tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:30:29

ناپالىئون خېئولنىڭ مۇۋاپىقىيەت دەستۇرى

                                                                مۇۋاپىقىيەت قازىنىش دەستۇرىنى سىناپ كۆرۇڭ:
ناپالىئون خېئول ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىشقا ياردەم بېرىش ئۇچۇن ،بىر يۇرۇش تەھلىل قىلىش سوئال-جاۋاپلارىنى تەييارلىغان،بۇ  سوئال-جاۋاپلار ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى چۇشۇنۇشىگە ياردەم بەرگەن.ئىلگىرى سىز بەلكىم  ئەقىل-پاراسەت،مىجەز،خۇسۇسىيىتىڭىزنى نۇرغۇن قېتىم سىناپ بولغان بولغىيتتىڭىز.
لېكىن بۇ بىر يۇرۇش سوئال-جاۋاپلار ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.بىز ئۇنى ‹مۇۋاپىقىيەت قازىنىش توغرىسىدىكى تەھلىل، دەپ ئاتايمىز.بۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ 17تۇرلۇك قانۇنيىتى ئامىللىرىغا ئاساسەن لاھىيەلەنگەن بولۇپ ،ئۇ ھەر كەسىپ،ھەر ساھەدىكى مەشھۇر زاتلارنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى مۋاپىقىيەتكە ئېرىشتۇرگەن.ئۇنىڭ مۇنداق بىرقانچە تەرەپلىرى بار:
  ئىدىدىيىڭىزنى ئۇمۇد ئىزىغا يېتەكلەيدۇ  .ئىدىدىيىڭىزنى،ئوي-پىكرىڭىزنى كونكىرىت،ئەمىلىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشغا يېتەكلەپ،قۇرۇق خىيالدىن ئادا-جۇدا بولۇش ئىمكانىيىتىگە  ئىگە قىلىدۇ.
مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يولىدىكى ھازىرقى تۇرىۋاتقان ئورنىڭىزنى ئېنىق كۆرسۇتۇپ بېرىدۇ.
ئۆزىڭىزنىڭ ئېنىق نىشان بەلگۇلىشىڭىزگە ئىلھام بېرىدۇ.
نىشانغا يېتىشىڭىزنىڭ پۇرسىتىنى ئالدىن ئۆلچەپ بېرىدۇ.
ھازىرقى ئارزۇيىڭىز ۋە باشقا ئالاھىدىلىگىڭىزنى كۆرسۇتۇپ بېرىدۇ.
سىزنى مۇۋاپىق ھەم زۆرۇر ھەركەت قىلىشقا رىغبەتلەندۇرىدۇ.
ھازىر تۆۋەندىكى ‹مۇۋاپىقىيەت قازىنىش دەستۇرى توغرىسىدىكى تەھلىل›گە ئىمكان قەدەر چىن كۆڭلىڭىزدىن ئوچۇق،سەمىمى جاۋاپ بېرىپ بېقىڭ.ھازىرقى ئەمىلىي ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن توغرا جاۋاپ بېرىدىغانلا بولسىڭىز،بۇ سىناقتىن جەزمەن ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
                1    .ئېنىق نىشان بەلگۇلەش
1)  بەلگۇلەنگەن ئۆمۇرلۇك ئاساسى نىشانىڭىز بارمۇ-يوق؟
2)بەلگۇلەنگەن نىشانغا يېتىش قەرەلىڭىز بارمۇ-يوق؟
3)   نىشانغا يېتىشتىكى ئالاھىدە پىلانىڭىز بارمۇ-يوق؟
4)بەلگۇلەنگەن نىشانىڭىزنىڭ سىزگە قانداق پايدا-مەنپەئەت يەتكۇزىدىغانلىغىنى ئويلاشتىڭىزمۇ- يوق؟
             2.  ئاكتىپ روھىي ھالەت بەرپا قىلىش
1)ئاكتىپ روھىي ھالەتنىڭ ئەھمىيىتىنى چۇشەندىڭىزمۇ-يوق؟
2)ئۆزىڭىزنىڭ روھىي ھالىتىنى كونتۇرۇل قىلالامسىز-قىلالمامسىز؟
3)ھەممە ئادەم كونتۇرۇل قىلالايدىغان بىندىن بىر نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز-بىلمەمسىز؟
4)ئۆزىڭىز ۋە باشقىلاردىكى پاسسىپ روھىي ھالەتنى قانداق بايقاشنى بىلەمسىز-بىلمەمسىز؟
          3.  كۆپرەك بەدەل تۆلەش  
1)سىز ئالغان ئىش ھەققىڭىزنىڭ قىممىتىدىن ئېشىپ كېتىدىغان بەزى خىزمەتلەنى دائىم ئىشلەمسىز-يوق؟
2)قايسى ۋاقىتتا ئادەمگە ئىش ھەققى قوشۇپ بېرىلىشى كېرەكلىگىنى بىلەمسىز-بىلمەمسىز؟
3)سىز قايسى ساھىيەدە ئۆزىنىڭ ئالغان ئىش ھەققى قىممىتىگە يەتمەيدىغان ،تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپ،مۇۋاپىقىيەت قازانغان قايسى ئادەمنى تونۇيسىز-تونۇمامسىز؟
4)بىرەر ئادەمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىش ھەققى قىممىتىدىن ھالقىيدىغان ھىچقانداق ئىشنى قىلماي تۇرۇپ ،مۇئاش قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار دەپ قارامسىز-قارىمامسىز؟
5)ئەگەر خوجايىن بولسىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى جىزمىتىڭىزدىن رازى بولامسىز-بولمامسىز؟
       4. توغرا پىكىر قىلىش  
1)ئۆزىڭىزنىڭ جىزمتىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئىمكانقەدەر ئۈگۇنەمسىز-ئۈگنمەمسىز؟
2)سىز پىششىق بىلمەيدىغان ئىشلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى خالامسىز-خالىمامسىز؟
3)مۇبادا بىلىم لازىم بولۇپ قالغاندا ،ئۇنى قانداق ئىزدەشنى بىلەمسىز-بىلمەمسىز؟
     5.يۇكسەك دەرىجىدىكى ئۆزىنى تونىۋېلىش
1)خاپا بپلغاندا ئۇنچىقماي ئولتۇرالامسىز-يوق؟
2)ئويلانمايلا گەپ قىلىش ئادىتىڭىز بارمۇ-يوق؟
3)ئاسانلا ئىچىڭىز پۇشامدۇ-پۇشمامدۇ؟
4)ئادەتتە كەيپىياتىڭىز تىنىچ تۇرامدۇ-تۇرمامدۇ؟
5)كەيپىياتىڭىز ئەقلىڭىزنى كونتۇرۇل قىلىشغا ئادەتلەنگەنمۇ؟
       6.       رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇش   
1)ئامال قىلىپ باشقىلارغا تەسىر كۆرسۇتۇش ئارقىلىق ،ئۇلارنى ئۆز نىشانىڭىزغا يېتىشىڭىزگە ياردەم قىلدۇرۇشنى ئويلامسىز-يوق؟
2)باشقىلارنىڭ ياردىمىسىزمۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدىغانلىغىڭىغىزغا ئىشىنەمسىز-يوق؟
3)ئايالى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشىلىغىغا ئۇچرىغان ئادەمىڭ ئۆز ئىشىدا نەتىجە قازىنالايدىغانلىغىغا ئىشىنەمسىز-يوق؟
4)ئەگەر باشلىق ياكى خوجايىن بىلەن قول ئاستىدىكىلەر  ئىناق ئۆتسە،نۇرغۇن پايدىسى بولىدىغانلىغىغا ئىشنەمسىز-يوق؟
5)ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇن تەقدىرلەنسە ،ئۇنىڭدىن شەرەپ ھىس قىلامسىز-يوق؟
      7.       ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ باغلاش
1)‹چەكسىز ئەقىل -پاراسەت›نىڭ بارلىغىغا  ئىشىنەمسىز-يوق؟
2)ئۆزىڭىز سەمىمى،دۇرۇس ئادەممۇ-قانداق؟
3)سىز ئۆزىڭىز قىلماقچى بولغان ئىشلارغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ-يوق؟
4)سىز تۆۋەندىكى 7خىل ئاساسى ۋەھىمىدىن دانالىق بىلەن خالى بولالامسىز-يوق؟  نامراتلىق ۋەھىمىسى،تەنقىد ۋەھىمىسى،سالامەتلىك ياخشى بولماسلىق ۋەھىمىسى،سۆيگۇدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋەھىمىسى،ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىش ۋەھىمىسى،قېرىپ كېتىش ۋەھىمىسى،ئۆلۇم ۋەھىمىسى .
      8.   كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خاراكتىر يارىتىش  
1)سىزنىڭ مىجەڭىز كىشىنى بىزار قىلامدۇ-قىلمامدۇ؟
2)ئۆزى خالىمىغاننى باشقىلارغىمۇ تاڭماسلىق دىگەننى ئىشقا ئاشۇرالىدىڭىزمۇ -يوق؟
3)سىز خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىتىڭىزمۇ يوق؟
4)سىزدىن باشقىلار بىزارمۇ يوق؟
     9  .ئالغا ئىنىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇش
1)ئۇگۇنۇش ۋە خىزمىتىڭىزدە پىلان بارمۇ-يوق؟
2)خىزمەت پىلانىڭىزنى چوقۇم باشقىلار  تۈزۇپ بېرىش كېرەكمۇ؟
3)كەسىپداشلىرىڭىزدا بولمىغان قانداق كۆرىنەرلىك ئالاھىلىدىگىڭىز بارمۇ؟
4)ئىشنى ۋاختىدا بېجىرمەيدىغان سۆرەلمىلىك ئادىتىڭىز بارمۇ يوق؟
5)ئىمكانقەدەر تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇل بىلەن ئىشلەشنى  ئويلامسىز؟
    10   .تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق
1)سىز ئىتايىن قىزغىن ئادەممۇ-قانداق؟
2)سىز ئۆز پىلانىڭىزنى ئىجرا قىلىش ئۇچۇن،قىزغىنلىقىڭىزنى جارى قىلدۇرالامسىز-قىلدۇرالمامسىز؟
3)قىزغىنلىقىڭىز ھۆكۇم چىقىرىشىڭىزنى ئىدارە قىلامدۇ؟
   11.       پۇتۇن ئوي-پىكىرنى مەركەزلەشتۇرۇش
1)پۇتۇن ئوي-پىكرىڭىزنى مەلۇم ئىشقا مەركەزلەشتۇرەلەمسىز-يوق؟
2)ناھىيىتى ئاسانلا باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزىڭىزنىڭ پىلان ۋە نىشانىڭىزنى ئۆزگەرتەمسىز-ئۆزگەرىتمەمسىز؟
3)سىز باشقىلارنىڭ قارشىلىغىغا ئۇچرىغاندا نىشانىڭىز ۋە پىلانىڭىزدىن دەھال ۋاز كېچەمسىز-كەچمەمسىز؟
4)ھەر خىل كېلىشمەسلىكنىڭ دەخلى-تەرۇزىدىن خالى بولالمىغان چاغلاردىمۇ خىزمەتنى داۋاملىق ئىلىيەلەمسىز-يوق؟
     12.   ھەمكارلىق روھى بولۇش   
1)باشقىلار بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتەلەمسىز-ئۆتەلمەمسىز؟
2)سىز باشقىلارغا ياردەم بەرگەندە  ،باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغاندىكىدەك كەڭ قوساق بولالامسىز-بولالمامسىز؟
3)قارىشىڭىز باشقىلارنىڭكى نىلەن دائىم بىر يەردىنن چىقامدۇ؟
4)خىزمەتداشلار ئارا دوستانە ھەمكارلاشقاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟
5)خىزمەتداشلاربىلەن ھەمكارلاشمىقاننىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز؟
      13.   مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلش      
1)ئوڭۇشسىزلىق تۇپەيلىدىن ،ئشلىرىڭىزدىن يېرىم يولدا ۋاز كېچەمسىز-كەچمەمسىز؟
2)سىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىمۇ داۋاملىق تىرىشامسىز؟
3)بىر مەھەللىك ئوڭۇشسىزلىقنى مەغلۇبىيەت دەپ ھىساپلامسىز؟
4)قانداق قىلغاندا ئوڭۇشسىزلىقنى پايدىغا ئايلاندۇرۇپ ،كۆزلىگەن نىشانغا داۋاملىق يېتىشنى بىلەمسىز-بىلمەمسىز؟
      14.   يېڭىلىق يارىتىپ غەلبە قىلىش   
1)سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۇرىنى ئۇستۇنلۇك جەھەتتە ئىشلىتەلەمسىز؟
2)سىز قارارنى ئۆزىڭىز چىقىرامسىز-چىقىرالمامسىز؟
3)باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغانلارنى مۇستەقىل كۆز قارىشى يوقلاردىن ياخشىراق دەمسىز-دىمەمسىز؟
4)سىز دائىم خىزمەتكە ئالاقىدار بەزى ئەمىلىي ئىجابى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويالامسىز-يوق؟
        15.    ۋاقىت ۋە پۇلنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش  
1)سىز بىر قىسىم كىرىمنى مۇقىم يىغامسىز-يىغمامسىز؟
2)پۇل خەجلىگەندە قولغا كەلمىگەن كىرىمنى كۆزدە تۇتامسىز؟
3)ھەر كۇنى قانغۇدەك ئۇخلامسىزئۇخلىمامسىز؟
4)سىز ھەمىشە ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ،ئۆزىڭىزگە ئىلھام  بېرىدىغان كىتاپلارنى ئوقۇمسىز-ئوقۇمامسىز؟
     16  .   جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ساغلاملىقنى ساقلاش  
1) ساغلاملىقنىڭ 5خىل ئاساسى ئامىلىنى بىلەمسىز-بىلمەمسىز؟
2)ساغلاملىقنىڭ نەدىن باشلىنىدىغانلىغىنى بىلەمسىز-بىلمەمسىز؟
3)دەم ئېلىش بىلەن ساغلاملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى  بىلەمسىز-بىلمەمسىز؟
4)ساغلاملىقنى ساقلاش ئۇچۇن قايسى 4خىل مۇھىم ئامىل كېرەكلىگىنى  بىلەمسىز-بىلمەمسىز؟
     17.   ياخشى ئادەت يېتىلدۇرۇش   
1)سىزدە ئۆزىڭىزنى كونتۇرل قىلالمايدىغان ئادەتلەر بارمۇ -يوق؟
2)سىز يېقىندا بىرەر يامان ئادەتنى ئۆزگەرىتتڭىزمۇ؟
3)سىز يېقىندا بىرەر يامان ئادەتنى  يېتىلدۇردىڭىزمۇ؟
    ئالغان نومۇرنى ھىساپلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
تۆۋەندىكى بىرنەچچە سوئالنىڭ ھەممىسىگە ‹ياق›دەپ جاۋاپ بېرىش كېرەك:3-سۇئالنىڭ (3)،(4)سى؛4-سۇئالنىڭ (2)سى؛5-سۇئالنىڭ (2)،(3)سى؛6-سۇئالنىڭ (2)،(3)سى؛8-سۇئالنىڭ (1)،(4)سى؛9-سۇئالنىڭ (2)،(4)سى؛10-سۇئالنىڭ (3)سى؛11-سۇئالنىڭ (2)،(3)سى؛12-سۇئالنىڭ(3)سى؛13-سۇئالنىڭ (1) سى؛14-سۇئالنىڭ (3)سى؛15-سۇئالنىڭ (2)سى؛17-سۇئالنىڭ (1) سى.قالغان سۇئاللارنىڭ ھەمىسىگە ‹شۇنداق›دەپ جاۋاپ بېرىش كېرەك.تولۇق نومۇر 300بولىدۇ.لېكىن ناھىيىتى ئاز سندىكى ئادەملەرلە بۇ نومۇرغا ئېرشەلەيدۇ.     قېنى ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭ قانچە نومۇر ئالغانلىغىڭىزنى ھىساپلاپ ھىساپلاپ كۆرۇپ باقايلى:
‹ياق›دەپ جاۋاپ بېرىشكە تېگىشلىك سۇئالغا ‹شۇنداق›دەپ جاۋاپ بەرگەنلەرنىڭ نومۇرى:       ----     =    4     ×      ----
‹شۇنداق››دەپ جاۋاپ بېرىشكە تېگىشلىك سۇئالغا ‹ياق›دەپ جاۋاپ بەرگەنلەرنىڭ نومۇرى:----     =   4   ×     ----
يۇقارقى تەڭلىمىدىن چىققان سانلارنى قوشۇپ ،ئۇنىڭدىن 300نى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ،قالغىنى ئېرىشكەن نومۇرىڭىز بولىدۇ.مەسىلەن:‹ياق›دەپ جاۋاپ بېرىشكە تېگىشلىك سۇئالغا ‹شۇنداق›دەپ جاۋاپ بەرگەنلەرنىڭ نومۇرى:    12   =  4   × 3
    شۇنداق››دەپ جاۋاپ بېرىشكە تېگىشلىك سۇئالغا ‹ياق›دەپ جاۋاپ بەرگەنلەرنىڭ نومۇرى:                       8  =  4  ×  2   
     خاتا جاۋاپنىڭ نومۇرۇرى  20بولىدۇ،تولۇق نومۇر 300 بولغاچقا ،ئۇنىڭدىن خاتا جاۋاپنىڭ نومۇرىنى ئېلىۋەتسەك ،نەتىجە 260 بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە دەرىجىڭىزنى ئايرىپ بېقىڭ:
300نومۇر----ئىتايىن ياخشى(ئىنتايىن ئاز)
299---275  ياخشى (ئادەتتىكىدىن كۆپرەك)
200---275 يامان ئەمەس(ئومۇمەن،شۇنداق)
100---199ياخشى ئەمەس(ئادەتتكىدىن تۆۋەن)
100نومردىن تۆۋەن ----(ناھىيىتى ناچار)
سىز بۇ بىر يۇرۇش سۇئاللارغا ناھىيىتى سەمىمى پوزىتسىيەدە جاۋاپ بېرىڭ ،ئۇنداق بولمىسا ،كېيىنمۇ يەنە شۇنداق قىلىسىز،ھازىر ئەڭ مۇھىمى شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى،بۇ سىناقىنىڭ نەتىجىسى ھەل قىلغۇچ خاراكتىردە ئۆزگەرىتكىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس،ئەگەر ئېرىشكەن نومرىڭىز ناھىيىتى يۇقۇرى بولسا،سىزنىڭ مۇشۇ سىناقتىكى پىرىسنىپلانى ناھىيىتى تېزلا قوبۇل قىلىپ ئىشلىتەلەيدىغانلىغىڭىزنى بۈلدۇرىدۇ.ئەگەر نومۇر تۆۋەن بولسا ھەرگىز مەيۇسلەنمەي،دەرھال     PMA   نى (ئاكتىپ روھىي ھالەت) قوللۇنۇڭ،يەنىلا مۇۋاپىقىيەت قازىنالايسىز.

       مەنبە  :‹مۇۋاپىقىيەت دەستۇرى› 2-قىسىم

تولۇقلىما مەزمۇن (2015-2-11 10:33):

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:16:19

2003.يىللىرى مەن بۇ كىتاپنى يادلاش خاراكتىرىنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم.مىنىڭچە ھەربىر ئىگىلىك تىكلەيمەن دىگۈچى بىر قىتىمدىن ئەستايىدىل ئوقۇشى زۆرۈر بولغان كىتاپنىڭ بىرسى.ھازىرغا قەدەر مەن بۇ كىتاپتىن 40پارچىدىن كۆپرەكنى باشقىلارغا سوۋغات قىلدىم.دوستلار ئارا سوۋغات قىلىشتا ئەڭ ياخشى تاللاش مىنىڭچە دەل مۇشۇ كىتاپ.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 13:00:19

خېلى ياخشى كىتابلارنىڭ بىرسى.  مەنمۇ ھازىر كۆرۈۋاتقان. :P
بەت: [1]
: ناپالىئون خېئولنىڭ مۇۋاپىقىيەت دەستۇرى