durak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 11:34:51

ئىسلامنىڭ مىللەتلەرنى يېقىنلاشتۇرۇشتىكى رولى

   ھازىرقى دۇنيا  ئىقتىسادىي سېستىمىسى ئىنتايىن زىل بىر باسقۇچنى بېسىۋاتقان بولۇپ يەرشارىلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئەنسىزلىك بۇ زىل باسقۇچقا تارىلىپ كىرىۋاتىدۇ  ، يەرشارىلىشىش بولسا ئوچۇق ئەمەلىيەت بولۇپ ھىچكىم ئۇنىڭ قاچان باشلىنىپ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئېھتىمال بۇ ئەنسىزلىك يەرشارىلىشىشنىڭ مەيلى تەرەققى قىلغان ئەللەردە بولسۇن ياكى تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەردە بولسۇن كۈچلۈك ئىنكاسقا دۇچار بولىۋاتقىنىنى چۈشەندۈرسە كېرەك ، بۇ ئەنسىزلىك بىزنى يەرشارىلىشىشنى  ئەسلىلا يەرشارىلاشتۇرۇش ئۈچۈن باشلانغان غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولى ئارقىلىق كونتىرول قىلىشىمىزغا چاقىرىدۇ . بۇ غايە بولسا مىللەت - خەلقلەرنى ئۆزارا يېقىنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلار ئارىلىسىدىكى يېتەرسىزلىك پەرقنى سۈپۈرۈپ تاشلاشتۇر   . لېكىن بۇ پەقەت ئالىجاناپ قىممەت قاراشنى ، يۈكسەك ئىنسانىي ئەخلاق قارىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ئالاقىلەر تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى قايتا ئېتىبارغا ئېلىش ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ . ئىنسان تەبىيىتىگە مايىل بولغان ۋە كۆپچىلىك رازى بولىدىغان ۋە ھەممە ئۇنى ھەقىقىي مەنپەئەت - پايدىلىق دەپ ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان ۋە ئۇنى قوغدايدىغان دۇنيا ئىقتىسادى سېستىمىسى قۇرۇش ئىسلامنىڭ بۇ سېستىمىدىكى ئىجابىي تۆھپىسى بولالايدۇ .

ئىسلامنىڭ   مىللەتلەرنى يېقىنلاشتۇرۇشتىكى رولى باراۋەرلىك ۋە بىخەتەرلىك خاھىشى بىلەن قاپلانغان ، مۇقىم بولغان خەلقارالىق سېستىما قۇرۇشتىن ئايرىلمايدۇ ، يەرشارىلىشىشنىڭ بەزى خاتا يۆلىنىشلىرىنى يۈكسەك غايە ئارقىلىق كامالەت ئورنىغا قايتۇرىدۇ .
14 ئەسىردىن بېرى ئىسلام مۇخلىسلىرىنى ، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۆزارا يېقىنلىشىشقا ۋە تىجارەت ھەركەتلىرىنى جانلاندۇرۇشقا چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ ، بۇ تىجارەت ھەركەتلىرى بولسا شەھەرلەرنى ئەھيا قىلىش- قۇرۇشتا ئۆز  ئېتىبارى  بىلەن زۆرۈر بولغان ئۇسۇل- ۋەسىيلەدۇر . ئىسلامنىڭ تىجارەتكە كۆڭۈل بۆلىشىدىكى ئەڭ يارقىن دەلىل قۇرئانى كەرىمدە زىكرى قىلىنغان ، ئىسلام دەۋىتىدىن بۇرۇن ياز ۋە قىشلاردا ئەرەپلەرنىڭ يەمەن ۋە سۈرىيەلەرگە قىلغان تىجارەت سەپەرلىرىنى ماختاش ۋە ۋەھىي چۈشكەندىن  كېيىنكى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تىجارەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىشتۇر . ئىسلام بىر كۈنمۇ مۇسۇلمانلارنى ئەتراپىغا بېكىنمىچىلىك ئۈچۈن سېپىل- تاملارنى سوقۇشقا چاقىرمىغان ، ئىسلام دۇنياۋىي بىر دىن بولىشى ئۈچۈن ئەتراپىدىكى ئالەم بىلەن ئۆزارا ئىناق ياشاشقا ، ئۆزارا يەكلىمەسلىككە ، ۋە ئۇلارنى  مەشرىق ۋە مەغرىبتىكى قېرىنداشلىرىنى بىرلەشتۈرىدىغان ئورتاق نۇقتا تېپىشقا چاقىرىدۇ ، بۇ خۇددى قۇرئانى كەرىمدە زىكرى قىلىنغاندەك « بىز سىلەرنى ئۆزارا تونۇشسۇن دەپ مىللەتلەردىن قىلىپ ياراتتۇق » . مىللەتلەرنىڭ يېقىنلىشىشىدا ئىسلام تارىخىدىنمۇ ئىشەنچلىك دەلىل يوق .  مۇسۇلمانلار  دەۋرىدىكى كۆرۈنۈشلەر  ، ئىشغالىيەتچىلەرگە يۈزلەنگەن ئۇرۇشلاردا بولسۇن ، ئۆزلىرىگە تېڭىلغان خاتالىقلىرىدىن چېكىنىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىدا بولسۇن  يارقىن ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ .

  كەڭ قۇرساقلىق ۋە ئۆزارا ئالاقە قىلىش ھەقىقەتەن ئىسلام بېكىتكەن ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىق قىلغان  ئىنسانپەرۋەر پىرىنسىپلاردىندۇر  ، كەڭ قۇرساقلىق بولسا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشتىكى ئەڭ قىسقا يول ، ئۆزارا ئالاقە قىلىش بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە ئالەمنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان دەرۋازىسى ، بۇ ئىككى پىرىنسىپ ئىسلامنىڭ شەرقتە ھىندونوزىيەدىن غەرپتە ماراكەشكىچە ، شىمالدا روسىيەدىن جەنۇپتا ئافرىقىغىچە بولغان كەڭ زونىدا يەرشارىشىشىغا ياردەم قىلغان ئىدى .

  ئوتتۇرا يول تۇتۇش ۋە مۆتىدىل بولۇش ئىسلامنىڭ يولىدۇر . شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، مۇسۇلمانلار ھەقىقەتەن كەڭ قۇرساقلىق بۇرۇچلىرى  يۈكلەنگەن مۇخلىسلاردۇر ، ئۇلار ئورتاق دۇنيا ئىقتىسادى سېستىمىسى تۈزۈشكە قاتنىشىشى ۋە يۈكسەك ئىنسانىي پىرىنسىپلارنى تەكىتلەش ، ئۆزارا باراۋەرلىك ۋە خەۋپسىزلىك قىممەت قاراشلىرىنى قايتا ئەھيا قىلىش ئارقىلىق يەرشارىلىشىشقا باشلامچى بولۇشى كېرەك .

بەلكىم يەرشارىلىشىش بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە ۋە ھازىر يۈز كېلىۋاتقان رىقابەت  ئۇنىڭ چوڭ قۇرۇلما -شىركەت مۇئەسسەسەلەرنى قۇرۇشقا بولغان ئېتىبارى يەرشارىلىشىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە ۋە قىممەت قارىشىغا ئىلتىپات قىلىشتىن جىق ئېشىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان خرىس  بولۇشى مۈمكىن ، ھەتتا يەرشارىلىشىش ئۆزىنىڭ بۇ ھەقىقىي مەنىسىگە ۋە قىممەت قارىشىغا جىقراق كۆڭۈل بۆلمىدى ، مانا بۇ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يەرشارىلىشىشتا كۆپرەك ئۈلۈش تۆھپە قوشۇدىغان تەرەپلەردۇر .

(  شاڭخەي چەتئەل تىللىرى مائارىپى  نەشىرياتى تۈزگەن « ئەرەپ تىلى تەرجىمە دەرسلىگى»دىكى ماقالىدىن تەرجىمە قىلىندى . )

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 15:50:33

تەرجىمە ياخشى چىقىپتۇ، ئەمما ماقالە دېگەندەك تويۇنماپتۇ.
ئاخىرقى ئابزاسنىڭ تەرجىمىسىنى قايتا بىر پىششىقلىۋەتسىڭىز بولغۇدەك.

ئىسلام مۆتىدىل دىندۇر، مۇسۇلمانلار ئوتتۇراھال ئۈممەتتۇر. ئىسلامدىكى ۋە مۇسۇلمانلاردىكى مۆتىدىللىق ئىلاھىي ۋەھىيلەرنى ئۆزىگە قالقان قىلغان بولۇپ، ئىسلامنىڭ مۆتىدىللىكىگە شەخسىي چۈشەنچە ۋە كالتە پەم بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئىسلام ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇللۇقى،  يىلتىزىنىڭ چوڭقۇر يەردە، مەنبەسىنىڭ يۈكسەك ئېگىزلىكتە ئىكەنلىكى بىلەن كالتە پەملەرنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ.

durak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 16:21:16

پىكرىڭىزگە رەھمەت ،  ئاپتورنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىغا  يېقىنلاشتۇراي دەپ ئاخىرقى ئابزاستا ئازراق تۈزۈت قىلمىغان ئوخشايمەن .

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 17:16:42

مۆدىتىل  دىگەن گەپ. بىلەن. ئورتا.   يولى. دىگەن گەپ ئوخشاش. كىلەمۇ ؟

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 17:19:54

ئوتتۇرھال ئۈممەت،مۆتىدىل دىن دىگەن كەلىمىلەرنى چۈشەنمىدىم؟!

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 17:19:56

ئوتتۇرھال ئۈممەت،مۆتىدىل دىن دىگەن كەلىمىلەرنى چۈشەنمىدىم؟!

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 17:20:12

yanhin918 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 17:16 static/image/common/back.gif
مۆدىتىل  دىگەن گەپ. بىلەن. ئورتا.   يولى. دىگەن گەپ ئوخشا ...

ئىسلام دىنى مۆتىدىل دىن. مۆتىدىللىك ئىنسان تەبىئىتىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ. بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىڭىز بولسا ئاڭلاپ باققۇم بار.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 17:20:52

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 17:19 static/image/common/back.gif
ئوتتۇرھال ئۈممەت،مۆتىدىل دىن دىگەن كەلىمىلەرنى چۈشەن ...

كالامۇللانى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز.

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 17:35:56

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ماقالە بەلكىم خۇيزۇ قېرىنداشلىرىمىز يازغان بولىشى مۈمكىن،لىكىن بەك يۈزەكى يېزىلغان ماقالىدەك قىلىدۇ،شۇنداقتىمۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ يۈكسەكلىكىنى نامايەن قىلىدىغان ماقالىكەن،مىنىڭچە قۇرئان كەرىمدىكى بىر قىسىم ئايەتلەرنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ يېزىلغان بولسا تېخىمۇ مۇكەممەل ماقالە بۇلاتتىكەن،مەسىلەن:ئەي مۇھەممەد ئەگەر رەببىڭنىڭ ئىرادىسى بولمىغان بولسا پۈتۈن دۇنيانىڭ مال-مۈلكىنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمىگەن بۇلاتتىڭ..،دىگەن دەك.......ھېلىمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللىغان قېرىندىشىمىزغا رەھمەتلەر بولسۇن............

xaha يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 18:03:54

دۇرېك ئەپەندى ، تىمىنڭ ئادرىسنى قالدۇرۇپ  قويسىڭىز ، رەھمەت.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 18:41:27

ما تېمىغا گەپلەرگە كۈلۈپ قويدۇم
ئۆتكەندە مۆتىدىل،ئورتا يولدىكى دىن دىسەم تاس قالدىڭلارمېنى بوغۇۋەتكىلى ئاشقۇن خەلپىتىملەر،ئەمدى ئۆزىڭلار دەپسىلەر،جۆيلۈپ سالمىغانسىلەر ھە؟
ئىشقىلىپ دىنىمىز،كىتابىمىز،پەيغەمبىرىمىز بۇيرۇغاننى قىلىدىغان مۇسۇلمانلار سىلەر ئەمەس
سىلەر بەقەرە سۈرىسىنى ئونمىڭ ھەسسە كۈچەيتىپ شۇ يولدا ماڭىدىغان ئادەمسىلەر

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 18:51:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 18:55  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 18:41 static/image/common/back.gif
ما تېمىغا گەپلەرگە كۈلۈپ قويدۇم
ئۆتكەندە مۆتىدىل،ئورت ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىلتەرىش ئىنىم.
سۆزلىرىڭىزدە ماڭا دارىتمىلاۋاتقاندەك تۇرىسىز. مەن ئۆمرىمگە كېلىپ ئىزدىنىشتا ئىسلام دىنىنىڭ مۆتىدىللىقى توغرۇلۇق تېخى بۈگۈن تۇنجى رەت گەپ قىلىۋاتىمەن. ئادەمنى خاتا تونۇۋالدىڭىزمۇ بىلمەي قالدىم.
«ئاشقۇن خەلپەت» لىك قالپىقىنى ھازىرچە ئۆزىڭىز كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، شۇنداق ئادەملەر ئۇچرىغاندا چىرايلىق كىيگۈزۈپ قويارسىز.
سۈرە بەقەرەنى كۈچەيتىدىغانغا ئۇ مىللىي تېبابەتنىڭ دورىسى ئەمەس. بۇ گەپ پەقەتلا توغرا ئېيتىلماپتۇ.

«ئىشقىلىپ دىنىمىز،كىتابىمىز،پەيغەمبىرىمىز بۇيرۇغاننى قىلىدىغان مۇسۇلمانلار سىلەر ئەمەس»
بۇيرۇغاننى بىز قىلالمىغان بولساق سىز قىلىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ ئىنىم. ئىلاھىي ۋەھىيلەر ھەممىمىز ئۈچۈن چۈشەكەنغۇ-ھە!
سىز بىلەن تونۇشلۇقۇم يوق ئىدى، ئەمما سىز مېنى ناھايىتى ياخشى تونۇيدىغاندەك ئەلپازدا گەپ قىپسىز.

AAA يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 18:54:33

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 18:41 static/image/common/back.gif
ما تېمىغا گەپلەرگە كۈلۈپ قويدۇم
ئۆتكەندە مۆتىدىل،ئورت ...

;P

Iamalive يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 19:05:09

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 19:37:04

ئۆتتۇرا ھال ئۈممەتكە بېرىلگەن تەبىرلەر ھەر خىل بولۇۋاتىدۇ. رەسۇلىللاھ ئۆتتۇرا ھال ئۈممەتنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ!

durak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 19:46:21

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 18:41 static/image/common/back.gif
ما تېمىغا گەپلەرگە كۈلۈپ قويدۇم
ئۆتكەندە مۆتىدىل،ئورت ...

  بۇرۇن سىزنىڭ ئىسلامىي تېمىلارغا يازغان ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوقۇپ ماۋۇ بالا كومپىيوتېر ئىكرانىنىڭ كەينى تەرىپىدە قانقۇسۇپ بەرمەيۋاتىدىغاندۇ دەپ ئەنسىرەپ قالاتتىم .. :lol  بۇ قېتىم كۈلۈپ قويغان بولسىڭىز سىزدە ھەقىقەتەن گۈلدەك ئىلگىرلەش بوپتۇ ، ئىگىمىز  ئاللاھ سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي  .

بۇ ئەسلىدە بىر قىسقا تەرجىمە مەشقى ئىدى ، لېكىن ماقالە ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق تۇيۇلغاچقا مۇنبەرگە يوللىۋەتكەن ئىدىم . ئاپتورىنى بىڭ دىن ئىزلەپ تاپالمىدىم .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 19:48:44

xxxxxx دوستۇم
خاتا چۈشىنىپ قاپسىز،بايىقى ئىنكاسىم سىزگە قارىتىلمىغان،بۇ گەپ تېگىشلىكلەر ئۆزى بىلىدۇ
مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى دىندا ئوتتۇرا يول تۇتقىنىدۇر دىگەن مەزمۇندا بىر ھەدىس توغرىلىق بۇرۇن بىر مۇلاھىزە بولغانتى،شۇ ۋاقىتتا رادىكال،ئاشقۇن خەلپىتىملەر بۇ ھەدىسنى خاتاغا چىقىرىپ توغرا دىگەنلەرنى دوزاخقا بۇيرىغانتى،شۇڭا تەنە قىلىۋاتىمەن

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 19:52:41

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 18:41 static/image/common/back.gif
ما تېمىغا گەپلەرگە كۈلۈپ قويدۇم
ئۆتكەندە مۆتىدىل،ئورت ...

ھە ھە... ھېلىقى يۇمۇر تىما. ئىلمانزمنى ئىلمان سۇدىن كەلگەن شۇڭا ھەدىستىكى مۆتىدىل ئورتا يول ئىلمانزم دېگەن ئىدەم سىلىغۇ :lol

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:02:34

راس، شۇنداراق گەپلە بولغان راس :lol:lol ئىلتەرىشنى ئىلمانىزىم دەپ چاقىرىپ يۇرۇپتىكەنسىلە بىر ۋاقىتلادا {:92:}{:92:}

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:09:05

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 18:41 static/image/common/back.gif
ما تېمىغا گەپلەرگە كۈلۈپ قويدۇم
ئۆتكەندە مۆتىدىل،ئورت ...

ھېلىقى ئىلمانىزىم ئىسلامدا تەكىتلەنگەن مۆتىدىل يول شۇ دېگەن تېماڭلىنى دەۋاتقان ئوخشىمامسىلە...ئەمما ئانداق بىر گەپنى دېيىشكە پەۋقۇلاددە كاللا، پەۋقۇلاددە تېرە بولمىسا ئادەتتىكى ئادەم ئالدىراپ ئېغىزدىن چىقىرىپ سالمايدۇ. بۇرۇن كىشىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان ئىنكاسنى تولا يازاتتىڭلا، ئەمما ئاۋۇ تېمىنى يازغاندىن كىيىن سىلىگە ئىچىمىز ئاغرىپمۇ قالغان. بۇ يەردە ئۇ تېماڭلىنى يەنە بىر قېتىم پەخىرلىنىپ تىلغا ئالالىغاندىكىن سىلىگە ئامال يوقكەن.
بەت: [1] 2
: ئىسلامنىڭ مىللەتلەرنى يېقىنلاشتۇرۇشتىكى رولى