ABC يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 09:30:51

يولۋاسنىڭ ئۆلۈمى

يولۋاسنىڭ ئۆلۈمى

مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى

(ھېكايە)

     
    بۇرۇنقى زاماندا بىر يولۋاس بالىسى  بولغان ئىكەن، ئۇ كىچىكىدىن بەكمۇ ئەقىللىق چوڭ بولۇپتۇ، ئۇنىڭغا  نىمىنى ئۆگەتسە ئۇ شۇنى تېزلا ئۆگىنىۋالىدىكەن. ئۇنىڭ بۇنداق ئەقىللىق چوڭ بولغىنىنى ھېس قىلغان دادا  يولۋاس  ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەركۈنى ئورمانلىققا ئوۋغا  ئۆزى بىلەن  بىللە ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇ بالىسىغا: «بالام ،ئورمانلىقتا ئۆگىنەي دىسەڭ بىلىم بەكمۇ كۆپ، ھەر بىر ھايۋان سېنىڭ ئۆگىنىشىڭگە ئەرزىيدۇ، سەن بۇنچە ئەقىللىق، چوقۇم مەندىن ياراملىق يولۋاس بولۇپ، ئورمانلىققا  پادىشاھ بولۇپ چىقىسەن» دەپتۇ. بالا يولۋاس خۇشال ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ «ماقۇل» دەپتۇ .
      كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، يولۋاس بالىسىمۇ ئۆگىنىش سەپىرىنى باشلاپتۇ.
     ئۇ بىر كۈنى دادىسىنىڭ ئوۋ كۈزىتىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر ئېشەكنى كۆرۈپتۇ. ئۇ تۇيدۇرماي دادىسىنى دوراپ بۇ ئىشەكنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ. ئىشەكنىڭ مېڭىپ بىر ئوتلاققا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ گەپ قىلماي ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. ئېشەك بىر يوغان چۆپنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى يۈگۈرۈپ بېرىپ يەپتۇ -دە، ئاسمانغا قاراپ ھاڭراشقا باشلاپتۇ. ئىشەكنىڭ بۇنچە چىڭ ۋارقىراپ ھاڭرىغىنىنى ئاڭلىغان كىچىك يولۋاس قورقۇپ كىتىپتۇ، ئۇ كۆڭلىدە ئىشەكنىڭ بۇنچە ياڭراق ئاۋازىغا قايىل بوپتۇ، ھەتتا ئىشەكنىڭ دادىسىدىنمۇ ياڭراق ۋارقىرىيالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ دادىسىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ مۇشۇ يامان  ئىشەكنىڭ كەينىدىن ئەگىشىشنى قارار قىپتۇ.  ئېشەك كىچىك يولۋاسنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىۋالغانلىقىغا ئېرەڭشىپمۇ كەتمەپتۇ. كىچىك يولۋاس قورسىقى ئاچسا كىچىك توشقانلارنى تۇتۇپ يەپ، ئىشەكنىڭ كەينىدىنلا يۈرۈپتۇ.
    كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، ئۇ ئاستا-ئاستا ئېشەكتەك ھاڭراشنى ئۆگىنىپتۇ، ئېشەكتەك ئىغاڭلاشنى ئۆگىنىپتۇ، باشقا ئوۋچى ھايۋانلار كەلسە ھوشيار بولۇپ قېچىشنى ئۆگىنىپتۇ. ئۆگەنگەنسىرى يەنە ئىچكىرلەپ ئۆگەنگۈسى كەپتۇ، ئىشەكتىن بىر ئوت يېيىشتىن بۆلەك بىر پاتقان يەرگە ئىككىنچى پاتماسلىقنى ئۆگىنىپتۇ، ئىشەكنىڭ جاھىل خۇيلىرىنىمۇ ئۆگىنىپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئىشەكتىن ئۆگەنگەنلىرىنى يېتەرلىك دەپ قاراپ، دادىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىشەكتىن ئايرىلىپ يېڭى ئۇستاز ئىزدەپتۇ.
   ئۇ تۇيۇقسىز يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان ناھايىتى يوغان بىر كالىنى كۆرۈپتۇ، ئۆز كۆڭلىدە ئۇ كالىنىڭ مۈڭگۈزى، جىمجىت قىياپىتى، سۈرلۈك كۆزلىرى، يوغان بەستىگە قاراپ ئۆزىنىڭ چوقۇم بىر نەرسە ئۆگىنەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كالىغا ئەگىشىشنى قارار قىپتۇ. كالىمۇ بۇ كىچىككىنە يولۋاسنىڭ ئۆزىگە خەتەر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئۇنىڭ شاگىرت بولۇش تەلىپىگە ماقۇل بوپتۇ.
     كىچىك يولۋاس كالىدىنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ ،ئۇنىڭغا قانداق قىلىپ خەتەردىن قۇتۇلۇش، قانداق قىلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن باشقىلارنى ئۈسسۈپ يارىلاندۇرۇش، قانداق قىلىپ جىمجىت تۇرۇش، قانداق قىلىپ مۆرەش قاتارلىق نۇرغۇن كالىنىڭ بىلىملىرىنى ئۆگىنىپتۇ. بىر كۈنى كالىنىڭمۇ نۇرغۇن تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن كالىدىنمۇ ئايرىلىپتۇ.
   ئۇنىڭ كۆڭلىدە مۇنچە كىچىك يېشىدىلا دادىسىدىن ئاللىبۇرۇن ئېشىپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كەپتۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ يەنىمۇ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن يەنە ئورمانلىقنى كېزىپتۇ.
   ئۇ تۆگە قۇشتىن يۈگۈرۈشنى ئۆگىنىپتۇ، بۇغا-مارال جەرەندىن سەكرەشنى ئۆگىنىپتۇ، تۈلكىدىن خوشامەتچىلىكنى ئۆگىنىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇ ئاخىرى چوڭ بوپتۇ.
    بىر كۈنى ئۆزىنىڭ يەنە كەم يەرلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئورمانلىققا بېرىپ ئۆزىنى سىناپ بېقىش قارارىغا كەپتۇ.
       ئۇ بىر توپ  بۆرىلەرنى كۆرۈپتۇ، بۆرىلەر ئۇنى بايقاپ ئارىسىغا ئېلىۋاپتۇ. ئۇ دەسلەپتە ئېشەكتەك ھاڭراپتۇ، بۆرىلەر پىسەنتمۇ قىلماستىن ئۇنىڭغا يېقىنلاپتۇ، ئۇنى بۇنى تىپىپ بېقىپتۇ، ئىغاڭلاپتۇ، پايدىسى بولماپتۇ، ئۇ بۆرىلەرگە كالىدەك جىمجىت تۇرۇپ ئالىيىپتۇ، يېقىنراق بىر نەچچىسىنى ئۈسسۈپتۇ، بۇغىدەك سەكرەپتۇ، تۆگە قۇشتەك قېچىپتۇ، لېكىن بۆرە توپى ئۇنى ئارىغا ئېلىپ قورشاپ ئۇنىڭغا ئېتىلىشقا باشلاپتۇ،  بۇ چاغدا ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان يولۋاس بۆرىلەرگە خۇشامەت قىلىشقا باشلاپتۇ:
__ بۆرە ئاكىلار، سىلەر ئورمانلىقتىكى ئەڭ يامان ھايۋانسىلەر، سىلەردىن كۈچلۈك ھەم يامان ھايۋان يوقتۇر، مەندەك بىر مەينەت يولۋاسنى يەپ نېمە قىلىسىلەر، مۇمكىن بولسا مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى قىلاي، نېمە دىسەڭلار شۇنى قىلاي، سىلەر ئۈچۈن جېنىمنى پىدا قىلاي، مىنى يىمەڭلار بولامدۇ؟ ــ دەپتۇ يولۋاس يىغلاپ تۇرۇپ.
ــ ھوي بۇرادەرلەر ماۋۇ لامزەللە راست يولۋاسمۇ يە؟ نىمانداق بىردەم كالىنىڭ، بىردەم ئىشەكنىڭ، بىردەم تۈلكىنىڭ قىلىقىنى قىلىپ يۈرۈيدۇ؟  يېمىسەك بولمىدى بۇنى، ــ دەپتۇ بۆرىلەر يەنىمۇ يېقىنلاپ.
ــ ئاكىلار، قانداق قىلسام مېنى يېمەيسىلەر؟ ــ دەپتۇ يولۋاس ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىپ.
ــ بىز سېنى ھامان يەيمىز، سەن ئەگەر يولۋاستەك باتۇر بولغان بولساڭ ئىدىڭ، سەندىن ئەيمىنىپ تۇرغان چاغدا بىزدىن بىر نەچچىنى يارىلاندۇرۇپ قېچىپ كېتەلەيتتىڭ، لېكىن سەن بۇ ھالىڭ بىلەن ھامان بىزگە يەم بولىسەن، چىشلەڭلار بۇنى!! ــ دەپتۇ بۆرىلەرنىڭ باشلىقى ۋارقىراپ تۇرۇپ.
  بۆرىلەر تۇشمۇتۇشتىن كىلىپ قورقۇپ تىتىرەپ تۇرغان يولۋاسنىڭ بوينىدىن ئاپتۇ.
    يولۋاس بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەن نەرسىلىرىنىڭ ئورمانلىقتا ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، ئەسلىدە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ دادىسى يەنى ھەقىقى يولۋاس ئىكەنلىكىنى، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئۇستازنى ۋە بىلىمنى خاتا تاللاپ، دورامچىلىق قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىپتۇ، لېكىن بۇ چاغدا بۆرىنىڭ بىر چىشلىشى بىلەن جان تەسلىم قىپتۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 12:48:45

{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 19:16:13

قالتىس تېتىدى ما ھىكايە. ئەمما بۇنى ئوقۇغان بىلەن تەگ- تەكتىدىن چۈشىنىدىغانلار قانچىلىك چىقار؟

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:09:46

بۇ ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان پەنجىسىز يولۋاس، دادىسىدىن تانغان لاۋزا يولۋاس، خەقنىڭ ئەسكى جەندىسىنى كاتتا لىباس بىلگەن تېجىمەل يولۋاس، خىرىسقا يۈزلىنەلمەي ئەگىپ ئۆتمەكچى بولغان ئەبگا يولۋاس، چېكىنىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان خائىن يولۋاس، ھاڭنىڭ گىرۋىگىدە تۈرۈپمۇ ئۆزىنى تاپالمىغان ساختا يولۋاس، كەمپۇتكە گۆل مەپتۇن يولۋاس، سەپسەتىكەش قېچىر يولۋاسنىڭ پورتىرتىدەك قىلىدۇ...

qasim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:49:32

تۆگىگە مىنىپ تۆگە ئىزدەش

بەت: [1]
: يولۋاسنىڭ ئۆلۈمى