ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 08:53:19

توك مەنبەنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلېرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 08:55  

ھەممىمىز دىگۈدەك سىمنى تۈمۈرگە ئوراپ توك بەرسەك ماگىنىتلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئەكسىنچە ماگىنىت مەيدانىدا سىم بىر يۈنىلىشكە ھەركەت قىلسىمۇ توك پەيدا بۇلىدۇ. ئەمما ئاددى قۇرۇلمىدا ئاستا ھەركەت قىلسا ھاسىل بۇلىدىغان توكمۇ بەك ئاجىز بۇلىدۇ. ناۋادا تۈمۈرنىڭ بىر بىشىغا سىمنى ئوراپ ماگىنىتلايدىغان قۇرۇلمىدىكى سىم ئورامنىڭ يەنە بىر بىشىغىمۇ سىم ئوراپ بىر بىشىدىكى ئورام ئارقىلىق ئۈزۈلدۈرمەي توك ئۇلاپ-ئۈزۈپ ماگىنىتلاپ تۇرساق يەنە بىر بىشىدىكى سىم ئورامدا ئىندوكسىون توك پەيدا بۇلىدۇ. بۇنداق قۇرۇلما تىرانسىفورماتور دىيىلىدۇ.

  ئەمىلى تۇرمۇشتا تىرانسىفورماتورلاردا تۈمۈرنىڭ ئىككى بىشى تۇتاشقان بۇلىدۇ، ھەم تۈمۈر ئۈزەكنىڭ ئۆزىدە پەيدا بولغان ئىندوكسىون توكنىڭ تۈمۈر ئۈزەكتە قىسقا يول بۇلۇپ ئىنىرگىيەنىڭ خوراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئىزۇلياتورلۇق سىر يالىتىلغان نىپىز قەلەيلەردىن تۈزۈلگەن بۇلىدۇ، بۇ قەلەيلەرنىڭ تەركىبىمۇ ماگىنىت ئۈتكۈزۈشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىرمىنى قاتارلىق باشقا تەركىپلەر ئارلاشتۇرۇلغان قەلەي بۇلۇپ، ئادەتتىكى قەلەيلەردىن پەرىقلىق بۇلىدۇ. تىرانسىفورماتور ياكى ئىلىكتىرماتورلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى-تۈۋەنلىكى تۈمۈر ئۈزەكنىڭ ماگىنىت ئۈتكۈزۈشچانلىقى ۋە سىمنىڭ توك ئۈتكۈزۈشچانلىقىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ماگىنىتلىنىشنىڭ كۈچلۈك بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ. مۇسبەت-مەنفى قۇتۇبى سىكونتىغا 50 قىتىم ئۆزگىرىدىغان توك تۈۋەندىكى رەسىمدىكى تىرانسىفورماتورنىڭ سول تەرپىدىكى ئورامغا ئۇلانسا ئوڭ تەرپىدىكى ئورامدا تەبئىلا مۇسبەت-مەنفى قۇتۇبى سىكونتىغا 50 قىتىم ئۆزگىرىدىغان توك ھاسىل بۇلىدۇ.

  يۇقارقى رەسىمدىكى تىرانسىفورماتورنىڭ قۇۋۋىتىنى 30 ۋات دىگەندە سول تەرپىگە مۇسبەت-مەنفى قۇتۇبى سىكونتىغا 50 قىتىم ئۆزگىرىدىغان 220 ۋولىتلىق توك ئۇلاپ ئوڭ تەرپىدىن 12 ۋولىتلىق تتوك ئالماقچى بولساق سول تەرپىگە دىئامىتىرى 0.28 مىللىلىق مىس سىمدىن 2200 ئورام ئورىغان بولساق، ئىندوكسىونلۇق ئورامى ئۈچۈن دىئامىتىرى 0.81 مىللىق مىس سىمدىن (2200بۈلىمىز 220=100 ) 120 ئورام ئوراشقا تۇغرا كىلىدۇ. ئاندىن بۇ توكنى يەككە يۈنىلىشلىك توك ئۈتكۈزۈش خۇسوسىيتىگە ئىگە ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن تۈزۈلگەن توك رەتلىگۈچتىن رەتلەپ ئۈتكۈزۈپ ئۆزگىرىشچان توكتىكى دۇلقۇنسىمان ھالەتنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ئىندوكسىئون توكنى كوندىساتورغا زەرەتلەپ ئاندىن ئىشلىتىمىز. تىرانسىفورماتورغا كىرىدىغان توك بىلەن چىقىدىغان توك ئايرىم ئىككى ئورامدا بولغاچقا ھەم ئىككى ئورام گۇرۇپپىسى بىر بىرىگە تىگىشمەيدىغان بولغاچقا بىز ئېرىشكەن توكنى تۇتساقمۇ توك سۇقمايدۇ، ئەگەر تىرانسىفورماتورغا سۇ تۈكۈلۈپ كەتسە ياكى نەملىشىپ قالسا توك سۇقۇپلا قالماي تىرانسىفورماتورمۇ كۈيۈپ كىتىدۇ.
   
   يۇمىلاق تۈمۈر ئۈزەككە سىم ئوراش ماشنىسى.
  http://www.tudou.com/programs/view/cISHxbLtHMc/
چىقمىسا بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
http://www.tudou.com/programs/view/cISHxbLtHMc/
يۇمىلاق ئۈزەككە ئورايدىغان ماشنىلارنىڭ 1000يۈەنلىكلېرىمۇ باركەن.
  ھەۋەسكارلار ئۈچۈن يىزىلغان بولغاچقا لاھىيەلەش ۋە باشقا ئىنچىكە تەپسىلاتلار يىزىلمىدى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 14:00:15

سىم ئورامنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىم تارتقان يېرى قىزىقارلىقكەن، مۇرەككەپلەشتۈرۈپ..

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 14:26:55

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 14:00 static/image/common/back.gif
سىم ئورامنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سىم تارتقان يېرى قىزىقارلىق ...

ئورام يۈنىلىشى بۇيىچە بۇلىدۇ، بىر ئورام گۇرۇپپىسىنىڭ ئاخىرىغا يۈلىنىشىنىڭ قانداق بۇلىشىغا قاراپ يەنە بىر ئورام گۇرۇپپىسىنىڭ بىشىنى ياكى ئاخىرقى ئۇچىنى ئۇلىسا ئۇتتۇرا نۇقتا، ئو بۇلىدۇ، قالغان ئىككى ئۇچى ئا ياكى ب بۇلىدۇ.
بەت: [1]
: توك مەنبەنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلېرى