dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 10:54:46

ئالتۇن باھاسى يەنە بىر قىتىم چۈشتى

دۈشەنبە كۈنى (2-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئەتگەنلىك ئاسىيا بازىردا،خەلىقئارالىق نەخ ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيە باھاسى 1235 ئامرىكا دوللىرى بولدى. بۇ قىتىم ئىلان قىلىنغان ئامرىكىنىڭ 1-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولشىچە، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 25700 ئادەم كۆپەيگەن بولۇپ، ياللانما خادىملارنىڭ ئىش ھەققىمۇ ئاشقان.  شۇ سەۋەپ تۈپەيلى، ئامرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلەپ، ئالتۇن باھاسى ۋە ياۋرو چۈشۈپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىشىلەر ئارسىدا يەنە بىر قىتىم ئامرىكا زاپاس پۇل كومتىتىنىڭ بۇ يىل 6- ئايدا ئۆسۈمنى ئۆستۈردىغان ياكى ئۆستۈرمەيدىغانلىقى ھەققىدە بەس مۇنازىرە قوزغالدى.
ئامرىكا ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئاشكارلىنىشچە، ئامرىكىنىڭ 1-ئايلىق پەسىللىك تەڭشەشتىن كىيىنكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 25700 ئادەم كۆپەيگەن بولۇپ، بازارنىڭ مۆلچەرىدىن 23400 ئادەم ئارتۇق بولغان. ئىش ھەققى سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرسىتىلىشچە، ئامرىكىنىڭ 1-ئايلىق بىر سائەتلىك ئوتتۇرچە ئىش ھەققىنىڭ يىللىق نىسبىتى %2.2 ئاشقان بولۇپ، بازار مۆلچەرىدىن %1.9 يۇقىرى بولغان، بۇ قىممەت 2008-يىلى 11-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قىممەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ھازىرقى بازارغا نىسبەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا 1236 ئامرىكا دوللىرلىق ئورۇن ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بازار مۇشۇ ئورۇن ئەتراپىدىن ئۈنۈملۈك تىرەك نۇقتىسىغا ئىرشەلىسە، ئالتۇننىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەھۋالىدا چاتاق يوق.

مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى  http://www.xjabs.com/show/?id=2474
توردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغا قىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن   ئالاقىلىشىڭ .
( تەرجىمىدە دىلنۇر )



KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 19:31:54

توردا ئىلان قىلىنغان كۈمۈش باھاسى بىلەن بانكىدا سېتىلىدىغان كۈمۈش باھاسىدا پەرق بەك چوڭكەن.
توردا 3.96سوم، بانكىدا 17.00سوم دەيدۇ. بۇنداق چوڭ پەرق مۇناسۋىتىنى چۈشەندۇرۇپ قويغىلى ۋاختىڭىز يىتەرمۇ؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 09:44:23

مەنمۇ بانكىدىن ئالتۇن ئىلىپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. تەخمىنەن 7-8- ئايلاردا قولدىن چىقارماقچى،  ئۆسەرمۇ ياكى چۈشەرمۇ؟

dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 10:29:57

ھازىر قولىڭىزدا نەخ ئالتۇن بارمۇ ۋەياكى ئالماقچىمۇ ؟

dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:53:59

17 دىگىنى ھەر ئۇنسىيە كۈمۈشنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ خەلىق پۇلىدىكى باھا ئەمەس. خەلىق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھىسابلىغاندا شۇ كۈندىكى دوللار باھاسى بويىچە ھىسابلايسىز. بىر ئۇنسىيە دىگىنىمىز 31.1035 گە تەڭ. ئەگەر بۈگۈنكى دوللارنىڭ باھاسىنى تەخمىنەن 6.24 يۈەن دىسەك، ئۇ ھالدا ھىسابلاش قائىدىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: 17 نى 6.24 كە كۆپەيتىپ ئاندىن 31.1035 كە بۆلسەك تەخمىنەن 3.4105 بولىدۇ. دىمەك كىلىپ چىققان 3.4105 دەل سىز دەۋاتقان خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندىكى بىر گىرام كۈمۈشنىڭ باھاسى بولىدۇ.

dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 11:55:10

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 19:31 static/image/common/back.gif
توردا ئىلان قىلىنغان كۈمۈش باھاسى بىلەن بانكىدا سېتىل ...

17 دىگىنى ھەر ئۇنسىيە كۈمۈشنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ خەلىق پۇلىدىكى باھا ئەمەس. خەلىق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھىسابلىغاندا شۇ كۈندىكى دوللار باھاسى بويىچە ھىسابلايسىز. بىر ئۇنسىيە دىگىنىمىز 31.1035 گە تەڭ. ئەگەر بۈگۈنكى دوللارنىڭ باھاسىنى تەخمىنەن 6.24 يۈەن دىسەك، ئۇ ھالدا ھىسابلاش قائىدىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: 17 نى 6.24 كە كۆپەيتىپ ئاندىن 31.1035 كە بۆلسەك تەخمىنەن 3.4105 بولىدۇ. دىمەك كىلىپ چىققان 3.4105 دەل سىز دەۋاتقان خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندىكى بىر گىرام كۈمۈشنىڭ باھاسى بولىدۇ.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 14:26:11

dilnur1214 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-11 11:55 static/image/common/back.gif
17 دىگىنى ھەر ئۇنسىيە كۈمۈشنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىدۇ، ھە ...

رەھمەت.

dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 14:46:12

ئەرزىمەيدۇ

Qamcha يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 20:35:14

ئالتۇننىڭ باھاسى زادى قانچە خەلق پۇلىغا چۈشتى ؟ بىزدەك ساۋاتسىزلارغا بۇنداق ئۇنسىيە دوللارنىڭ گىپىىنى قىلسىڭىز چۈشەنمەي قالىدىكەنمىز .
ھەپتە ئاۋۋال ئالتۇن ئېلىش ئوينىدا بانكىغا كىرىپ باھاسىغا قارىسام 269 يۈەنگە كەپتىكەن . ھازىر قانچە پۇل ؟
شۇنچە ئۇزۇن تېمىنى ئوقۇپ ئالتۇننىڭ باھاسىنى تاپالمىدىم دىسە :o

dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 08:27:49

بۈگۈن خام ئالتۇن 245 يۈەن

toghrulbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 10:41:27

بىزنىڭ يۇرتلاردا تويلۇق خېلى ئېغىر،  ئاغىزىنى ئاچسىلا ئالتۇندىن 70-80 گىرام دەپلا چۈشىدۇ،  شۇڭىمۇ تۆتىنجى يىلىققا چىققاندىن بۇيان ئالتۇن باھاسىغا بەكلا دىققەت قىلىمەن، يەنە بەكراق چۈشسە تويلۇققا سالغان ئالتۇنلىرىنى پوچچى ئېلۋەتسەم دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە  .....

dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 10:48:15

ئۆتكەندە خام ئالتۇن 225 يۈەنگە چۈشكەندە ئالمىغانما ؟

toghrulbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:03:18

dilnur1214 يوللىغان ۋاقتى  2015-02-12 10:48:15 static/image/common/back.gif
ئۆتكەندە خام ئالتۇن 225 يۈەنگە چۈشكەندە ئالمىغانما ؟
ئوقۇش پۈتمەستە ئېلۋالالمايمەندە ....

dilnur1214 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:06:11

toghrulbeg يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 11:03 static/image/common/back.gif
ئوقۇش پۈتمەستە ئېلۋالالمايمەندە ....

ئىلىپ قويغان بولسىڭىزمۇ بولىۋىرىتى
بەت: [1]
: ئالتۇن باھاسى يەنە بىر قىتىم چۈشتى