kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 17:09:28

ئېينىشتىيىن : ئېتىقاد توغرىسىدا (1)

يەر شارىدا ياشاۋاتقان كىشلەرنىڭ ئەھۋالى ئاجايىپ غەلىتە . ئارىمىزدىكى ھەربىر ئادەم ئۆزى خالىمىسىمۇ ياكى ھېچكىم تەكلىپ قىلمىغان تەقدىردىمۇ نېمە ئۈچۈن ياكى مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قىلچە بىلمەستىن ، بۇ دۇنيادا يەنىلا بىر مەھەل تۇرۇپ قالىدۇ . كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز ئادەمنىڭ باشقىلار ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى ، يەنى بىز ياخشى كۆرگەن ، شۇنداقلا بىزنىڭ تەقدىرىمىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان كىشىلەر ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز .

     مەن تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە قانچىلىك دەرىجىدە تايانغانلىقىمنى ئويلىسام ، ئۇلارغا شۇنچىلىك قەرزدار ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن  .

     مەن ئىرادە ئەركىنلىكىگە ئىشەنمەيمەن.  شوپىنخوئېر : « ئادەم گەرچە قىلماقچى بولغىنىنى قىلالىغان تەقدىردىمۇ ، ئەمما ئېرىشمەكچى بولغىنىغا ئېرىشەلەيمەن » دەيدۇ . بۇ سۆز ھەر قانداق ۋاقىتتا مېنىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ ، باشقىلارنىڭ ھەرىكىتى گەرچە ماڭا ھەقىقەتەن زىيان يەتكۈزگەن تەقدىردىمۇ مېنى باشقىلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ . بۇنداق ئىرادە ئەركىنلىكى بولمىغان قاراش بىلەن مەن ھەرىكەت ۋە ھۆكۈم قىلغۇچى بولغان يەككە ئۆزۈم ۋە باشقىلارغا ئارتۇقچە كەسكىن مۇئامىلە قىلمايدىغان بولدۇم ھەم ئۆزۈمگە پايدىلىق بولغان يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتنى ساقلىدىم .
       ( داۋامى بار ، كەچقۇرۇن ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قوياي. )
     "شىنجاڭ  ياشلىرى " ژۇرنىلىدىن ئىلىندى.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 17:24:41

يانفۇندا يوللىغاچقا تولۇق يوللىيالماي قالدىم ، ئىزدىنىشتىكى دوستلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن ، داۋامىنى ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قوياي ، كەچۈرۈڭلار دوسلار. :L

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 17:47:38

مەن ئەزەلدىن راھەت - پاراغەت ھەم ھەشەمەتچىلىكنى قوغلاشمىدىم. مەن بۇلارنى ھېچقانچە كۆزگە ئىلىپ قويمايمەن دېسەممۇ بولىدۇ. مەن جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقىغا بولغان ئىشتىياقىم بىلەن ھەممە كىشى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىمەن. ئوخشاشلا مەن مۇتلەق زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئاسارەت ۋە يۆلنىۋېلىشقا بىزارلىقىمدىن باشقىلار بىلەن سىغىشالماي قالىمەن ، مەن ئۈزۈل - كېسىل شەخىسنى ھۆرمەتلىگۈچى ، لېكىن زوراۋان كۈچلەر ۋە گورۇھ ئىشتراكچىلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن ياقتۇرمايمەن. بۇ مۇددىئادىن ئېلىپ ئېيتسام ، مەن بىر قىزغىن تىنچلىقپەرۋەر مىلىتارىزمغا قارشى تۇرغۇچىمەن. مەن مىللەتپەرۋەرلىك ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن نىقابلانغان قەبىھ ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمەن.
      مەن مەرتىۋە ۋە ئىمتىيازىدىن كەلگەن بايلىقنى ، شۇنداقلا شەخىسكە ئارتۇقچە چوقۇنۇشنىمۇ ئوخشاشلا ئادالەتسىزلىك ۋە چىرىكلەشكەنلىك دەپ قارايمەن. گەرچە مەن دېمۇكراتىك دۆلەت شەكلىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى پىششىق بىلسەممۇ ،ئەمما يەنىلا دېمۇكراتىك غايىنى ھىمايە قىلىمەن. مەن جەمئىيەتنىڭ تەڭپۇڭلىقى ۋە شەخىسنىڭ ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ مۇھىم نىشانى ، دەپ قارايمەن.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 17:58:17

گەرچە مەن تۇرمۇشتا تىپىك يېگانىلەردىن بولساممۇ ، ئەمما ھەقىقەتكە ، گۈزەللىككە ۋە ھەققانىيەتكە ئىنتىلىدىغان كۆرۈنمەس بىر ئورتاق گەۋدە ئېڭى مەندىكى تەنھالىق تۇيغۇسىنىڭ پەيدابولۇشىنى تۇرىدۇ . ئادئادەم ھېس قىلالايدىغان ئەڭ گۈزەل ھەم ئەڭ چوڭقۇر نەرسە ئىچكى ھېسسىياتقا باي بولۇشتۇر . بۇ دىن ، سەنئەت ۋە ئىلىم - پەندىكى ئەڭ چوڭقۇر ئىزدىنىشنىڭ ئاساسىدۇر . مەن ھېچ نەرسىنى ھېس قىلالمىغان ئادەم ئۆلۈككە ئوخشىمىغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ چوقۇم ئەماغا ئوخشايدۇ ، دەپ قارايمەن . بىزنىڭ تەجرىبىلىرمىزنىڭ سىرتىدا قەلبىمىز مۇيەسسەر بولالمايدىغان بىرخىل نەرسە يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئالىيجانابلىقى ۋاستىلىك ، ئاجىز ئەكس نۇرلار ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز . بۇ ، دەل ئېتقادتۇر . مۇشۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا ، مەنمۇ ئېتىقادقا تەلپۈنىمەن . تولۇپ تاشقان سەزگۈ بىلەن بۇخىل سىرلار توغىرىسىدا ئىزدىنىپ ، مەۋجۇدىيەتنىڭ تەنتەنىلىك قۇرۇلمىلىرىنىڭ غۇۋا ئەندىزىلىرىنى چىن قەلبىمدىن قوبۇل قىلىش ماڭا نېسىپ بولدى . ئەنە شۇنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن يېتەرلىك  .
        ( تۈگىدى )

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 18:03:50

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-02-10 17:58:17 static/image/common/back.gif
گەرچە مەن تۇرمۇشتا تىپىك يېگانىلەردىن بولساممۇ ، ئەمم
ئۈستىدىكى تەنھالىق تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى چەكلەپ تۇرىدۇ.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 19:52:48

مەن ئىينىشتىيىن تۇغرىسىدىكى ئۈمىد غىنىنىڭ جويلۈشلېرىنى ئاڭلاپ بەكلا بىر قىسما بۇلۇپ قالدىم. ئۈمىد غىنى ئىينىشتىيندا ھىچكىمدە يوق بولغان ئەقىل ۋە تەپەككۈر بار دەپ قارايدىكەن. نىمدىگەن بىمەنە مەن ئۈچۈن ئىينىشتىيىن پەقە ت باشلانغۇچ مەكتەپتىلا قالدى. تارىخىمىزدا ئىينىشتىيىندىن ئەقىللىق ۋە تەپەككۈرى كۈچلۈك ئادەملەردىن كۆرمىڭى بار ئەمما بىز ئۇنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن گەپ. ئەگەر بىز تەرەققىياتتا ئەڭ ئالدىدا بولغان بولساق چەتئەللىكلەر بىزنىڭ ئالىملېرىمزغا ھەۋەس قلىپ ئۈمىد غىنىدەك ئەپسانىۋىي پاراڭلارنى قىلىپ لىكىسىيە سۆزلىگەن بۇلاتتى.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 20:08:38

دېمۇكراتىك دۆلەتنىڭ يىتەرسىزلىكى نېمىدۇ ؟

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 20:15:40

begmurad يوللىغان ۋاقتى  2015-02-10 19:52:48 static/image/common/back.gif
مەن ئىينىشتىيىن تۇغرىسىدىكى ئۈمىد غىنىنىڭ جويلۈشلېرى
ھازىرقى بالىلاردا ئېينىشتىيندەك تەپەككۇر ، خىيال كەم. چۈنكى ھازىرقى بالىلار كۈندە تاپشۇرۇق ، ئىمتاھان ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ ، تەپەككۇر يوق دىيەرلىك.

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:00:32

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 20:08 static/image/common/back.gif
دېمۇكراتىك دۆلەتنىڭ يىتەرسىزلىكى نېمىدۇ ؟

مىنڭچە دىمكۇراتىك  دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ  چوڭ  ئاجىزلىقى  ، زامان ۋە ماكاننىڭ  چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان مۇنتىزىم بىر ئەخلاق مىزانىنىڭ بولماسلىقى  (بولسىمۇ  بۇنۇڭغا ئەگەشمەسلىكى ) .  

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 16:17:29

ئۇ ئادەمنى سۆيىمەن مەن.

azrael يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 18:05:15

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 18:54:33

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 20:13:03

azrael يوللىغان ۋاقتى  2015-02-11 18:05:15 static/image/common/back.gif
يەر شارىدا ياشاۋاتقان كىشلەرنىڭ ئەھۋالى ئاجايىپ غەلىت
رەھمەت قىرىندىشىم ، ياخشى قىپسىز. :victory::victory:

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 20:16:25

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2015-02-11 16:17:29 static/image/common/back.gif
ئۇ ئادەمنى سۆيىمەن مەن.
ئەييۇۋ ئەتىر خانقىز ، ئاشۇنداق سەت ئادەمنى سۆيەمسىز ؟:lol:lol
مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن ئۇنى ، قارىغاندا......... :lol:lol:lol (چاخچاق )

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 20:18:08

qahqakqi يوللىغان ۋاقتى  2015-02-11 18:54:33 static/image/common/back.gif


كىمنى؟:o
ئېينىشتىيىننى دىمەكچى.
بەت: [1]
: ئېينىشتىيىن : ئېتىقاد توغرىسىدا (1)