TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 07:47:09

تاشپولات: كۋانت تەڭلىمىسى ئالەمنىڭ باشلىنىشى يوق دەپ پەرەز قىلدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 08:05  

كۋانت تەڭلىمىسى ئالەمنىڭ باشلىنىشى يوق دەپ پەرەز قىلدى

تاشپولات روزى

مىسىرلىق فىزىكا پروفېسسورى Ahmed Fag Ali  بىلەن ھىندىستاندا تۇغۇلغان كانادا فىزىكا پروفېسسورى Saurya Das لار داڭلىق فىزىكا ژۇرنال Physics Letters B دا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئالەمنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوق دەپ پەرەز قىلدى. يەنە چوڭ پارتلاش مەۋجۇت ئەمەس؟

ئەسلى ماقالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىنى چېكىپ ئوقۇڭ:

http://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S0370269314009381

بۇ ئىككى پروفېسسور ماقالىسىدە، ئېينىشتېين نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە كۋانت تۈزىتىلگەن ئەزايىنى قوللىنىپ تولۇقلانغان يېڭى مودېل ئارقىلىق ئالەمنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى.  يەنى بۇ دېگەنلىك ئالەمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىمۇ ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، چوڭ پارتلاشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ يېڭى مودېل قارا ماددا ۋە قارا ئېنېرگىيىلەرنى چۈشەندۈرۈپ، بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىكەن.

ھازىرغىچە ئالەمنىڭ يېشى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئارقىلىق تەخمىنەن 13.8 مىليارد يىل دەپ قارىلىپ كەلدى. ئالەمنىڭ باشلىنىشىدىن ھازىرغىچە مەۋجۇت بولغان بارلىق نەرسىلەر يەككە چەكسىز زىچلىق نۇقتا ئارقىلىق ياكى غەيرىي نۇقتا ئارقىلىق ئىشغال قىلىنىپ كەلدى دەپ قارالدى.

ھەمدە چوڭ پارتلاش غەيرىي نۇقتا بولسا نىسپىيلىك نەزەرىيىنىڭ ماتېماتىكىلىق فورمىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە ھەم ئامالسىز ھالدا پەيدا بولغان. بەزى ئالىملار بۇنى مەسىلە دەپ قارايدۇ چۈنكى ماتېماتىكا غەيرىي نۇقتا پەيدا بولغان شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىنىلا چۈشەندۈرەلەيدۇ.

ئاھمەد فاراگ ئالى Phys.org غا مۇنداق دەيدۇ، “چوڭ پارتلاش غەيرىي نۇقتا بولسا نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە ناھىيىتىمۇ ئېغىر مەسىلە  چۈنكى فىزىكا قانۇنلىرى دەل مۇشۇ نۇقتىدا بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ“

Ahmed Farag Ali بىلەن Saurya Das نىڭ تەرجىمالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

http://www.zewailcity.edu.eg/research-institutes/ibs/cfp/staff/ahmed-farag/
http://scholar.ulethbridge.ca/sauryadas/

ئەگەر بۇ پەرەز توغرا بولسا ئالەمگە بولغان كۆز قاراشلىرىمىز پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:

http://phys.org/news/2015-02-big-quantum-equation-universe.html

E.3D يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 08:31:07

ئالەمنى ئەزەلى دەپتۇغۇ، چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ئەزەلى تۇرسا...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 08:45:13

  يىڭى خەۋەرلېرىگە رەھمەت تاشپۇلات ئاكا. سالامەت بولغايلا...
  قانچە يىل ئۇچسىمۇ ئاخىرى چىقمايدىغان چەكسىز بوشلۇق، ئۇ يەر-بۇ يەردە يەنە ئۇچار تاشلار ۋە پىلانىتلار ئۇچراپ تۇرىدۇ دىگەن مەنىدە ئۇخشايدۇ، بىز تىلىسكوپلاردا نۇرىنىمۇ بايقىيالمىغۇدەك يىراقلاردا يەنە يەر شارىغا ئوخشاش قۇياش سېستىمىلېرى بۇلىشى مومكىندەك...

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 09:56:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 10:04  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپۇلاتكا :

ھازىرغىچە ئالەمنىڭ يېشى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئارقىلىق تەخمىنەن 13.8 مىليارد يىل دەپ قارىلىپ كەلدى. ئالەمنىڭ باشلىنىشىدىن ھازىرغىچە مەۋجۇت بولغان بارلىق نەرسىلەر يەككە چەكسىز زىچلىق نۇقتا ئارقىلىق ياكى غەيرىي نۇقتا ئارقىلىق ئىشغال قىلىنىپ كەلدى دەپ قارالدى.

ئالەمنىڭ باشلىنىش نوقتىسى - مىنىڭ قارىشىمغا ئاساسلانغاندا - قانداقتۇر زىچلىقى چەكسىز چوڭ بولغان غەيرى نوقتىدىن ئەمەس بەلكى شىۋازچىلىد ھورزۇنىدىن باشلانغان، ئالەمدە ئەسلىدىلا يۇقۇرىدىكى تىلغا ئېلىنغان غەيرى نوقتا مەۋجۇت بولغان ئەمەس ھەم بولمايدۇ ، ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلىنىش نوقتىسىمۇ ماسسىسى ئىنتايىن كىچىك بولغان يۇرۇقلۇقسىمان بوشلۇقتىن ئىبارەت بۇلىشى مۇمكىن ، مەن ئالدىنقى يىلى غەيرى نوقتىنىڭ يوقلىقى توغرىسىدا بىر يازما ئىلان قىلغان ، بىر يىلدىن كوپرەك ماتىرىيال كۇرۇش ، ئوگىنىش ئارقىلىق بۇنىڭ ئىلمى ماقالىسىنى ئاخىرى يىزىپ چىقتىم  (ماقالىنىڭ ھەجىمى بۇرۇنقىدەك جېق ئەمەس 10 بەت ، بەك جېق جەرىياننى قىسقارتتىم . )، ھازىر ھىساپلاشلارنى  قايتا تەكشۇرۇش ۋە پايدىلانغان ماتىرىياللارنى بېكىتىش ئىشلىرىنى قىلىۋاتىمەن .  بېكىتىپ بولغاندىن كىيىنلا سىز قاتارلىق ئوستازلارنىڭ كۇرۇپ بېقىشىغا ئەۋەتمەكچى  ( ئەسلى سىلەرنى كوپ ئاۋارە قىلىۋەتكەن بولغاچقا يەنە ئاۋارە قىلماي دەپ ئويلىغان ، بىراق ، بۇ ماقالىدىكى چىقىرىلغان يەكۇنلەر پۇت تىرەپ تۇرالىسا  كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى ، ئالەمشۇناسلىق ، قارا ئۇڭكۇر تىرمودىنامىكىسى قاتارلىقلارغا ئېلىپ كىلىدىغان تەسىرى نىسبەتەن زور بولغاچقا يۇزۇمنى قېلىن قىلىپ يەنە ئاۋارە قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم . )، بۇ ماقالىدىكى تەڭلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا قانچە زور ماسسىلىق ئىككى ( ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق )   ئاسمان جىسىمى  بىرىكسە ماسسىدىكى خوراش شۇنچە يۇقىرى بۇلىدۇ ، مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ماسىسى ھازىرقى ئالەمنىڭ ئۇمۇمى ماسىسىدىن ناھايىتى كوپ كىچىك بۇلىدۇ .  ئەگەر ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھالىتىنى بىلمەكچى بولساق ھازىرقى ئۇمۇمى ماسىسى ، زەرىتى ، بۇلۇڭلۇق ئايلىنىشى ، كېىڭىيىش تىزلىكى دائىرىسى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشسا ماقالىدىكى ئالاقىدار تەڭلىمىلەر ئاساسىدا بىلىشكە بۇلىشى مۇمكىن .

ھەمدە چوڭ پارتلاش غەيرىي نۇقتا بولسا نىسپىيلىك نەزەرىيىنىڭ ماتېماتىكىلىق فورمىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە ھەم ئامالسىز ھالدا پەيدا بولغان. بەزى ئالىملار بۇنى مەسىلە دەپ قارايدۇ چۈنكى ماتېماتىكا غەيرىي نۇقتا پەيدا بولغان شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىنىلا چۈشەندۈرەلەيدۇ.

ئاھمەد فاراگ ئالى Phys.org غا مۇنداق دەيدۇ، “چوڭ پارتلاش غەيرىي نۇقتا بولسا نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە ناھىيىتىمۇ ئېغىر مەسىلە  چۈنكى فىزىكا قانۇنلىرى دەل مۇشۇ نۇقتىدا بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ“

مىنىڭ قارىشىمدا نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى ناھايىتى زور ئۇتۇق قازانغان نەزەرىيە بولسىمۇ ، بىراق ، غەيرى نوقتىغا كەلگەندە مىنىڭ ئالاقىدار يازمىلىرىمدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمدەك قىسمىيىلىككە ئىگە ، يەنە كىلىپ يۇرۇقلۇقسىمان بوشلۇققا كىرگەندىن كىيىنكى ئەھۋاللارنى تەسۋىرلەشتە قىيىنچىلىق ئېغىر بۇلۇپلا قالماستىن شىۋزچىلىد غەيرى نوقتىسىنى گەرچە كوردىناتنى  كىروسكال كوردىناتىغا ئالماشتۇرۇپ  ياكى مىترىك تېنزورلارنى ئوزگەرتىپ قوللىنىپ يۇقاتقىلى  بولسىمۇ بىراق كوردىنات باشلىنىش نوقتىسىدىكى سىز يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان يۇقۇرىدىكى غەيرىيلىك بىلەن ئاھماد پاراگ تىلغا ئالغان غەيرى نوقتىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ .
مىنىڭ بۇ ماقالەمدە ئاساسلىق ھەل قىلغان مەسلىنىڭ بىرسى دەل مۇشۇ غەيرىيىلىكنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش شۇنداقلا  كىر يىشىمىدىكى بولسۇن ، ياكى شىۋازچىلىد يىشىمىدىكى بولسۇن شىۋازچىلىد يادروسى ئىچىدىكى مەسلىلەرنى تەسۋىرلەپلا قالماستىن شىۋازچىلىد ھورىزۇنى سىرتىدىكىمۇ مەسلىلەرنى تەسۋىرلەشكە ئىمكانىيەت يارىتىش .
مەسلەن ، ماقالىدىكى بىر تەڭلىمىگە ئاساسلانغاندا تارتىش كۇچى مەيدانى  (بىزگە قارشى يۇنۇلۇشتە )يۇنۇلۇشىدە مۇئەييەن تىزلىك بىلەن كىتىۋاتقان بىر جىسىم تارقاتقان نۇردىكى دوپلىر ئىففىكتى بىلەن ئوخشاش تىزلىك بىلەن تارتىش كۈچى مەيدانىدىن چىقىۋاتقان ھېلىقى جىسىم ئالدىنقى ئوخشاش نوقتىدا تارقاتقان نۇردىكى دوپلىر ئىففىكىتىنى سېلشتۇرساق پەرق كىلىپ چىقىدۇ(بۇ پەرق تارتىش كۈچى ۋە تىزلىك يۇقۇرى بولغااندا كۇرۇنەرلىك بۇلىدۇ) ، بۇنىڭ يىشىمىنى ھازىرقى ئېينىشتىيىن تەڭلىمىسىدىكى 16 فونىتسىيىنىڭ 10ى مۇستەقىل  ھەم باغلىنىشلىق فونكىتسىيە بولغاچقا چىقىرىش ئىنتايىن تەس . ئەمما بۇ ماقالىدىكى تەڭلىمىگە ئاساسەن بۇنى قىينالمايلا يىشىش مۇمكىن.
رەھمەت.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 15:03:27

ئالەم راستىنلا يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەنمۇ ؟ توخۇ بىلەن توخۇ تۇخۇمىنىڭ قايسىسى ئاۋۋال بارلىققا كەلگەن ؟ مەڭگۈلۈك جاۋابى يوق بولامدىغاندۇ ؟ كاللام چىگىش بولۇپ كەتتى. :dizzy:

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 17:03:11

بۇ يېڭىچە كۆز قاراش بۇلىشى مۇمكىن ئەمما توغرا بۇلىشى ناتايىن ، ئىلىم ـ پەندە ، ياكى دىننى مەلۇماتلاردا باشلىنىشى ھەم ئاخىرلىشىشى يوق نەرسە يوق دەپ بىلەتتىم .
ئاللاھ زىمىننى  ياراتتى ، يەنى يوقلۇقتىن بار قىلدى ، زامانە ئاخىرىدا قىيامەت بولۇپ جىمى مەۋجۇدات يوق بولىدۇ دىيىلگەن . بۇ ئالىملارنىڭ بايقىغىنى ئاللاھ نەرسىلەرنى يارىتىشتىن ئىلگىركى ۋە قىيامەتتىن كىيىن ئېشىپ قالغان ئالەمنىڭ بايانىمۇ ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 19:25:09

چۈنكى بىز يەر شارىدا.

ناۋادا بىز مارىس، ياكى ساتۇرۇن دىگەندەك ۋەياكى قوياش سېستىمىسىدىن باشقا سېستىمىدىكى پىلانتلاردا ياشىغان بولساق بىزنىڭ نىسپىلىك نەزىريىمىز باشقىچە بولاتتى.
بەت: [1]
: تاشپولات: كۋانت تەڭلىمىسى ئالەمنىڭ باشلىنىشى يوق دەپ پەرەز قىلدى