ibirlik يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 18:34:08

تاھىر ئىمىن خەلق قۇرۇلتىيىغا 6 تۈرلۈك تەكلىپ–پىكىر بەردى

تاھىر ئىمىن خەلق قۇرۇلتىيىغا 6 تۈرلۈك تەكلىپ–پىكىر بەردى

    ئۆزتۈرك شىركىتى ۋە ئوتتۇز ئوغۇل شىركىتى دىرېكتورى تاھىر ئىمىن 2015– يىل 20– يانۋارئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 12– نۆۋەتلىك 3– ئومۇمىي يىغىنىغا ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئەزاسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس تەكلىپ بۆلۈمى،شۇنداقلاتور بېكىتى ئارقىلىق 6 تۈرلۈك تەكلىپ يوللىدى. تەكلىپلەر ۋەكىللەر ئارىسىدا قىزغىن تەسىر قوزغىغان بولۇپ، پات ئارىدا جاۋاب بېرىلىدىكەن. تەكلىپلەر ئۆلچەملىك ئۇسۇلدا يوللانغان بولۇپ، تۆۋەندە ئاساسىي مەزمۇنى يوللاندى.تور دۇنياسغا سەل كىچىكىپ يوللاندى.

1.«دېھقانلار مەكتىپى» قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەتسەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
    رايونىمىزئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ مائارىپ–مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، يۇقىرى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەنلەر ئاز. بۇ ئۆز نۆۋىتىدەئىشلەپچىقىرىش، ئىقتساد، تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا نۇرغۇن سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا،يېزىلارنى بىرلىك قىلىپ «دېھقانلار مەكتىپى» قۇرۇپ،ساۋات چىقىرىش، قانۇن ئۆگىنىپ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش، تەنتەربىيە دەرسلىرى ئارقىلىق چېنىقىش ۋە كەيپىياتنى تەڭشەش، دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىپ،ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق!

2.بالىلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش
    پەرزەنتلەر— ئاتا–ئانىلارنىڭ جېنى، ئۇلار خەلقنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، بىرنەچچە يىلدىن بېرى كىچىك بالىلارنىڭ يىتىپ كېتىش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىپ، ئاتا–ئانىلارنى جەمئىيەت بىخەتەرلىكىدىن زور ئەندىشىلەندۈردى. شۇڭا، بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئىشخانا ۋە ئادەم كۈچى، قىزىق لىنىيە تېلېفونى تەسس قىلىش، تېلېۋىزىيە–رادىيو، گېزىتلەردە«بالىلارنى قوغدايلى، ئادەم ئوغرىلىرىغا زەربە بېرەيلى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس پاراۋانلىق ئېلانى ئىشلەش، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇھىم خىزمەت تەركىبىگە«بالىلارنى قوغداش» باھالاش تۈرىنى كىرگۈزۈش، ئادەم ئوغرىلىرىغا قاتتىق زەربەبېرىش قاتارلىق چارىلەرنى يولغا قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   3.<<ياشلارقۇرۇلتىيى» قۇرۇپ، ياش ۋەكىللەرنىڭ ئىنكاسىغا قۇلاق سېلىش
    نۆۋەتتەجەمئىيەتتە ياشلار ئىنتايىن مۇھىم رول ئۆتەپ، ھەرقايسى ساھەلەردە مۇھىم نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. يەنە نۇرغۇنلار چىقىش يولى تاپالماي گاڭگىراپ يۈرمەكتە ۋە ئىجتمائىي مەسىلىگە ئايلانماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلايدىغان مائارىپ، كارخانا، مەدەنىيەت–سەنئەت، ئاخبارات ساھەسىدىلەر شۇنداقلائىشسز ياشلاردىن تەشكىل تاپقان بىر يىغىن قۇرۇپ، يىلدا بىر قېتىم ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشقا بولغان پىكىرلىرىنى، يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاش.
   4.ئاياللار ئائىلە ئىگىلىكى فوندى ۋەتەربىيەلەش مەكتىپى قۇرۇش
   ئاياللاربىرلەشمىسى ۋە مۇناسۋەتلىك ئورۇنلار ئاياللارنىڭ ئائىلىدە قىلالايدىغان ئىشلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىدىن چىقماي تۇرۇپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىدىغان مەخسۇس تۈر يولغا قويۇش. ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن قوشالايدىغان تۆھپىلىرىگە سەھنە يارىتىش. ئاياللار ئۈچۈن ھەقسىز ئىش ئورنى تەمىنلەيدىغان مەركەز ۋە ھەقسىز تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنى قۇرۇش

   5.<<يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭلىقلار ئوبرازى قۇرۇلۇشى»نى ئېلىپ بېرىش
    شىنجاڭلىقلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شىنجاڭلىقلار ۋە دۆلەت ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىش. بۇ، خەلقلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئالاقە ئېلىپ بېرىش، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوبراز قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭلىقلار ئىچىدىكى مائارىپ،تەتقىقات، كارخانا، ئىجتىمائىي شەخسلەرنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇش، ھەرقايسى مىللەت ئەنئەنىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.ئوتتۇز ئوغۇل شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭلىقلار تورى شىنجاڭلىقلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تور بېكەتتۇر.ھۆكۈمەتنىڭ شنجاڭلىقلارنىڭ ئوبرازى ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

   6.مىللىي يېزىقتىكى خۇسۇسىي تور بېكەتلەرنى قوللاش
   مىللىي يېزىقتىكى تور بېكەتلەرنىڭ خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى، پەن–تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتلەردەمۆلچەرلەپ بولغۇسىز رولى بار. تور خادىملىرىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بولسىمۇ،ئەمما ئىقتىسادىي كۈچ يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا، ھۆكۈمەت بۇ جەھەتتە مىللىي يېزىقتىكى تور بېكەتلەرنى سىياسەت، ئىقتىساد جەھەتلەردە كۆپلەپ قوللاپ، مەخسۇس تۈر ئاجرىتىش.

21132113 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 08:28:53

ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 10:25:55

دىلنار ئابدۇللا بىلەن ئادىل ھوشۇرنىڭ نېمە تەكلىپ بەرگەنلىكىگە قىزىقىۋاتىمەن.:o

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 10:44:32

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 10:25 static/image/common/back.gif
دىلنار ئابدۇللا بىلەن ئادىل ھوشۇرنىڭ نېمە تەكلىپ بەرگ ...

ئۇسۇل مەكتىۋى ۋە سىرىك مەكتىۋى ئىچىش.

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 10:49:33

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 10:59:41

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 10:44 static/image/common/back.gif
ئۇسۇل مەكتىۋى ۋە سىرىك مەكتىۋى ئىچىش.

;P :lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 11:01:50

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمىزنىڭ تاھىر ئىمىندىن ئۆگىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز!

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 11:20:07

dadash يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 11:01 static/image/common/back.gif
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمىزنىڭ تاھىر ئىمىندىن ئۆگىنى ...

ياھىر ئىمىننىڭ گەپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىجرابولۇۋاتقان ئىشلاركەن . يېڭىلىق يوق دىيەرلىك .
بىراق ۋەكىللەرمۇ شۇ ئۆز دائىرسىدىكى ئىشلاردىن تەكلىپ بېرىدۇ . تەتقىق قىلىپ ، پىكىر توپلاپ، ئاندىن تەكلىپ بەرسە تېخىمۇ نېگىزلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قۇيالايدۇ دەپ قارايمەن .

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 11:56:48

سىرىك ، ئۇسۇل مەكتەپلىرىنى ئېچىپ بولغاندۇ ئاللىبۇرۇن،،،{:92:}

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 12:00:52

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 11:20 static/image/common/back.gif
ياھىر ئىمىننىڭ گەپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىجرابولۇۋاتقا ...

ئاڭلىمىغان گەپكەن ماۋۇ... تاھىر ئىمىننىڭ قايسى تەكلىپى ئىجرا بولۇۋاتىدىغاندۇ؟!

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 13:49:56

Neshter يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 12:00 static/image/common/back.gif
ئاڭلىمىغان گەپكەن ماۋۇ... تاھىر ئىمىننىڭ قايسى تەكلىپ ...

1.باللىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش
2.ئاياللار تەرەققىيات فۇندى قۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش
3. دېھقانلارغا تېخنىكا، تىجارەت قاتارلىق كەسپى تەربىيىنى ئېلىپ بېرىش .
4. شىنجاڭلىقلار ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرپ يېڭى شىنجاڭلىق روھىنى تەشەببۇس قىلىش ( ئالىم خالىقلار، ھەنىپە ئاپپايلار ،،، ۋەكىللەردۇر)
5. مىللى يېزىقتىكى خۇسۇسى توربەتلەرنى توسۇۋالغىنى يوققۇ دەيمەن، بازار ئېگىلىكى دەۋرىدە ماسلىشالايدىشانلار ياشايدۇ، ماسلىشالمايدىغانلار شاللىنىدۇ، بۇنىڭغىمۇ ئەمدى تۈر مەبلىغى ( پۇل بەرسىلە دەپ قول ئۇزارتىش) ئىلتىماس قىلىش سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق . خەنزۇلاردا بىر گەپ بار : يۆلەش كارغا قىلمايدىغان ئادۇۋ (扶不起的阿斗) . ھەمىمگە يۆلۈنۈۋېلىش رىقابەت كۈچىمىزنى تېخىمۇ ئاجىزلىتىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولۇشقا باشلايدۇ .
دىمەك :
كۆپىنچىسى بولۇۋاتقان ئىشلارغۇ.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 17:24:34

6. سى نادىر تەكلىپكەن ئاۋۇ :lol:lol:lol

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 19:45:05

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 10:25 static/image/common/back.gif
دىلنار ئابدۇللا بىلەن ئادىل ھوشۇرنىڭ نېمە تەكلىپ بەرگ ...

ئادىل ھوشۇر :
ھەممە ئادەملەرنى سىمدا ماڭغۇزۇش، سىمدا ماڭالمىغانلارنى تەربىيلەپ سىمدا ماڭغۇزۇش.
دىلنار:
ھەممە ئادەملەرنى ئۇسسۇل ئوينىتىش، ئۇسسۇل ئوينىيالمايدىغانلارنى تەربىيلەپ ئۇسسۇل ئوينىتىش.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 19:47:28

1.«دېھقانلار مەكتىپى» قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەتسەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش

ما بىرىنچىسى قۇرۇلۇپ نەچچە قارا ئۇقۇغۇچى چىقىرىپ بولدىغۇ بىزنىڭ مەھەللىلەردە. قۇبۇل قىلغان ئۇقۇغۇچىلار پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بىلەلمىگەنلەر ۋە باشقا ئالاقىدار بەلگۈلىمىلەرنى ئۈگىنەلمىگەن، ئەمەل قىلالمىغانلار.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 19:53:22

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 12:25 static/image/common/back.gif
دىلنار ئابدۇللا بىلەن ئادىل ھوشۇرنىڭ نېمە تەكلىپ بەرگ ...

دىلنار ئابدۇللا 2015- يىلىمۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولدىمۇ؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:18:14

   ئاۋارە بولماڭلار. شى جىنپىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرىنى تارقىتىۋېتىدىغاننىڭ گېپىنى قىپتۇ.
‏   

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:03:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghuran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-10 22:04

1- تەكلىپ ئورۇنسىز بولۇپ قاپتۇ. مانا مەن دېھقانلار مەكتىپىدە ئىشلەيمەن. بىزنىڭ مەكتەپ 1992- يىلى قۇرۇلغان. تاھىر ئىمىن ئوتتۇرىغا قويغان ئىشلارنى قىلىمىز. لېكىن بىز بەك تىرىشتۇقمۇ ياكى :D ئىشقىلىپ يېزمىزدا بىز تەربىيلىگۈدەك ساۋاتسىز قالماي ھەم بىزگە تېخنىكا تەربىيىلەش ھوقۇقىنى بەرمەي (بۇرۇن باشقا ئورۇنلارنىڭ نامىدا تەربىيىلەش ئېلىپ باراتتۇق، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ بۇ خىل فۇنكىسيىمىزنىمۇ ئېلىپ تاشلىدى) قىلغىلى ئىش يوق ئاخىرى مەكتەپنى تارقىتىۋەتتى. مېنى مەركىزىي مەكتەپكە تەقسىم قىلىپ، ھازىر مۇشۇ مەكتەپتە كومپيۇتېر دەرسى بېرىۋاتىمەن. بۇرۇن بىز ھەر يىلى يېزىمىزدا نەچچە يۈز ئەمگەكچىنى ھەر خىل تېخنىكىلار بويىچە تەربىيىلەيتتۇق. بىر نەچچە ساۋاتسىزنىڭ ساۋادىنى چىقىراتتۇق.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:08:49

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 22:03 static/image/common/back.gif
1- تەكلىپ ئورۇنسىز بولۇپ قاپتۇ. مانا مەن دېھقانلار مەكت ...

سىز كومپىيۇتېر بىلەمسىز؟:o

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:14:40

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 22:08 static/image/common/back.gif
سىز كومپىيۇتېر بىلەمسىز؟

ئىشقىلىپ 13 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى كولدۇرلىتىشقا يارايمەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 22:18:31

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى2015-2-10 22:14 static/image/common/back.gif
ئىشقىلىپ 13 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى كولدۇرلىتىشقا يارا ...

:lol
بەت: [1] 2
: تاھىر ئىمىن خەلق قۇرۇلتىيىغا 6 تۈرلۈك تەكلىپ–پىكىر بەردى