dunya يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 08:18:01

قارا پۇرچاق بىلەن سېرىق پۇرچاقنىڭ پەرقى

قارا پۇرچاق بىلەن سېرىق پۇرچاقنىڭ پەرقى

«پۇرچاق شاھى» دەپ ئاتالغا قارا پۇرچاقنى كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدۇ، ئۇنداقتا قارا پۇرچاق بىلەن سېرىق پۇرچاقنىڭ قانداق پەرقى بار؟
كاناماش ئائىلىسىدىكى قارا پۇرچاق بىلەن سېرىق پۇرچاقتا ئاقسىل، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، كالتىسىي، ۋە B تىپلىق ۋىتامىنلار مول. سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە %35 تى %40 كىچە ئاقسىل بار، ئۇنىڭ لىسىن كىسلاتا تەركىبىمۇ ئىنتايىن مول، دانلىق يېمەكلىكلەر بىلە بىللە يېسە، ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. سېرىق پۇرچاق يېغى يەنە خولېستېرىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى توسۇيدۇ، شۇڭا ئارتېرىيە قېتىشىش ئاغرىقلىرىغا پايدىلىق.
قارا پۇرچاقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى سېرىق پۇرچاقنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ۋىتامىن E، ئىزوفلاۋون قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بار. ئۇنىڭ سېرىق پۇرچاقتىن پەرقى شۇكى، ئۇنىڭ پىگمېنىت تەركىبى مول، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، سېرىق پۇرچاقتىكى كاروتىننىڭ مىقدارى قارا پۇرچاقنىڭكىدىن تۆت ھەسسە كۆپ، كاروتىن كۆز ۋە تېرىنى قوغداپ، نامازشام قارىغۇسى ۋە تېرە يېرىكلىشىش كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى)

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 10:24:38

RE: قارا پۇرچاق بىلەن سېرىق پۇرچاقنىڭ پەرقى، قارا پۇرچاق قارا رەڭلىك سېرىپ پۇرچاق سېرىق رەڭلىك بولىدۇ  :lol

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 10:24:58

قارا پۇرچاق بىلەن سېرىق پۇرچاقنىڭ پەرقى، قارا پۇرچاق قارا رەڭلىك سېرىپ پۇرچاق سېرىق رەڭلىك بولىدۇ  

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 18:39:41

:lol
بەت: [1]
: قارا پۇرچاق بىلەن سېرىق پۇرچاقنىڭ پەرقى