history يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:52:14

ئىلىم-پەندىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشلار



ئەنگىلىيەدىكى پەن-تېخنىكا دەرىسلىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تاللاپ ئۈگىنىدىغان دەرىسلىكى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-تېخنىكىغا بولغان كۈچلۈك قىززىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن ، ئەنگلىيەدىكى بىرنەچچە پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئالىملارنى تەشكىللەپ، نەچچە ئونلىغان ئىنتايىن قىززىقارلىق پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تاللاپ چىقتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلار ئېھتىمال ئۇلار ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىلىملەر بولۇشى مۇمكىن.
تېخنىكا تۈرىدىكىلەر
دۇنيادىكى تۇنجى مائۇس ياغاچتىن ياسالغان ئىدى. 2011-يىلى گىرۇزىيەدە ئەسكى-تۈسكى تەرگۈچى 75ياشلىق بىر موماي ئوپتىك كابىلنى ئوغرىلىقچە كىسىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ئەرمېنىيە، گىرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىنتېرنېت تورى بەش سائەتتىن ئارتۇق پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى، مۇنداق ئىش ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. تورداشلارنىڭ ھەركۈنى ئامېرىكا twitter تور بېكىتىدە يوللايدىغان يازمىلىرى ئارقىلىق 10مىليون بەتلىك كىتابتىن بىرنى يازغىلى بولىدۇ. بىر دانە ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنغا ئىشلىتىلگەن تېخنىكىلارنى 250مىڭ دانە مۇستەقىل نەشىر ھوقۇقى ئىگىسى ياكى تەشكىلات ئىگىلەپ تۇرىدۇ. مىكرودولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ ئىش كۈتۈش ھالىتىدىكى توك سەرپىياتى بىرنەرسىلەرنى قىزدۇرىۋاتقان چاغدىكى توك سەرپىياتىدىن كۆپ يوقۇرى بولىدۇ. ئالىملارنىڭ بىر دانە ئېلېكتىروننىڭ ماسسىسى ۋە پۈتكۈل ئېنتېرنېت تورىدىكى ئېلېكتىرونلارنىڭ ئومۇمى سانىغا ئاساسەن ھىسابلاپ چىقىشىچە، پۈتكۈل ئېنتېرنېت تورىنىڭ ماسسىسى ئارانلا 50گىرام بولۇپ چوڭراق بىردانە بۆلجۈرگەنچىلىك كىلىدۇ. قۇرۇلۇش تۈرىدىكىلەر
ئېيىففېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئېگىزلىگى مۇقىم بولماستىن تېمپېراتۇرىغا ئەگىشىپ 15.3سانتىمىتېر ئېگىزلىك پەرقىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. دۇنيادا تۇنجى قېتىم يوللانغان قىسقا ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى "مىلاد بايرىمىڭىزغا مۇبارەك!"ئىدى. ئېنژېنېرلار ئىلگىرى iphone يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق كونتىرول قىلغىلى بولىدىغان تەقلىدىي(بىئونىك) بىلەك ئىجاد قىلغان ئىدى. بۇلبۇل ئاۋازىنى قويىۋىتىپ سايرىغان چاغدىكى ئاۋاز كۈچىنىشى توك ھەرىسىنىڭ ئاۋاز كۈچىنىشىدىنمۇ يوقۇرى بولىدۇ. ماتېماتىكا تۈرىدىكىلەر
ھەربىر تال قېرىنداش قەلەم 45مىڭ دانە تاق سۆز يېزىشقا ياكى 56كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىرتال سىزىقنى سىزىشقا يېتىدۇ. ئىشقا بېرىشنىڭ خېيىم-خەتىرى ئىستاتىستىكا ئىلمى ئىلمى بۇيىچە ئېيىتقاندا، ئۇرۇش قىلىشتىن تۆۋەن بولمايدۇ، ئېغىر ئەمگەك ۋە ئىشقا بېرىپ-كىلىش جەريانىدىكى تاساددىپى ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى خېيىم-خەتەرنى ئاشۇرىۋىتىدۇ. ئەرەب رەقىمىنى ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستانلىقلار ئىجاد قىلدى، كېيىن ئەرەبلەر ئىگەللەپ ھەم ئۆزگەرتىپ ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدە تارقاتتى ۋە ئىشلەتتى. ئادەمنىڭ كەچتىكى بوي ئېگىزلىكى سەھەردىكى بوي ئېگىزلىكىدىن تەخمىنەن 1%ئەتراپىدا پاكار بولىدۇ. ئەگەر بىر ئېغىز ئۆيدە 23ئادەم باربولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەمنىڭ ئوخشاش بىر كۈندە توغۇلۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى 50%بولىدۇ. ئەگەر 75ئادەم باربولسا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەمنىڭ ئوخشاش بىركۈندە توغۇلۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى 99%بولىدۇ. ئىلىم-پەن تۈرىدىكىلەر
دېڭىز –ئوكيانلارنىڭ بۇلغۇنىشى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ ئوتتۇرچە ھەر كۇۋادىرات مىل دائىرىدىن 46مىڭ پارچە ئەخلەت تىرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ قۇلىقى چاستوتىسى 20ھېرتىزدىن تۆۋەن بولغان ئاۋازنى ئاڭلىيالىغان بولسا، ئۇنداقتا ئادەم ئۆز بەدىنىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەركىتىدىن چىققان ئاۋازلارنىمۇ ئاڭلىيالىغان بولاتتى. ئىنسانلارنىڭ گېنى بىلەن بانان گېنىنىڭ 50%ى ئوخشاش بولىدۇ. ئادەمنىڭ25%سۆڭىكى ئىككى پۇتىدا بولىدۇ. ئادەم ئۆمرىدە پىيادە ماڭغان يولنىڭ ئۇمۇمى ئۇزۇنلۇقى يەرشارىنى تەخمىنەن ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ چىققانغا باراۋەر بولىدۇ. كۆپ قىسىم تەرەت تۇڭىنىڭ سېلىنچىسى چىش چوتكىسىدىن پاكىزە بولىدۇ، چۈنكى كۈندە چىش چوتكىلاپ تۇرغان چىش چوتكىسىدىكى باكتىرىيەلەرنىڭ كۆپلىكى ئادەمنى چۆچىتىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردا بۈگۈنكى پېرۇ رايونىدا ياشىغان ئىنكالار بەرەڭگىنىڭ پىشىش ۋاقتىنى ۋاقت بىرلىكى قىلى ئىشلەتكەن، مەسىلەن: بىر ۋاخلىق تاماققا بىر بىرلىك بەرەڭگە ۋاقتى كېتىدۇ. پاشا چېقىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى تارىختىكى بارلىق ئۇرۇشلاردا ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ ئومۇمى سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. مۈشۈك ئوخشاش بولمىغان 100خىل ئاۋاز چىقىرالايدۇ،ئەمما ئىت ئارانلا 10خىل ئاۋاز چىقىرالايدۇ. ئەگەر سىز يەرشارىنىڭ ددىيامېتىرىنى بويلاپ تونىل ئاچىسىڭىز، ئاندىن بۇ تونىلغا سەكرەپ چۈشسىڭىز، يەنە بىرتەرەپتىن چىقىشقا تەخمىنەن 42مىنۇت 12سېكونت ۋاقىت كىتىدۇ. يۇرۇقلۇقنىڭ تارقىلىش تېزلىكى يامغۇر تامچىسىنىڭ تۆۋەنلەش تېزلىكىنىڭ 18مىليون ھەسسىسىگە باراۋەر بولىدۇ. يەر شارىدىكى %8.95دېڭىز ئوكياننى ئىنسانلار تېخى تەكشۈرمىدى. يەر ياڭىقى(خۇاسېڭ) مۇرابباسىنى ناھايىتى يوقۇرى بېسىمدا قىسىش ئارقىلىق ئالماسقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئالىملار ئاللىقاچان تەجىربىخانىدا يەر ياڭىقى مۇرابباسىنى ئالماسقا ئايلاندۇرۇپ بولدى. ئەگەر قۇياشنى كىچىكلىتىپ قاندىكى بىر دانە ئاققان ھۆجەيرىسىدەك چوڭلۇققا كەلتۈرۈپ، ئوخشاش نىسبەتتە ئالەمنى كىچىكلەتسەك، ئۇھالدا پۈتۈن ئالەم ئامېرىكىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ. ئەگر چۆمۈچ بىلەن خالىغانچە بىر چۆمۈچ توپا ئالساق، ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ سانى يەرشارىدىكى ئومۇمى ئادەم سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك پىروبىركىنىڭ دىيامېتىرى چاچنىڭ 10مىڭدىن بىرىدىنمۇ كىچىك بولىدۇ. بىر قېتىملىق چاقماق چېقىشتا قويۇپ بېرىدىغان ئېنىرگىيە بىلەن 100مىڭ دانە بولكىنى پىشۇرغىلى بولىدۇ. ئوزۇن قەۋىتىنىڭ پۇرىقى سېسىق بولماستىن بەلكى سۇسراق سېسىقيار(قوغۇنگۈل) چېچىكىنىڭ پۇرىقى بولىدۇ. بىر كۈننىڭ ئىچىدە يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋاقىت ئەتتىگەن سائەت يەتتە بولىدۇ، يامغۇر ياغماسلىق ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋاقىت سەھەر سائەت ئۈچ بولىدۇ.
"سىر"ژورنىلىنىڭ2014-يىللىق 6-سانىدىن
"ئاسىيا كىندىكى" گېزىتىنىڭ 2014-يىلى 7-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.
ئوكيان تورىدىن نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:47:04

ئەرەب رەقىمىنى ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستانلىقلار ئىجاد قىلدى، كېيىن ئەرەبلەر ئىگەللەپ ھەم ئۆزگەرتىپ ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدە تارقاتتى ۋە ئىشلەتتى.

ئەرەپ رەقىمىنى بىر ئەرەپ قويچى ئىجات قىلغان دەپ كۆرگەنتىم بىر ماتىريالدا. ھازىر ئىنكار قىلىنغان ئوخشىمامدۇ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:11:45

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى2015-2-11 09:47 static/image/common/back.gif
ئەرەب رەقىمىنى ئەڭ دەسلەپتە ھىندىستانلىقلار ئىجاد قى ...

بەزىلېرىنى شۇنداق دەۋالىدۇ، ھازىر غەرىپ ھىندىستانغا يىقىنلاشماقچى بولغاچقا ئانچە-مۇنچە . ماختاپ قۇيۇش ئۈچۈن ئۆزگەرتىش قىلىپمۇ قۇيىدۇ...

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:23:43

ئىنسانلار گىنى بىلەن مايمۇننىڭ ،چاشقاننىڭ گىنى ئەڭ ئوخشايدىكەن. بانان بىلەن %50 ئۇخشادىكەن،ئۇنداق بولسا نىمىنىڭ گىنى بىلەن ئەڭ بەك پەرىقلىنىدۇ؟:lol

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:27:52

ھەرخىل قاراشلار بار.
بەزى مەنبەرلەردە ئەرەب رەقىمىنى ھىندىستانلىقلارنىڭ ئىجاد قىلغانلىقى ۋە كىيىن ئەرەب ۋە پارىس ‹ ئەل خارەزىمىنى پارىس دەپ ئاپتۇ› مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوللىنىپ ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋرۇپىغىچە تارقاتقانلىقى سۆزلىنىدۇ.
يەنە بەزى مەنبەرلەردە پەقەت نۆلنىلا ھىندىستانلىقلارنىڭ ئىجاد قىلغانلىقى، قالغان 1،2،3،4،5،6،7،8،9نى بولسا ئەرەبلەرنىڭ ئىجاد قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
يەنە بەزى مەنبەلەردە ئەرەب رەقىمىنىڭ شىمالىي ئافرىقادا ئىجاد قىلىنغانلىقى ۋە شۇ يەردىن ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا شەرىققە تارقالغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
يەنە بىرگە ئەرەب رەقىمىنى ئىلىپبە رەقىمى دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ 8-ئەسىردىن بۇرۇنلا ئەرەبلەر ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەنلىكى قەيىت قىلىنىدۇ. يەنە ئەرەب تىلى ئىلىپبەسىدىكى ھەرىبلەردىن ئۆرنەك ئىلىپ ئىجا قىلىنغانلىقى 1 نىڭ ئەلىفتىن، ئىككىنىڭ با دىن ...ئۆرنەك ئىلىىنغانلىقى سۆزلىنىدۇ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:32:55

ھىندىستان قان سىستىمىدىكى كانادالىق بىر ھەزىلكەش گۇي بار راسىل پىتىر دەپ، بۇئاداشنىڭ ئەرەبلەرنىڭ بىردىن تارتىپ تۇققۇزقىچە رەقەمنى ئىجاد قىلغانلىقى، ھىندىستانلىقلارنىڭ بۇ سانلارغا قاراپ نۆلنى ئىجاد قىلغانلىقى توغرىسىدا بەك قىززىق ھەزىل سۆزلەيتى.:lol شۇ سىننى تاپالمايۋاتىمەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:53:22

تاشپولات ئاكىمىز بىر نەرسە دەپ باقسا ئىشەنچىلىكرەك بولاتتى. @TashpolatRozi@

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:12:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halis123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-11 11:13

مۇسا خارازىمى ياشىغان دەۋرلەردە ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيىگە دائىر «سىند ھىند» دېگەن ئەسەر ئوتتۇرا شەرقتە دەستۇر كىتاب ھېسابلىناتتى، مۇسا خارازىمى بۇ ئەسەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خاتالىق ۋە چۈشىنىكسىزلىك بارلىقىنى بايقاپ، زور ئەجىر قىلىپ ئۇنى تۈزەپ توغرىلاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ قايتا يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئەسەرگە يەنە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ «يېڭى سىند ھىند» دېگەن ئوقۇشلۇقنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئەسەر ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ياۋروپالىقلارمۇ بۇ ئەسەردە قوللىنىلغان ئەسلى ھىندىلەردە بولغان 0 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەم شەكلى ( 0 ، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 ) بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزلىرى ئەسلى قوللىنىۋاتقان رىم رەقەملىرى ئورنىدا قوللانغان . ھەمدە بۇ ئەسەرنىڭ ئەرەپ تىلىدا يېزىلغىنىغا ئاساسەن ئۇنى «ئەرەب رەقىمى» دەپ ئاتاشقان.بۇ نام ھېلىمۇ شۇنداق ئاتالماقتا.
دېمەك : بۇ خىل ئەڭ مۇكەممەل، قوللىنىشقا ئەپلىك بولغان رەقەم سېستىمىسىنىڭ ئەسلى ئىجادچىسى ھىندىلار بولسىمۇ پۈتكۈل ئىلىم دۇنياسىغا تونۇتقان ۋە تاراتقان كىشى دەل ئۇيغۇر ماتېماتىكى مۇسا خارازىمى بولىدۇ.   
http://bbs.aqartix.com/thread-89-1-1.html   
ئەرەب رەقىمىنىڭ ئىگىسى ئەمدى ئۇيغۇرلار بولۇپ چىقتى ، ئۈستىدىكى ئەرەبنىڭ، ھىندىنىڭ دەپ تالىشىۋاتقان تورداشلار ئەمدى تازا خوش بولىدىغان بولدى دە ! {:92:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:21:19

halis123 يوللىغان ۋاقتى2015-2-11 11:12 static/image/common/back.gif
مۇسا خارازىمى ياشىغان دەۋرلەردە ھىندىلارنىڭ ماتېماتى ...

بۇ يەردە ھىچكىم ئەرەبنىڭ ياكى ھىندىلارنىڭ دەپ تالاشمىدى، ئۇيغۇرنى تالاش-تارتىشتا قالدۇرشقا ئاران تۇرىسىكەنسىلە.
ھەم سىلە قالدۇرغان مەنبەدە ھاياجان پۇراپ تۇرىدۇ. ئەل خارەزىمىنى بىز ئۇيغۇر دەيمىز، پارىسلار پارىس دەيدۇ، ئەرەبلەر ئەرەب دەيدۇ.

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:28:27

ئەمدى ئۆزۈڭلارچە ئەرەبنىڭ ، ھىندىنىڭ دەپ يېزىپ كىتىپتىكەنسىلەر . چاخچاق ئورنىدا يوللاپ قويدۇم .
مەنچە بولغاندا ئىلىم-پەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق ، پاتنىت ھەققى ئالىدىغان ئادەمدىن باشقا .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:31:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-11 11:32

ئۆزەمچە يىزىۋالغان نەرسە ئەمەس،ماتېماتىكا تارىخىغا ئائىت ماتېرياللاردا شۇنداق يىزىلغان. كەسپىم بىلەن مۇناسىۋىتى بولغاچقا كاپىتاننىڭ سۇئالىغا جاۋاب يىزىپ قويدۇم.
ئەمدە ئەرەب،ھىندى دەپ ئاتاشمۇ قۇسۇر بولامدۇ؟

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:34:34

قۇسۇرغۇ بولمايدۇ ئەمدى ، لېكىن شۇنچە كۆپ گەپنىڭ ئىچىدىنئەرەبلەرگە مۇناسىۋەتلىك يېرىنى تارتىپ چىققىنىڭلارغا ھەيران قېلىپ ، مۇنازىرە قىزىسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم خالاس.

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:40:11

يەرشارى دىئامىتىرنى بويلاپ تونىل قېزىپ سەكرىسە قارشى تەرەپتىن راس چىقاما؟ {:92:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:57:51

بەلكىم شۇكىشى دەسلىۋىدە ئۈگەنگەن ئۇچۇرلار بىلەن بىردەك چىقمىغاچقا شۇنداق سورىغاندۇ؟ بۇنى شۇنچە گەپلەرنىڭ ئارىسىدىن ئەرەبلەرگە ئائىت نەرسىنى تارتىپ چىقىپتۇ دەپ تىپقا كۆتۈرمىسەكمۇ بولىدۇ.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:20:47

izchilar يوللىغان ۋاقتى2015-2-11 10:32 static/image/common/back.gif
ھىندىستان قان سىستىمىدىكى كانادالىق بىر ھەزىلكەش گۇي...

شۇ گۇينىڭ سىنلىر بەك قىززىق ھە، جۇڭگونى، ھىندسىتاننى ھەزىل قىلىشى بۇلۇپمۇ:D

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 13:10:11

jesurmen يوللىغان ۋاقتى2015-2-11 11:40 static/image/common/back.gif
يەرشارى دىئامىتىرنى بويلاپ تونىل قېزىپ سەكرىسە قارشى...

ئازراق تۆۋەنلەپ يەر پوستىدىن ئۆتكەندىن كېيىن پارغا ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىش بولامىكى.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 14:31:48

halis123 يوللىغان ۋاقتى2015-2-11 11:34 static/image/common/back.gif
قۇسۇرغۇ بولمايدۇ ئەمدى ، لېكىن شۇنچە كۆپ گەپنىڭ ئىچىد ...

خوش تەقسىر. رەقەمنى مايالار ئىجات قىلغان دەپ ئۇقۇغان بولسام ئەلۋەتتە مايالارنىڭنىڭ گىپىنى قىلاتتىم. گىپىڭىزدە بىر بىر خىل گەپ باردەكقۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 15:06:02

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى2015-2-11 13:10 static/image/common/back.gif
ئازراق تۆۋەنلەپ يەر پوستىدىن ئۆتكەندىن كېيىن پارغا ئ ...

يەر مەركىزىنىڭ قىزىقلىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماتېرىيال ئىشلىتىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ بېكەتتى دەپ قارىساق، يەر مەركىزىگە كەلگەندە يەرنىڭ تارتىش كۈچى تەڭپۇڭلىشىپ قېلىپ، يا يېنىپ چىقالماي يا ئالدىغا ماڭالماي تۇرۇپ قالامىكى دەيمىنا:lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 18:33:21

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى2015-2-11 15:06 static/image/common/back.gif
يەر مەركىزىنىڭ قىزىقلىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان م ...

ئاشۇنداق ماتېرىيالدىن كىيىم ياساپ سەكرەپ قالسا، ئۇدۇل يەنە بىر چىقىش ئېغىزىغا بارغاندا بىرسى تۇتۇۋالمىسا كەينىگە يېنىپ دەۋرى ھەرىكەت بولۇپ كېتىدۇ دەپ كۆرگەن بىر ماتېرىيالدا.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 19:20:44

رەسىمدىكىسى جاڭ خىنىڭ يەرتەۋرەشنى ئالدىن سىزىش ئەسۋابى، ئىلمى نۇجۇم بۇيىچە ياسالغان.
بەت: [1] 2
: ئىلىم-پەندىكى سىز بىلمەيدىغان ئىشلار