halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:30:29

ئەزمىلىك ۋە مۇكەممەللىزىمچىلىك ئۈستىدە مۇلاھىزە


   ئەزمىلىككە ئۆگىنىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەللىزىمچى ئىكەنلىكىنى تېخى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن، چۈنكى ئۇلار ئىشنى ئەزەلدىن ناھايىتى مۇكەممەل قىلمايدۇ ۋە ياكى پەقەت ئۇنى مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن ئورۇنسىز ئورۇنۇپ باقىدۇ،خالاس. باشقىلار ئۇلارغا قىلغان ئىشىنىڭ مۇكەممەل بولغانلىقىنى ئېيتىپ باقمىغان، ئۇلار ئۆزىمۇ ئەزەلدىن بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىپ باقمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلىپ-بىلمەي تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ، مۇكەممەللىزىمچى بولۇش خىيالى ھەمىشە ئۇلارغا ئىشنى ناھايىتى چىرايلىق تاماملاش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىشارەت بېرىپ تۇرىدۇ. بىراق، بۇ خىل خىيال ھەرگىزمۇ مۇكەممەللىزىمنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئەمەس.

مۇكەممەللىزىم ــ ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بىرخىل غايىبانە تۇيغۇ. تۆۋەندە مۇكەممەللىزىملىق ئىدىيەنىڭ ماڭا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئالدى بىلەن مەن مەلۇم ئىشلارنى قىلىشنى قارار قىلدىم، ئالايلۇق، نەشرىيات سودىگىرى ئۈچۈن ئەسەرلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىشىنى قىلىمەن. مېنىڭ بۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلىشىم بەلكىم، نەشىر قىلغۇچىنىڭ ماڭا بىر قىسىم ھەقسىز كىتابلارنى سوۋغات قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، مەن بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ بېقىشىم مۇمكىن. مەيلى قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەن بۇ خىزمەتنى قوبۇل قىلدىم.

كېيىن تۇيۇقسىزلا مېنىڭ غايىبانە تۇرمۇشۇم باشلاندى. مەن ئۆزۈمنى ئەڭ مۇكەممەل تەكشۈرۈپ بېكىتىش دوكلاتى يېزىۋاتىمەن دەپ خىيال قىلدىم. ئۆزۈمنى ئەسەرنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن، دوكلاتنى تاماملاپ بولغان ھالەتتە خىيال قىلدىم. خىيالىمدا يازغۇچى مەن يازغان دوكلاتنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەسىرىنى قايتا تۈزۈتۈپ ئەڭ مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈردى. نەشرىيات سودىگىرى دوكلاتنى كۆرگەندىن كېيىن: «ۋاھ! مەن ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى يېزىلغان دوكلاتنى كۆرۈپ باقمىغان.» دېدى. مەن يەنە دوكلاتنىڭ ناھايىتى جايىدا، ياخشى يېزىلغانلىقىنى، نەشرىيات سودىگىرى ۋە ئاپتورنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن ياخشى مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكىنى خىيال قىلدىم.

نېمىشقا مەن خىيال سۈرۈشكە شۇنچە ئامراق؟ ۋايتاڭ. بەلكىم بۇ مېنىڭ ئۆزۈمگە دېگەندەك ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىدىم بولۇشىمۇ ياكى بالىلىقىمدا دادامنىڭ ماڭا يېتەرلىك ئىلھام بەرمىگەنلىكىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن ۋە ياكى تاساددىپىي بىرەر ئىشنى ناھايىتى ياخشى قىلغان بولسام، دادام مېنى ھارغۇچە ماختىغان بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم مانا مۇشۇ مۇكەممەللىزىمچىلىكنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بولسا كېرەك. بىراق بۇ پەقەت مەن ئىختىرا قىلغان ئەمەلىيەت ترىلوگىيەسى، بۇ ھەرگىزمۇ پىسخولوگلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئەمەس (بىرىنچى قىسىم ھەققىدە چۈشەنچىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز «قۇرۇلمىلىق كېچىكتۈرۈش»ناملىق ماقالىگە قاراڭ. ئىككىنچى، ئۈچىنچى قىسىملىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى مەن تېخى ئويلىشىپ بولالمىدىم)، شۇڭا ھازىرچە نېمە ئۈچۈن  خىيال سۈرۈشكە نېمىشقا شۇنچە ئامراقلىقىمىز ھەققىدىكى مەسىلىنى قويۇپ تۇرايلى. مۇھىمى ئەگەر سىز ئەزمىلىككە ئۆگىنىپ قالغان كىشى بولسىڭىز، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇخىل خىياللار تەبئىيلا كاللىڭىزدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

مۇكەممەللىزىمچىلىكنىڭ ئەھمىيىتى ــ قىلىۋاتقان ئىشىڭىز ئارقىلىق، سىزنىڭ ھەممە ئىشنى مۇقامىغا يەتكۈزمىگىچە بولدى قىلمايدىغان خۇمارىڭىزنى قاندۇرۇشتۇر، ئۇنىڭ ئىشنىڭ مۇكەممەل ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ئالاقىسى يوق دېيەرلىك.

بۇ خىل خىياللار ئەزمىلىككە ئۆگىنىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن نېمەلەرنى ئەكىلىدۇ؟ ئەزمىلىككە ئۆگنىپ قالغان كىشىلەر ئىشنى مۇكەممەل قىلىشنىڭ ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ھېچ بولمىغاندا مەن مۇشۇنداق قارايمەن. بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن مۇشۇنداق پەللىگە يېتىشىم مۇمكىن، شۇندىلا بۇنى ھەقىقىي جەزىملەشتۈرەلەيمەن. بىراق مەن بۇخىل مۇكەممەللىكنى ھەرگىز ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى قىياسەن جەزىم قىلىمەن. بىرىنچىدىن، بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ. يەنە ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئەسەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىشىنى مىسالغا ئالساق، ئەڭ ئالدى بىلەن مەن ئەسلى ئەسەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىم، يازغۇچى ئەسەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بىر قىسىم زۆرۈر ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىشىم كېرەك، شۇندىلا يازغۇچىنىڭ ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنىڭ مۇۋاپىق بولغان-بولمىغىنىنى جەزملەشتۈرەلەيمەن. يەنە بۇ ھەقتە ئەمگەك قىلغان، ئۆزۈم قايىل بولغان پەلاسوپلارنىڭ ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقشىم كېرەك، بۇ كىشىدە چوڭقۇر تەسراتلارنى قالدۇرىدۇ. بىراق مەن كۈتۈپخانىدا ئولتۇرىۋېلىپلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلسام بولمايدۇ، ھازىرقى دەۋىردە كىشىلەر كۈتۈپخانىدا جىق ۋاقىت سەرپ قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئەگەر توردىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلسە، تېز سۈرئەتتە نۇرغۇن پايدىلىق نەرسىلەرنى تاپالايدۇ. مەن توردىن پايدىلىنىشنى بىلمەيمەن، بىراق توردا J-Store دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان پەلسەپە ژۇرناللىرىنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئەگەر سىز سىتانفوردتا بولسىڭىز، كۈتۈپخانىدا ئۇنى ئىشلىتەلەيسىز. بىراق ئائىلىدە ئۇنى ئىشلىتىش سەل قىيىنغا چۈشىدۇ. دوكلات يېزىۋاتقاندا، بەلكىم مەن ناھايىتى كەچ بولغۇچە خىزمەت قىلىشىم مۇمكىن. ئائىلىدىمۇ J-Store نى ئىشلىتەلىش ئۈچۈن، ۋاكالىتەن مۇلازىمەتچى دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەرسىنى ئورنىتىشىمغا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا مەن ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ نەرسىنى چۈشىنىشىم كېرەك.

7-8 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلغاندىن كېيىن، ۋاكىلىتەن مۇلازىمەتچىنى ئورنىتىپ بولدۇم، ھېچ بولمىغاندا مېنىڭچە مەن ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ بولدۇم. بىراق ئېھتىمالغا تېخىمۇ يېقىن بولغان نەتىجە بولسا مەن ۋاز كېچىشىم مۇمكىن، چۈنكى ھەرقېتىم مەن ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ بولدۇم دەپ ئويلىغىنىمدا، ئۇ يا ئىشلىمەي قالىدۇ يا بىراقلا قېتىۋالىدۇ. ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغان بولاي ياكى بولماي، مېنىڭ تەقرىز يېزىش ئىشىم تېخى باشلانغىنى يوق. ئەسلىدە ۋاقىت چىقىرىپ ئەسەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشىم، ئاندىن تەخمىنىي بىر ئىدىيەنى شەكىللەندۈرۈشىم كېرەك ئىدى، بىراق مەن تېخى بۇ ئىشنى باشلىمىدىم، ھەتتا ئۇنى تاماملاش ئۈچۈن تەرەددۇتمۇ قىلمىدىم. تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى بەكلا ھاماقەتتەك ھېس قىلىپ قالدىم، راستىنلا ھاماقەت ئىكەنمەن.

كېيىن قانداق بولىدۇ؟ مەن داۋاملىق باشقا مۇناسىۋەتسز ئىشلارنى قىلىمەن، بۇ ئەسەر ئاستا-ئاستا تاشلىنىپ قالىدۇ. گەرچە مەن ئۇنى قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشلار تىزىملىكىمگە كىرگۈزگەن بولساممۇ، بىراق مەن بۇ ئىشلارغا پەقەتلا دىققەت قىلىپ قويمايمەن. شۇنىڭ بىلەن ئالتە ھەپتىدىن كېيىن، نەشرىيات سودىگىرى ماڭا بىر پارچە ئېلىكتىرونلۇق يوللانما يوللايدۇ، مەندىن ئەسەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش ئىشىنى زادى قاچان تاماملاپ بولالايدىغىنىمنى سورايدۇ، ئۆزىنىڭ مېنىڭ دوكلاتىمنى ئوقۇشنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. بەلكىم بۇ نەشرىيات سودىگىرى ئىلگىرى مەن بىلەن ئالاقە قىلىپ باققان، مېنىڭ پەزىلىتىمنى بىلىدىغان كىشى بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ يوللانما مەن ۋەدە قىلغان ئاخىرقى چەكتىن بۇرۇن كېلىشىمۇ ۋە ياكى ئەڭ ئاخىرقى چەك ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن كېلىشىمۇ مۇمكىن.

شۇندىلا مەن بېشىمنى سىلكىۋېتىپ، ھەرىكەتكە كېلىمەن. مېنىڭ ھەممە ئىشنى مۇقامىغا كەلتۈرۈپ قىلىشتىن ئىبارەت خىيالىم ئۆزگەردى. مەن ئەمدى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دوكلاتنى يېزىپ چىقىش توغرۇلۇق ئويلانمايدىغان بولدۇم. مەن پەقەت ئوكىسفورد ئۇنۋېرستىتى نەشرىيات ئىشخانىسىدا ئولتۇرغان ئايالنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويماسلىقنىلا ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئۇنىڭ تەلىم-تەربىيە يىغىنىغا ئۇ ئەسەر ئۈستىدىن دوكلات بەرگىلى بارغانلىقىنى، قولى قۇپقۇرۇق ھالدا خوجايىنىغا: «كەچۈرۈڭ، مەن سىتانفوردتىكى ھېلىقى ئەبلەختىن ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرغانتىم، بىراق ئۇنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن» دەۋاتقانلىقىنى، خوجايننىڭ ئۇنىڭغا: «ئەمدى كۆدە-كۆرپىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ بۇيەردىن يوقىلىڭ» دېگەنلىكىنى، ئۇ ئايالنىڭ خوجايىنغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ: «يولدىشىم دوختۇرخانىدا ئاغرىق، مەن ئۈچ بالامنى بېقىشىم، ئۆيىمىزنىڭ قەرز پۇلىنى قايتۇرۇشىم كېرەك، مېنى ئىشتىن بوشىتىۋەتمىسىڭىز» دەۋەتقانلىقىنى، خوجايىننىڭ: «بولدى!بولدى! سودا دېگەن سودا» دەۋەتقانلىقىنى خىيال قىلدىم. مەن يەنە ئۇ ئايال بىلەن كۆرۈشكەن ھالىتىمىزنى، ئۇنىڭ ماڭا ئەلەم ئىچىدە قاراپ قويۇپ، «مېنى يەۋاتقان ئېشىمدىن قۇرۇق قويدىڭىز» دەۋاتقانلىقىنى خىيال قىلدىم.

ئارقىدىنلا يازغۇچىنى خىيال قىلدىم. بەلكىم ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكى مۇشۇ كىتابقا باغلىق بولغىيتتى. بۇ كىتاب بەلكىم ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن، دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان بىر كىتاب مېنىڭ ئۈستىلىمدە تاشلىنىپ ياتىدۇ، مەن ھازىرغىچە ئۇنى تەكشۈرۈپ بېكىتمىدىم. بۇ ۋاقىتتا ئۆمۈرلۈك پروفېسسورلۇق ۋەزىپىسى يازغۇچىنىڭ كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇق جەدۋىلىگە كىرگۈزۈلۈپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىگە بارغاندا، دۇنيا پەلسەپە ساھەسىدىكىلەر زور شان-شەرەپكە نائىل بولۇشقا تېگىشلىك بۇ كىشىنىڭ ئۆمۈرلۈك پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشەلمەسلىكىگە مېنىڭ ئۇنىڭ ئەسىرىنى كەينىگە سۈرۈۋەتكىنىمنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلىشى مۇمكىن. بۇ خۇددى فىزىكا ژۇرنىلى تەھرىراتىدىكىلەرنىڭ ئېينىشتىيىننىڭ دەسلەپكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى يىرتىۋەتكىنىگە ئوخشاشلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپ قالىدۇ (بۇ ھەقىقىي بولغان ئىشمۇ-ئەمەسمۇ مەنمۇ ئېنىق بىر نېمە دىيەلمەيمەن).

بۇ ۋاقىتتا مەن ئالاقزادە بولغان ھالدا بىر مۇنچە ھۆججەتلەر ئارىسىدىن، ئوقۇلمىغان ئۇچۇلار ئارىسىدىن ئۇ ئەسەرنى ئىزدەشكە تۇتۇندۇم. قالايمىقان خىياللار كاللامنى چىرماشقا باشلىدى (ئەسەرنى يىتتۈرۈپ قويغاندىمەنمۇ؟ نەشرىيات سودىگىرىگە قايتا ئەۋەتىپ بېرىشنى دەپ باقايمۇ؟  يالغان ئېيتىپ ئەسلى ئەسەر بىلەن يېزىپ بولغان تەكشۈرۈپ بېكىتىش دوكلاتىنى ئاللىقاچان يوللاپ بولدۇم دەيمۇ؟ ياكى بىر ئوغرى بارلىق نەرسىلەرنى بۇلاپ كەتتى دەيمۇ؟ ). مىڭ بالادا ئۇ ئەسەرنى ئاخىرى تېپىپ چىقتىم، بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئۇنى ئوقۇپ تۈگەتتىم، ئۆزۈم خېلى يامان ئەمەس بولدى دېگەن ھالەتتە بىر دوكلاتنى پۈتتۈردۇم ۋە ئۇنى نەشرىيات سودىگىرىگە ئەۋەتىۋەتتىم.

ئەمدى زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى. ئالدى بىلەن شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ، مەن بىر قۇرۇلمىلىق كېچىكتۈرگۈچى،شۇڭىلاشقا مەن ماقالىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىشىنى باشقا ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئاخسىتىپ قويدۇم. مەسىلەن، ۋاكالىتەن مۇلازىمەتچىنى ئورنىتىش. كېيىن بىر خىزمەتدىشىم ماڭا ئاغرىنىپ تۇرۇپ: «مەن ئۆيدە J-Storeنى ئىشلىتەي دېگەنتىم،بىراق ۋاكالىتەن مۇلازىمەتچىنى قانداق ئورنىتىشنى بىلەلمىدىم»دېدى. مەن مەغرۇغلانغان قىياپەتتە: «مەن نەچچە ھەپتە ئىلگىرىلا ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغان» دېدىم. خىزمەتدىشىم قايىل بولغان ھالدا مېنىڭ ئۇنى قىلىش ئۈچۈن قانداق ۋاقىت چىقىرالىغىنىمنى سورىدى، مەن جاۋاب ئورنىغا كۈلۈپلا قويدۇم.

ئىككىنچىدىن، ئىشنى ئاخىرىدا يەنىلا تاماملىدىم. جىق كېچىكتۈرمەستىن دوكلاتنى پۈتكۈزدۈم. نەشرىيات سودىگىرىمۇ يەۋاتقان ئېشىدىن ئايرىلىپ قالمايدىغان بولدى، ئۇ كىتاب بەلكىم نەشىردىن چىقىشى مۇمكىن، يازغۇچىمۇ ئۆمۈرلۈك پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشەر. ئەلۋەتتە، ئۇ دوكلاتنى ناھايىتى مۇكەممەل دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بىراق ئۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلىشىم ئۈچۈن كۇپايە. بۇنىڭدىن قارىغاندا، قۇرۇلمىلىق ئەزمىلىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئىپادىسى خېلى يامان ئەمەس بولىدىكەن. بىراق ئەجىبا بىز تېخىمۇ ياخشى قىلالمايمىزمۇ؟ ئەجىبا بىزنىڭ مۇكەممەللىزىمچىلىك خىياللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇيغۇ قالايمىقانچىلىقى سەۋەبىدىن ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىۋېتىشتىن ساقلىنالىشىمىز مۇمكىن ئەمەسمۇ؟
مېنىڭچە بۇ تامامەن مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاڭلىقلىققا، ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ مۇكەممەللىزىمچىلىك خىياللىرىمىزنى كونترول قىلىشىمىز كېرەك، مانا بۇ مەن ئېيتقان ۋەزىپە سۈپىتىگە ئاساسەن تۈرگە بۆلۈش.

ئەزمىلىككە ئادەتلەنگەنلارنىڭ ئىشنى مۇكەممەل قىلالماسلىققا نۇرغۇن باھانىلىرى بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، مېنىڭ كۈتۈپخانىغا بېرىپ ياكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كېچىچە ئىشلەپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش دوكلاتىنى تەپسىلىي، يۇقىرى سەۋىيەلىك، مۇكەممەل ھالەتتە يېزىپ چىقىشقا تامامەن ۋاقتىم بار. بىراق ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەتنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، مېنىڭ ئىشنى چىرايلىق تاماملاش ئۈچۈن ۋاقتىم يېتىشمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشنى ۋەزىپىگىلا قىلىمەن. مەغلۇپ بولۇشتىن ئىبارەت بۇ خىيال ئىلگىركى مۇكەممەللىككە ئائىت بارلىق خىياللىرىمنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا ئىشنى قولۇمنىڭ ئۇچچىدىلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىمەن. ئەگەر مەن بۇ ئەسەرگە 4-5سائەت سەرپ قىلسام، ئىشنىڭ ئەھمىيىتى ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ، نەشرىيات سودىگىرى ۋە ئاپتور ئۈچۈنمۇ كۆپ ئاددىيلىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت باشتىلا ئۆزۈمگە ئادەتتىكىچە تەلەپ قويسام، زىيادە مۇكەممەللىك قوغلاشمىساملا كۇپايە. بۇنىڭدىن ئۆزگە يەنە باشقا ئامال بارمۇ؟

سىز ئۆزىڭىزنى ھەرقانداق ئىشنى ئانالىز قىلىشقا مەجبۇرلاشقا ئادەتلىنىپ قالدىڭىز، مەلۇم بىر خىزمەتنى قوبۇل قىلغان ھامانلا، بۇ ئىشنى ئادەتتىكىچىلا قىلسىڭىز، قانچىلىك كۈچ كېتىدىغانلىقى، قانچىلىك مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغانلىقىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىسىز. ئۆزىڭىزدىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ بېقىشىڭىز كېرەك: ئەگەر بۇ ئىشنى ناھايىتى مۇكەممەل تاماملىسام قانچىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنىڭ پايدىسى قولۇمنىڭ ئۇچچىدىلا قىلىپ قويغاندىكىدىن ياخشى بولامدۇ؟ ئۆزىڭىزدىن يەنە سوراپ بېقىڭ: مېنىڭ بۇ ئىشنى ناھايىتى مۇكەممەل قىلىش ئىمكانىيىتىم بارمۇ-يوق؟ يەنە سوراپ بېقىڭ: ئىشنى مۇكەممەل قىلىش-قىلماسلىقنىڭ، ماڭا نىسبەتەن پەرقى بارمۇ؟

بۇنىڭ جاۋابى كۆپىنچە قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم مۇكەممەل ئىش قىلىشىم كېرەك ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكىچە قىلاساملا كۇپايە. شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا مەن ئىشلارنى مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت توشقۇچە ساقلاپ تۇرۇشنى خالىمايمەن، مەيلا قانداقلا بولسۇن ئىشنى ئادەتتىكىچە قىلساملا كۇپايە، مەن ھازىرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمەن.

ماقالە ئاپتورى: John Perry، ماقالە تېمىسى: Procrastination and Perfectionism
تەرجىمە قىلغۇچى: ئايگۈزەل
مەنبە:http://www.live-topic.com

muhlis0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:03:42

تىمىغا رەھمەت. مەنمۇ ئادەتتىكىچە ئىش قىلىشنى داۋاملىق ئۆزۇمگە ئەسكەرتىپ تۇرسام بولغىدەك.

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:43:11

  مۇشۇ مۇكەممەللىك قوغلىشىش ئادەمنىڭ ئىش قىلىش ئادىتىگە ئايلانسا ياخىشى ئۈنۈم بېرىدىكەن ، ئەمما ئادەمنىڭ تەبىئىتىگە ئايلىنىپ قالسا بولمايدىكەن.  چېكىدىن ئاشقان مۇكەممەلپەرەسلىك شۇ شەخىسكە نىسبەتەن ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا سەۋەبچى بولسا، باشقىلارغا نىسبەتەن ئەزمە، قولىدىن چوڭ ئىش چىقمايدىغان تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدىكەن .  


isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 14:19:25

halis123 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 12:43 static/image/common/back.gif
مۇشۇ مۇكەممەللىك قوغلىشىش ئادەمنىڭ ئىش قىلىش ئادىتىگ ...

ھەي! مەن دەل مۇشۇنداقكەنمەن...بەك توغرا يېزىپتۇ.. قانداق قىلىش كېرەك؟؟ خىيالنى ئاز قىلىپ ئىشنى باشلاش كېرەك ئوخشايدۇ..

azrael يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 18:34:29

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 21:19:51

تەرجىمە ئەسەرنىڭ يېرىمى سىزنىڭ، تەرجىمىللىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
بەت: [1]
: ئەزمىلىك ۋە مۇكەممەللىزىمچىلىك ئۈستىدە مۇلاھىزە