intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 13:26:35

ئىنتىلگۈچى:-پىلانىتلار ئەركىسى(4):سۇيىقەستىن چوڭ تۆھپىگىچە

پىلانىتلار ئەركىسى
4-قىسىم سۇيىقەستىن چوڭ تۆھپىگىچە
(فانتازىيەلىك ھىكايە، ئىنتىلگۈچى)


تىمتاسلىققا چۆمگەن يۇپۇق پىلانىتىدىكى 'خىلۋەت جىلغا' تۈرمىسى كىشىنى سۈر باستۇرىدىغان بىر جاي ئىدى. بىر نەچچە تۈرمە ساقچىسى ئىغىر، رەتلىك قەدەملىرى بىلەن جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، مەلۇم سولاق ئۆيىنى ئاچتى-دە:'مەھبۇز 1997، سەن بىلەن بىرسى كۆرۈشمەكچى، بىز بىلەن ماڭ' دەپ يۇقىرى ئاۋازدا بۇيرۇق قىلدى. كارۋاتتا يانچە ياتقان ئوغۇز ئالدىرىماي ئۆرىلىپ كارۋاتتىن چۈشۈپ ئۇلار بىلەن ماڭدى. ئوغۇزنىڭ بۇ يەرگە قامالغانلىقىغىمۇ بىر نەچچە كۈن بۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قىتىم سولاق ئۆيىدىن سىرتقا چىقىشى ئىدى. ئالىك ئۆز ئىمتىيازى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن ئىدى. ئىككەيلەن بىر-بىرى بىلەن چىڭ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ۋە خۇددى ئۇزۇن يىللار دىدارلىشىپ باقمىغان ئاتا-بالىدەك بىر-بىرگە چۇڭقۇر مىھرلىك نەزەرلىرى بىلەن بېقىشىۋالغاندىن كىيىن مالىك:'بۇ يەردە قانداق تۇرىۋاتىسەن؟ ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ؟'. ئوغۇز جاۋابەن:'قەدىرئەھۋال. ئۆزىڭىزچۇ؟'. مالىك:'مەن ياخشى، مەن ھۆكۇم گۇرۇپپىدىكى بىر نەچچەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ كۆردۇم ئۇلار ھازىر بار بولغان پاكىتلارنىڭ ساڭا پايدىسىزلىقىنى ئېيتى. ئۆكۈز پىلانىتىغا يوللانغان ئۇچۇرلار سىنىڭ شەخسىي ئالاقىلىشىش بۇيۇملىرىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەن ئىكەن، سەن ئۇلارنى بىرەرسىگە بىرىپ تۇرغانمىدىڭ؟'. ئوغۇز:'مەن ئۈسكۈنىلىرىمنى سىرتقا ۋەزىپىگە چىققاندا بۆلۈمگە دوكلات، ئۇچۇرلارنى يوللاشقا ئېشىلتەتتىم، باشقا ۋاقتلاردا ئۆيگە ياكى ئالەم كېمىسىگە قۇيۇپ قۇياتتىم، بىرسىگە بىرىپ قويغانىم ئىسىمدە يوق.' مالىك:'چۈشىنەرلىك، بۇ نەرسىلەرنى دۇشمەن مەخپىي خادىملىرى ئۆيدىن ئىلىپ چىقىپ ئاندىن سىنى ئۆرەككە ئىشتىرگەن، سەن ئەنسىرىمىگىن مەن بارىلىق كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.'
ئىككەيلەن قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.

نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئوغۇز ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم يىغىنىغا چاقىرتىلدى. ھۆكۈم گۇرۇپپىسى ئوغۇزنى جىنايىتى بار دەپ قارار قىلدى ھەم تۆھپىلىرىنى ئويلىشىپ ئىككى يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلدى، بۇ ئىككى يىل مۇسۇما پىلانىتىدىكى 'قاۋان' تۈرمىسىدە ئىجىرا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مالىك قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ھۆكۈم يەنىلا ئۆز پېتى مېڭىۋەردى.

ئەلمىساقتىن چىن ھەقىقەتنى كۆرگۈچىلەر دەسلىپىدە ئىنتايىن ئاز بولغان، چۇنكى كۆپ ساندىكىلەر چىن ھەقىقەتنى ئورىۋالغان ساختا ھەقىقەتلەر تەرپىدىن ئاسانلا قايمۇقۇپ قالىدۇ.
ئوغۇزنىڭ 'قاۋان' تۈرمىسىدىكى كۈنلىرى ھەرھالدا بىر رىتىمدا يامان ئەمەس كىتىپ باراتتى. ھەر ئايدىكى بىر كۈنلۈك ئەركىن پائالىيەت كۈنى يىتىپ كەلدى. ئوغۇز تۈرمە قىرائەتخانىسىدىكى بىر بۇلۇڭدا ئۆزى يالغۇز كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى. تۇيۇقسىز بىرى:'ھەي، يەرشارىلىق يېتىم ئوغلاق!' دېدى ئوغۇزغا قارتىپ، ئوغۇز دەرغەزەپ بىلەن كىتابنى ئاستا ياپتى لىكىن ئۆزىنى بېسىۋالغان ھالدا:'ئۆزۈڭ كىم؟' دەپ، ئۆزنىڭ بىر توپ سىياقى باشقىچە بولغان ئۆكۈز پىلانىتلىقلار تەرپىدىن قورشالغانلىقىنى بايقىدى. ھىلىقى مەھبۇز گىپىنى داۋام قىلىپ:'مەن ئۆكۈز پىلانىتدىكى بىر گېنرال، ئىسىڭدە يوقما؟! سەنلەر مىنى تۇتۇپ بۇ يەرگە سولاشقان. سىنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىڭ بىزنىڭ ساڭا قىلغان ئىلتىپاتىمىز.'،ھەممىسى مەسخىرلىك كۈلۈشتى، ئۇ سۆزنى داۋام قىلىپ:'سەن پات يىقىندا قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلايسەن'دەپ تۇرىشىغا يەنە بىرى گەپ قىستۇرۇپ:''ئاناڭنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىمۇ ھەم!". ئوغۇز كۆزلىرى چاقنىغان ھالدا:'ئانام تېخى ھاياتكەن-دە!!'. گېنرال گەپ قىستۇرغانغا بىرنى سەت قارىدى ۋە ئوغۇزغا:'بۇنى كىيىن بىلىپ قالىسەن ئاسىراندى. سەۋر-تاقەت بىلەن خەۋەر كۈتكىن، باشقا ئىشمۇ قىلالمايسەن-دە ئەمدى.' دەپ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە كىتىپ قالدى.

چېچەن ئەقىلىق ئوغۇز ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن يۈرەك-باغرى، جان-جىگەر سۈيۈملۈك مېھرىبانىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆكۈز پىلانىتىدىكىلەرنىڭ پات-ئارىدا بىر شۇملۇق قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى. ھەم دەرھال مۇھاپىزەتچىلەرگە تۈرمە باشلىقىنى مۇھىم ئىش بىلەن ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتى. لىكىن ھېچكىم پىسەنت قىلمىدى. ۋاقت ئۆتمەكتە، ئوغۇز تىت-تىت بۇلۇپ بىر ئامال ئىزدەۋاتاتتى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئۆكۈز گېنرالىغا كۆز-قۇلاق بۇلىۋاتاتتى.

بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئىدى، مەھبۇزلار زالغا يىغىلىپ تاماق يەۋاتاتتى، ئوغۇزمۇ ھىلىقى گېنرالغا يېراق بولمىغان جايدا ئۇنى كۆزەتكەچ غىزالىنىۋاتاتتى. بىردىنلا 'گۈم' قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىلىندى. پارتىلاش ئاۋازى ئۈزۈلمىدى. زالنىڭ بىر يان تەرپى پارتىلاپ ئىچىلىپ كەتتى. ئۆكۈز پىلانىتلىق مەھبۇزلار ئۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. ئۆكۈزلىكلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن گېنرالنى قوغداپ ئۇنىڭ ئىچىلىپ كەتكەن تەرەپكە بېرىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. ئوغۇزمۇ ئارقىدىنلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاشۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. سىرتتا ئۆكۈز پىلانىتىنىڭ ئىككى ئالەم كېمىسى قونۇپ ھىلىقى گېنرالنى ساقلاۋاتاتتى. گېنرال ئوڭۇشلىق بىر كېمىگە چىقىۋالدى، ئەمما يەنە بىر كېمىنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسى قوغدىغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرلگەن ئىدى. ئوغۇز چاققانلىق ۋە ئەپچىلىك بىلەن، ھەممىنىڭ دىققىتى گېنرال بار كېمىدە بولىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر كېمىگە چىقىۋالدى ۋە كېمىنى تېزلىكتە قوزغىتىپ بىخەتەر مۇسۇما پىلانىتدىن ئايرىلدى.

يۇپۇق پىلانىتىگە ۋە ئۇچۇشقا پىشىشىق ئوغۇز كېمىنى بىر مەخپىي جايغا قوندۇرۇپ ئۆيىگە قايتىپ مالىك بىلەن كۆرۇشتى. ئۇلار ئۆينىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكنى بىلگەچكە دەرھاللا باشقا بىر خالىي جايغا بېرىپ پاراڭلاشتى. ئوغۇز ھەممە ئەھۋالنى مالىكقا چۈشەندۇردى. مالىك:'بىز بۇ خەۋەرنى ھۆكۈم گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرۇشىمىز كېرەك، ئاۋال ساۋاقدىشىڭ مالامەتنىڭ دادىسى كۆرۈشەيلى.'دەپلا ئوغۇز بىلەن يۈرۈپ كەتتى. مالامەتنىڭ دادىسى ھۆكۈم گۇرۇپپىسىدا ھەم ئوغۇزنى ياقتۇرىدىغان ئىشەنچىلىك ئىدى. ئۆيىگە يىتىپ كىلىپ بىرھازا پاراڭلاشقاندىن كىيىن، مالامەتنىڭ دادىسى ھەممىنى بىلدى، ئىشەندى ھەم جىددىي قارىدى، شۇنداقلا، ئەتىسى ھۆكۈم ئەزالىرى يىغىنىدا ئوتتۇرغا قويدىغانلىقنى، ئوغۇزلارنىڭمۇ يىغىنغا بىرلىكتە بېرىشىنى ئېيتى.

يىغىنمۇ ئىچىلدى، كەسكىن بىر مەيدان تالاش-تارتىشتىن كىيىن كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن مالىكنى مەسئول، ئوغۇزنى ياردەمچى قىلىپ بىر مۇداپىئە قۇشۇننى ھەرۋاقىت قوغداش ئۇرۇشىغا تەييار تۇرىشىغا ۋە ھەرۋاقىت كۆزەتچىلىكنى كۈچەيتىشقا بۇيرۇلدى. بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن چارلاشقا چىققان ئوغۇز ئۆز كۆزىگە ئىشەنمىگەن ھالدا ھاڭۋىقىپ قالدى ۋە دەرھاللا ھۇشىنى يىغىپ خەۋەر يولىدى:'نەچچەمىڭلىغان دۇشمەن كېمىسى بىز تەرەپككە يىقىنلاشماقتا...'. ھەم تېزلىكتە قايتىپ مۇداپىئە قۇشۇنى بىلەن بىرلىشىپ بىر مەيدان كەسكىن جەڭگە تەخ بۇلۇپ تۇردى.  شەپقەتسىز جەڭ باشلاندى. ئاز بولمىغان تالاپەت ۋە قۇربانلىقلار بولدى، ئالدىن تەييارلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەرھالدا غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. ئىشلار بېسىققاندىن كىيىن ئوغۇز ئەڭ چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. بۇ قىتىم ئۇتۇقلۇق تۈگىدى، ئەمما ھېچكىم مۆشۈك كۆز گالاكىسىسدىكىلەرنىڭ يەنە قانداق شۇملۇقلارنى پەملەۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.

ئوغۇز دوستلىرى مالامەت، شاكىرلار بىلەن جەم بۇلۇپ تەبرىكلەش پائالىيتىدە خۇشال مىنۇتلارنى ئۆتكۈزىۋاتاتتى، لىكىن بۇ ئالەمدىكى بىردىنبىر قانداش غەمگۈزارى ئانىسىنى تىپىش خىيالى ئۇنى ھەرخىل ئويلارغا سىلىۋاتقان ئىدى. ئوغۇزنىڭ پۇتۇن ۋۇجۇدى ئىككى كىشى بىلەن دىدارلىشىشقا ئىنتىلىش بىلەن ئاجايىب ھاياجان ئىچىدە جانلىنىپ بارماقتا.  ئەۋجىگە چىقىپ كۆيىۋاتقان گۈلخاندەك زور بولغان سىغىنىش ئوتلىرىنى باسىدىغان ئاشۇ دىدارلىشىشنىڭ قاچان كىلىدىغانلىقىنى ياراتقان ئىگىمىز ئۆزى بىلەتتى.


4-قىسىم تۈگىدى.
5-قىسىمدا ئوغۇزنىڭ خەتەرلىك سەپەرلىرى توغرىسىدا ئاڭلايىسز.

2015-2-9
نەنجىڭ.  


dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 14:50:05

داۋامىنى ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ساقلىغاندەك ساقلاپ كەتمەيلى، تېزراق پۈتتۈرۈڭ {:112:}

leglek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:45:29

anisi ahir tilga elindi.:)

000000000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 21:41:43

بۇ ئەسەردىن ئۈمىد كۈتمەيمەن

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 13:31:31

000000000 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-10 21:41 static/image/common/back.gif
بۇ ئەسەردىن ئۈمىد كۈتمەيمەن

okay،:lol
بەت: [1]
: ئىنتىلگۈچى:-پىلانىتلار ئەركىسى(4):سۇيىقەستىن چوڭ تۆھپىگىچە