xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 14:35:39

يەتتە سۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى توغرۇلۇق ياردەم سورايمەن.



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى. يەتتە سۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە شۇنىڭغا ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە بىلىدىغانلار چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار. جىددىي لازىم ئىدى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 16:11:58

شىمالدىن جەنۇپقا ؛
1- ئاياكۆز دەرياسى
2-لېپسى دەرياسى
3-ئاقسۇ دەرياسى ( بىزنىڭ ئاقسۇ ئەمەس ھە:lol  )
4-قاراتال دەرياسى
5- ئىلى دەرياسى
6- چۇ دەرياسى
7- تالاس دەرياسى


ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 16:36:26

يەتتە سۇ تارىخى تىزىسلىرى دەپ بىر كىتاب بار

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 16:39:39

ilter يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 16:36 static/image/common/back.gif
يەتتە سۇ تارىخى تىزىسلىرى دەپ بىر كىتاب بار

بارتولدنىڭما؟
http://e.hiphotos.baidu.com/baike/w%3D268/sign=c7bdee92cbea15ce41eee70f8e013a25/a2cc7cd98d1001e9fd879418ba0e7bec54e7976a.jpg

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 16:58:40

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 16:11 static/image/common/back.gif
شىمالدىن جەنۇپقا ؛
1- ئاياكۆز دەرياسى
2-لېپسى دەرياسى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەجرىڭىزگە رەھمەت بۇرادەر.
مۇشۇ يەتتە دەريانى سوزۇلۇپ ياتقان زېمىن، يەنى بىرىنچى خەرىتىدىكى توپا رەڭ دائىرىنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ يەتتە سۇ ۋادىسى دەپ ئاتىلامدۇ؟ يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەنچىگە ئېرىشىشكە موھتاجمىز.

toghrulbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 17:01:37

ئالمۇتا شەھىرىدە يەتتە سۇ ئاۋدانى دەپ چوڭ خاتىرە تاشقا يېزىپ قويغىنىنى كۆرگەن ئىدىم.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 17:12:13

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 16:58 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەجرىڭىزگە رەھمەت بۇرادەر.
مۇشۇ ي ...


بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان 7 دەريا بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئىككىسى ھازىر  قۇرۇپ كېتىپتۇ، ، شۇڭا چۇ دەرياسى بىلەن تالاس دەرياسىنى قوشۇپ 7 سۇ دەۋالىدىكەن .:lol
بۇ ئادەتتە بالقاش كۆلى ئەتراپى (قازاقىستاندىكى) ، ئىسسىق كۆل ئەتراپى ( قىرغىزىستاندىكى) ۋە پەرغانە ۋادىسىنى(ئۆزبەكىستاننىڭ) كۆرسىتىدىغۇ دەيمەن .
قازاقشا :lol Zhetysu دەپ قويىدۇ
http://en.wikipedia.org/wiki/Zhetysu

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 17:26:09

toghrulbeg يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 17:01 static/image/common/back.gif
ئالمۇتا شەھىرىدە يەتتە سۇ ئاۋدانى دەپ چوڭ خاتىرە تاشقا ...

ئالماتا قالاسى، جېتىسۇ ئاۋدانى ، :lol
يەنە جېتىسۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، پۇتـبول كۇلۇبلىرى باردەك قىلىدۇ

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 23:58:56

يوۋ، ماۋۇ pis-pas ، بىر تىرىك قامۇسكەن..نەدىن سورىسا شۇ يەدىن جاۋاپ بىردىغان ھازىر جاۋاب {:112:}

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 14:11:39

پېس پاس ئادەمنى قايىل قىلىسىز جۇمۇ{:112:}

koragan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 14:27:21

راس پىس پاسكەن ئەمىسە:lol

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:52:09

   بۇرۇن مۇشۇ تور يازمىلىرىنىڭ بىرىدە «بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ئورنى توغرىسىدا» دىگەندەك بىر تېمىدا بىر ماقالە كۆرگەندەك ئېسىمدە، ئۇ ماقالىدە نۇرغۇن تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئاتۇش شەھىرى ئارغۇ ۋادىسىدا ئىكەنلىگىنى دەلىللىگەنكەن، كۆرۈپ خېلىلا قايىل بولغان ئېدىم.
  يېقىندا «تۈركى تىللار دېۋانى» نىڭ يېڭى نەشىرىنى كۆرۈۋاتىمەن. ئۇنىڭدا «....بالاساغۇن، قەشقەر....قاتارلىق ئارغۇ شەھەرلىرى.....»دىگەندەك مەزمۇندا بىر باياننى كۆردۈم (شۇ چاغدا بۇ مەزمۇننى توردا تورداشلارنىڭ مۇلاھىزىسىگە قويۇپ كۆرۈشنى ئويلىغان، لىكىن تورنىڭ ئالدىدا ئەمەس ئېدىم. بۈگۈن دىژورنىدا تۇرغاچ تورغا چىقىۋاتىمەن، لىكىن كىتاپ يېنىمدا ئەمەس، شۇڭا ئېنىق باياننىڭ ئۆزىنى نەقىل قىلالمىدىم). بۇ بايانغا قاراپ، مەن مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ بالاساغۇن، قەشقەر...قاتارلىق بىر يۈرۈش شەھەرلەرنى «ئارغۇ شەھەرلىرى» دەپ ئاتىغانلىغىدىن قارىغاندا بىرى بۇ شەھەرلەرنىڭ يېقىن ۋە تۇتاش شەھەرلەر بولۇشى مۆمكىنلىگىنى، يەنە بىرى «ئارغۇ» دىگەن نامنىڭ بۈگۈنكى ئاتۇش شەھىرى ئارغۇ يېزىسى دائېرىسى بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى مەلۇم سۈپەتنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، مەلۇم باغلىنىشتىكى بىرقەدەر كەڭ دائېرىنى ئەكىس ئەتتۇرىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلدىم. ئالدىنقى مەن كۆرگەن ماقالىنىڭ قايىل قىلارلىق دەلىللرىدىن بىرى بالاساغۇن شەھىرى قاراخانلار خانلىقىنىڭ يازلىق ئوردىسى جايلاشقان شەھەر ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت تارىخى ئۇچۇرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، يازلىق ئوردا بىلەن قىشلىق ئوردىنىڭ ئارىلىقىنىڭ ئالاھىدە يىراق بولۇپ كېتىشىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىغىدەك بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دىمىسمۇ، قەدىمقى دەۋىرلەردە خەلقىمىز ئاساسەن سۇ مەنبەسى بولغان بوستانلىقلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ جۇغلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە جۇغلاشقان ئاھالە كۆلىمىگە قاراپ مۇناسىپ ھالدىكى شەھەر ۋە بازارلارنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىرقى ئارغۇ يېزىسى ئۈزۈلمەس سۇ مەنبەسى بولغان، شۇنداقلا يازدا سالقىن ۋە ناھايىتى گۈزەل بولغان بوستانلىق بولۇپ، قەدىمكى دەۋىردىكى شەھەرلىشىش ئېھتىياجىغا ئەڭ ماس ئورۇنلاردىن بىرى ئېدى. شۇڭا ئارغۇ دىيارىنىڭ شۇ دەۋىردە يازلىق ئوردا بولغانلىقى ناھايىتى ئەقىلگە مۇۋاپىق. يۇقارقى ماقالىدە يەنە ئارغۇ يېزىسىدا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن يەر ناملىرى ئىچىدىكى خانلىققا ۋە «بالاساغۇن»غا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنى تىلغا ئالىدۇ.... يۇقارقى ماقالىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ۋە «تۈركى تىللار دېۋانى»دىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ھەقىقەتەن ھازىرقى ئارغۇ دىيارىنى كۆرسىتىدىغانلىغى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ. مەن مۇشۇ ساھەدىكى ئىزدەنگۈچىلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ جەھەتتە چوڭقۇرراق ئىزدىنىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1]
: يەتتە سۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى توغرۇلۇق ياردەم سورايمەن.