بوۋاقلار كىسىلى ھەققىدە
بالام تۇغۇلغىلى 2 ئاي بولدى، چېچىنى بىر قېتىم چۈشۈرگەن، ئۇنىڭدىن كىيىن بېشىنىڭ كەينىگە،ئىككى يان تەرىپىگە چاچ چىقمىدى، چوڭلار بۇنى قىل قۇرت يەپتۇ دەيدىكەن، مىنىڭچە بۇ بالىلارنىڭ بېشىنىڭ ئارقا تەرىپى، يان تەرىپى ياستۇققا تولا سۈركىلىپ شۇڭا چاچ ئۆسمەمدىكىن دەيمەن، سىلەر مەسلىھەت بەرسەڭلار. ئالدىرىماي چىقىدۇ.بالام تۇغۇلۇپ 10كۈن بولغاندا قىيىنئاپام كېلىپ « ۋاي بۇ بالىنىڭ يە قىشى يوق، يە چىچى يوققۇ، قەيسەر( قىيىنئاكامنىڭ ئوغلىنى دىمەكچى )نى يوقلاپ بارسام قاش كۆزى تۈكۈلۈپ تۇرۇپتىكەن » دىمەسما؟ كەتكەندىن راسا يىغلاپتىكەنمەن« مەن قاش كۆزى يوق بالا تۇغۇپتىمەن »دەپ. مانا ھازىر بۇ گۇيدىكى قاش، بىشىدىكى بىر توشۈكتىن بىرنەچچە تال چاچ چىققانمۇ، ئەيتاۋۇر، سەللا ئۆسۈپ كەتسە بىشىغا پاتماي قالىدۇ. قېيىنئاپام ئاۋۇ نەۋرىسىنى يىشىغا يەتكەندەرەك يوقلاپ بىرىپتىكەن ئەسلى :P ئەنسىرىمەڭ،ئەستا ئاستا ئۆزى چىقىدۇھەممە بوۋاق شۇنداق بولىدىكەن قىرىق چىچى تەسراق چىقىدۇ. ناۋادا قۇۋەتسىزلىكتىن چاچ چىقمىغان بولسا، ياكى چاۋگەي بولغان بولسا،،،،،،،،دەپ ئالدىراپ گەي تۇلۇقلىماڭ، بالىنىڭ ئىچىنى سۇرۋىتىدۇ. ئانىسى بىنا ئۆيدە يىتىۋەرمەي ئاپتاپ ئىسىنسۇن. ئەمدى ئىككى ئايلىق بوپتىغۇ، چىقىدۇ تېخى. مىنىڭمۇ شۇنداقتى، 1يېرىمغا كىرەي دەپ قالدى، ئەنسىرمەڭ، چىقىدىكەن بەلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ بەرسە. مىنىڭ قىزىم ئالتە ئايلىق بولدى ئۇنۇڭمۇ ئاشۇنداق ئاچىسىنىڭمۇ ئاشۇنداق ئىدى بىرە ياشقا كىرگەندە ئوڭشىلىپ كەتتى . پوسما دېگەندەك كىيىملىرنى چوڭلارنىڭ مەسلەھەتى بىلەن ئالماشتۇرۇڭ،ئوسما چىققاندا سۈيىنى سۈرۈپ قۇيۇڭ، قالغىنىغا ئەنسىرىمەڭ. ئانداقتى مانداقتى دىمەي، سەكسەك يەپتۇ دىسىمۇ بولىدۇ كونىچە…
يەنە كونىچە ئۇسۇلدا كالىغا يالاتسا ئوڭشىلىپ كېتەرمىش… توغىرسى كەسكەك يەپتۇ دەيدىكەنمىز، تۈزۈتۈپ قوياي.
سەت بولدى. 0996 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 14:58 static/image/common/back.gif
توغىرسى كەسكەك يەپتۇ دەيدىكەنمىز، تۈزۈتۈپ قوياي.
سەت ب ...
رەھمەت،ئۈگۈنۈۋالدىم. بۇ كەسكەك دىگەن گەپ ئورتاق ئەدەبىي گەپمۇ يا سىلەر تۇرۇۋاتقان رايۇننىڭ يەرلىك ئاتالغۇسىمۇ؟ خوتەن رايۇنىدا قىل قۇرت دەيتتى.
Himmet يوللىغان ۋاقتى 2015-02-11 13:16:04 static/image/common/back.gif
رەھمەت،ئۈگۈنۈۋالدىم. بۇ كەسكەك دىگەن گەپ ئورتاق ئەدە
ئورتاق ئەدبىي تىل ئەمەسمىكى، كورلىدا شۇنداق دەيدۇ. 0996 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-11 13:21 static/image/common/back.gif
ئورتاق ئەدبىي تىل ئەمەسمىكى، كورلىدا شۇنداق دەيدۇ.
چۈشىنىۋالدىم. مەنمۇ كورلىغا بارسام، كەسكەك دىگەن نىمە دەپ سوراپ يۈرمەيدىغان بولدۇم، سىزمۇ خوتەنگە كەلسىڭىز، قىل قۇرت دىگەن نىمە دىگەننى سوراپ يۈرمەيدىغان بولدىڭىز.
بەت:
[1]