uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 17:52:23

ئالتۇن سودا تەھلىلى 09 - 2

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى  (242.19) 1283.4  دوللا ر  ئەڭ يۇقىرى باھاسى (245.07 )  1285.94   دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى  (242.69 ) 1228.44 بازار  بازار يېپىلىش باھاسى  (243.91) 1233.83دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى  93.71  دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1237 دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     
     ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى 1 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقىپ ، دوللارنىڭ يەنە يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن ، ئالتۇن باھاسى 3.85% تۆۋەنلىگەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا ، ئالتۇن كۈمۈش بازار ئېچىلىش ئەھۋالى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولدۇ ، بۇنىڭدىن سىرت ، ياپونىيىنىڭ پەسىللىك تەڭشەش ئىلىپ بارمىغاندىكى دائىملىق ھېساباتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ يۆنىلىشىگە قىسقا ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .   ياۋروپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيىنىڭ پەسىللىك تەڭشەش ئىلىپ بارمىغاندىكى دائىملىق ھېساباتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولىشى مۇمكىن.  
     ئامېرىكا ۋاقتىدا ، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋال كۆرسەتكۈچى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن  ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى كۈچىيىشى مۇمكىن  ، ھەم  ئالتۇن باھاسىغا  بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .





مەشغۇلات باسقۇچى :

1.  غەيرى يېزا ئىگىلىك قىممتىنى ئېلان قىلىنىڭ بولغاندىن كىيىن ئامېرىكىنىڭ (LMCI) قىممتىنى ئېلان قىلىدۇ ، ئالدىنقى قىتىمقى نەتىجىسى 6.1 چىققان ئىدى ، ئەگەر بۇ قىتىمقى نەتىجىسى ئالدىنقى نەتىجىدىن تۆۋەن چىقسا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى يەنە بىر قىتىم  بىسىمغا ئۇچىرايدۇ ، بۇ چاغدا ئامىرىكا ئۆسۈم قۇشۇش قارارىنى ئىلگىرى سۈرىشى مۇمكىن .

2. ئالدىنقى ھەپتىدە ئالتۇن باھاسى 1268 (250.51) دوللاردىن 1228 (242.61) دوللارغا چۈشۈپ چوڭ مەنفى سىزىق بىلەن بازارنى ئاخىرلاشتۇردى ، بۇ ھەپتە 1220(241.03)  دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىغا دىققەت قىلىشىمىش كىرەك ، ئەگەر (241.03) 1220 دوللاردىن چۈشۈشپ كەتسە 1200-1180 دوللار ئەتىراپىغا چۈشۈدۇ ، ئەگەر 1220 (241.03) دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە تۆۋەن باھادىن ئۆرلەش ھالىتىگە قەدەم قۇيۇپ  (256.83)1300 دوللارنى نىشان قىلىدۇ .

3. ئاسىيا بازىرىدا باھاسى بىرىنىجى قىتىم 1240 (244.98) دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ  زىيىنىنى 4 دوللار توختىتىپ پايدىسىنى 1235-1230 (243.-243.99) دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ ، ياۋرۇپا بازىرىدا ئەگەر 1240 دوللار ئىشىپ كەتسە (246.16-246.95)1246-1250 دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1250 1240
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار     1220 1230

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1220-1250
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى1220
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1255

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

     بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 94.75 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1237.78 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ ، نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 245.40 يۈەن ، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنىدىكى چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغان .  1 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقىپ ، دوللارنىڭ يەنە يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن ، ئالتۇن باھاسى 3.85% تۆۋەنلىگەن .   ياۋروپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيىنىڭ پەسىللىك تەڭشەش ئىلىپ بارمىغاندىكى دائىملىق ھېساباتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولىشى مۇمكىن.   ئامېرىكا ۋاقتىدا ، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋال كۆرسەتكۈچى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن  ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى كۈچىيىشى مۇمكىن  ، ھەم  ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .





2015 - يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەشتىكى 5 چوڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بەردى

   گەرچە خەلقئارا ئالتۇن باھاسى قىسقا مۇددەتلىك تەڭشەش ھالىتىگە كىرگەن بولسىمۇ ، بىراق GoldBroker.com نىڭ داڭلىق ئالتۇن تەھلىلچىسى Dan Popescu ئالتۇن باھاسىنىڭ 2015 - يىلى يۇقىرى ئۆرلەشتىكى 5 چوڭ سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بەردى ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئالتۇن باھاسى بۇيىل ئىچىدە يۇقىرى ئۆرلەپ 2000 دوللارغا چىقىشى مۇمكىن دەپ قارىدى . ئۇ تۆۋەندىكى 5 تۈرلۈك سەۋەبنى كۆرسەتتى :
   1 . 2015 - يىلى ئالتۇن سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولسا ، قىممەتلىك مېتاللار مەبلەغنى تارقاقلاشتۇرىدىغان سەپلىمە ھەمدە ھەرخىل ئېنىقسزلىقنىڭ مۇھىم تاللىشى .
   2 .نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرماقتا ،  تەھلىلچىنىڭ قارىشىچە ئالتۇن باھاسى 1000 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ ، ئالتۇن باھاسى 1100 - 1500 دوللار ئەتراپىدا تەېرىنىشى مۇمكىن دەپ قارىغان .
   3 . ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىسى ئالتۇن سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ، تەھلىلچىنىڭ مۆلچەرىچە مەركىزى بانكىلار كۆپلەپ ئالتۇن سېتىۋالىدۇ ، بۇنداق بولغاندا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن .
   4 . پۇل پاخاللىشىشنىڭ قوزغىلىش خەۋپ-خەتىرى يوق بولىشى مۇمكىن ، بۇمۇ ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق .
   5 .  پۇل پاخاللىشىش يۇقىرى بولغان مۇھىتتا ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئەڭ ياخشى پۇرسەت .






بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىدىغان  LMCI ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

       2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياۋروپا سودا بازىرىدا ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:31 دە ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1233 دوللار بولغان ، ئەڭ يۇقىرى باھا 1241 دوللار ، ئەڭ تۆۋەن باھا 1233 دوللار بولغان .  بۈگۈن كەچتە  ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋال كۆرسەتكۈچى LMCI نى ئېلان قىلىدۇ ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .





ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى

       2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقىپ ، دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە پايدىلىق بولدى ، قىممەت مېتاللار باھاسى تۆۋەنلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە گرېتسىيىنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى خەۋەرلەر بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
      ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقىپ ، ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغانلىقى سەۋەبىدىن نەق ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نەق ئالتۇن باھاسى 31.70 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1232.80 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 28.10 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1234.60 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ؛
     ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ ، ئېھتىياج يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى ، ھەم ئامېرىكا نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن NYMEX قەرەللىك خام نېفىت باھاسى 1.21 دوللار ئۆرلەپ يېپىلىش باھاسى 51.69 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .







ئامېرىكىنىڭ 1 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى تەسىرىدە دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى 94.75 ئەتىراپىدا ئايلاندى ، دوللارنىڭ ياپونىيە يېنىغا بولغان نىسبىتى 119.05 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ ئالدىنقى سودا كۈنى ئامېرىكىنىڭ 1 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى تەسىرىدە دوللار كۆرسەتكۈچى چوڭ دائىرىدە ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 94.89 بولدى . دوللارنىڭ ياپونىيە يېنىغا بولغان نىسبىتىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى باھاسى 119.22 بولغان ، نۆۋەتتە يەنىلا يۇقىرى ھالەتتە تەۋرىنىپ تۇرىدۇ .
بېيجىڭ ۋاقتى 06:45 دە ، دوللار كۆرسەتكۈچى 94.74 ، دوللارنىڭ ياپونىيە يېنىغا بولغان نىسبىتى 119.05 ئەتىراپىدا بولدى .






2- ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى خەلق پۇلىنىڭ  بازار يېپىلىش باھاسى

       2- ئاينىڭ 9 - كۈنى دوللار / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى6.2472 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن25 نۇقتا ئاشقان  ؛
شياڭگاڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى0.8058 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن3نۇقتا ئاشقان ؛
100يېن / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى5.2634 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن602نۇقتا كېمەيگەن ؛
ياۋرو / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 7.09260  يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 550 نۇقتا كېمەيگەن ؛
فوندستېرلىڭ / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 9.5246 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن439 نۇقتا كېمەيگەن  ؛
ئاۋسترالىيە دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى4.8644  يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن262 نۇقتا كېمەيگەن   ؛
نيۇ يورك / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.6195 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 163  نۇقتا كېمەيگەن  ؛
سىنگاپور دوللىرى / خەلق پۇلى ئوتتۇرچە سىستېمىلىق بازار يېپىلىش باھاسى 4.61650 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن236 نۇقتا كېمەيگەن ؛






ئاساسى پۇل ۋە قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى

2 -ئاينىڭ6 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.1313 بولغان ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5235 دوللار بولغان ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.7792 دوللار بولغان ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 119.08  يېن بولغان ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.2518 كانادا دوللىرى بولغان ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 0.9256 شۋېتسارىيە فرانكى بولغان .
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرىدا : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1232.80 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1234.60 دوللار بولغان ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.71 دوللار بولغان ؛ Comex  قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.694 دوللار بولغان ؛  بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 57.80 دوللار بولغان ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 51.69 دوللار بولغان .


ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى

oghlan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 13:14:48

سىلەر جۈمە كۈندىكى تەھلىلىڭلاردا  ئامىركىنىڭ ئىىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى مۆلچەردىن كۆپرەك چىقىپ قالسىمۇ ئالتۇننىڭ چۈشۈش ئىھتىمالى  چوڭ  ئەمەس دىگەندەك ئىنتايىن خاتا تەھلىللەرنىمۇ  يوللاپ يۈرۈيدىكەنسىلەر  ،شۇ كۈنى ئالتۇن 35 نۇقتا چۈشۈپ كەتتى ،بۇ كىچىك سان ئەمەس ،شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭكىنى تەرجىمە قىلىپ يولىغاندىمۇ  ئۆزىمىز بىلسەك تەھلىل قىلىپ يوللايلى
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى 09 - 2