ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:04:49

چىرايلىق ئالدىنىش

مۇتەللىپ سەيپۇللا  ئەزىز
چىرايلىق ئالدىنىش
(فېليەتون)

   ھەر يىلى ئاپرىلنىڭ بېشىدا يېقىن- يورۇقلار بىر- بىرىنى قەستەن ئالدىشىپ، " ئالداش بايرىمى " ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇلارچە بۇ خەلقئارالىق بايرام بولۇپ، قايسى كۈننىڭ ھەقىقى " ‎ئالداش بايرىمى " ئىكەنلىگىنى مەن ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. راستىمنى ئېيتسام، زادى قايسى كۈننىڭلا ئەمەس، ھەقىقەتەن شۇنداق بىر بايرامنىڭ بار- يوقلىغىنىمۇ بىلمەيمەن.
   سىز- بىزنىڭ بىلمەسلىكىمىز قانچىلىك ئىشتى؟ ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ ئالدىنىدىغان كۈنىمىز، ئالدىنىدىغان ئىش تۈرلىرىمىزنىڭ سان، ئىدىتىنى قىلىپ بۇلالمايۋاتقىنىمىزدا، ھەقىقەتەن شۇنداق بىر بايرامنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى ئىشتەك قىلىدۇ.
   بولسىغۇ مەخسۇس "ئالداش بايرىمى" بولغاندىكىن، بىر يىل ئىچىدىكى بارچە ئالدىنىشلىرىمىز  شۇ بىر كۈن بىلەن تۈگىگەن بولسا- ھە!
   شەخسنى ئالدىماق ئاسان، ئاۋام- خەلقنى ئالداش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. لېكىن، ھازىر ئاۋامنى ئالداشمۇ كۆنگەنلەر ئۈچۈن تەس ئىش بولماي قاپتۇ. ئىشەنمىسىڭىز قاراڭە: قولىدا ئەمەلىي  ھوقۇقى بار ھەرقانداق كاتتىۋاش سىزگە ئۆزىنىڭ پاك ھەم پاكىزلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇپ : "مەن ئۆز يېقىنلىرىمنى ئىشقا قويمۇدۇم" دىسە، ئىشىنەمسىز؟
   سىزنىڭ ئىشىنىش، ئىشەنمەسلىكىڭىز بىلەن ئۇلار ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ؛ ئىشەنسىكەن، دەپ ئۈمۈتمۇ قىلمايدۇ؛ پەقەت كادىر ئىشلىتىشتە ئۆزىنىڭ گۇروھ توپلىمىغانلىقى، پايدا- نەپ ئۈندۈرۈۋالمىغانلىقى، ئەمەل- مەنسەپ سودىسى قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت بىر زۆرۈرىيىتى ئۈچۈنلا قاملاشسۇن، قاملاشمىسۇن شۇنداق بىر "چىرايلىق ئالدامچىلىق" قىلىدۇ.
   تارىختىن ھازىرغىچە، چەتئەلدىن جۇڭگوغىچە قايسبىر سىنىپ، قايسىبىر گۇروھ، قايسىبىر تەبىقە ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويماي، ئۆزىگە يىراقلارنى، ئۆزى بىلەن زىتلەشكەن- ئۆچەكەشكەنلەرنى، ئۆزىگە ھامى- ھەمنەپەس بولمىغانلارنى، ھەتتا ئۆزىگە قارشى پىكىردە بولغانلارنى ئەمەل- مەنسەپكە قويغان؟
   ئادەم ئەسلىدىلا بىر- بىرىگە يات نەرسە. ھەر قانداق بىر سىنىپنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئېنىق بولغان مەقسەت- مۇددىئاسى بولىدۇ. پەقەت ئورتاق ھەۋەس، ئورتاق قىزىقىش، ئورتاق ئىدىيە، ئورتاق مەسلەك، ئورتاق مەنپەئەت ئۇلارنى بىر- بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ دىل بىرلىگى، ھەرىكەت بىرلىكىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنداق بىرلىك ئەمەلگە ئاشقىنىدىلا بەلگىلىك بىر سىنىپنىڭ ئالىي مۇددىئالىرى قانائەت يولىغا قاراپ پۇت قويىدۇ. بۇ تولىمۇ ئاددى مەنتىقە. ئۇنىڭسىزمۇ بىزدە "پەيلىرى ئوخشاش قۇشلار بىرگە ئۇچىدۇ" دىگەن تەمسىل بارغۇ. يۇقارقى بىرلىكلەر ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ، يېقىنلاشقىلى، "ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى" بولمايدۇ. ئىدىيىسى بىرلىككە كەلگەن، ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەسلىكىگە ئىگىلەرنى "يېقىن" دىمەي نىمە دېگۈلۈك؟ سىز شۇنداق كىشىلەرنى ئىشقا قويماي، كىمنى ئىشقا قۇيارسىز!؟
   بۇ يەردىكى " ئۆز يېقىنلىرىمنى ئىشقا قويمۇدۇم" دىگىنى "مەن بىلەن ئىدىيىسى بىردەك بولمىغان، گىپى مەن بىلەن بىر يەردىن چىقمايدىغان، قارىشى  ئۆزگىچە ئادەمنى ئەمەل – مەنسەپ كۇرسىسىغا ئولتۇرغۇزدۇم" دىگىنىگە باراۋەر بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىنمۇ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىمۇ يالغان ئىكەنلىكى، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئالدىنىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەگەر ئۇ پىرىنسىپسىز يېقىنچىلىق، پىنھان خانىلەردىكى نامۇۋاپىق يېقىنلىق بولماي، نورمال يېقىندارچىلىق بولسا، خۇدۈكسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىزدە "خۇدۈكى بار موللام شورپا ئىچمىسىمۇ تەرلەيدۇ" دېگەن گەپمۇ بار. بەك خۇدۈكسىرىگەن ئىشتىنمۇ ئاسانلا كۆز چىقىدىغانلىقى ئەمەلىيىتىمىزدە پات- پات ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ.
   ماركىسىزىمچىلارنىڭ "پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشىڭلار!" دەيدىغان ياڭراق بىر شۇئارى بار. "بىرلىشىش" دەل يېقىنلىشىشتىن كېيىن  ئەمەلگە ئاشىدىغان نەتىجىلىك جەريان. ئەگەر "يېقىنلار ئىشقا قويۇلمايدىغان" مەنتىقە راست بولىدىغان ئىش بولسا، پرولېتارلارمۇ ئۆز- ئارا يېقىن ئۆتمەيدىغان، يۇقۇرى- تۈۋەن  رەھبىرىي كادىرلارمۇ ئۆز- ئارا يېقىن ئۆتمەيدىغان، ئاۋام پۇقرا ئارىسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىمۇ ئەمەلدار بىلەن يېقىن ئۆتمەيدىغان گەپ ئىكەندە!
   بەتبەشىرە ئالداش مۇمكىن بولمىسا، چىرايلىقچە ئالداش مودا بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر كاتتىۋاشلىرىمىز "مەن ئاۋام خەلقنى ئالدىمىدىم" دېگەن مىنۇتلىرىدا يۈزى قىزارمىسا، بوپتۇ؛ بىز ئۇلارنىڭ گويا شۇلار بىزدىن ئۈمىد قىلغىنىدەكلا سۆزى بىلەن ھەركىتىنىڭ  بىردەك بولىشىغا تىلەكداش. ھەم تىلەكداشمىزكى، ئىشبۇزار، ئىككىيۈزلىمىچى، ياغلىما ئېغىز، نانقاپلىرى بىلەن يېقىن ئۆتكىچە، خەق ئالدىدا ۋىژدانى خۇدۈكسىرىمەيدىغان، ئۆز قەۋمىنىڭ پايدىسىغا تۆت جۈملە گەپ قىلالايدىغان يىگىتمىجەز نوچىلار بىلەن يېقىن ئۆتەلەيدىغان مەنسەپدارلىرىمىزنىڭ سانى ئاۋۇغاي! بۇنداق مەنسەپدارلىرىمىز ئاۋام قەلبىنى ئاۋۇ ئالدامچىلارغا قارىغاندا بەكرەك مايىل قىلالايدۇ. بۇلار ئۈچۈن يالغان ئېيتىپ، خۇدۈكسىرەپ، تەر بېسىپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ.
   ئاۋام ئۈچۈن ئالدىنىشتىن ئېغىر دەرد يوق. ئەمدى يەنە ئالدىنىۋەرمەيلى؛ مەيلى ئۇ، قانچىلىك چىرايلىق بولسىمۇ.      

    مەنبە:  <<مايبۇلاق>> ژۇرنىلى، 2006- يىل 2- سان.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:25:01

ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇش خاتا ئەمەس. بۇ ھەم ئىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى چارە.
غەرپتىكى دېموكىراتتىك دۆلەتلەرنىڭ ئەلباشلىرىمۇ ئۆز يېقىنلىرىدىن ھۆكۈمەت تەشكىللەيدۇ.

بۇ فىليەتۇننى مەغلۇپ بولغان دىيشكە بولىدۇ. ئەسلىدە خاتا ئەمەس بىر ئىش نىمىشقا خاتا نەتىجە بېرىدۇ دىگەننى يازالىسا ئاندىن مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلغان دىيشكە بولاتتى.

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:09:57

غەرىپتىكى دۆلەت كاتتىباشلىرى بىلەن شەرقتىكى مەلۈم دۆلەتتىكى كاتتىباشلارنىڭ يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇشى قىسمەن جەھەتلەردىن ئوخشاش مەنا بەرسىمۇ ئەمما كۆپ جەھەتتىن ئوخشاش بولمىغان مەناغا ئېگە بولسا كېرەك.

uyhur007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 12:50:26

بۇ فىليەتۇندا  دەل سىز دىگەندەك يېقىنلارنى ئىشقا قۇيۇش خاتا ئەمەس دىمەكچى

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 22:10:58

ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇش - ئەڭ ئاقىلانە ئىشقا قويۇش ئۇسۇلى، ئەمما كاتتىباشلارنىڭ ھوقۇقى تۈزۈم رامكىسى ئىچىدە بولغاندا ئاندىن ياخشى نەتىجە بېرەلەيدۇ.
بەت: [1]
: چىرايلىق ئالدىنىش