ئۆپكە راكىنىڭ ئالامىتى
ئۆپكە راكىنىڭ ئالامىتىيېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: %99 جۇڭگولۇقنىڭ ئۆپكە راكىنىڭ سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئالامىتىدىن خەۋىرى يوق، ئەگەر ئادەمدە مۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئالغىنى ياخشى.
غىدىقلىغۇچى خاراكتېرلىق يۆتەل: ئۆپكە راكى ئۆسمىسى كىكىرتەكتە ئۆسىدۇ، كۆپىنچە غىدىقلاش خاراكتېرلىق يۆتەل پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل يۆتەل تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، ئاغرىققا يۆتىلىپ بولالمىغاندەك تەسىر بېرىدۇ، ئاز مىقداردا قانلىق بەلغەم كېلىدۇ.
قىزىش: مەركىزىي تىپلىق ئۆپكە راكى تارماق كانايچە ئىچىدە تەرەققىي قىلىپ، ئاخىرىدا توسۇلۇشچان ئۆپكە ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ، قىزىتما 38 سېلسىيە گىرادوس ئەتراپىدا بولسا، ياللۇغلىنىشقا قارشى داۋالاش قىزىتمىنى ئاسا ياندۇرىدۇ، ئەگەر توسۇلۇشچان كېسەللىك ئۆزگىرىشى تۈگىمىگەن بولسا، ئۇزاق ئۆتمەيلا قايتا قوزغىلىپ، ئۆپكە ياللۇغى قايتا پەيدا بولىدۇ.
مۈرە ۋە دۈمبە ئاغرىش: دائىرىلىك ئۆپكە ياللۇغى كۆپىنچە دۈمبە تەرەپتىن تەرەققىي قىلىپ، قوۋۇرغا ۋە كۆكرەك توقۇلما ئورگانىزىملىرىغا تەسىر قىلىپ، مۈرە ۋە دۈمبە ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ، ئاغرىقتا نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۈمبە ئاغرىش، مەيدە چىڭقىلىش، قىزىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئالامەتلەر: ئۆپكە راكى مېڭىگە تەسىر كۆرسەتكەندە باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، توساتتىن ھوشىدىن كېتىش، سۆزدىن قېلىش، يېنىك دەرىجىدە پالاچلىنىشكە ئوخشاش نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ، ئۆپكىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بەك ئېنىق بولمىغاچقا، كۆپ ھاللاردا مېڭە قان تومۇرى توسۇلۇش، مېڭە ئۆسمىسى، دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ.
(مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى)
رەھمەت ،موھىم ئۇچۇرلاركەن. ئالدىنى ئىلىش ئۇسسۇللىرىچۇ؟ KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 13:55 static/image/common/back.gif
ئالدىنى ئىلىش ئۇسسۇللىرىچۇ؟
تاماكا ، نىشە، ئاق چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، ئاندىن ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالغاندا تولۇق ساقايتىش كېرەك. بەدەن بەك ئاجىز بولۇپ كەتسىمۇ كېسەل ئاسان ئېغىرلاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۆپكە بولغان ئادەم كۈچلۈك تاماق يىيىشى كېرەك. ھەقىقەتەن پايدىلىق ساۋات ئىكەن. رەھمەت يوللىغۇچىغا.
بەت:
[1]