nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 23:35:23

ئىككى بۈيۈك شائىرنىڭ توغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەيمەن!

[ بۇ يازمىنى nurbilig تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2015-2-8 23:43 ]\n\n   بۈگۈن 2-ئاينىڭ 9-كۈنى مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئىككى بۈيۈك نامايەندە ئەمىر نىزامىددىن غىياسىدىن ئەلىشىر نەۋايى ۋە ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئۇيغۇرنىڭ توغۇلغان كۈنى. بۇ مۇناسىۋەتتە بۇ ئىككى بۈيۈك زاتنىڭ توغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەيمەن!

   نەۋايى

  ئىنسانىيەت مەنىۋىيەت خەزىنىسنىڭ يارقىن يۇلتۇزلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر شېئىرىيەت ئاسمىنىنىڭ چولپانى، بۈيۈك مۇتەپەككۈر شائىر، دۆلەت ئەربابى ئەلىشىر نەۋايى بۇندىن 574يىل مۇقەددەم، يەنى مىلادى 1441-يىلى2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىراتتا توغۇلغان.
ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 500مىڭ مىسرا ئەتراپىدا بولۇپ شەرق ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ھىچكىم تېخى بۇنچىلىك كۆپ ۋە ئىسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ باققان ئەمەس. نەۋايى ئەسەرلىرى سان جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى سۈپەت جەھەتتىنمۇ ئەدەبىيات ئاشنالىرىنىڭ پىرىغا ئايلانغان. نەۋايى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ،نەسەبنامىسىدە ئېنىق قىلىپ«ئەلىشىرنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن كىچىك ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدى» دېيىلگەن. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئەلىشىر نەۋايىنى ئۆز شائىرى دەپ بىلىپ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇقام ناخشىلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، مەدرىسلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇپ كەلگەن.
      ئەلىشىر نەۋايى باشلانغۇچ بىلىمىنى ھېراتتا ئالغان. ئۇنىڭ ئاجايىپ تالانتى ۋە قابىلىيىتى مەكتەپ يېشىدىكى يىللاردىلا نامايان بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئەلىشىر 10-12ياشلىرىدا يازغان شېئىرلارنى ئۇستازى لۇتفىغا كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئستىداتىدىن مەمنۇن بولغان مەۋلانا لۇتفى ئەلىشىرنىڭ :
ئارەزىن ياپقاچ، كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەرلەھزە ياش،
بۇيلەكىم، پەيدا بولۇر يۇلدۇز، نىھان بولغاچ قۇياش.
دېگەن مەتلەئى بىلەن باشلىنىدىغان غەزىلىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن : « ئەگەر مۇيەسسەر بولسا ئىدى، ئۆزۈمنىڭ 10- 12 مىڭ بېيتىمنى شۇ غەزەلگە تىگىشەر بولا ئىدىم …» دېگەن ئىكەن.
   شائىرنىڭ ھاياتى ، ئەسەرلىرى ۋە ئىدىيەسى ئاتا-بوۋىلىرىمىز، كىلاسسىكلىرىمىز ۋە چوڭلىرىمىزغا تونۇشلۇق بولسىمۇ، ھازىرقى زامان ياش بوغۇنلىرىمىزغا تازا تونۇشلۇق دېگىلى بولمايدۇ، شائىرنىڭ توغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتىدە شائىرنىڭ ئەسەرلىرى كاتالوگىنى يوللاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
   ئەلىشىر نەۋايى زادى قانچىلىك ئەسەر يازغان؟ كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى كىتابلىرىدا باشقا كىلاسسىك شائىرلارنىڭ نەۋايىنىڭ 63پارچە كىتابىنى تەھسىل قىلىپ ئوقۇغانلىقىنى قەيت  قىلىدۇ. بۇ ھەقتە خوتەنلىك ئالىم مۆجىزى ئۆزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» (مۇزىكا تارىخى) ناملىق ئەسىرىدە نەۋاينىڭ 63پارچە كىتاپ يازغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شائىرىمىزنىڭ بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن ئەسەرلىرى قانچىلىك بۇ ئېنىق ئەمەس،بىزگە قول يازما ۋە تاش باسما ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن ئەسەرلىرىنى تۆۋەندىكىچە كۆرسىتىش مۇمكىن. :

شائىرنىڭ ئەسەرلىرى
1. دىۋانلار:
(1) «غەرايىبۇس سىغەر»(بالىلىق غارايباتىلرى)
(2) «نەۋادىرۇش شەباب»(يىگىتلىك نادىرلىقلىرى)
(3) «بەدايىئۇل ۋەسەت»(ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى)
(4) «فەۋائىدۇل كىبەر»(قېرىلىق پايدىلىقلىرى)
(5) دىۋانى فانى (فارىسچە توپلام)
«خەزائىنۇل مەئانى»دىكى تۆت دىۋاننىڭ ھەربىرىدە 650 تىن جەمئىي 2600 غەزەل، 210 قىتئە، 133 رۇبائىي، 86 فەرد، 5 مۇئەمما، 13 تۇيۇق، 10 مۇخەممەس، بەش مۇسەددەس، تۆت تەرجىبەند، تۆت مۇستەھزاد، بىر مۇسەممەن، بىر تەركىبەند، بىر قەسىدە، بىر مەسنەۋى، بىر ساقىينامە بولۇپ، شەرق شېئىرىيىتىدىكى شېئىرىي شەكىللىرىنىڭ 16 خىل تۈرى مەۋجۈت.

2.خەمسە(بەش داستان):
(1) «ھەيرەتۇل ئەبرار»(ياخشىلارنىڭ ھەيرانلىقى)،
(2) «فەرھاد-شىرىن»
(3) «لەيلى-مەجنۇن»
(4) «سەبئەئى سەييارە»(يەتتە دوست)،
(5) «سەددىي ئىسكەندەرىي»(ئىسكەندەر سېپىلى)
پارس ئەدەبىياتىدىكى خەمسەچىلىككە جاۋابەن تۈركىي تىل ئەدەبىياتىدا تۇنجى قېتىم يارىتىلغان ئەلىشىر نەۋايىينىڭ «خەمسە»سى بۇ تىلنىڭ ناھايىتىمۇ باي ۋە چەكسىز ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە تىل ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. 52 مىڭ مىسرادىن تەركىب تاپقان بۇ يىرىك ئابىدە 15-ئەسىر شەرق تەپەككۈرىنىڭ تەبىئەت، ئىنسان، جەمىيئەت، ئەخلاق ۋە كامالەت ھەققىدىكى ئۆزىگە خاس قامۇسىدۇر.

3.تىل ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتكە دائىر:
(1)رىسالەئى مۇئەمما (تېپىشماقلار ھەققىدا)
(2)مىزانۇل ئەۋزان(ۋەزىنلەر ئۆلچىمى)
(3)مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين(ئىككى تىل مۇھاكىمىسى)

4.تەزكىرىلەر:
(1)مەجالىسۇن نەفائىس(گۈزەللەر سۇرۇنى)
(2)نەسائىمۇل مۇھەببەت(مۇھەببەت شاماللىرى)

5. ئەخلاق ۋە پەلسەپەگە دائىر ئەسەرلىرى:
(1)مۇناجات
(2) نەزمۇل جەۋاھىر(نەزمىلەر جەۋھىرى)
(3)لىسانۇتتەر(قۇشلار تىلى)
(4)سىراجۇل مۇسلىمىن
(5)مەھبۇبۇل قۇلۇب(كۆڭۈللەر دوستى)

6.تەرجىمھال ئەسەرلەر:
(1)ھالاتى سەئىد ھەسەن ئەردەشىر
(2)خەمسەتۇل مۇتەخەييەرىن(كىچىكىپ يېزىلغان خەمسە)
(3) ھالاتى پەھلىۋان مۇھەممەت

7.تارىخى ئەسەرلەر:
(1)تارىخى مۈلكى ئەجەم(ئىران تارىخى)
(2)تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما(پەيلاسوپلار تارىخى)

8.مەكتۇبلار:
(1)مۇنشائات(مەكتۇبلار توپلىمى)
(2)ۋەقفىنامە
  نەۋايى بىزدىن ئايرىلغىلى 5ئەسردىن ئاشقان بولسىمۇ، شائىرنىڭ دىللارغا ھوزۇر بېغىشلىغۇچى ئوتلۇق غەزەللىرى، قەلبلەرنى نۇرغا تولدۇرغۇچى ھېكمەت دۇردانىلىرى، پەلسەپىۋى ئىدىيە تەشەببۇسلىرى بىزنى ھەرۋاقىت ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى قەدىرلەشكە، ئىنساندەك ياشاشقا، ۋەتەننى سۆيۈشكە، ئىلىم-مەرىپەت ئىگەللەشكە، شاھ-ئەمەلدارلارنى ئادىل بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ... ...  قىسقىسى«ئىنسان»دىگەن شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ ئادەم بولۇشقا ئۈندەيدۇ!


شائىرنىڭ غەزەللىرىدىن (ئەسلىيسى):

بىسمىللاھىر – رەھمانىر – رەھىم

1
v - v - / v v - - / v - v - / - -
زهى ظهور جمالىنک قوىاش کبى پىدا
ىوزونک قوىاشىغه  ذرَّات کون اولوب شىدا
ىوزونک ضىاسىدىن ار صُبح عىنى اىچره بىاض
ساچىنک قراسىدىن ار شام باشىدا سودا
ظهور حسنونک اوچون اىلابان مظاهرنى
بو کوزکولاردا آنى جلوەکر قىلىب عمدا
چو جلوه اىلادى اول حسن اىستابان عاشق
صلاى عشقىن اىتىب آفرنىش اىچره ندا
بىرى قبول اىتا آلماى آنى مکرکىم مىن
قىلىب آتىمنى ظلوم و جهول بىرله ادا
دىماىکه مىن اوزى معشوق اولوب اوزى عاشق
که تىغ غىرت اولوب آنکا نقش غىر زدا
نواىى اولمادى توحىد کفتکو بىله فهم
مکرکه اىلاکاسىن تىلنى قطع و جاننى فدا
2
v - v - / v v - -/ v - v - / v v - -
الهى امرىنکا ماُمور بو  ىتّى طارم اعلا
نى ىتّى طارم اعلا توقوز سپهر مُعلاَّ
جمىل ذکرلىک اولغان جمالىنک اىتّى تمنّى
وصول فکرلىک اىلکا وصالىنک اولدى تولاَّ
خىال بکرلارىن جلوەکرلىک اىتکالى هرىان
سىن اىلادىنک حُلل دُرّ نظم بىرله مُجلاَّ
عبادتىنکغه ىانکى آى بولوب خم اولدى مُصلّى
سپهر اطلسىدىن سالىبان هواغه مصلاّ
چو سىندىن اولدى قوىاش پنجەسى آراسىدا آلتون
ساچارغه داغى سىن اىتّىنک کرم آنکا ىد طولا
دىماککا ذکرىنک اىرور خانقه اىچىندا هىا هو
صلاى عشقىنک اىله اهل دىر اىچره  علالا
نواىى اهل جُنون زمرەسىغه کىردى الهى
چو اىلادىنک آنى مجنون اوزونکنى قىل آنکا لىلا

3
v - - - / v - - - / v - - - / v - - -
ىوزونک کوزکوسىدىن عالمدا ىوز نور و صفا پىدا
قوىاش آندىن آنىنکدىککىم قوىاشدىن ذرّه نا پىدا
سنىنک کوىونک نسىمىغه اوزىنى سالدى جان تاپتى
مسىح انفاسىدىن کر خستەغه بولماس دوا پىدا
ازلدىن تا ابد سطح وجودونک ظرفى بولماسکىم
انکا نى ابتدا پىدادورور نى انتها پىدا
سىن اىتّىنک شمع و کُلدا جلوەکىم پروانه و بلبُل
بىرى کوىدى بىرىکا بولدى ىوز درد و بلا پىدا
سىنىنک نشأنک اىدى شىرىن اىله لىلىداکىم فرهاد
اولوب مجنونغه بولدى ىوز تومان رنج و عنا پىدا
مظاهر اىستابان اسماغه عشق و حسن کورکوزدونک
که پىدا خرمن عجز اولدى و برق جفا پىدا
بىراو ىتّى سنکاکىم اوزلوکى دشتىنى طى قىلدى
بقا اىستار کىشى اوّل کىراک قىلسا فنا پىدا
سنکا کونکلومداکى حاجتنى نى حاجتکه عرض اىتسام
اولوس کونکلىدا پنهانلار اىرور چونکىم سنکا پىدا
نواىى کلشن وقتىغه احسان ىامغورىن ىاغدور
که آندا کُل بىله بلبلغه ىوق برک و نوا پىدا

4
v - - / v - -  / v - - / v - -
زهى اىل نهانى سنکا آشکارا
نهان دردىمه آشکار اىت مدارا
نى دردىنکنى کونکلومدا اسرارغه طاقت
نى سرّىنکنى آغزىمغه آلماققه ىارا
خىالىنکدا سودا پىشورکاندا اىلاب
دماغىمنى آشفته اول مشک سارا
فراقىنک آرا جان تلاشوردا ىاغىب
هم اول غم تاغىدىن باشىم اوزره خارا
ترحُّم  ترحُّم  ترحُّم  ترحُّم
بُتا چابکا مهوشا کُلعذارا
قرانغودورور عالم آهىم تونىدىن
قوىاش ىنکلىغ آج عارض عالم آرا
نواىىغه جان آشکار و نهان سىن
زهى اىل نهانى سنکا آشکارا

5
- v - - / - v - - / - v - - / - v -
ىارب اول ساعتکه توشکاى هجر جسم و جان آرا
سالغونک آىىن فراق اول کنج و بو وىران آرا
صرصرِ آهىم قوىون قىلغاى بدن توفراغىنىنک
جز و جزوىن بىر بىر اوشبو کنبذ کردان آرا
اوىله ساورولغاى عناصر هر طرفکىم تابماغاى
بىر بىرىسىدىن نشان بو وادىءِ حرمان آرا
  جسم ترکىبى پرىشان بولغاى اول ىنکلىغکه عقل
سونکرا جمع اولماققه رخصت بىرماکاى امکان آرا
جسم اىله جان اىچرا کرچه توشکاى آشوب فراق
سالمه فرقت ابتلاسى جان بىله اىمان آرا
جزو جزو آىرىلسا بىر بىردىن نى غم کر قوىماسانک
لطف اىتىب ىالغوز مىنى اول وادىءِ هجران آرا
هر نىچه طوفان عصىانىم چىکار کردونغه موج
کىمسەکا نوح اولسا کشتىبان نى غم طوفان آرا
اول حبىبىنکنى شفىعىم قىلکه بولغاج  ىوز تومان
نوح محتاجى انىنک بو بحر بى پاىان آرا
اى نواىى جاننى توفراغ اىلاکىل فقر اهلىغه
اىستاسانک محشورلوق اول خىل عالىشان آرا

6
v - v - / v v - -/ v - v - /- -
زهى بُراقىنک اىزى مِهر و سىرى برق آسا
بو برق سىرى بىله پوىەسى فلک فرسا
بُرون قدم بو مکاندىن چو لامکان قوىدونک
نى نوع دىکه انىنک کامى اىردى کردونسا
وصال صبحى دىىن ىوق عروج آقشامىکىم
صباحدىک اىدى اول برق نورى بىرله مسا
قولىن بو برق ىاروتتى دمىن بو ىىل آچتى
اکر سپهر اوزه موسى اىدى و کر عىسى
چو قالدى سىرىدا روح الامىن نى تانک اول هم
کر اولمادى سفرىنکنىنک نهاىتىغه رسا
ملاىک اولمادىلار اول حرم آرا محرم
رجال خلوتى دورىدا اول صفتکه نسا
نواىى اسرو بوزولمىش باقىب عناىت اىله
انىنک بوزوغلوغىنى بىر کوز اوچى بىرله ىاسا

7
- v - - / - v - -/ - v - - /- -
بىدلىنک خىل رسُل سىن سىن آلارغه دلربا
ىا نبى روحى فداک اهلاً و سهلاً مرحبا
کاه دولتلىغ باشىنکدىن کىتماىىن چتر سحاب
کَه فلک رَو مرکبىنکغه ىتماىىن پىک صبا
شام وصلىنک تابماغانغه صُبح صادق هر سحر
پنجهءِ خورشىد اىله پىراهنىن اىلار قبا     
توفراغ اولمىشمىن قوىاى دىب آستان بوسونکغه ىوز
حالىمه رحم اىلابان قىلمه بو رنجىمنى هبا
شىر کردون اول کىشىکا بوىنى باغلىغ بولغاى اىت
کىم اشىکىنک اىتلارىن تابقاى اوزىکا اقربا
بولماغاى اىردى مُىسَّر خمسه ىعنى پنج کنج
قىلماسا  اىردى مدد حالىمغه بىش آل عبا
اى نواىى چارهءِ دردىنکنى قىلغاى اولکه بار
هم رسول و هم امىن هم مصطفا هم مُجتبا

8
- v - - /- v - -/ - v - - / - v -
کىمکه ىىتکاى عشق درد و داغىدىن آفت آنکا
داغ مُهر سلطنتدور درد اىرور صحّت آنکا
عشق کوىى توفراغى بىر کىمىادورکىم اىرور
ىوز قوىاش اکسرىچه بلکىم فزون قىمت آنکا
عشق دىرى بزمىنىنک سىنغان سفالى اىچره مى
کىم اىجار جمشىد جامىن تانکلاماس همّت آنکا
هر چوبولغان تارىدور افلاک قصرىغه کمند
اولکه بولسا عشق اسکى شالىدىن کسوت آنکا
چون توشار عاشق تىنىغه عشق اوتىنىنک شعلەسى
اُىله شەدورکىم اىرور زربفتدىن خلعت آنکا
هر شرر اول شعلەدىن بىر برق اىرورکىم کول قىلور
لمعەدىن ىوز شاه تخت و تاجىنى حرقت آنکا
عشق اوتى باشىغه توشکانکىم اول اوتدىن چىقسه دود
شاه زرىن تاج اىلە چترىغه نى حاجت آنکا
تاج دولت بىرسا عشق اوتىدىن آلىب بىر شرر
بوکه اورتار اوزلوکىن ىتماسمو بو دولت آنکا
ساقىىا بىر باده توت دوزخ اوتىدىک حرقتى
لىک جنّت کوثرىدىک لون اىله صفوت آنکا
تا اىجىب  دوزخقه هم کىرسام سرشکىم سىلىدىن
قالماغاى خلق اورتاماکدا شدَّت و حدَّت آنکا
اى نواىى نظمىنک اسرو ساده اىردى قوىدى ىوز
شاه اصلاحىدىن آنچا زىب اىله زىنت آنکا

9
- v - - / - v - - / - v - - / - v -
اول پرى پىکرکه حىران بولمىش انس و جان آنکا
کىمکه حىرانى اىماس مىن تىلبەمىن حىران آنکا
نى عجب پروانەدىک کوىسام ىوزى شمعىغەکىم
کوب بولوب مىن وصل اُمىدى بىرله سرکردان آنکا
طاىر هجرىنک بوزوغ کونکلومنىکىم قىلمىش وطن
چُغذدىکدورکىم نشىمىن کىلدى بىر وىران آنکا
هجرىدا تَە تَه کونکول قان باغلاغاندىندور نشان
نامهءِ شوقىمکه تىم تىم تامدى کوزدىن قان آنکا
تىر باران غمىنک کونکلومکا ىاغدىکىم  اىرور
هر طرفدىن برق آفت لمعهءِ پىکان آنکا
آتشىن کل چونکه بلبل کوىدورور ىوز وجه اىله
نى آسىغ فرىاد و افغان بىرله مىنک دستان آنکا
اى نواىى کونکلومه امر اىتما ترک عشقکىم
اول سمندردور اىماس اوت فرقتى امکان آنکا

10
- v v - / v - v - / - v v - / v - v -
چىن کىىکى دىسام کوزىن وه نىدورور عتاب آنکا
چونکه قراسى کورکوزور هر سارى مشکناب آنکا
لعل لبىنکدا تىر بولوب آب حىات قطرەسى
ىاکه خضر سوىى لبىنک قطره بولوب حباب آنکا
ىاپمادى کوزنى اشککىم باقماسون اوزکا ىوزکا دىب
هرسارى عىن رشکدىن ىاپتى غمىنک نقاب آنکا
جسمىم اکر کوىار کونکول تالپىنورى عجب اىماس
کىمکه اوىىکا توشسا اوت ىوق عجب اضطراب آنکا
آقمادى خوى عذارىدىن لعلىغەکىم حکىمِ صنع
اىزدى حىات شربتىن اىمدى اورار کُلاب آنکا
زلفى خىالىدىن کونکول هرىان اىتار هوا ولىک
صىدغه نى خلاص چون باغلىغ اىرور طناب آنکا
اوزلوکىنىنک حجابىدىن کىمکه اوزىن خلاص اىتار
اوزکا قىانکه سالسا کوز ممکن اىماس حجاب آنکا
اهل مذلّت آهىنىنک ناوکىدىن سپهر اکر
قاچمادى مونچه بس نىدور خم بولوبان شتاب آنکا
وعدهءِ وصل اىتىب اىدى توشده آىاغىن اوپمىشام
دىما نواىى اول پرى اىلاماسون حساب آنکا

11
- v - -/ - v - -/ - v - -/ - v -
وەکه حال آشفته قىلدى عنبرىن خالى منکا
قوىدى ىوز بىر خال شوقىدىن عجب حالى منکا
عشق کوىىدا کدا مىن سىمکون اشکىم بىله
بودورور عشق اىچره بولسا جاه اىله مالى منکا
قاىدا امکان حىاتىم اى کونکول چون دمبدم
ساغر فرقت توتار بير ھجر قتالى   منکا
نى غنىمت صورت اولغاى کر مصوّر جان آلىب
اوخشاش اول مهوشقه  ىازىب بىرسه تمثالى منکا
بلبل و پروانه عشق آشوبىدىن پرواز اىتىب
بولدىلار غاىب نىتاىکىم ىوق پر و بالى منکا
اهل عىش آلتون آىاق صافىن اىجىب کىسون حرىر
کىم سفال فقر دُردى بسدورور شالى منکا
ىار جان آلسا نواىىدىن اىرور تاپشورماغى
اول کر آهىمال اىلاماس خود ىوقتور آهىمالى منکا

12
v - v - / v v- - / v - v - /  v v –
(- - )
بوکىم قآلىبتور اول آى هجرىدا حىات منکا
حىات قالمامىش از بسکه بار اوىات منکا
اولوسنى اولتورور اول شوخ التفات اىلاب
اولارمىن اوشبوکه هىج اىتماس التفات منکا
مىنى خود اىلادى قتل اوشبودور وصىتکىم
کونکولنى هم کرم اىلاب ىىتورسا بات منکا
قوش اولمىشام ىاغىبان  هجر اوقى ولى نى آسىغ
که بولماس اول طرف اوچماققه بو قنات منکا
توکانماکاى ىازىلىب محنتىم اکر بولسا
فراق شامى قرا و فلک دوات منکا
چو ىار اىلار اىمىش بارچا ىىردا جلوهءِ حُسن
تىنک اولدى کعبه بىله دىر و سومنات منکا
نواىىا چو اىماس نسىه نقد بىرلان تىنک
بهشت واعظ پرکوغه و هرات منکا

13
v v - - / v - v - / v v –
(- v - -)             ( - - )
کىلماى اول قاتل زمانه منکا
بولدى هجر اولکالى بهانه منکا
اوقى زخم اىلاب اوتتى کوکسومدىن
ىاره قالدى ولى نشانه منکا
هجر آرا  نوحه اىلارامکى اىرور
نغمهءِ عىش بو ترانه منکا
عشق کوىىدا همنفس بولمىش
هر نفس آه عاشقانه منکا
اى کونکول عشق اوتىدا  ىانمه
بار و تشوىش بىرما ىانه منکا
هجر آرا اشک تُخمىنى ساچتىم
تا نه بىرکاى ثمر بو دانه منکا
توبەدىن سوز نواىىا دىماکىل
هىج ىاقماىدور اول فسانه منکا

14
v - - / v - -/ v - -/ v -
نىجاکىم کوىار هجر آرا جان منکا
اىماس ترکىنى قىلماق امکان منکا
اکر بولسا ىوز جان فدا قىلغامىن
نصىب اولغودىک بولسا جانان منکا
نىجا بولسا اغىار هم صحبتى
اىرور بزمىنى کورماک آرمان منکا
اکر رشکدىن صعب بولسا حىات
خود اول دم  اىرور اولماک آسان منکا
قىلىبتور کل آتشىن غنچەسى
کونکولنى اوکوش سوز هجران منکا
نى کام آلغامىن ساقىىا بادەدىن
که دوران توتار دمبدم قان منکا
نواىى کىتىب خلوت اىت اوىنى کىم
بولور بو کىچه ىار مهمان منکا

ھازىرقى يېزىقىمىزدىكى ئوقۇلۇشى:

زىھى زوھۇرى جەمالىڭ قۇياش كەبى پەيدا،
يۈزۈڭ قۇياشى غەزەرراتى كەۋن ئۇلۇب شەيدا.
يۈزۈڭ زىياسىدىن ئەر سۈبھ ئەينى ئىچرە بەياز،
ساچىڭ قاراسىدىن ئەر شام باشىدا سەۋدا.
زوھۇرىي ھۇسنۇڭ  ئۈچۈن ئەيلەبان مەزاھىرنى،
بۇ كۆزگۈلەردە ئانى جىلۋەگار قىلىپ ئەمدا.
چۇ جىل ۋە ئەيلەدى ئول ھۇسن ئىستەبان ئاشىق،
سەلايى ئىشقىن ئېتىپ ئافىرنچ ئىچرەنىدا.
دېمەيكى مەن ئۆزى مەئشۇق ئولۇپ ئۆزى ئاشىق،
كى تىغى غەيرەت ئۇلۇپ ئاڭا نەقشى غەيرى زۇدا.
پەرى قابۇل ئىتەئالماي ئانى، مەگەركىم مەن
قىلىپ ئاتىننى زەلومۇ جەھۇل بىرلە ئەدا.
نەۋايى ئول مادى تەۋھىد گۇفتىگۇ بىلە فەھمى،
مەگەركى ئەيلەگەسەن تىلنى قەتئۇ جاننى فىدا.

2

ئىلاھى ئەمرىڭە مەئمۇر بۇ يەتتى تارەمى ئەئلا،
نې يەتتى تارەمى ئەئلا، توقۇز سىپىھرى مۇئەللا.
جەمىل زىكرلىك ئولغان جەمالىڭ ئەتتى تەمەننا،
ۋۇسۇل فىكرلىك ئەلگە ۋېسالىڭ ئولدى تەۋەللا.
خەيال بىكرلەرىن جىلۋەگەرلىك ئەتكەلى ھەريان،
سەن ئەيلەدىڭ ھۇلەلى دۇررى نەزمە بىرلە مۇھەللا.
ئىبادەتىڭغە ياڭى ئاي بولۇپ خەم ئولدى مۇسەللى،
سىپىھر ئەتلەسىدىن سالىبان ھەۋاغا مۇسەللا.
چۇ سەندىن ئولدى قۇياش پەنجەسى ئارا ئالتۇن،
ساچارغە داغى سەن ئەتتىڭ ئاڭا كەرەم يەدىتۇلا.
دېمەككى زىكرىڭ ئېرۈر خانەقا ئىچىندە ھەيا ھۇي،
سەلايى ئىشقىڭ ئىلە ئەھلى دەير ئىچرە ئەلالا.
نەۋايى ئەھلى جۇنۇن زۇمرەسىغە كىردى،ئىلاھى،
چۇئەيلەدىڭ ئانى مەجنۇن، ئۆزۈڭنى قىل ئاڭا لەيلا.

3

يۈزۈڭ كۆزگۈسىدىن ئالەمدە يۈز نۇرى سەفا پەيدا،
قۇياش ئاندىن ئانىڭدەككىم، قۇياشدا زررە ناپەيدا.
سېنىڭ كويۇڭ نەسىمىغە ئۆزىن سالدىڭكى جان تاپتىڭ،
مەسىھ ئەنفاسىدىن گەر خەستەغە بولماس دەۋا پەيدا.
ئەزەلدىن تائەبەد سەتھى ۋۇجۇدىڭ زەرفى بولماس گۇم،
ئاڭا نې ئىبتىدا پەيدادۇرۇر، نې ئىنتىھا پەيدا.
سەن ئەتتىڭ شەمئۇ گۇلدا جىلۋەكىم، پەرۋانەھۇ بۇلبۇل،
بىرى كۆيدى، بىرىگە بولدى يۈز بەرگۇ نەۋا پەيدا.
سېنىڭ نەشئەڭ ئىدى شېرىن ئىلە لەيلاداكىم، فەرھاد
ئۇيۇپ مەجنۇنغا بولدى يۈز تۈمەن رەنجۇ ئەنا پەيدا.
مەزاھىر ئىستەدىڭ ئەسماغە ئىشقۇ ھۇسن كۆرگۈزدۈڭ،
كى پەيدا خىرمەنى ئەجز ئولدىيۇ بەرقى جەفا پەيدا.
بىراۋ يەتتى ساڭاكىم، ئۆزلۈكىن دەشتىنى تەي قىلدى،
بەقا ئىستەر كىشى ئەۋۋەل كېرەك قىلسە فەنا پەيدا.
ساڭا كۆڭلۈمدەكى ھاجەت نې ھاجەت يوقكى ئەرز ئەتسەم،
ئۇلۇس كۆڭلىدە پىنھانلار ئېرۈر چۇنكىم ساڭا پەيدا.
نەۋايى گۇلشەنن ۋەقتىغە ئېھسان يامغۇرىن ياغدۇر،
كى ئاندا گۇل بىلە بۇلبۇلغە يوق بەرگۇ نەۋا پەيدا.

4

زىھى ئەل نىھانى ساڭا ئاشكارا،
نىھان دەردىمە ئاشكارا ئەت مۇدارا.
نې دەردىڭنى كۆڭلۈمدە ئاسرارغە تاقەت،
نې سىررىڭنى ئاغزىمغە ئالماققە يارا.
خەيالىڭغە سەۋدا پىشۇرگەندە ئەيلەپ
دىماغىمنى ئاشۇفتە ئول مۇشكى سارا.
فىراقىڭ ئارا جان تالاشۇردا ياغىپ
ھەم ئول غەم تاغىدىن باشىم ئۈزرە خارا.
تەرەھھوم، تەرەھھوم، تەرەھھوم، تەرەھھوم،
بۇتا، چابۇكا، مەھۋەشا، گۇلئۇزارا.
قاراڭغۇدرۇر ئالەم ئاھىم تۈنىدىن،
قۇياش ياڭلىغ ئاچ ئارەزى ئالەم ئارا.
نەۋايىغە جان ئاشكارۇ نىھاندۇر،
زىھى ئەل نىھانى ساڭا ئاشكارا.


5

يا رەب، ئول سائەتكى تۈشكەي ھەجر جىسمىم جان ئارا،
سالغۇڭ ئايىنى فىراق ئول گەنجۇ بۇ ۋەيران ئارا.
سەرسەر ئاھى پۇرقۇيۇن قىلغاي بەدەن تۇپراغىنىڭ
جۇزۋ – جۇزۋىن بىر – بىر ئۇشبۇ گۇمبەزى گەردان ئارا.
ئۇيلە ساۋرۇلغاي ئەناسۇر ھەر تەرەفكىم، تاپماغاي
بىر ـ بىرىسىدىن نىشان بۇ ۋادىئى ھىرمان ئارا.
جسم تەركىبى پەرىشان ئولغاي ئول ياڭلىغكى، ئەقل
سوڭرا جەمئ ئولماققە رۇخسەت بەرمەگەي ئىمكان ئارا.
جۇزۋ ـ جۇزۋ ئايرىلسا بىر ـ بىردىن، نې غەم، گەر قونماساڭ
لۇتف ئېتىپ يالغۇز مېنى ئول ۋادىئى ھىجران ئارا.
ھەرنېچە تۇفانىي ئىسيانىم چېكەر گەر دونغا مەۋج،
كىمسەگە نۇھ ئولسە كىشتىبان نې غەم تۇفان ئارا.
ئول ھەبىبىڭنى شەفىئىم قىلكى، بولغاي، يۈز تۈمەن
نۇھ مۇھتاجى ئانىڭ بۇ بەھرى بىپايان ئارا.
ئەي نەۋايى، جاننى تۇفراق ئەيلەگىل، فەقر ئەھلىغە
ئىستەسەڭ مەھشۇرلىق ئول خەيلە ئالىي شان ئارا.

6

زىھى بوراقىڭ ئىزى مېھرى سەيرۇ بەرق ئاسا،
بۇ بەرق سەيرى بىلە پۇيەسى فەلەك فەرسا.
بۇرۇن قەدەم بۇ مەكاندىن چۇ لا مەكان قويدى،
نې نەۋئ دەيكى، ئانىڭ گامى ئېردى گەردۇنسا.
ۋىسال سۇبھى دەين، يوق ئۇرۇج ئاخشامىكىم،
سەباھدەك ئىدى ئول بەرق، نۇر بىرلە مەساھ.
قولن بۇ بەرق يارۇتتى، دەمن بۇ يەل ئاچتى،
ئەگەر سىپىھر ئۈزرە مۇسا ئىدى ۋەگەر ئىيسا.
چۇ قالدى سەيرىدە رۇھۇل – ئەمىن، نې تاڭ ئول ھەم
گەر ئولمادى سەفەرىڭنىڭ نىھايەتىغە رەسا.
مەلائىك ئولمادىلار ئول ھەرەم ئارا مەھرەم،
رىجال خىلۋەتى دەۋرىدىن ئول سىفەتكى نىسا.
نەۋايى ئەسرۇ بۇزۇلمىش، باقىپ ئىنايەت ئىلە،
ئانىڭ بۇزۇغلۇغىنى بىر كۆز ئۇچى بىرلە ياسا.

7

بىدىلىڭ خەيلى رۇسۇل، سەنسەن ئالارغە دىلرەبا.
يا نەبى، رۇھى فىداكە ئەھلەن ۋە سەھلەن مەرھەبا.
گاھ دەۋلەتلىغ باشىڭدىن كەتمەيىن چەترى سەھاپ،
گەھ فەلەك رەۋ مەركەبىڭغە يەتمەيىن پەيكى سەباھ.
شامى ۋەسلىڭ تاپماغانغە سۇبھى سادىق ھەر سەھەر،
پەنجەئى خۇرشىدىلەر پىراھەنىن ئەيلەر قەباھ.
تۇپراغ ئولمىشمەن، قوياي دەپ ئاستان بۇسۇڭغە يۈز،
ھالىمە رەھم ئەيلەبان قىلمە بۇ رەنجىمنى ھەبا.
شىرى گەردۇن ئول كىشىگە بوينى باغلىغ بولغاي ئىت،
كىم ئىشىكىڭ ئىتلارىن تاپقاي ئۆزىگە ئەقرەبا.
بولماغاي ئەردى مۇيەسسەر«خەمسە»، يەئنى «پەنج گەنج»،
قىلماسا ئېردى مەدەت ھالىمغە بەش ئالى ئەبا.
ئەي نەۋايى، چارەئى دەردىڭنى قىلغاي ئولكى بار
ھەم رەسۇلۇ ھەم ئەمىن، ھەم مۇستەفا، ھەم مۇجتەبا.

8


كىمگى يەتكەي ئىشق، دەردۇ داغىدىن ئافەت ئاڭا،
داغ مېھرى سەلتەنەتتۇر، دەرد ئېرۈر سىھھەت ئاڭا.
ئىشق كويى تۇفراغى بىر كىمىيادۇركىم، ئېرۈر
يۈز قۇياش ئېكسىرىچە بەلكىم فۇزۇن قىيمەت ئاڭا،
ئىشق دەيرى بەزمىنىڭ سىنغان سەفالى ئىچرە مەي
كىم ئىچەر، جەمشىد جامىن تانلاماس ھىممەت ئاڭا.
چۇن تۈشەر ئاشىق تېنىغە ئىشق ئوتىنىڭ شوئلەسى،
ئۇيلەشەھدۇركىم، ئېرۈر زەربەفتدىن خىلئەت ئاڭا.
ھەر شەرەر ئول شۇئلەدىن بىر بەرق ئېرۈركىم، كۈل قىلۇر
لەمئەدىن يۈز شاھ تەختۇ تاجىنى ھىرقەت ئاڭا.
ئىشق ئوتى باشىغە تۈشكەن كىم ئول ئوتتىن چىقسە دۇد،
شاھ زەررىن تاج ئىلە چەترىغە نې ھاجەت ئاڭا.
تاج دەۋلەت بەرسە ئىشق ئوتىدىن ئالىپ ھەر شەرەر،
بۇ كى ئۆرتەر ئۆزلۈكىن، يەتمەسمۇ بۇ دەۋلەت ئاڭا.
ساقىيا، بىر بادە تۇت، دەۋزەخ ئوتىدەك ھىرقەتى،
لىك جەننەت كەۋسەرىدەك لەۋن ئىلە سەفۋەت ئاڭا.
تا ئىچىپ دەۋزەخقە ھەم كىرسەم سىرىشكىم سەيلىدىن
قالماغاي خەلق ئۆرتەمەكدە شىددەتۇ ھىددەت ئاڭا.
ئەي نەۋايى نەزمىڭ ئەسرۇ سادە ئېردى، قويدى يۈز
شاھ ئىسلاھىدا ئانچە زىب ئىلە زىينەت ئاڭا.

9

ئول پەرى پەيكەركى، ھەيران بولمىش ئىنسۇ جان ئاڭا،
كىمكى ھەيرانى ئەمەس، مەن تەلبەمەن ھەيران ئاڭا.
نې ئەجەب پەرۋانەدەك كۆيسەم يۈزى شەمئىغە كىم،
كۆپ بولۇپ مەن ۋەسل ئۇمىد بىرلە سەرگەردان ئاڭا.
تايىرى ھەجرىڭ بۇزۇغ كۆڭلۈمنىكىم قىلمىش ۋەتەن،
چۇغزدەكدۇركىم، نىشىمەن كەلدى بىر ۋەيران ئاڭا.
ھەجرىدە تەھ – تەھ كۆڭۈل قان باغلاغاندىندۇر نىشان،
نامەئىيي شەۋقۇمكى تىم – تىم تامدى كۆزدىن قان ئاڭا.
تىيرى بارانى غەمىڭ كۆڭلۈمگەكىم ياغدى ئېرۈر،
ھەرتەرەفدىن بەرقى ئافەت لەمئەسى پەيكان ئاڭا.
ئاتەشىن گۇل چۇنكى بۇلبۇل كۆيدۈرۈر يۈز ۋەجھ ئىلە،
نې ئاسىغ فەريادۇ ئەفغان بىرلە مىڭ دەستان ئاڭا.
ئەي نەۋايى، كۆڭلۈمە تەرك ئەتمە ئەمرى ئىشقكىم،
ئول سەمەندەردۇر، ئەمەس ئوت فۇرقەتى ئىمكان ئاڭا.

10

چىن كىيىكى دېسەم كۆزىن، ۋەھ، نېدۇرۇر ئىتاب ئاڭا،
چۈنكى قاراسى كۆرگۈزۈر ھەر سارى مۇشكى ناب ئاڭا.
لەئلى لەبىڭدە تەر بولۇپ ئابىھايات قەترەسى،
ياكى خىزىر سۇيى لەبىڭ قەترە بولۇپ ھوباب ئاڭا
ياپمادى كۆزنى ئەشككىم، باقماسۇن ئۆزگە يۈزگە دەپ
ھەر سارى ئەينى رەشكدىن ياپتى غەمىڭ نىقاب ئاڭا.
جىسمىم ئەگەر كۆيەر، كۆڭۈل تەلپىنۈرى ئەجەب ئەمەس،
كىمكى ئۆيىگە تۈشسە ئوت، يوق ئەجەب ئىزتىراپ ئاڭا.
ئاقمادى خۇي ئۇزارىدىن لەئلىغە كىم ھەكىمىسۇن،
ئەزدى ھەيات شەربەتن، ئەمدى ئۇرار گۇلاب ئاڭا.
زۇلفى خەيالىدىن كۆڭۈل ھەريان ئېتەر ھەۋا، ۋە لېك،
سەئدغە نې خەلاس چۇن باغلىغ ئېرۈر تەناب ئاڭا.
ئۆزلۈكىنىڭ ھىجابىدىن كىم ئۆزىنى خەلاس ئېتەر،
ئۆزگە قايانكى سالسە كۆز مۇمكىن ئەمەس ھىجاب ئاڭا.
ئەھلى مەزەللەپ ئاھىنىڭ ناۋەكىدىن سىپىھر ئەگەر،
قاچمادى مۇنچە، بەس نېدۇر زەخم بولۇبان شتاب ئاڭا.
ۋەئدەئى ۋەسل ئېتىپ ئىدى، تۈشتە ئاياغن ئۆپمەسەم،
دېمە، نەۋايى، ئول پەرى ئەيلەمەسۇن ھېساب ئاڭا.

11

ۋەھكى، ھال ئاشۇفتە قىلدى ئەنبەرىن خالى ماڭا،
قويدى يۈز بىر خال شەۋقىدىن ئەجەب ھالى ماڭا.
ئىشق كويىدا گەدامەن سىيمگون ئەشكىم بىلە،
بۇدۇرۇر ئىشق ئىچرە بولسە جاھ ئىلە مالى ماڭا.
قايدا ئىمكانى ھەياتىم، ئەي كۆڭۈل، چۇن دەم بەدەم،
ساغەرى فۇرقەت تۇتار بىر ھەجرى قەتتالى ماڭا.
نې غەنىيمەت سۇرەت ئولغاي گەر ھۇزۇرى جان ئالپ،
ئوخشاش ئول مەھۋەشقە يازىپ بەرسە تىمسالى ماڭا.
بۇلبۇلۇ پەرۋانە ئشق ئاشۇبىدىن پەرۋاز ئېتىپ،
بولدىلار غايىپ، نېتەيكىم، يوق پەرۇ بالى ماڭا.
ئەھلى ئەيش ئالتۇن ئاياق سافىن ئىچىپ، كىيدىڭ ھەرىر،
كىم سەفالى فەقر دۇردى بەسدۇرۇر شالى ماڭا.
يار جان ئالسە نەۋايىدىن ئېرۈر تاپشۇرماغى،
ئول گەر ئىھمال ئەيلەمەس، خۇد يوقتۇر ئىھمالى ئاڭا.

12

بۇكىم قالىپدۇر ئول ئاي ھەجرىدە ھەيات ماڭا،
ھەيات قالمامىش ئەزبەسكى بار ئۇيات ماڭا.
ئۇلۇسنى ئۆلتۈرۈر ئول شوخ، ئىلتىفات ئەيلەپ،
ئۆلەرمەن ئۇشبۇكى ھېچ ئەتمەس ئىلتىفات ماڭا.
قۇش ئولمىش ھەم ياغىبان ھەجرۇقى ۋەلې نې ئاسىغ،
كى بولماس ئول تەرەف ئۇچماققە بۇ قانات ماڭا.
مېنى خۇد ئەيلەدى قەتلى، ئۇشبۇدۇر ۋەسىيەتكىم،
كۆڭۈلنى ھەم كەرەم ئەيلەپ يېتۈرسە پات ئاڭا.
تۈگەنمەگەي يازىلىپ مېھنەتىم، ئەگەر بولسە
فىراق شامى قاراۋۇ فەلەك دۇۋات ماڭا.
چۇ يار ئەيلەر ئىمىش بارچە يەردە جىلۋەئى ھۇسن،
تەڭ ئولدى كەئبە بىلە دەيرى سۇمنات ماڭا.
نەۋايىا، چۇ ئەمەس نەسيە نەقد بىرلەن تەڭ،
بىھىشت ۋائىزى بىر كۇفەئى ھىراد ماڭا.

13

كەلمەي ئول قاتىلى زەمانە ماڭا،
بولدى ھەجر ئۆلگەلى بەھانە ماڭا.
ئوقى زەخم ئەيلەپ ئۆتتى كۆكسۈمدىن،
يارە قالدى ۋەلې نىشانە ماڭا.
ھەجر ئارا نەۋھە ئەيلەرەمكى، ئېرۈر
نەغمەئى ئەيش بۇ تەرانە ماڭا.
ئشق كويىدا ھەمنەفەس بولمىش،
ھەر نەفەس ئاھى ئاشىقانە ماڭا.
ئەي كۆڭۈل، ئشق ئوتىدا يانما،
بارۇ تەشۋىش بەرمە يانە ماڭا.
تەۋبەدىن سۆز، نەۋايىا، دېمەكىم،
ھېچ ياقمايدۇر ئول فەسانە ماڭا.


14

نېچەكىم كۆيەر ھەجر ئارا جان ماڭا،
ئەمەس تەركىنى قىلماق ئاسان ماڭا.
ئەگەر بولسە يۈز جان فىدا قىلغامەن،
نەسىپ ئولغۇدەك بولسە جانان ماڭا.
نەچە بولسە ئەغيار ھەمسوھبەتى،
ئېرۈر بەزمىنى كۆرمەك ئارمان ماڭا.
ئەگەر ئەشكدىن سەئب بولسا ھەيات،
خۇد ئولدەن ئېرۈر ئۆلمەك ئاسان ماڭا.
قىلىپدۇر گۇلى ئاتەشىن غۇنچەسى
كۆڭۈلنى ئۇلۇس سوزى ھىجران ماڭا.
نې كام ئالغامەن، ساقىيا، بادەدىن،
كى دەۋران تۇتار دەم بەدەم قان ماڭا.
نەۋايى كېتىپ، خىلۋەت ئەت ئەۋنىكىم،
بولۇر بۇ كېچە يار مىھمان ماڭا.


ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ۋەتەنپەرۋەر، ئوت يۈرەك شائىر‏- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان ناھىيە يېڭىشەھەردىكى ئابدۇراخمان مەخسۇم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933-يىلى جاللات شېڭشىسەي تەرىپىدىن  ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن.
  ئۇ مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ، ئائىلىسىدە مەكتەپ يېشىغا يەتمەيلا ساۋاتىنى چىقىرىۋالغان . ئابدۇخالىق دەسلەپ بىر مەزگىل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىپ، شەرق ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىلىرى ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان.
  ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچىدىكى چوڭ شەھەرلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەمەي (ھازىرقى سىمپىلاتىنسكى) قاتارلىق شەھەرلىرى، سانكىت پېتىربورگ، ھەتتا شەرقىي ياۋروپالارغا سودا ئىشلىرى بىلەن بېرىپ-كېلىپ تۇرغان. شائىر 1916-يىلى چوڭ دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ روسىيگە بارغان.
ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپاندا شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئوقۇغان . ئوقۇش جەريانىدا شۇ زاماننىڭ مەكتەپ قائىدىسى بويىچە ئۆزىگە خا ۋېىنسەي (哈文才)دەپ خەنزۇچە ئىسىم قويغان. ئۇ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىكى مەشھۇر ئەسەرلەردىن «سۇ بويىدا»، « قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق كىلاسسىك رومانلارنى ئوقۇپ، مەزمۇنىنى دوست-بۇرادەرلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن . كېيىنكى كۈنلەردە سۇن جۇڭشەن ۋە لۇ شۈننىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان . «1923-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ، موسكۋا شەر ئۇنىۋېرستېتىدا بىلىم ئاشۇرغان». بۇ جەرياندا روس سوۋېت ئەدەبىياتىنڭ ۋەكىللىرى پوشكىن ، لېرمونتوۋ، لېۋ تولىستوي، ماكسىم گوركىي قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇغان.
  1926-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، خەلقنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالدا خورلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۆز خەلىقىنىڭ سىياسى جەھەتتە يېتەرلىك ئاڭغا ئىگە بولالمايۋاتقانلىقى، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەندە ئىنتايىن ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقى، ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ تەرەققىياتى ئۆز يۇرتىدىن خېلىلا ئىلگىرلەپ كەتكەنلىكى شائىردا خەلىق ئازادلىقى ۋە دېمكۇراتىيە ئىدىيسىنى پەيدا قىلىپ ، ئۇنى ئىنقىلاب يولىغا باشلىدى . نەتىجىدە شائىر ھاياتىنى پۈتۈنلەي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ ، خەلقنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشىغا بېغىشلىدى.
   ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1927- يىلى « ئاقارتىش بىرلەشمىسى» نامىدا مەرىپەت جەمئىيتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئىئانە توپلاپ مەكتەپ ئاچتى. بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ بەزىلىرى كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئوقۇپ كېلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
شائىر خەلق ئاممىسىنى ئەكسىيەتچىل، چىرىك شىڭ شىسەي ھۈكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭغا تەشكىللەۋاتقاندا، ئۆزئىچىمىزدىن چىققان ساتقىن تەرىپىدىن ئىنقىلاب پاش بولۇپ قالغان ۋە شىڭ شىسەي تەرىپىدىن   1933- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنى ئۇنى سەپداشلىرى بىلەن قوشۇپ، جازا مەيدانىغا ئەپچىقىپ ، ۋەھىشىيلىك بىلەن پاجئەلىك ھالدا چېپىپ ئۆلتۈرىۋىتىلگەن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا : «ياشىسۇن ئەركىنلىك!»، « ياشىسۇن ئازادلىق!» دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.


شېئىرلىرىدىن:

ئويغان
ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يىتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كىتەر.
بۇ ئۈلۈمدىن ئۈزۈڭنى  قۇتقۇزمىساڭ ،
ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

قوپ!دېدىم،بېشىڭ كۆتۈر!ئۇيقۇڭنى ئاچ!
رەقىبىڭنىڭ باشىنى كەس، قانىنى چاچ!
كۆزئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلىسەن ئارماندا بىركۈن نائىلاج.

ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۈلۈمدىن غېمىڭ؟
قىچقارسام قمىرلىمايلا ياتىسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟!

كۆزۈڭنى يۇغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا، ئۇزاق.
كەتسە قولدىن بۇغەنىمەت پۇرسىتى،
كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.

ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،
سەپدىشىم، قېرىندىشىم، بىر تۇغقۇنۇم.
كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ، ئويغاتسام سىنى،
ئاڭلىمايسەن زادى نىمە بولغۇنۇڭ؟

كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن.
تەكتىگە گەپنىڭ شۇچاغدا يېتىسەن.
<< خەپ!>>دېسەڭ ئۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالار،
شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن.


مۇزلىدى
سوغ زىمىستان قەھرىتاندا يولدا داۋان مۇزلىدى،
پوتلا چېرىك يولغا چىقتى، چىقتى بوران مۇزلىدى.
قار _ شىۋىرغان ئۇردى_ سوقتى، بولدى سەرسان مۇزلىدى،
لىيەنجاڭۇ يىڭجاڭى جىڭگوك بولدى ۋەيران، مۇزلىدى.
پاختىلىق تامبال ئىچىدە جايى پىنھان مۇزلىدى.

جىڭ شۇرېن غەزەپ بىلەن ھەربىيگە بۇيرۇق قىپتۇمىش،
<< تۇرپانلىق زىۋازىلار >>نى جادۇغا باسدەپتۇمىش.
ئەللىك ھارۋا دادۈي _ رىنما جادۇلارنى ئاپتۇمىش،
بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا بەشيۈز چېرىك كەپتۇمىش،
ياۋغا قارشى سوغ كۈچەپ نەچچە چەندان مۇزلىدى.

مۇسۇل مۇھىت ئاڭلاپ بۇنى، ئۈرۈمچىدىن ماڭدى شۇئان،
چىقتى چىغ دەڭدىن چېرىك سايئوپىدا سوقتى بوران.
كەلدى تۇرپانغا خەۋەر، چېرىك ئاشقۇنچە داۋان،
رۇسلىنىپ <<قارشى ئېلىش >>قا چىقتۇق ئالدىغاتامان،
تاڭ سەھەر يارغۇل ئارا بۇ ھەربىي پەرمان مۇزلىدى.
تاقاببىل تۇرۇشقا بىزدە نەيزە_ ئورغاق تەييار ئىدى،
جاللاتلارنىڭ ئالدىدا بىزگە ھەقىقەت يار ئىدى.
جان تىكىپ ئاتلاندى يۇرت، توسماق ئۇنى بېكار ئىدى،
<. توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ>> دېگەن قەدىم سۆز بار ئىدى،
ئالدىدۇق دۈشمەننى بىز، ئۇر- ئۇردا چاشقان مۇزلىدى.

بامدات بىرلە رەپىق ھېسامىدىن بولدى شېھىت،
<< رەكەفا بىللا شېھىت>> دەپ رۇسۇلۇم ئاللاغا ئېيت.
ئەھلى تۇرپان ھازىدا، ئايرىلدى سەندىن ھەي ئىسىت،
ھەقىقەت قۇربانىسەن، ئاللاھ نېسىپ قىلسۇن بېھىشت،
كۈنگىمۇ بولدى مۇسىبەت، تۇتۇلدى ئاسمان، مۇزلىدى.

ئاقارغان تاڭ سۈبھىگە چۈشتى قىزىل قان جىلۋىسى،
ئۇجۇقۇپ بولدى شۇ كەم پالەچ چېرىكنىڭ ھەممىسى،
پاك _ پاكىز چۈشتى قولغا ئوق ۋە مىلتىق جەمئىيسى،
قالدى جان قايغۇسىدا لويى_ ئامبال، توڭچىسى،
مىسلى كەچ كۈزدە چىۋىندەك ھالىي پەرىشان، مۇزلىدى.


دەردى دەۋران

ئۆتەرمۇ بۇ ئۆمۈر ئەپسۇس بىلەن ئارمان، نادامەتتە؟
تېپىلماس شادىمان ئىنسان، كۆرۈنمەس ھىچ ئالامەتتە،
قايان بارسام، قايان باقسام، ئومۇمەن ئۇشبۇ ھالەتتە،
نە يەڭلىغ مەنپەئەت باردۇر بۇ يەڭلىغ ئىستىقامەتتە؟
چۈشەندۈرگۈچى جان يوقمۇ بۇنى دەۋرى جاھالەتتە؟

ئېشىبان زۇلمى ھەججاجدىن سالار دەرد ئۈستى-ئۈستىگە،
ئاسارەت خورلۇقى، قۇللۇق ئىزاسى كۈندە يۈز تۆگە،
بويار جەبرەن ئاقارغان يۈزنى كۆرسە دەرمىلار كۈگە
بولالماس بىر بىرىگە يار-يۆلەك بۇ تەندە ھەر ئۈگە،
يېتەر، زالىمنىڭ ئۆتتى زۇلمى جانىمغا ناھايەتتە.

ئەقىلسىزلىك بولۇپ سەنئەت، ھامانە پەيزى ئەھلى خار،
پەلەك ھەم ھەر زامان ئۇشبۇ ئەقىلسىزلەرنى كۆپ ئاسرار،
ئەقىلسىزلەر تېپىپ تېپىپ قۇۋۋەت جاھان ئاسايىشىن بۇلغار،
ئەزىزدۇر كوزا سۇندۇرغان ۋە لىكىن سۇ ئەكەلگەن خار!
لېۋىمنى چىشلىبان «خەپ!» دەپ تۇرارمەن تىك قىياپەتتە.

زامانە زورۇ-زومبۇنىڭ، تاماشا قارىغۇ-كورنىڭ،
خېرىدارىنى خۇش قىلدى ياراپ مالى تۆھمەتخورنىڭ،
كىشىگە چاپلىماق بۆھتان ئاتا كەسپى قەسەمخورنىڭ،
ھامان تەتۈرىگە ماڭدى پەلەك پېشانىسى شورنىڭ،
ياقاڭدىن ئالمىسام بۇ كۈن، ئالۇرمەن تا قىيامەتتە.

نە قىلغايمەن بۇرادەر؟ ئەمدى مەسلىھەتلىشەيلى بىز،
زۇلۇم زەنجىرىنى ئوشتۇپ، مېڭىشقا يول ئاچايلى بىز،
دېدى: «تەقدىر شۇدۇر، بەندە قولىدىن كەلمىگەي ھەرگىز»
دېدىم: «ئالدىدا ناھەقنىڭ ھەقىقەت قايدا پۈككەن تىز؟»
ئىناقلىق بىرلە باش قوشماي، ئۆتەر كۈنلەر جاھالەتتە.

ئەزەلدىن ئۇيغۇر، ئىقبالىڭ سېنىڭ شۇنداق قارا كەلدى،
دىلىڭ بۇ دەمگىچە ساقسىز، جاراھەتتە يارا كەلدى،
نېمانچە كۆتۈرەلمەسلىك ئەلەملىك ماجىرا كەلدى،
ھەقىقەت چۈن ئېغىز ئاچساڭ، ھەمىشە مىڭ بالا كەلدى،
كۆرەشكە باغلىبان بەلنى، ياشا ھۆرلۈك سائادەتتە!


ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ   
  
ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ، ﻳﻮﺭﯗﻣﯩﻐﺎﻥ ﺯﯗﻟﻤﻪت ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ،   
ﺑﺎﺳﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.   


ﭼﻪﺭﺧﻰ ﮔﻪﺭﺩﯗﻥ ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻤﻪﻙ ﻛﯧﺮﻩﻙﻳﺎﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻢ،   
ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﭼﻪﺭﺧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.  


ﺋﻪﻱ ﭘﻪﻟﻪﻙ، ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﻪﺭﺥ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺭﺍﯞﺍﻥ،   
ﻳﻮﻝ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﻳﯘﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.   


ﻧﻪگە ﺑﺎﺭﺳﺎﯓ ﺑﺎﺭﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﺎﺭ ﯞﻩﺗﻪﻥ،   
ﮬﺎﺭﺩﯗﻗﻰ، ﺗﯩﺒﯩﺒﻰ ﻳﻮﻕ، ﺩﻩﺭﺗﻠﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.   


ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭ،   
ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻡ ﻗﻪﻟﺒﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﺭﺍﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.   


ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻞ ﭘﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﮬﯧﭽﻜﯩﺸﻰ،   
ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﮕﻪ ﺯﯨﻨﺪﺍﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.  

   


غەزەپ ۋە زار  
  
ئەي پەلەك،بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،  

ئىستىدىم كۆپ، تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.  

  
ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،  

گاھ ئۆلۈپ،گاھ تىرىلىپ، كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.   


بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان، بېغىم باھارى گۈلىنى،  

ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.  
  

دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرۈر مىسالىغا،  

قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.  
  

يۈزمۇ-يۈز قىلماس تەئەررۇز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،  

كۆرسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.   


لا ئەقىل دەپ ئويلىدى، چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،  

يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار، كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.  

  
قولدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ، دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،  

مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ-بەك خۇنبارىمەن.   


پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ كاپىر، جەدىت دەپ قارغىشۇر،  

بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بۇلۇپ يانارىمەن.  
  

چۆل-جەزىرە، دەشتۇ-سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج،  

ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.   


سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت زېمىن،  

مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بۇلۇپ قاينارىمەن.  
  

ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى-مەشرىق تامام،  

مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.  

  
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،  

مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.  
  

ئىلىم-پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، خەۋىپ-خەتەر،  

ھالىمىز قۇلدىن بەتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن.  
  

تىل-ھاقارەت، تەنە-دىخمار ۋاي داد!... بۇ جاننى قىينىدى،  

ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپمۇ بولدۇم خارىمەن.  
  

زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى  

تاغ كەبى دولقۇنىدا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.  
  

دەۋرى جەبرىدىن ئىسىت! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،  

جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىق، تاپمايسەن باشقا چارىسەن.  


    خاتىمە: تارىخىمىز تالاي ئىبرەت ۋە ھېكمەتلەرگە تويۇنغان!  تەپەككۈرسىز ياشىغانلارغا نىسبەتەن ئىبرەت ۋە ھېكمەتلەرنىڭ كۆپ پەرقى بولمىسا كېرەك؟!  بۇندىن بىر يىل  مۇقەددەم بىر پارچە ئاددى يازمام بىلەن نەۋايىنىڭ توغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇغلىغان ئىدىم. تارىخ بەتلىرىنى قايتا ئاچسام بۇ ئىككى بۈيۈك زاتىمىزنىڭ توغۇلغان كۈنى ئوخشاش ئىكەن. بەلكىم، بۇمۇ بىزگە قالدۇرۇلغان بىر ھېكمەت، تارىخىمىز بىز ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر ئىبرەت بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 23:47:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 23:53  

«غەرايىبۇسسىغەر»دىن:



ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىل – كەئسى ئەنۋارۇل – ھۇدا،
يار ئەكسىن مەيدە كۆر دەپ جامدىن چىقتى سەدا.
غەير نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسە زەڭگى غەم،
يوقتۇر، ئەي ساقىي، مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.
ئەي خۇش ئول مەيكىم، ئاڭا زەرف ئولسە بىر سىنغان سەفال،
جام ئولۇر گىيتى نەما، جەمشىد ئانى ئىچكەن گەدا.
جامى مەي گەر ئۇيلەدۇر، ئول جام ئۈچۈن قىلماق بولۇر
يۈز جەھان ھەردەم نىسار ئول مەي ئۈچۈن مىڭ جان فىدا.
دەير ئارا ھۇش ئەھلى رەسۋا بولغالى ئەي، مۇغبەچە،
جامى مەي تۇتساڭ مەنى دىۋانەدىن قىل ئىبتىدا.
ناگەھ ئول مەيدىن كۆڭۈل جامىدە بولغاچ جىلۋەگەر،
چىھرەئى مەقسۇد مەھۋ ئولغاي ھەم ئول دەم ماسىۋا.
ۋەھدەتى بولغاي مۇيەسسەر مەي بىلە جام ئىچرەكىم،
جامۇ مەي لەفزىن دېگەن بىر ئىسىم ئىلە قىلغاي ئەدا.
سەن گۇمان قىلغاندىن ئۆزگە جامۇ مەي مەۋجۇ ئېرۈر،
بىلمەيىن نەفىي ئەتمە بۇ مەيخانە ئەھلىن، زاھىدا.
تەشنە لەب ئولمە،  نەۋايى، چۇن ئەزەل ساقىيسىدىن،
ئىشرەبۇ، يا ئەييۇھەل – ئەتشان، كېلۈر ھەر دەم نىدا.

2

زىھى ھۇسنۇڭ زۇھۇرىدىن تۈشۈپ ھەر كىمگە بىر سەۋدا،
بۇ سەۋدالار بىلەن كەۋنەين بازارىدا يۈز غەۋغا.
سېنى تاپماق بەسىي مۇشكىلدۇرۇر، تاپماسلىق ئاسانكىم،
ئېرۈر پەيدالىغىڭ پىنھان، ۋەلې پىنھانلىغىڭ پەيدا.
چەمەن ئاتەشگەھىغە ئاتەشىن گۇلدىن چۇ ئوت سالدىڭ،
سەمەندەردەك ئول ئوتدىن كۈلگە پاتتى بۇلبۇلى شەيدا.
نې ئىشكە بولدى بىئارام كۆزگۈ ئەكسىدىن مەجنۇن،
يۈزى كۆزگۈسىدە ئەكسىنى گەر كۆرگۈزمەدى لەيلا.
قۇياشقە گەھ قىزارماق، گاھىي ساغارماق ئېرۈر ئاندىن،
كى سۇنئۇڭ باغىدا بار ئول سىفەت يۈزمىڭ گۇلى رەئنا.
نېدىن يۈز گۇل ئاچار ئىشق ئوتىدىن بولبۇل كەبى ۋامىق،
يۈزۈڭدىن گەر ئۇزارى باغىدا يۈز ئاچمادى ئۇزرا.
كەلامىڭنى ئەگەر شىرىن لەبىدە قىلمادىڭ مۇزمەر،
نېدىن بەس لەئل ئېرۈر فەرھادنىڭ قان ياشىدىن خارا.
جەمالىڭ پەرتەۋىدە شەمئ ئوتى گەر گۇلسىتان ئېرمەس،
نېدىن پەرۋانە ئوت ئىچرە ئۆزىن سالدى خەلىل ئاسا.
مەلاھەت بىرلە تۈزدۈڭ سەرۋى قەدلەر قامەتىن، يەئنى،
كى مۇنداق زىيب بىرلە ئول ئەلىفنى ئەيلەدىڭ زىيبا.
قانائەتنىڭ دەلىلىن ئىنزىۋا قىلدىڭ يەنە بىر ھەم،
دەلىل ئۇشبۇكى قانىئ ھەرفىدىن خەلق ئەيلەدىڭ ئەنقا.
نەۋايى قايسى تىل بىرلە سېنىڭ ھەمدىڭ بەيان قىلسۇن،
تىكەن جەننەت گۇلى ۋەسفىن قىلۇردا گۇڭگ ئېرۈر گويا.

3

ئەي سەفھەئى رۇخسارىڭ ئەزەل خەتىدىن ئىنسا،
دىيباچە ھۇسنۇڭدا ئەبەد نۇقتەسى تۇغرا.
زەررات ئارا ھەر زەررەكى بار، زىكرىڭە زاكىر،
ئەمتار ئارا ھەر قەترەكى بار، ھەمدىڭە گۇيا.
مەششاتەئى ھۇسنۇڭدۇرۇر ئولكىم، نەفەس ئىچرە،
كۈن كۆزگۈسىن ئاقشام كۈلىدىن قىلدى مۇتەررا.
كۈن شەكلى يۈزۈڭ سەجدەسىدىن بولدى مۇشەككەل،
تۈن تۇررەسى قەھرىڭ يېلىدىن بولدى مۇجەللا.
سۇنئۇڭ قىلىبان سۇبھىنى ئول نەۋئى مۇشەئبەد،
كىم مىھر ئوتىن ئاغزىدىن ئېتەر ھەر نەفەس ئىفشا.
گوياكى كۆيەر ئاغزى ئول ئوت ھىرقەتىدىنكىم،
ئەنجۇمدىن ئولۇر ئابىلەلەر گەردىدە پەيدا.
مۇھتاج سېنىڭ دەرگەھىڭە خۇسرەۋۇ دەرۋىش،
پەرۋەردە سېنىڭ نىئمەتىڭە جاھىلۇ دانا.
گۇل يۈزىدە بۇلبۇل سېنىڭ ئەسرارىڭا ناتىق،
شەمئ ئوتىدا پەرۋانە سېنىڭ ھۇسنۇڭا شەيدا.
ئۇششاق ئارا، يا رەبكى،  نەۋايىغە مەقامى
بەرگىلكى، سېنىڭ ھەمدىڭە بولسۇن تىلى گۇيا.

4

ئەي ھەمد ئولۇپ مەھال فەساھەت بىلە ساڭا،
ئانداقكى قۇربۇ تەقۋاۋۇ تائەت بىلە ساڭا.
تاپماق ئەجىب فىكرۇ تەخەييۇل بىلەن سېنى،
يەتمەك مەھال ئەقلۇ فەراسەت بىلەن ساڭا.
ئىزھارى ئەجز بىزدىن ئەدەب تەركىدۇر بەسىي
يۈزمىڭ قۇسۇرۇ نۇقسۇ كەسافەت بىلە ساڭا.
ھەر تىيرە روزگاركى، ۋەسلىڭە يول تاپىپ،
سەندىن يېتىپ چەراغى ھىدايەت بىلە ساڭا.
لۇتفۇڭ رەفىقىم ئولماسا، نې ھەدكى، يەتكەمەن
باشتىن ئاياق گۇناھۇ زەلالەت بىلە ساڭا.
چۇن سەندىن ئۆزگە يوقكى پەناھىم، قاچىپ نېتەي،
جۇرمۇ گونەھدىن ئاھۇ نەدامەت بىلە ساڭا.
ئىسيانى كۆپ  نەۋايىنىڭ، يوق ئۇياتىكىم،
ئىستەر يېتىشسە مۇنجە خىجالەت بىلە ساڭا.

5

ئىلاھا، پادىشاھا، كىردىگارا،
ساڭا ئاچۇق نىھانۇ ئاشكارا.
سەبۇر ئىسمى بىلە قىلساڭ تەجەللىي
قىلىپ نەمرۇدقە يۈزمىڭ مەدارا.
قاچانكىم زاھىر ئەتسەڭ «تەنزىئۇل – مۇلك»،
سىكەندەرنىڭ بولۇپ مەغلۇبى دارا.
يولۇڭ مۇھلىك تاشى ياقۇتى ئەھمەر،
ئىشىكىڭ تىيرە گەردى مۇشكى سارا.
شەھاب ئولسە شەبىستانىڭدە تالىئ،
بولۇپ يۈزى قۇياشدەك ئالەم ئارا.
نەۋايى نەفس زۇلماتىغە قالمىش،
سەن ئولماي خىزرى رەھ، چىقماق نې يارا.
قىيامەتدە گۇناھىن ئەفۋ ئېتەرگە،
رەسۇلۇڭنى شەفىئ ئەت، كىردىگارا.



6

ئەي نۇبۇۋۋەت خەيلىغە خاتەم بەنىي ئادەم ئارا،
گەر ئالار خاتەم، سەن ئول ئاتكىم، ئېرۇر خاتەم ئارا.
يۈز ئىشىكىڭ تۇفراغىغە سۈرتە ئالغايمەنمۇ دەپ،
چەرخى قەسرىدىن قۇياش ھەر كۈن تۈشەر ئالەم ئارا.
ئەنجۇم ئىچرە ئارەزىڭ مىئراج شامى ئۇيلەكىم،
تۈشسە دۇررى شەب چەراغى ھەم تەرەف شەبنەم ئارا.
نې ئۈچۈن كىيمىش قارا ھەريان سالىپ جەيبىغە چاك،
فۇرقەتىڭدىن كەئبە گەر قالمايدۇرۇر ماتەم ئارا.
ساف كۆڭلىدە يۈزۈڭ كۆڭلىنى گويا ئاسرامىش،
تۈش چاغى ھەركۈن قۇياش ئەكسى ئەمەس زەمزەم ئارا.
مەشئەلىي بولمىش فەلەك ئىلكىدە رەۋزەڭ باشىغە،
ئاي چەراغى كېچەلەر بۇ نىل گۇن تارەم ئارا.
قۇم ئەمەس بەتھاداكىم، مىھرى جەمالىڭ ھەجرىدىن،
زەررە – زەررە جىسمى بىر – بىردىن تۆكۈلدى غەم ئارا.
يول ئەمەس، يەسرىبدە يىرتىپدۇر يۈزىن تىرناغ ئىلە،
مەقدەمىڭ تا يەتمەدى ئول ۋادىئى خۇررەم ئارا.
ئىتلارىڭ مەخسۇسى مەھرەمدۇر  نەۋايى، كاشكى،
كىرسە بۇ مەھرۇم ھەم ئول زۇمرەئى مەھرەم ئارا.


7

زېھى جەۋلانگە ھىڭ ئەفلاك ئۈزە مەيدانى ئەۋئەدنا،
بۇراقىڭغە توقۇز گۇنبەز بۇ توققۇز گۇنبەزى خەزرا.
قىلىپ چۇن خۇي گۇلابى مەيل نەئلەينىڭ، بولۇپ ئاندىن
مەلەك رەئنالارىنىڭ جەبھەسىغە چەرخ سەندەلسا.
ئېسىپ رەھمەت نەسىمى چۇن دەما دەم سۇنبۇلۇڭ سارى،
بولۇپ رۇھانىيلار جەيبى لەبالەب ئەنبەرى سارا.
فەلەك قالىپ بۇراقىڭدىن، ئەمەس ۋەزئى فەلەك سۇرئەت،
قەمەر يارۇپ جەمالىڭدىن، ئەمەس لەئلىڭ قەمەر سىيما.
يۈزۈڭدىن ئەنجۇم، ئەنجۇمدىن قۇياش نۇر ئىكتىساب ئەيلەر،
ئانىڭدەككىم قۇياشدىن ئايۇ ئايدىن قىير گۇن غەبرا.
فەلەك ۋادىلارى قەتئىغە ئەزمىڭ چۇن سۈرۈپ مەركەب،
خىرەد پەيكىگە ھەم ئەۋۋەل قەدەمدە رەنج ئولۇپ پەيدا.
رەفىقىڭ تايىر ئانداقكىم، سۇلەيمان ئاللىدا ھۇدھۇد،
بۇراقىڭ سايىر ئەنجۇم شامى ئاستىدا سىپىھر ئاسا.
قىلىپ بۇ سەير ئارا مەئشۇق ۋەسلى كويىدە مەنزىل،
تىلەپ سەرگەشتە ئۇششاقىغە ھەم رەھمەت ئۆيىن مەئۋا.
نەۋايى خۇش كۆرەر ئالەمنى ئانىڭ زىكرىدىن، يوقسە
ئاڭا دەۋزەخ ئارا ئوتدەكدۇرۇر دۇنياۋۇ مافىيھا.


8

ھەر گەداكىم بوريايى فەقر ئېرۈر كىسۋەت ئاڭا،
سەلتەنەت زەربەفتىدىن ھاجەت ئەمەس خىلئەت ئاڭا.
كىم فەنا تۇفراغىغە ياتىپ، قويار تاش ئۈزرە باش،
تەخت ئۈزە ئېرمەس مۇزەھھەب مۇتتەكا ھاجەت ئاڭا.
شەھ يۈرۈپ ئالەم ئاچار، دەرۋىش ئالەمدىن قاچار،
ھەم ئۆزۈڭ ئىنساف بەرگىلكىم، بۇ نې نىسبەت ئاڭا.
ھەرنې شەھ مەقسۇدىدۇر، دەرۋىشنىڭ مەردۇدىدۇر،
كۆر نې ھىممەتدۇر مۇڭا، نې نەۋئدۇر ھالەت ئاڭا.
فەقر كويى تۇفراغىن شەھ مۇلكىگە بەرمەس فەقىر،
مۇلك كۆركىم، تەڭ ئەمەس توفراغ ئىلە قىيمەت ئاڭا،
شەھ سىپەھ چەكسە، فەقىر ئەھۋالىغە يەتمەس فۇتۇر،
بۇ ۋەلې چەككەچ نەفەس، بەرباد ئولۇر ھەشمەت ئاڭا.
شەھ ئەمەستۇر بىر نەفەس ئاسۇدە دەۋزەخ ۋەھمىدىن،
ئەي خۇشا دەرۋىشكىم، مەردۇد ئېرۈر جەننەت ئاڭا.
شەھغە سىدق ئەھلى دەمىدىن مەشئەلى دەۋلەت يارۇر،
مىھردەككىم سۇبھ ئەنفاسى ئاچار تەلئەت ئاڭا.
شاھغە شاھلىق مۇسەللەمدۇر، ئەگەر بولغاي مۇدام،
شاھلىق تەركىن قىلىپ، دەرۋىش ئولۇر نىييەت ئاڭا.
مۇمكىن ئېرمەس شەھلەر ئىچرە بۇيلە نىييەتلىق، مەگەر
شاھى غازىيكىم، مۇيەسسەر بولدى بۇ دەۋلەت ئاڭا.
شاھلار دەرۋىشىييۇ دەرۋىشلەر شاھىيكى بار،
شاھلىغ سۇرەت ئاڭا، دەرۋىشلىك سىيرەت ئاڭا.
تا شەھۇ دەرۋىش بولغاي ئەيلەگىل، يا رەب، ئەيان،
شاھدىن خىزمەت ئاڭا، دەرۋىشدىن ھىممەت ئاڭا.
گەر  نەۋايى سۆز ئۇزاتتى فەقردىن ئېرمەس دېمەڭ،
بولماغۇنچە ھۇكم شەھدىن، قايدا بۇ جۇرئەت ئاڭا.

9

ئول پەرىۋەشكىم، بولۇپمەن زارۇ سەرگەردان ئاڭا،
ئىشقىدىن ئالەم ماڭا ھەيرانۇ، مەن ھەيران ئاڭا.
ئوقلارىڭدىن دەم بەدەم تەسكىن تاپار كۆڭلۈم ئوتى،
باردۇرۇر بىر قەترە سۇ گوياكى ھەر پەيكان ئاڭا.
بىر دىلاۋەردۇر كۆڭۈلكىم، غەم سىپاھى قەلبىدە،
ئاھى ناۋەك، تازە داغىدۇر قىزىل قالغان ئاڭا.
ناۋەكىنىڭ پەررۇ پەيكانىدە رەڭگىن تۈس ئەمەس،
ياكى كۆڭلۈمدىن چۇ پەرران ئۆتتى، يوقمىش قان ئاڭا.
نامەئى سەۋقۇم نې نەۋئ ئول ئايغە يەتكەي، چۇنكى مەن،
ئەل ئاتىن ئوقۇر ھەسەددىن، يازمادىم ئۇنۋان ئاڭا.
خىزرى خەتتىڭنىڭ ئەجەب يوق سەبزۇ خۇررەم بولماغى،
لەب بەلەب چۇنكىم بېرۈر سۇ چەشمەئى ھەيۋان ئاڭا.
ئەي خۇشا مۇغ كويىكىم، زىينەت بىلە رىفئەتدەدۇر،
مىھر ئاڭا بىر شەمسەۋۇ كۆك تاقىدۇر ئەيۋان ئاڭا.
ئىستەمىش بۇلبۇل ۋەفا گۇلدىن مەگەرلىم ژالەدىن،
باغرى قاتمىش غۇنچەدەك، بەسكىم ئېرۈر خەندان ئاڭا.
قىلماغان جانىن فىدا جانانغە يەتمەس دەر ئېمىش،
ئەي  نەۋايى، ئۇشبۇ سۆز بىرلە فىدا يۈز جان ساڭا.

10

سىنسە كۆڭلۈمدە ئوقۇڭ سۈرتۈپ ئىسىق قاندىن ئاڭا،
يا مەسەللىك چىرماغايمەن رىشتەئى جاندىن ئاڭا.
بادەئى لەئلىڭ مىسالى مىزاجى رۇھ پەرۋەردۇر بەسىي،
گۇيىيا مەمزۇج ئېتىپسەن ئابىھەيۋاندىن ئاڭا.
ئوقى كۆڭلۈم شۇئلەسىن گەھ ساكىن ئەتتى، گاھ تېز،
گەھ ئوتۇن بولدى، گەھىي سۇ ئۇردى پەيكاندىن ئاڭا.
دەردۇ غەم بوستانىنىڭ تاۋۇسىدۇر كۆڭلۈم قۇشى،
گۇل بولۇپ جىسمىمدا كەسكەن نەئل ھەرياندىن ئاڭا.
نې كەبۇتەر يېتە ئالۇر ئول قۇياشقە، نې نەسىم،
ئەي كۆڭۈل، ھالىڭنى ئىئلام ئەيلە ئەفغاندىن ئاڭا.
كۆزگە تا كىردى خەيالىڭ، ساۋۇغ ئاھىڭ ۋەھمىدىن،
باغلامىشمەن بورىيا ھەرسارى مىژگاندىن ئاڭا.
ئەي  نەۋايى، يىغلاماق ئاھىمغە تەسكىن بەرمەدى،
ۋەھ، بۇ نې ئوتدۇركى، يوق تەئسىر تۇفاندىن ئاڭا.

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 23:48:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurbilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 23:54  


11
ۋەھكى، ئىشقىڭ زاھىر ئەتسەم، ۋەھم ئېرۈر ئۆلمەك ماڭا،
گەر نىھان تۇتسام داغى جان خەۋفىدۇر بىشەك ماڭا.
كەلگەن ئېرمىش ئول مەسىھ ئۆلگەنلەرىن تىرگۈزگەلى،
مەن تىرىك، ۋەھ، ياخشىراق بۇ  ئۇمردىن ئۆلمەك ماڭا.
جۇزۋ – جۇزۋۇمنى، فىغانكىم،مۇنفەك ئەتتى تىغى ھەجر،
بىر – بىرىدىن لېك ئوراندۇر جۇزۋى لايەنفەك ماڭا.
كۆڭلۈم ئوتىدىن يىغاچ كۈلدۈر، باشاق بىر قەترە سۇ،
ناگەھ ئول شوخى جەفاكەش ئاتسە بىر ناۋەك ماڭا.
ئالتۇن ئېزىپ – ئېرىتىپ كۆيگەنسايى خالس بولۇر،
نې ئەجەب سارغارسە يۈز يەتكەنسايى ئەمگەك ماڭا.
چاك ئەيلەرمەن ياقا ئول قاشى يانى كۆرگەچ – ئوق،
كىم خەدەڭگىن ئاتسە ھايىل بولماغاي كۆڭلەك ماڭا.
بادە ھەجرىدىن ئاقارمىش كۆزلەرىم، ئەي پىرى دەير،
ئەيلەگىل مەي شىشەسىدىن سىندۇرۇپ ئەينەك ماڭا.
سەرسەرى ھىجران، ۋۇجۇدۇم خىرمەنىن ئانداق ساۋۇر،
كىم فەنا يولىدا سەرسەر بولماغاي ھەمتەك ماڭا.
ئەي  نەۋايى، گەر ماڭا كۆپرەك ئەمەس ئۇممىدى ۋەسل،
بەس ناغۇ ئۇششاقدىن جەۋرىي ئېرۈر كۆپرەك ماڭا.

12

گەرچە ھەجرىڭدىن ئېرۈر يۈز غەمۇ ئازار ماڭا،
غەم ئەمەس ۋەسلىڭە ئۇممىد ئەگەر بار ماڭا.
بىر بۇزۇغ ئۈزرە جۇنۇن قۇشلارى قونغان كەبىدۇر،
تاشكىم ياغدۇرۇر ئول شوخى سىتەمكار ماڭا.
زاھىد ئۇچماغنى ئېتەر ۋەسفۇ مەن ئول گۇل كويىن،
گۇلشەنى خۇلد ئاڭاۋۇ، ئول گۇلى رۇخسار ماڭا.
تەلبە ئانداقكى پەرى جىلۋەسىدىن ئالداراغان،
ئوت سالۇر ھەر تەرەف ئول تۇرفە نەمۇدار ماڭا.
بەسكى قانىمنى يالارلار ئەدەدى كۆپ يارادىن،
ئىتلارىن قىلدى مۇلايىم تەنى ئەفگار ماڭا.
كۆڭلۈم ئىستەر يەنە مەتلۇبى جەمالى ئەكسىن،
ساقىيا، تۇت قەدەھى ئايىنە كىردار ماڭا.
سۇبھە تارىنى يىغ، ئەي شەيخكى، بىر لەھزە بۇرۇن
تاپتىلار مۇغبەچەلەر رىشتەئى زۇننار ماڭا.
سالغىل، ئەي ئىشق، ۋۇجۇمغە فەنا ئوتىنىكىم،
ياپتى مەقسۇد يۈزىن پەردەئى پىندار ماڭا.
چۇن ۋەفا ئەھلى زەمان زاتىدا يوقتۇر، نې ئەجەب،
ھەر زەمان قىلسە جەفا ئول بۇتى ئەييار ماڭا.
غەرەزىم بىر نەچە كۈن شاھىدى مەيدۇر، يوق ئېسە،
ئەي  نەۋايى، بۇ فەنا دەيرىدە نې بار ساڭا.

13

ئول مەلاھەت گەنجى ھەجرىدە بۇزۇغ مەسكەن ماڭا،
ئۇيلەدۇركىم جاندىن ئايرۇ يۈز يارالىغ تەن ماڭا.
مىھر ئىلە مەھ پەرتەۋىدىن كۆزنى رەۋشەن قىلمادىم،
بولغالى مىھرى رۇخۇڭ ماھىيەتى رەۋشەن ماڭا.
بولدى رەۋزەن – رەۋزەن ئول قاتىل خەدەڭگىدىن كۆڭۈل،
جان قۇشى چىقماققە بىر يول ئاڭلا ھەر رەۋزەن ماڭا.
مەن ئۆلەرمەن غەمدىنۇ يىغلاپ كۆيۈپ باشىمغە شەمئ،
دۇدىدىن چىرماپ قارا ھەر تۈن تۇتارشىيۋەن ماڭا.
رەھم ئېتىپ ھالىمغە دۇشمەن دوست بولماقدىن نې سۇد،
دوست چۇن رەھم ئەيلەمەي بولمىشدۇرۇر دۇشمەن ماڭا.
غەم تۈنى زۇلمىدا خەندان بولمادى ھالىمغە سۇبھ،
سۇبھدەك، نې تاڭكى، بولغاي چاك پىراھەن ماڭا.
ئەي  نەۋايى، ئىشق مۇشكىل دەپ نېچۈك تەركىن تۇتاي،
ئەلگە گەر بۇ ئىش ھۇنەر بولسا، بولۇپتۇر فەن ماڭا.

14

شەھر بىر ئاي ئافەتىدىن بەيتۇل – ئەھزاندۇر ماڭا،
بىر گۇلى رەئنا غەمىدىن باغ زىنداندۇر ماڭا.
بەزمى ئىشرەت ئىچرە بىر مەي نۇش ئېتىڭ، ئەي دوستلار،
كىم نەسىب ئول لەئلى لەب ھىجرانىدىن قاندۇر ماڭا.
چىقتى ئەقلۇ فەھم ئىلە سەبرۇ كۆڭۈل تەن مۇلكىدىن،
چىقمايىن ھەر لەھزە زەھمەت بەرگۈچى جاندۇر ماڭا.
ئوقى بەسكىم تەندەدۇر، تەگمەس تېنىمغە ئۆزگە زەخم،
ئولكى ئوق دەپ نالە قىلدىم، ئەمدى قالقاندۇر ماڭا.
ئۇيلە رەسۋامەنكى، كويۇ كوچەدە ھالىم كۆرۈپ،
بەئزى ئەل ھەيرانۇ گىريان، بەئزى خەنداندۇر ماڭا.
ھەجردىن باغرىم سۇدۇر، ئول سۇ ئارا بالىغ كەبى،
دەردۇ مىھنەت ئوقىدىن بىر نەچچە پەيكاندۇر ماڭا.
ھۇر مىژگانىن ئەگەر سۈرتەي دېسە قىلمان قەبۇل،
كىم ئاياقدا ئارزۇ خارى مۇغىلاندۇر ماڭا.
مەي ئىچىپ تائەتنى فەۋت ئەتمەڭكى، ئول ئوت تابىدىن
نېچە باقسام بەھرە ھالا داغى ھىرماندۇر ماڭا.
[ئەي  نەۋايى، خەلق دەرجان بەرۇ يا كەچ ئىشقدىن،
گەرچە بۇ دۇشۋار ئېرۈر، لېكىن ئول ئاساندۇر ماڭا.]

15

مەنمۇدۇرمەنكىم، سېنىڭ ۋەسلىڭ مۇيەسسەردۇر ماڭا،
بەختى گۇمرەھدىن قاچان بۇ قىسسە باۋەردۇر ماڭا.
ھەق تانۇقدۇركىم، تىرىكلىكدىن ماڭا سەنسەن مۇراد،
يوقسە ئالەمنىڭ يوقۇ بارى بەرابەردۇر ماڭا.
ئەي كۆڭۈل غەۋۋاسى بەھرى ئىشق ئولۇپمەن، نې ئەجەب،
كىم نەسىب ئەمدى ئوشۇل پاكىزە گەۋھەردۇر ماڭا.
نې ئۈچۈن بەزمى ۋىسال ئىچىندە ئىچمەي بەدەكىم،
كۆزىيۇ ئاغزى ئانىڭ بادامۇ شەككەردۇر ماڭا.
ئايۇ خۇرشىدىڭنى يىغ، ئەي چەرخى گەردۇن، سەن بۇدەم،
ھەمرەھ ئول ئاي چىھرەلىك خۇرشىد پەيكەردۇر ماڭا.
سەرۋنى ئۆرتەپ، سۇمەننى يەلگە بەر، ئەي باغبان،
كىم بۇ كۈن ھەمسۇھبەت ئول سەرۋى سۇمەنبەردۇر ماڭا.
قورقارەم ھىرمان سەھابىن ياپماغاي فەھم ئەتسە چەرخ،
كىم شەبىستان مىھر شەمئىدىن مۇنەۋۋەردۇر ماڭا.
ئەي  نەۋايى، ھېچ بىلمەنكىم تاپىپمەن ۋەسلىنى،
يا مەگەركىم جۇملەئى ئالەم مۇسەخخەردۇر ماڭا.

16

كۆرگەلى ھۇسنۇڭنى زارۇ مۇبتەلا بولدۇم ساڭا،
نې بەلالىغ كۈن ئىدىكىم، ئاشنا بولدۇم ساڭا.
ھەر نېچە دېدىمكى، كۈن – كۈندىن ئۈزاي سەندىن كۆڭۈل،
ۋەھكى، كۈن – كۈندىن بەتەرراق مۇبتەلا بولدۇم ساڭا.
مەن قاچان دېدىم: ۋەفا قىلغىل، ماڭا زۇلم ئەيلەدىڭ،
سەن قاچان دېدىڭ: فىدا بولغىل، فىدا بولدۇم ساڭا.
قاي پەرى پەيكەرغە دەرسەن تەلبە بولدۇڭ بۇ سىفەت،
ئەي پەرى پەيكەر، نې قىلساڭ قىل ماڭا، بولدۇم ساڭا.
ئەڭ كۆڭۈل، تەركى نەسىھەت ئەيلەدىم، ئەۋۋارە بول،
يۈز بەلا يەتمەسكى، مەن ھەم بىر بەلا بولدۇم ساڭا.
جامى جەم بىرلە خىزىر سۇۋى نەسىبىمدۇر مۇدام،
ساقىيا، تا تەركى جام ئەيلەپ گەدا بولدۇم ساڭا.
غۇسسە چەڭگىدىن  نەۋايى تاپمادىم ئۇششاق ئارا،
تا  نەۋايىدەك ئەسىرۇ بىنەۋا بولدۇم ساڭا.

17

قەھرىڭ ئولسە، بارچە ئىشىمدىن مەلالەتدۇر ساڭا،
لۇتفۇڭ ئولسە، يۈزمىڭدەكدىن فەراغەتدۇر ساڭا.
ئەي مەنى سەرگەشتەدىن گەھ فارىغۇ گاھى مەلۇل،
قەھرىڭ ئول، لۇتفۇڭ بۇ، يا رەبكىم، نې ئادەتدۇر ساڭا.
لۇتفۇڭ ئازى جان ئالۇر، قەھرىڭ كۆپى ھەم ئۆلتۈرۈر،
بۇلئەجەب ھالىيدۇرۇر، ئايا نې ھالەتدۇر ساڭا.
پەند ئىشىتمەي سەۋدۈڭ ئانى، ئەي كۆڭۈل، چەك دەردۇ رەنج،
ئازدۇرۇر ھەر لەھزە گەر يۈز مۇنچە ئافەتدۇر ساڭا.
ۋەھم ئەت ئاھىم ئوتىدىن، ئەي گۇلكى، دۋران باغىدا
كۆز ياشىمدىن بۇ قەدەر لۇتفۇ تەراۋەتدۇر ساڭا.
ئەي قۇياش، مىھر ئەھلىنى كۆيدۈرمە بۇ ۋادىدەكىم،
گەرم رەۋلەر ئاھىدىن مۇنچە ھەرارەتدۇر ساڭا.
ئەي  نەۋايى، ئىستەمە ۋەسل ئول قۇياشدىن زەررەدەك،
چۇن نېچە ئول قىلسە ئىستىغنا ھەقارەتدۇر ساڭا.

18

ئەي ئەلىفدەك قامەتىڭ مەيلى بۇزۇلغان جان ئارا،
گەنجى ھۇسنۇڭ جەۋھەرى بۇ خاتىرى ۋەيران ئارا.
كۈلمەكىڭ ئىچرە مەلاھەت ئۇيلەدۇركىم، شوخلار،
ئويناماقدىن يۈز ياشۇرغايلا گۇلى خەندان ئارا.
گەر كەلامىڭنى مەسىھ ئەنفاسى دېدىم، ئەي ھەبىب،
ئەيب قىلمەكىم، غەلەت گاھى تۈشەر قۇرئان ئارا.
ئوقلارىڭدىن جان تاپارمەن، گويىيا پەيكانلارىڭ
سۇ ئىچەردە غۇتە تاپمىش چەشمەئى ھەيۋان ئارا.
خەستە كۆڭلۈم ئاھى كۆڭلۈڭگە ئەسەر قىلغاي دېدىم،
قايدا ئولتۇرسۇن ۋەلې بىمار ئوقى سەندان ئارا.
باشتا گەۋھەر گۇيىنىڭ فىكرىدىن ئارتار دەردى سەر،
كىمكى كەچتى باشىدىن گۇي ئۇردى بۇ مەيدان ئارا.
ئۆيكى، ئەدنا تەبرەنۈر، ساكىنگە خاتىرجەمئ ئەمەس،
نې ئەجەب، گەر ئەمن يوقتۇر كۇنبەزى دەۋۋار ئارا.
لەئلىڭ ئالغاي كۆڭلۈم ئەھۋالىن، مۇنەججىم چۇن كۆرەر
ئايتۇر ئول: ئەۋۋارە بولغان غايىبىڭدۇر قان ئارا.
ئەي  نەۋايى، ئىشق دەردى كۆرگەن ئەل كۆڭلىن بۇزار،
ھەر خەراشىيكىم، ئۈنۈڭ زاھىر قىلۇر ئەفغان ئارا.


19

كىمكى كۆرسە مۇشكى ناب ئول سۇنبۇلى سىيراب ئارا،
بىر قارا تۇفراغ دېگەيكىم، تۈشتى مۇشكى ناب ئارا.
قاشىڭ ئىچرە رىشتەئى جانىمغە چىرمانغاي كۆڭۈل،
ئەنكەبۇتىيدۇركى، ئەبلەپدۇر ۋەتەن مىھراب ئارا.
ئول قۇياشدىن ئايرۇ ئەشكىم يامغۇرىنىڭ بەرقىدۇر،
ئوت تۇتاشقان رىشتە ياڭلىغ جىسمى پىچۇ تاب ئارا.
ئول لەبى ئۇنناب گۇن كۆڭلۈمگە ئەككەن تۇخمى مىھر،
كۆڭلۈم ئىچرە ياشۇرۇندۇر دانەدەك ئۇنناب ئارا.
ئۇيقۇ سەيدى قەسدىغە ئاتقان تاشىڭدىندۇر نىشان،
كۆز قاراسى دېمەگىل بۇ دىيدەئى بىخاب ئارا.
چەرخى دايىر بەھرىدىن ئەل تۇتماسۇن ساھىل ئۇمىد،
كىم قۇتۇلماس ھەر كىشىكىم تۈشتى بۇ گىرداب ئارا.
گەر  نەۋايى يادىنى قىلماق ھەبىب ئىمكان ئەمەس،
بەسدۇرۇر مەزكۇر ھەم بولسە گەھىي ئەھباب ئارا.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 08:54:02

ياخشى تېمىكەن. تۇغۇلغان كۈننى بىلمەيدىكەنمەن بىلۋالدىم.  رەھمەت :):):P

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 13:17:50

مەۋلۇت كۈنلەرگە مۇبارەك

ER518 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 13:31:26

بىر ئايدا تۇغۇلۇپتىكەنمىز

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 18:28:16

21
زەۋرەق ئىچرە ئول قۇياش سەير ئەيلەمەس جەيھۇن ئارا،
ئەختەرى سەئدىي ھىلال ئىچرە كېزەر گەردۇن ئارا.
ئاڭلاماس جەيھۇنداكىم ئول كېمە بىرلە سەير ئېتەر،
يا ھىلالۇ مىھر ئەكسىن ئەل كۆرەر جەيھۇن ئارا.
كېمەدىن ھەردەم چىقىپ رەككىن سۇ كۆزۈم قانىدەك،
ئاندا بار ئانداقكى مەردۇم دىيدەئى پۇرخۇن ئارا.
بارغىل، ئەي مەجنۇنكى، ئول ئاي زەۋرەقىدەك تېز ئەمەس،
جۇڭىكىم لەيلى ئەمارىسىن چېكەر ھامۇن ئارا.
ئالما خۇم گىردابىدىن بىر لەھزە ساغەر زەۋرەقىن،
بەھرى غەمدىن ئىستەسەڭ مەخلەس بۇ دەھرى دۇن ئارا.
بەھر مەۋجىدىن مۇشەۋۋەش بولماسۇن دەپ خاتىرىڭ،
مەۋج ئۇرار يۈز بەھرى غەم بۇ خاتىرى مەھزۇن ئارا.
دۇر بولۇر بەھر ئىچرە پىنھان، نەزمىدىن شەھ مەدھىدە،
بەھر ياشۇنمىش،  نەۋايى، ھەر دۇرى  مەكنۇن ئارا.

22

مىڭ زەخم ئۇردى خەنجەرى ئىشقىڭ بۇ تەن ئارا،
بۇ تەننى ھەجر تاشلادى يۈزمىڭ تىكەن ئارا.
لېك ئول تىكەنلەر ئۈزرە خەيالىڭ بىلە كۆڭۈل،
ئوينار مەگەر گۇل ئۈزرەۋۇ ئاغنار سۇمەن ئارا.
جىسم ئۆيىدىن كۆڭۈل تىلەر ئول گورنى، ۋەلېك
غۇربەت سۇئۇبەتىن كىشى بىلمەس ۋەتەن ئارا.
ئېرمەس ئۇچۇق لەبىڭدەكى، ئول يۈز سۇھەيلىدىن
رەڭ ئالمادى بۇ قەترە ئەقىقى يەمەن ئارا.
جانىم لەبىڭ شەھىدى ئىكەنگە تانۇقدۇرۇر،
ھەر ئال رىشتە قانغە بويۇلغان كەفەن ئارا.
بۇلبۇل نې ياقماسۇنكى، بىر ئوتنى ياقتى قەسدىغە،
ھەر ئاتەشىن گۇل ئۇشبۇ ۋەفاسىز چەمەن ئارا.
كۆردۈڭ،  نەۋايى، ئول سەرى زۇلف ئۈزرە يۈز شىكەن،
كۆر ئەمدى يۈز شىكەستە كۆڭۈل بىر شىكەن ئارا.

23

ئىككى بارماق بىرلە تۇتدۇم لەئلىن ئول رۇخسار ئارا،
ئۇيلەكىم بۇلبۇل تۇتار گۇل يافراغىن مىنقار ئارا.
خەتدە رۇخسارىڭ سۇ ئېركىنمۇ ياشۇنغان سەبزەدە،
يوقسە كۆزگۈدۇركى، قالمىش ھەر تەرەف زەڭگار ئارا.
كوھى غەم تارتارغە قىلدەك جىسم ئىلە بەل باغلادىم،
ئاستىغە قالمىشمەن ئانداقكىم سامان دىۋار ئارا.
مەي دېمە، قۇشلار قاناتىنىڭ يېلىدىن بولغۇسى،
نەخلى قەددىڭ مايىل ئولماق ھەر تەرەف رەفتار ئارا.
شەككەرى لەئلى خەيالىدىن سەراسەر مۇردۇر،
ساچىدا ئېرمەس تۈگۈن ئۈزرە تۈگۈن ھەر تار ئارا.
كافىرى ئىشق ئولغان ئەۋلا، دېمەسە ئەفغان سۆزىن،
خۇب ئەمەس تەسبىھ تارى رىشتەئى زۇننار ئارا.
ۋۇسمە ئۈزرە زەر ۋەرەقلىغ ئىككى قاشىڭ يۈز ئۈزە
جىلۋەگەر بولغان ئىكى تاۋۇس ئېرۈر گۇلزار ئارا.
قامەتىم گۇللار ئاچىلغان ھەر تىكەن شاخىدادۇر،
تولغالى پەيكانلارى قانلىغ تەنى ئەفگار ئارا.
گۇلشەن ئىچرە چۇن پۈتەر گۇل، شورە يەردىن شورەزار،
غەيرى غەدر ئەھلى نې بولغاي ئالەمى غەددار ئارا.
دەۋر ئېلى بىدادىدىن گەر مۇخلىس ئىستەرسەن مۇدام،
كۈپ ئاياغىدىن باش ئالمە كۇلبەئى خۇممار ئارا.
ھەق تىلەر بولساڭ،  نەۋايى، سىلكى دۇنيادىن ئېتەك،
ئىشقىڭ ئولسە پاك، قويمە ئۆزنى بۇ مۇردار ئارا.

24

ئېرۈر ئىشق ئەھلى كورىستانىيۇ يۈزمىڭ مەزار ئاندا،
فەنا شەھرىيۇ لەۋھۇ مىلدىن تاقۇ مۇنار ئاندا.
ئەجەب شەھرىكى، ئۆي گور ئولغايۇ سۇككانى جانسىز تەن،
مۇئاشىر ماتەمىيلەر، نەۋھە ئەھلى نەغمەكار ئاندا،
كۆڭۈللەر تازە – تازە داغ ئىلە قان ئىچرە ئايلانغان،
كۆرەرسەن لالەدىن گەھ-گەھ گۇزەر قىلساڭ بەھار ئاندا.
گىياھ ئېرمەسكى، ئىشق ئەھلى شەھىدى باغرىدا قالغان،
بولۇپتۇر بارچە زەھر ئالۇد نىشتەر ئاشكار ئاندا.
مەگەر تەۋسەن مىنىپ، سانچىپ ئېتەك، تارتىپ قىلىچ ھەرئان،
ئۇلۇس قەتلىغە جەۋلان قىلمىش ئول چابۇك سەۋار ئاندا.
بۇ ئۆلگەنلەرگە ئۇمرى خىزر بەرگەي، گەر يەنە ناگەھ
مەسىھىم ئابىھەيۋان ياڭلىغ ئەتسە بىر گۇزار ئاندا.
كۆرۈڭلەر ئىشق دەشتىنكىم، نەسىمۇ لالەدىن دائىم،
گەھى جان بەخش سالقىندۇر، گەھى مۇھلىك سەرار ئاندا.
ئېرۈر ئىشق ئايەتىكىم، نۇقتەسىنىڭ دانەسىن كۆرگەچ،
تۈشەر ئەرۋاھى قۇدسىي قۇشلارى بىئىختىيار ئاندا.
نەۋايى، دەير ئارا كىر، گەر فەنا جامى تىلەر بولساڭ،
رىيادۇر خانەقەھ ئەھلىدە، بارمە زىنھار ئاندا.

25

داغلاركىم قويدۇم ئول ئاي فۇرقەتى ئازارىدا،
دۇدى ھەر بىرنىڭ ئېرۈر داغى فەلەك رۇخسارىدا.
زەئفىم ئىچرە قەسر تامىغە تايانغاندەكدۇرۇر،
ھەر سامان كۆرسەڭ ياپۇشقان كويىنىڭ دىۋارىدا.
بىر مۇسۇلمانغە ئېرۈر دىن قەسدى ئەتكەندىن ھىساب،
ھەر تۈگۈنكىم كۆرسەڭ ئول كافىر ساچى زۇننارىدا.
گۇلشەن ئىچرە كۆپ بىنەفشەڭدىن دېمە، ئەي باغبان،
نىل ئىلە، كۆر، خاللار ھەريان يۈزى گۇلزارىدا.
قويدى گۇل گۇن مىھرلەر جان پەردەسىدە قان ئىلە،
ۋەھكى، سالۇر مۇھر، يا گۇلمۇ ئىكىن دەستارىدا.
تەنغە جان كىرگەن كەبى جاناننى يەتكۈر، ئەي تەبىب،
ئەمدىكىم، جاندىن رەمەق زاھىر ئەمەس بىمارىدا.
ۋەھكى، بىر قاتىلغە ئاشىقمەنكى، جاننىڭ بىيمى بار،
ئىشقىنىڭ جان ئىچرە ھەم ئىخفاسى ھەم ئىزھارىدا.
تاپماساڭ دەۋر ئەھلىدىن مىھرۇ ۋەفا، ئەيب ئەتمەكىم،
پۈتمەمىش بۇ مىۋە دەۋران باغىنىڭ ئەشجارىدا.
ئەي  نەۋايى، ئەقلۇ دىن يەغما قىلۇر دەۋران مۇغى،
چىق رەۋان بۇ بەزمدىن فىلجۇملە ھۇشۇڭ بارىدا.
بەت: [1]
: ئىككى بۈيۈك شائىرنىڭ توغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەيمەن!