bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 20:02:32

ئادىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەقسىمات(3)

ماقالىنىڭ ئىككىنجى قىسىمىنى بۇ ئادىرستىن كۆرۈڭ  http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=62274#lastpost
1. ئىقتىسادى گەۋدىگە خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش .ئقتىسادى گەۋدىدە 100 خىزمەتچى بار دىسەك بىر ئادەم بۇ ئىقتىسادى گەۋدىگە خىزمەتچى بولۇپ كىرمەكچى بولسا چوقۇم بۇ ئادەم ئىچكى پاينىڭ (يەنى پاينىڭ %51تىنىڭ )101دەن 1 قىسىمىنى شۇكۈندىكى  بازار باھاسىدىكى قىممىتى بويىچە سىتۋىلىش كىرەك ، پاي باھاسى ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ بازارغا سىلىنغان %49  پاينىڭ شۇ كۈندىكى بازار يىپىلغاندىكى باھاسى بىلەن بىردەك بولىدۇ .
2.خىزمەتچى ئىقتىسادى گەۋدىدىن ئايرىلىش. خىزمەتچى ئىقتىسادى گەۋدىدىن ئايرىلماقچى بولسا ئەسلى ئۆز بۇرۇن سىتۋالغان پاي كونتىرول قىلىش ھوقوقىنى چوقۇم يەنە شۇ كۈندىكى تاشقى پاينىڭ بازار يىپىلغاندىكى باھاسى بىلەن ئىقتىسادى گەۋدە  تەرەپكە قايتۇرۇپ بىرىپ پۇلىنى ئىپ كىتىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادى گەۋدە بىلەن خىزمەتچى بولۇش مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشىدۇ.
مەسلەن ،مەلۇم شىركەتتە 250 ئادەم خىزمەت قىلىدۇ دەيلى ،بىر پىرسەنىت پىيىنىڭ مەلۇم كۈندىكى  بازار يىپىلغاندىكى باھاسى 5000يۇەن بولسۇن. بۇ شىركەت 10 خىزمەتچگى قۇبۇل قىمماقچى ،بۇ ئون خىزمەتچى قانداق شەكىلدە شىركەت بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنى باشلايدۇ ؟
بۇ شىركەتنىڭ %51پىينىڭ بازار باھاسى  255000يۈئەن بولىدۇ.بۇ شىركەتكە قوشىلىدىغان 10 ئادەم بىلەن ئومومى ئادەم سانى 260 بولىدۇ ،بۇ ئون خىزمەتچىنىڭ ھەربىرسى ئالدى بىلەن شىركەتكە 255000يۈئەننىڭ 260تەن بىر قىسىمىنى  تەخمىنەن 981 يۇئەن پاي كونتىرول قىلىش پۇلنى تاپشۇرۇش كىرەك .
تەخمىنەن يىرىم يىل ئۆتكەندىن كىيىن بۇ شىركەتنىڭ بىر پىرسەنىت پىينىڭ بازار باھاسى 4000 يۇئەنگە چۇشۇپ قالدى دەيلى ،زاۋۇت 20 ئادەمنى ئىشتىن بوشاتماقچى بولسا بۇ شىركەتنىڭ %51پىينىڭ بازار باھاسى 204000يۇئەن بولىدۇ ،شىركەت ھەر بىر خىزمەتچىدىن پاي كونتىرول قىلىش ھوقوقىنى قايتۇرۋالغانلىقى ئۈچۈن ھىربىرسىگە 204مىڭ يۇئەننىڭ 260دەن بىر قىسىمىنى يەنى 784.61يۇئەننى قايتۇرۇپ بىرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ شىركەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشىدۇ .
خىزمەتچى قۇبۇل قىلىنغاندا تاپشۇرغان پاي كونتىرول قىلىش پۇلى شىركەت  خىزمەتچىللىرىگە تەڭ ئۈلەشتۈرۈپ بىرىلىدۇ .ئىشتىن بوشىتىلغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئالىدىغان پۇلىنى شىركەتتە قىپ قالغان خىزمەتچىلە تەڭ چىقىرىدۇ .
مۇشۇنداق ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەقسىمات ئۇسۇلى تۈزۈملەشكەن ئىقتىسادى گەۋدە پۇتكۈل يەرشارىغا ئوموملاشسا بەلكىم  يەرشارى مىقياسىدىكى ئومومى نوپۇسنىڭ  بىر پىرسەنىتنى ئىگەللەيدىغان كاپتالىسىتلارنىڭ يەرشارىدىكى %99 پىرسەنىت بايلىقنى كونتىرول قىلۋىلىش ھالىتى تۈپتىن ئۆزگۈرىشى مومكىن.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 23:20:00

ھوي، بۇ ئىختىسادشۇناسمۇ؟ خىلى يامان ئەمەس گەپلەر چىقىۋاتىدىغۇ. تەڭ تەخسىملەش،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 00:16:45

ئۆزەمچە كەلگۈسى دۇنيانى تەسۋىرلەپ باقاي، مېھرى مۇھاببەت دۇنياغا كېلىسىز، يەنە مېھرى مۇھەببەت بىلەن كېتىسىز. بۇ ئارلىقتا ھىكىم قىممەت يارات دەپ زورلىمەيدۇ، تۇغۇلغان ئىكەنسىز چۇقۇم رىسقىڭىز بولىدۇ، چۈنكى يەرشارى ھىچكىمگە مەنسۇپ ئەمەس. فانتازىيە كىنولاردىكى تەسۋىرلەرگە ئوخشاش ھەرخىل كەسىپلەر بولىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىش ۋە ئىقتىدارى بۇيىچە ئەركىن تاللايسىز، مەسۇلىيەتچانلىقنى ئۆزلىگىڭىزدىن يىتىلدۈرىسىز. ھەرقانداق كەسىپ كەمسىتىشكە ئۇچىرمايدۇ.…دۆلەت، مىللەت ئۇقىمى يوقايدۇ. چۈنكى سىز تۇغۇلغاندا بۇ ئۇقۇملار سىز بىلەن تەڭ تۇغۇلمىغان. دىننى ئېتقات شەخىسچىلىك بىلەن بولىدۇ.
يۇقارقى فانتازىيەنىڭ شەرتى: ھەممە ئادەم ئالدى بىلەن ماددى-مەنىۋى مەنپەتلىرىدىن ۋاز كىچىش كېرەك. ھەم بۇنىڭغا تىرىشىش جەريانى كېتىدىدانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك.

Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 11:33:13

bilig2010
ئىسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
ئۆزىڭىز يېزىۋاتامسىز ياكى تەرجىمە قىلىۋاتامسىز؟تەرجىمە بولسا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز؟

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 08:44:45

Yatmix يوللىغان ۋاقتى  2015-2-9 11:33 static/image/common/back.gif
bilig2010
ئىسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
ئۆزىڭىز يېزىۋاتا ...

ئۆزۈم يازغان ، مەن خەۋەرلەرگە بەك قىزىقىمەن دائىم خەۋەر كۆرىمەن ، ئامىركا ۋە ياۋرۇپادا %1 باينىڭ %99 بايلىقنى كونتىرول قىلىشىغا قارىشى نامايىشلا بولدى ،يەنە بىر نۇقتىدىن كۈزەتسەك  بىل گەيتىس ۋە بوففىتلار ئاتا ئانىسىنىڭ مال مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىپ  ئامىركىدىكى بىرىنجى ئىككىنجى باي بولغىنى يوق ، مەن مۇشۇ بايلىق تەكشىسىزلىكىنى كارىخانا شىركەت گوروھلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەقسىماتقا ئۆزگەرتىش كىگۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى تەھلىل قىلدىم ،بىراق مۇ ماقالەم ئانچە تەسىر قوزغىيالمىدى.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-17 12:40:53

bilig2010 يوللىغان ۋاقتى  2015-02-17 08:44:45 static/image/common/back.gif


ئۆزۈم يازغان ، مەن خەۋەرلەرگە بەك قىزىقىمەن دائىم خەۋ
بىر ئوبدان ئۆزئالدىڭىزغا ئىزدەنگەن ماقالىنى ئۆچكە  بۆلەپ ئېلان قىلسىڭىز تەسىر كۈچى ئاجىزلايدۇ-دە.
ئوبامانىڭ ئامرىكا دۇنياغا يەنە يۈز يىل يېتەكچىلىك قىلدىغانلىقىنى، بايلار بېجىنى ئۆستىرىدىغانلىقىنى، فانتازىۋى ئاساسى قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاشقا باشلىقانلىغى، دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇن قايدىسى دۇنيا مەدىنيىتىگە زىيانلىق بولسا، قىممەت  قارشى بىرلىك قىلغان تىنىچ ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكيان سودا تەشكىلاتى قۇرۇپ ئۇيۇن قايدىسى بېكىتىدىغان…قاتارلىق سىياسەتلەردىن ئىقساد ئۈچۈنلا ئىقساد بۇلۇپ قالمىقانلىقىنى، بۇنىڭ ئارقىسىدا ئەمىلەيەتتە پەلسەپە بارلىقنى بىلگىلى بولىدۇ.
بۇرۇن ئەنگىلىيە دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئىككى دۇنيا ئۇرىشىغا ئاپارغان. نىمىشقا؟ چۈنكى ئادالەت يوق. ئەمدى ئامىركا قانداق ئادالەت بىلەن يۈز يىل دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ؟ قانداق بولسا ھەممە ئادەمگە ئادىل بولىدۇ؟ يەنى ھەممە ئادەم تۇغۇلىشىدىن باراۋەر، لىكىن ئىقسادى جەھەتتىن تۇغۇلىشى بىلەن باراۋەر ئەمەس، بۇنى قانداق كىلىشىپ ئاڭلىق مەسلەك بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ ئادالەت ئۈچۈنلا ئادالەت بۇلۇپ كەتمەي، باشقىلارغا بېقىپ قانداق جەريانلار كېتىدۇ؟
جوڭگونىڭمۇ ئىككى يۈز يىل پىلانى بار، ئەڭ ئاساسلىق مەسلە يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەخسەت قىلىدۇ دىسەك، خۇسۇسلاشقا، ئەركىن بازارلاشقان كاپتالىزىمنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ، يۈز يىلدا ئاران كاپتالىزىملاشسا، ئامرىكا يۈز يىلدا كومىنىزىمدەك برخىل جەمىيەت تۈسىگە كىرسە، ئاخىردا ئادالەت كىمنىڭ قۇلىدا ئىكەن؟
ئىلھام كىلىپ……
بەت: [1]
: ئادىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەقسىمات(3)