ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 09:34:10

ئۈچ يەردە سەككىز 23 بولىدۇ

ئۈچ يەردە سەككىز 23 بولىدۇ

بىر قېتىم كۇڭزىنىڭ يەن خۈي ئىسىملىك شاگىرتى بازارغا چىقىپ، بىر رەخت دۇكىنى ئالدىغا نۇرغۇن ئادەمنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ئەسلىدە خېرىدار بىلەن سودىگەر ئۇرۇشۇپ قالغان ئىكەن. يەن خۇي قاراپ تۇرسا، خېرىدار سودىگەرگە دەپتۇ:
— ئۈچ يەردە سەككىز 23 تۇرسا، نېمىشقا مەندىن 24 تەڭگە ئالىسىز؟
— خاتالاشتىڭىز، ئۈچ يەردە سەككىز 24 بولىدۇ، – دەپتۇ يەن خۈي ئالدىغا ئۆتۈپ. ئەمما خېرىدار قايىل بولماي:
— ئەگەر باھا بېرىشكە توغرا كەلسە، دانا، ئاقىل كۇڭزىنى تاپايلى، – دەپتۇ.
— بولىدۇ، ئەگەر سىز ئۇتتۇرسىڭىز قانداق جاۋاب قىلىسىز؟–دەپتىكەن، خېرىدارمۇ بوش كەلمەي دەپتۇ:
— كاللام بىلەن جاۋاب قىلىمەن، ناۋادا سىز يېڭىلىپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
— قالپىقىم سىزنىڭ بولسۇن،– دەپتۇ يەن خۈي. خېرىدارمۇ ئارتۇقچە تالاش–تارتىش قىلماپتۇ.
   باشقىلارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ كۇڭزىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. كۇڭزى ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
— يەن خۈي، سەن يېڭىلىشىپسەن. ئۈچ يەردە سەككىز 23 بولىدۇ، قېنى قالپىقىڭنى ئۇنىڭغا بەرگىن، – دەپتۇ. كۇڭزىنىڭ «ئادالەتسىز باھاسى» غا يەن خۈي ئالدىراپ بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ئىچىدە زادىلا قايىل بولماپتۇ.
— مېنى «قېرىپ ئالجىپتۇ» دەپ قالغانسەن–ھە؟ لېكىن «ئۈچ يەردە سەككىز 23 بولىدۇ» دېسەم، سەن پەقەت قالپىقىڭنىلا ئۇتتۇرىسەن؛ «ئۈچ يەردە سەككىز 24 بولىدۇ» دېسەم، ئۇ كاللىسى بىلەن جاۋاب قىلىدۇ. ئويلاپ باققىن، شەپكە مۇھىممۇ، كاللىمۇ؟ – دەپتىكەن، يەن خۈي:
  — ئۇستازىم ھەقىقەتەن دانا كىشىكەن، مەن تېخى نادان ئىكەنمەن، – دەپ ئويلاپ، بەك خىجىل بوپتۇ.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 11:13:22

مەيلى شەپكە بولسۇن ياكى باش بولسۇن توغرا بولغان ھۈكۈمنى دەپ بىرىشى كىرەكتى ئۇ كۇڭزى ئەپەندى
بۈگۈن خاتا ھۈكۈم بىلەن بىرسىنىڭ شەپكىسىنى ئېلۋاغان ئادەم ئەتە يەنە خاتا ھۈكۈم بىلەن بىراۋنىڭ بېشىغا چاڭ سالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 12:57:35

مانا مۇشۇنداق قىلىپ توغرا دېگەن خاتا، خاتا دېگەن توغرا، كاتتىباشلار نېمە دېسە شۇ توغرا، بولىدىغان جەمىيەتكە قاراپ ماڭىمىزدە...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 13:15:50

             كوڭزىچىلىق -رەھىمدىللىقنى ئالدىنقى نىشان قىلىدىكەن  ، بۇ ھىكايىدىمۇ شۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇلۇشى مۇمكىن ، بۇ قانداقتۇ پۈتكۈل ئىلىم پەن ساھەسىگە قىلىنغان جاۋاپ بولماسىتىن بەلكى شۇ نادانغا بىرىلگەن جاۋاپ ، مەسىلەن : بىز كالىغا ئۆگزىدىكى قوناق شادىسىنى بەرمەكچى بولساق ، كالىنى ئۆگزىگە ئەپچىقىشقا ئامالسىز قالساق ، قۇناق شادىسىنى كالىنىڭ ئالدىغا ئۆزىمىز ئەكىلىپ بەرسەك بۇلىدۇ ، بولمىسا كالا ئاچ قالىدۇ ، كالا ئۆلسە موزىيىمۇ ئۆلىشى مۇمكىن ....
         

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 13:31:38

2+2=5:(

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 13:54:22

   لىكىن يامانغا يول قويسا تىخىمۇ كۆپ ئادەم يامانلىق كۆرىدىغان تەرپىمۇ، بارا-بارا يامانلار كۈپىيىپ كىتىدىغان تەرپىمۇ بار...
  شى رەئىس سالامەت بولغاي، خېلى ئوڭشاۋاتىدۇ جەمىيەتنى...

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 17:41:58

كۇڭزىنىڭ زامانىدا  باشلانغان  چىرىكلىك  ئوخشايدۇ  بۇ

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 18:23:04

ما يېقىننىڭياقى كۇڭزىچىلىق سەل ئەدەپ قالدى. ئۆز ئەقىدىسىنى موكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھازىرقى زاماندىكى «كۇڭزى»نىڭ توقۇغان گېپى بۇ. مۇنداق نىمىلەرنى يوللىغاندا «...مىش» دېگەندەك ئىبارىلەرنى قوشۇپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 19:15:00

jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 19:27:32

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 19:15 static/image/common/back.gif
24دەپ خاتالاشقاننىڭ  خاتالىقىنى تۈزىتىپ بىرىپ ، ئاندىن ...

ماۋۇ ئىنكاس قىزىق چىقىپتۇ.;P

dartman211 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 19:32:38

ھە چۈشەندىم،  ئ‍ەسلى مۇنداقكەندە

qasim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:59:38

دىمەك قالپاقنى ساقلاپ قالامدۇق ياكى كاللىنىمۇ؟دىمەكچىما؟
كىچىك ۋاقىتىمدا سىياسەت ئوقوتقۇچىىلىرىمىز كاپتالىستىك جەمىيەتنى،كاپتالىسلارنى شۇنداق قاراڭغۇ ،رەزىل قىلپ سۆزلەيتىكى .....
ئۆزەمنىڭ مانامۇشۇنداق خەلىق ئۆزئۆزىگە خوجا جەمىيەتتە ياشىغانلىقىمغا تەشەككۈر
چوڭمۇ بولدۇم نۇرغۇن ئىشلارنى كۆردۈم،شاھىت بولدۇم.ھايات بولسام يەنە قايسى ئىددىيلەر نى .....

dillani يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:25:24

كۇڭزى دېگىنى سىياسىنى بەك بىلىدىغان كىشى ئىدى.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 00:50:37

غەرپ بىلەن شەرقنىڭ پەرقى دەل مۇشۇ
بەت: [1]
: ئۈچ يەردە سەككىز 23 بولىدۇ