ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:02:35

مودا قوغلىشىش ۋە پەرزەنتلەرگە تەسىرى

مودا  قوغلىشىش ۋە پەرزەنتلەرگە تەسىرى

(ماقالە)

ئامانگۈل نىياز


  يەكشەنبە كۈنى ئىدى، كىتابخانىغا كىرىپ بىر دەم كىتاب كۆرۈپ، ئۆزۈم ياقتۇرغان بىرقانچە كىتابلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتۈپ كېتىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى سېتىش دۇكىنىغا كىردىم.                                                  
-مودا بولىۋاتقان نوركا پەلتۇلاردىن بىرەرنى كىيىپ قويمامسەن؟! كىيمىگەن ئايال ئاز قالدى جۇمۇ بۇنى؟!
-قانچە پۇلدىن ساتتىڭ؟!
-ئوخشىمايدۇ، يۇقىرىسى قىرىق مىڭ يۈەندىن تارتىپ تۆۋىنى يەتتە مىڭ يۈەنگىچە!
ساڭا ئەرزانراق بېرەي! پۇلۇڭ يېتىشمەي قالسا بارىنى بېرىپ تۇرۇپ  قالغىنىنى  مۇددەتكە بۆلۈپ بەرسەڭمۇ بولىدۇ.
-بولدى ئالماي تۇراي! ھازىرچە جىددىي ئېھتىياجلىق ئەمەسمەن، نېسى سېتىۋالدىغانلارمۇ بارما؟-سورىدىم مەن.
- خېلى بار، كۆپىنچىلىرى خىزمەتچىلەر، ئۇلار مۇھىم ياكى قىممەتلىك بۇيۇملىرىنى زاكالەت قۇيۇپ، مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش شەرتى بىلەن  ھۆججەت يېزىپ بېرىپ سېتىۋالىدۇ!
  دوستۇم بىلەن خوشلىشىپ كېتىۋېتىپ ئويلاپ قالدىم، مائاش كارتىسى، ئۆي خېتى قاتارلىق بۇيۇملارنى زاكالەت قويۇش شەرتى بىلەن بانكىلاردىن قەرز بېجىرىپ ئولتۇراق ئۆي، ماشىنا سېتىۋالاتتۇق، ئۇندىن باشقىمۇ تۈرلۈك مۇھىم ئىشلارغا ئىشلىتەتتۇق، مانا ئەمدىلىكتە قىممەت باھالىق مودا كىيىم–كېچەكلەرگە چۈشۈپتىمىز، تەرەققىيات سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتتىمۇ نېمە؟!
ئەتىسى سەھەردە ئىشقا كەلسەم يەسلىمىزدىكى 6 ياشلىق ئىككى قىزنىڭ بىرى چېچىنى قىزغۇچ رەڭدە يەنە بىرى سېرىق رەڭدە بويىۋاپتۇ، دەرھال ئانىسىنى چاقىرتتىم، رەڭدار بۈدۈر چاچلىرىدىن قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ياش ئانا بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كېتىشلىرىمدىن ئوڭاسىزلاندىمۇ قانداق چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
-كېيىنكى شەنبە كۈنى ئىنىمنىڭ تويى بولماقچى ئىدى، شۇڭا ....
قىسقىچە چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چاچ بوياقلارنىڭ تەركىۋىدە خىمىيىلىك دورا بولىدىغانلىقى، بالىلارغا بەكمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى  ئەسكەرتىپ خوشلاشتىم.
ئارىلىقتىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزۈمگە بىر دوپپا ئالغاچ قىزىمغىمۇ بىرنى ئالماقچى بولدۇم، ئەپسۇس قىزىم دوپپا كىيسە مەتولىشىپ سەھرالىققا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى، كەيمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەتئى رەت قىلدى، چۈشەندۈرۈشلىرىمنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمىدى، ئېچىنىشلىق يېرى ئەتراپىدىكى بىر توپ دوستلىرىمۇ قىزىمنىڭ پىكرىنى قوللىدى، 18 ياشقا كىرىپ قالغان قىزلىرىمىزنىڭ كۆز قارىشىغا قاراپ يۈرىكىم قاتتىق ئېچىشتى!
  مانا بۇ جەمىئيەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك مودا ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ غايىۋى كىملىكىنى نامايان قىلىش يولىدا ھېرىپ-چارچاشلارغا قارىماي تارقىتىۋاتقان كۆرۈنمەس ۋىرۇسلار! مودا ئادەتتە ياش، جىنس، كەسپ، كىرىم، بىلىم قۇرۇلمىسى، قىزىقىش قاتارلىق بىرقانچە تەرەپلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، كىشىلەر قارغۇلارچە چوقۇنۇشتىن قوغلىشىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان بىر خىل ئېقىم، ئىستېمالىنىڭ رەڭدار نۇرلىرى كۆزلىرىمىزنى تورلاشتۇرۇپ، سەزگۈلىرىمىزنى مەست قىلىپ                     قۇيۇۋاتامدۇ  ئىشقىلىپ، تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئۈنسىز شۇئارلىرىنىڭ  كۆرۈنمەس يىپلىرىغا باغلىنىپ تېز سۈرەتتە  مېڭىپ كۆپ مېدىئا ۋاستىلىرىنىڭ تالان-تاراج ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىمىز. ھېلىقىدەك ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز، ئېھتىياجىمىز، باشقىلارغا تەسىرىمىزنىڭ قانداق بولىشى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي ھېلى ماشىنا بازارلىرىنى قىزىتىۋەتسەك، ھېلى تىلېفون، كىيىم-كېچەك بازارلىرىنى قىزىتىپ يۈرۈۋاتىمىز. ئەڭ مۇھىمى بۇ خىل پائالىيەتلىرىمىز  ئۆزىمىز بىلەن كەتمەي، پەرزەنتلىرىمىزگە  مۆلچەرلىگۈسىز سەلبى تەسىر پەيدا قىلىش بىلەن كۈندىن-كۈنگە يىراقتا قېلىۋاتقان مىللى ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزۇۋاتىدۇ.  بىر مەزگىل  كورىيە قىزغىنلىقى ئەۋج ئېلىپ كەتتى، ئاندىن بەس-بەستە تۈركىيە ماللىرىغا چوقۇنۇپ كەتتۇق، مانا ئەمدى ياۋروپالىشىش سۈرئىتىمىزنىڭ تېزلىكىدىن چەتئەللىكلەر ھەيران قېلىشۋاتىدۇ. ھەركىم ئۆز قىزىقىشى ۋە ئادىتى بويىچە ئىستېمال ئېلىپ بارىسمۇ بىراق، قارغۇلارچە  ئىستېمال ھادىسىسى ئارىمىزدا خېلى كۆپ، مەيلى قايسى ساھەدىكى مىللىي كارخانىلار  بولسۇن خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىزدىنىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، ئېرىشكەن كىرىمىنىڭ بىر قىسىملىرىنى نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتا قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بىز باشقا ئەللەر ئىشلەپچىقارغان ماللارغا چوقۇنغان بولغاچقا، پەرزەنتلىرىمىز  ئۆزىمىزنىڭ كارخانىچىلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارغا تازا ئىشەنمەيدۇ. رېستوران قىزغىنلىقىمىزنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىن، قۇرامىغا تولۇق يەتمىگەن پەرزەنتلىرىمىزمۇ ئاددى يىغىلىش ياكى تۇغۇلغان كۈنلىرىنى شۇ رېستۇراندا ياكى دېسكوخانىلاردا ھەشەمەت بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلدىغان بولۇپ قالدى، زاماننىڭ كەينىدە قالماسلىق ۋە گۈزەللىكىمىزنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن  ئالاھىدە ئۇچۇق كۆكرەك كۆينەك ياكى تار، قىسقا يوپكىلارنى كىيىپتۇق، قىزلىرىمىز چىپپىدە كەلگۈدەك  پادىچى ئىشتىنى بىلەن ھەر خىل ئۈستى كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىپ يۈرۈيدۇ، مىللىتىمىز ئۇدۇمىدا ئەزەلدىن ئاددىي-ساددا ۋە پاكلىق ئادىتى ساقلىنىپ  كەلگەن، بەزىدە ئۆزىمىزدە قىلچە مەسئۇلىيەت يوقتەك  ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك ناچار خاھىشلارنى تەپ تارتمايلا تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا دۆڭگەپ قۇيىۋاتىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەپ، نۇرغۇن خاتالىقلىرىغا يول قويۇۋاتىمىز، كېيىنكى كۈنلەردە  ئانا تىلىمىزنىڭ  ساپ بولماسلىقى، مىللىي ئەنئەنىمىزنىڭ تېخىمۇ سۇسلاپ، ئېتىقادنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئەنسىرەيمىز-يۇ،مىللەت، جەمىئيەت ۋە كېيىنكىلەر  ئالدىدىكى كۈچلۈك مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقى تونۇپ يەتمەيۋاتىمىز. دەرۋەقە، ئىلغار كۆزقاراشتىكى زىيالىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇپ، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلەپ مېھىرسىرىغان قەلىبلەرگە ساخاۋەت نۇرلىرىنى چېچىۋاتقانلارمۇ بار، مېنىڭچە ئاتا-ئانا بولغانلار جەمىئيەت تەربىيىسىدىن كۈچلۈكرەك  بولغان ئەمەلىي ئۆزلۈك ئېتىقادى ۋە  ئائىلە ئەخلاقىغا  ئەھمىيەت بېرىپ، ئويلىمىغان سەلبىي تەسىرلەرنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تولىمۇ زۆرۈر.


(2013-يىلى12- ئاينىڭ 27-كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان)

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 08:58:25

مەن پەقەت مودا قوغلاشمايمەن ئاغىنىلىرىم مىنى ئۆزىنى ياساپ  يۈرۈشنى بىلمەيدۇ دىيىشىدۇ ، مەن لوكەن كىيملەرنى كېيىپ رېنشىڭ يۇرىۋېرىمەن{:92:}

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:29:07

ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە. ئوتتۇراھاال بولسا، مودا قوغلاشسىمۇ خاتا ئەمەس.{:92:}

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:46:13

مانداق سىنلارنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار، ياشلار نىمە دەۋاتىدۇ، نىمە ئويناۋاتىدۇ.
http://v.qq.com/page/y/x/1/y01463gr5x1.html?ptag=v_qq_com#v.play.adaptor#3
http://v.qq.com/page/y/x/1/y01463gr5x1.html?ptag=v_qq_com#v.play.adaptor#3

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 19:32:18

ھىچنىمە بولمايدۇ.نوركا پەلتۇدىن زادى بىرنى كىيىپ قۇيۇش كېرەك.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 21:38:08

:lol:lol:lol:lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 21:47:35

:lol

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 22:05:19

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 09:46 static/image/common/back.gif
مانداق سىنلارنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار، ياشلار نىمە دەۋاتىد ...

ۋاي توۋا نىمە ئىش بۇ ئەمدى:funk:

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 07:21:15

خاپا بولمىغايلا، مەن بىلەن خوراز دەرۋەقە بىر مىللەت لىكىن ئىككى ئادەم . ئۇنى قويۇپ تۇرىلى ئەرگە تىگىۋاللىما؟ ئىزدىنىش ھەممەيلەننىڭ مۇنبىرى …
ئاۋۇ كۆپ چىكىتتە سىلىگە لايىق گەپ بار چۈشىنىلا ھەئاقىچان .

moltoshey يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 08:27:06

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 08:38:55

شۈكرى مەن ساق قاپتىمەن :lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 08:47:00

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 09:46 static/image/common/back.gif
مانداق سىنلارنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار، ياشلار نىمە دەۋاتىد ...

گەرچە بۇلار بىلەن تەڭتۇش بولساممۇ ، ئارلىقىمىز مىڭ يىل ئىكەن.

رەڭلىق قەغەز چاپلانغان لامپۇچكىلارنىڭ يورۇقى ئاستىدا ساراڭدەك جۆيلۈپ ئۆزىگە خۇشاللىق تېپىۋاتقانلار غەمدىن، ئىنسانىي مەجبۇرىيەتتىن  قانچىلىك يىراقتا؟{:118:}

karam يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:52:16

ياخشى تېما

okojan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 18:11:48

يىقنىدا رادىئودا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچلىرىنىڭ يىڭدىن تارقاتقان مەكتەپ فۇرمسنڭ ئشتننڭ پۇشققنى كىسىپ كچىكلتىپ جىمكو قلىپ كىيشنڭ مودا بولغانلقى توغۇرسىدا سۆزلەپ يۇريتى ،بىز مەكتەپلەردە ئوقوۋاتقانىدا مەكتەپ فۇرمسى دىگەن يوق ئىدى ،باشقلارنىڭ كەيگننى كۆرسەك قاچان بىزمۇ كىيەمىز دەپ تەلمۇرۇپ قاراپ كتەتتۇق ، ھازىرىقى ئوقوغۇچىلارنى باشقۇرۇش چوڭ بىر مەسلە بولۇپ قالدى .
بەت: [1]
: مودا قوغلىشىش ۋە پەرزەنتلەرگە تەسىرى