇقتىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تونۇشنىڭ ئېھتىماللىقى قەتئى يوق.  
كافكا كونا دۇنيانى پاش قىلغان تالانت ئىگىسى. ئۇ بىمەنىلەشتۈرۈش، مۇبالىغە قىلش ۋاستىسى ئارقىلىق قاباھەتلىك چۈش تۈسىنى ئالغان دۇنيانىڭ رېئاللىقىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇلايخت كافكاغا: «ئالدىن كۆرەر يازغۇچى» دەپ باھا بېرىدۇ.  D «R». رېين: «يىمىرىلگەن ئۆزلۈك» دېگەن كىتابىدا: «ئەگەر شېكېسپىر  بىلەن كافكانىڭ كىشىلەرنىڭ قايغۇۇ- ھەسرىتى ۋە ئومۇمىيۈزلۈك ياتلىشىشىنى ئېچىپ بېرىش ماھارىتىنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، (ئۇلارنىڭ تالانتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا)، ھازىرقى زامان ئوقۇرمەنلىرى شېكېسپىرنى ئەمەس، كافكانى كىشىلەرنىڭ قايغۇ- ھەسرىتىنى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئېچىپ بەرگەن دەپ قارايدۇ...كافكانىڭ رەزىللىككە بولغان تونۇشى ۋايىغا يەتكەن؛ ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىدىكى ساغلام ھەم نورمال بولغان ئۆزلۈك ئېڭى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرمايدۇ.» كافكا ئۆزىمۇ: « مەن يازغانلىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھامان يۈز بېرىدۇ» (1922- يىل 5- ئىيۇل دوستى ماكىس بىرودقا يازغان خېتى) دېگەن. گىتلېر فاشىستلىرىنىڭ  ئېچىنىشلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا نۇرغۇن كىشىلەر كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىشارەت تۈسىنى ئالغان: «كافكانىڭ قاباھەتلىك چۈش دۇنياسى...ئەمەلىيەتتە رېئاللىققا ئايلاندى» دېگەن سۆزىنى ئاستا- ئاستا تونۇپ يەتكەن. ياۋروپانىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى رېئاللىقىمۇ كىشىلەرنى كافكاغا قايتىدىنى باھا بېرىش ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلىدى: «ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى رېئاللىققا بولغان ئۈمىدسىزلىك، بۇرنقى قۇرۇق خىياللارنى چۆرۈپ تاشلاش، بۇيرۇقۋازلىق، ئىشلەپچىىقرىشنىڭ ئاپتوماتلىشىشى، بىيۇروكراتلىقنىڭ پۈتۈنلەي كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغان دۇنيانىڭ ئەھۋالى...مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى  كافكانىڭ   ئالدىن كۆرەر ھېكمەتلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.» جۇڭگودىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن كېيىن، كىشىلەر كافكانىڭ ئەسەرلىرىدىكى تولىمۇ بىمەنە تۈس ئالغان ئىشلار ھەققىدە يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى. ماكىس بىرود مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «كافكانىڭ <قەلئە> ناملىق رومانى دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. روماندا ئوخشاش بىر تىپقا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ دۇنيا ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرى تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن. بۇ تەسۋىرلەرنىڭ توغرىلىقى بىلەن نەپىسلىكى ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىگە يەتكەن. ھەممە ئادەم ئۆز ۋۇجۇدىدا بۇنداق تەركىبنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالىغانلىقتىن، كافكانىڭ «قەلئە» ناملىق بۇ رومانى كىتابتا تەسۋىرلەنگەن پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىدىن ھالقىپ،ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز تۇرمۇشىغا ماس كېلىدىغان ئەسەرگە ئايلانغان.» كافكا تەسۋىرلىگەن نەرسىلەر پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەنە شۇنداق كەڭ تارقىلالىغان. بەزىلەرنىڭ كافكانى « ئەڭ چۈشىنىشلىك ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى» دەپ تەرىپلىشىمۇ بىكار ئەمەس.  
مەنبە: <<دۇنيا ئەدەبىياتى>> نىڭ 2011- يىللىق 6- سانى

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:16:52

بىر توربەتتە ئۇچراپ قېلىپ ئەكەپ قويدۇم، يامان ئەمەس يېزىلىپتۇ.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:36:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 12:53  

قاسىمجان، يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «ئاننا ئاخماتوۋا شېئىرلىرى» كىتاۋىڭغا مۇبارەك بولسۇن. مۇشۇ يەردە تەبرىكلىۋالاي سېنى.

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:42:44

رەھمەت ئەنۋەر ئادىشىم، تېرىشىپ باقتۇق. نەشىردىن چىقىشىنى ئۇنتۇلۇپ قالغىلى تۇرغاندا تۇيۇقسىز چىقىپ قالدى.
  سىلدىنمۇ خۇش خەۋەر ئاڭلىغۇم بار.

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:44:59

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 12:36 static/image/common/back.gif
قاسىمجان، يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «ئاننا ئاخماتوۋا شېئى ...

رەھمەت ئاداش.
5-ئايلاردا كەنىت كۇتۇبخانىلىرى، شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا سېلىنىدىكەن. تىراژى 13000 ئەتراپىدا ئىكەن.
ئەمدى، مۇھەممەدجان سەيدۇللادەك شائىرلارنىڭ قولىدىن يېسىنىن شېئىرلىرى چىقىپ كەتسە، روسىيە شېئىرىيتىدىكى چولپانلار ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرشۈپ بولغان بولاتتى.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:52:24

شېئىرلارنى ياخشى تەرجىمە قىلىۋاتىسەن، شۇنداق پاساھەتلىك. تىرىشقىن ئاغىنەم.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 13:05:53

qaratugh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 12:44 static/image/common/back.gif
رەھمەت ئاداش.
5-ئايلاردا كەنىت كۇتۇبخانىلىرى، شىنخۇا  ...

خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلدىڭلارمۇ.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 13:22:18

Franz kafka:- awistiriyelik mesh'hur yazghuchi, xam hiyal pirozichiliqining ijadchisi. tesiri eng zor haziriqi zaman nemis tili nesirchilik ustisi. uning eserliri 20-esirdiki ghemkinlik we yatlishishning simwoli bolup qalghan.
Uning (soraq) we (qel'e) namliq romanida mundaq idiyiwiy xahishlar ipadilengen: heqiqet bar, lekin uning'gha yetkili bolmaydu, adem haman namelum bir kuchning kontirolliqidin qutulalmaydu. insanning hayati chushiniksiz we mewhum tosalghular bilen tolup ketken, adem uningdin halqip otelmeydu. bu dunya haman ademni meghlup qilidu. eng echinishliqi shuki, adem her qetim ozini bir qedem algha siljidim dep oylighanda,emeliyette oz nishanidin bir qedem yiraqlishidu. adem bextsizlikning qeyerdin kelidighanliqini bilmeydu. u mushu ghelite dunyada azabliq we meghlubiyetlik tirkishish teqdirige mehkum.
_Gherb mudirnizim edebiyatidin elindi...

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 13:29:24

كافكا مۇنداق دېگەن: "بالزاكنىڭ ھاسىسىغا ئويۇلغىنى 'مەن ھەر قانداق توسالغۇنى بەربات قىلالايمەن',  مېنىڭ ھاسامغا ئويۇلغىنى 'ھەر قانداق توسالغۇ مېنى بەربات قىلالايدۇ' " .

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 18:59:13

بەك تەستە ئوقۇپ بولغان مەن بۇ كىتاپنى...ئىچىدىكى مۇھىت شۇنداق بۇرۇقتۇمىدەك تۇيۇلغان...

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 19:07:32

bagalip يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 18:59 static/image/common/back.gif
بەك تەستە ئوقۇپ بولغان مەن بۇ كىتاپنى...ئىچىدىكى مۇھىت  ...

راست شۇنداق. كافكا ئاجايىپ بىر مۇتەپپەكۇر يازغۇچى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 19:20:26

‹‹قەلئە›› رومانىنى ئوقۇي دەپ قارىسام ئاخىرلاشمىغان دەپ يىزىپتىكەن، ئوقۇمىغانىدىم. پۇرسەت بولسا بىر ئوقۇپ چىقاي. ئەجەپمۇ داڭلاپ كەتتىڭلار. ئادەمنى بىر خاتا ئىش قىلغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ.  

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 19:50:32

ئۆتكەن يىلى ئالغانچە ۋاراقلاپ باقماپتىمەن ...

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 23:27:12

ئەدەبىياتچى «پىرلار» پېتىغلاپ يۈرىدىغان ئىزدىنىش مۇنبرىىدە، قەلئەدەك بىر روماننىڭ بويۇن قىسىپ قېلشىنىڭ ئۆزىمۇ ئالاھىدە ئىجتىمائىي ھادىسە.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 23:31:26

مەن ئەمدى ئالدىم . ئوقۇش پىلانىمدىكى كىتاپلىرىم تۈگىسە ئوقۇشقا چۈشىمەن .

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 00:09:43

چىشىمنى چىشلەپ، يامان تەستە تۈگەتكەن بۇ روماننى،  يەنە قايتا ئوقۇمىسام بولمايدۇ...

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 00:32:00

كافكا ھازىرغا قەدەر مېنى ئەڭ جەلىپ قىلىۋالغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئەسەرلىرىگە ئاشىق...ئۈلۈپ كېتىپتۇ بولمىغان بولسا ئىمزا قويدۇرۋېلىپ ساقلايتتىمكەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 04:47:55

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 23:27 static/image/common/back.gif
ئەدەبىياتچى «پىرلار» پېتىغلاپ يۈرىدىغان ئىزدىنىش مۇن ...

ئىزدىنىشنى ئەجەپ چوڭ بىلىدىكەنسىز-ھە!:lol

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 13:14:01

«قەلئە»نى چوقۇم بىر ھەتتا نەچچە قېتىم ئوقۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-14 14:17:02

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 04:47 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشنى ئەجەپ چوڭ بىلىدىكەنسىز-ھە!

«قەلئە» دىكى ئىدىيەنى چوڭ بىلىمەن.
بەت: [1] 2
: كافكا نىڭ «قەلئە»سىگە نەزەر