[خەتلىك فىلىم] ئۆزگە يۇرت: بىر ئۇنتۇلماس دەۋر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-8 16:41فىلىم نامى: ئۆزگە يۇرت: بىر ئۇنتۇلماس دەۋر
ئەسلى نامى: Die andere Heimat - Chronik einer Sehnsucht
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2013-يىلى
دۆلىتى: گېرمانىيە
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: نېمىسچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / نېمىسچە
IMDB نومۇر: 8.1
رازمىرى: 480*854 / 1280*720 / 1920*1080
چوڭلىقى: 9.8G / 4.1G / 2.8G
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 03:50:57
رېژىسسور: Edgar Reitz
باش روللاردا: Jan Dieter Schneider, Antonia Bill, Maximilian Scheidt
فىلىم ھەققىدە:
تۆمۈرچىنىڭ ئوغلى ياقۇپ، ئەزەلدىن دادىسىغا ياردەملىشىپ تۆمۈر سوقۇشنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ باقمىغان، ئەمما پۇرسەت تاپسىلا قولىدىن كىتاپ چۈشمەيتتى. كىتابتىن ئۇ يىراقتىكى يېڭى قۇرۇقلۇقلارنى چۈشەندى، ئىندىيانلارنىڭ تىلىنى ئۆگەندى، ئۇنىڭ ئارزۇسى تەڭسىزلىككە تولغان بۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئاشۇ يېڭى دۇنياغا بېرىش ئىدى.
بۇ فىلىمدە 19-ئەسىردىكى گېرمانيەنىڭ بىر كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ توي-تۆكۈن، دەپنە مۇراسىمى، يىغىلىش، دېھقانچىلىق ئىشلىرى، كۈندىلىك خىزمەت قاتارلىق ... تۇرمۇشى ئارقىلىق، گېرمان خەلقىنىڭ ئىنسانلىق پەزىلىتى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىقلار نامايان قىلغان.
بۇ فىلىمدىكى ئۆزگىچە بايان قىلىش ۋە بۇنىڭدىن پەيدا بولغان قىممەت ۋە كۈچتىن باشقا، چوقۇم ئالقىشلاشقا تېگىشلىك بولغىنى ئۇنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ گۈزەللىكىدۇر. پۈتۈن فىلىمدە ئاق ۋە قارا رەڭ ئاس قىلىنغاندىن باشقا ئارىلاپ پەيدا بولىدىغان بەزى رەڭلىك نەرسىلەر كۆرۈرمەنلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى نەرسىلەرنى سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە قىلغان.
كەسمە رەسىملەر:
بۇ بەتكە كىرىپ، شۈنلېيدىن، بەيدۇ بۇلۇت ياكى Letv تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
ئەسكەرتىش: فىلىم كۆرۈنۈشلىرى گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن، 1080P نۇسخىسىنىڭ سۈپىتىنى ھېچقانچە تۆۋەنلەتمەي پىرىسلىدۇق ھەمدە فىلىم ئۇزۇنلىقى 4 سائەت يېقىن بولغاچقا سىغىمى 10G ئەتراپىدا چىقىدىكەن، 1080P نۇسخىسى بەلكىم ئەتە كەچكىچە تەييار بولىشى مۇمكىن. رەھمەت سىلەرگە، خۇدايىم ئەجرىڭلارنى بىرەر. رەخمەت....... كەچتە كۆرگىلى كىنو چىقتى مانا پاھ! 1080 لىق سۈزۈك نۇسقىسى چىققاندا كۆرەي ، رەھمەت سىزگە . كۆپ رەھمەت ، 10 گ فىلىم چوڭلۇغى ھازىرقى تور سۈرئېتىگە نىسبەتەن ئۇنچە چوڭمۇ ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 3 خىل فورماتتا پىرىسلاپسىلەر ، ھەركىم ئۆزى خالىغان فورماتتىكىنى تاللاپ چۈشۈرسە بولىدىغان .
ئادەتتە 4ك فورماتىدىكى ، 2 سائەت ئەتراپىدىكى فىلىملەرنىڭ چوڭلۇغى تەخمىنەن قانچىلىك چىقىدىغاندۇ ؟ كىنو رەڭگى ئەجەپ بىر يېقىملىق تۇرىدا ...چۈشۈرۈپ كۆرەيلى ، رەھمەت كۆۋرۈك ! mohsin يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 19:05 static/image/common/back.gif
كۆپ رەھمەت ، 10 گ فىلىم چوڭلۇغى ھازىرقى تور سۈرئېتىگە ن ...
بۇ فىلىمنىڭ (码率(Bitrate قىممىتى بىلەن (编码器(Encoder غا مۇناسىۋەتلىك، نوقۇل فىلىمنىڭ ئۇزۇنلىقى ياكى رازمىرىغا ئاساسەن بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ.
بىز ئادەتتە 720P فىلىم ئۈچۈن Bitrate نى 2400، 1080P ئۈچۈن Bitrate نى 3600، Encoder ئۈچۈن x264 ئۆلچىمىنى ئىشلىتىمىز.
ۋاقتى 2 سائەت بولغان، رازمىرى 4k بولغان فىلىمنىڭ Bitrate نى 2400 قىلىپ، Encoder ئۈچۈن x264 ئۆلچىمىنى ئىشلەتسەك، ھۆججەت سىغىمى 2G ئەتراپىدا چىقىدۇ، Bitrate نى 3600 قىلساق 3G ئەتراپىدا چىقىدۇ. ئەمما 4k رازمېردىكى فىلىمنى بۇ ئۆلچەمدە قىلساق رازمېرى بەك چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن فىلىم تۇتۇق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا فىلىمنىڭ رازمېرىغا ماس ھالدا Bitrate نى چوڭايتىش كېرەك، Bitrate ئاشقانسېرى فىلىم شۇنچە سۈزۈك بولىدۇ ھەم سىغىمىمۇ تەڭ ئېشىپ بارىدۇ. گىرمانلاردا ياقۇب دەپ ئىسىم باركەندە رەڭسىز فىلىممۇ بۇ؟ yehya1 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 20:35 static/image/common/back.gif
رەڭسىز فىلىممۇ بۇ؟
ھەئە. ئەسسەلامۇئەلەيكۇم كۆۋرۈك تورىدىكى ھارماس قېرىنداشلار . سىلەر بىزگە سۈپەتلىك خەتلىك تەرجىمىلەرنى سۇنۇپ كىلىۋاتىسىلەر . سىلەرگە رەھمەت . سوراپ باقسام (بۈگۈن مەن ئاشپەز ) تور پىروگىراممىسىنى تارقىتىدىغان دىتال سىلەرنىڭ تورنىڭمۇ ؟ يەنە بىر سۇئالىم مەن تور بىتىڭلارنىڭ ئايفۇن نۇسخىسىنى كۆردۈم ،لىكىن ئاندىرۇئىد نۇسخىسنىڭ تېلىگىراف نۇسخىسىنى كۆردۈم . ئاممىباب ھەر قانداق كارتىدا نورمال قۇيىلىدىغان نۇسخىسىنى ئىلان قىلدىڭلارمۇ ياكى ئەمدى ئىلان قىلامسىلە . رەھمەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalampai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-8 21:36
ئككى قىتىم كىتىپ قاپتۇ . بۇ كىنونى نېمىشقا رەڭسىز ئىشلىگەندۇ؟ kalampai يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 21:30 static/image/common/back.gif
ئەسسەلامۇئەلەيكۇم كۆۋرۈك تورىدىكى ھارماس قېرىنداشلار ...
بىزنىڭ سىز دەۋاتقان «كۆرك» بىلەن مۇناسىۋىتىمىز يوق.
بىزنىڭ «كۆۋرۈك كىنو توربېكىتى» نىڭ نۆۋەتتە پەقەتلا iOS تېرمىنالى بار، Android نۇسخىسى يوق. قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن كۆپ رەھمەت amber يوللىغان ۋاقتى 2015-02-08 21:32:25 static/image/common/back.gif
http://user.qzone.qq.com/314480181/blog/1422809031
روچىۋىن… kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 21:13 static/image/common/back.gif
ھەئە.
قەيەردىن تاپىسىلەر مۇشۇنداق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى؟ yehya1 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 10:04 static/image/common/back.gif
قەيەردىن تاپىسىلەر مۇشۇنداق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىل ...
توردىن مەنبە ئىزدەيدىغان نۇرغۇن ئۇسۇللار بار بولۇپ، بىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە مەنبەگە ئېرىشىمىز.
تۈركچە مەنبەلەرنى PT توربېكەتلەردىن، باشقا مەنبەلەرنى دۆلەت-ئىچى سىرتىدىكى BT ئۇرۇقى بىلەن تەمىنلەيدىغان توربېكەتلەردىن، بەزى كەم ئۇچرايدىغان مەنبەلەرنى NZBget ئارقىلىق تاپىمىز.
1. كۆپىنچە مەنبەلەرنى تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىكى توربېكەتلەردىن ئىزدەپ باقىمىز بولمىسا باشقا توربېكەتلەردىن ئىزدەيمىز.
bttiantang.com (دۆلەت ئىچىدىكى بىر قەدەر داڭلىق، ئوچۇق بولغان BT ئۇرۇقى بىلەن تەمىنلەيدىغان توربېكەت)
thepiratebay.se (دۇنياغا داڭلىق «دېڭىز قاراقچىسى قولتۇقى» توربېكىتى)
rarbg.com
torrentz.com
...
2. تۈركچە مەنبەلەرنى تۆۋەندىكى PT مەنبە توربېكىتىدىن تاپىمىز، PT توربېكەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىملىرى ھەق ئالىدۇ.
torrent-ultra.com
3. بىرقىسىم كەم ئۇچرايدىغان مەنبەلەرنى nzbindex.com، NZBsearch.net دېگەندەك توربېكەتلەردىن تاپىمىز، بۇنىڭ چۈشۈرگۈچى ئۈچۈنمۇ ھەق ئالىدۇ. ھەممىسى ھەقلىق دەڭ لېكىن بەزىلەر بىكارغا چۈشۈرۈپ كۆرگىلىمۇ قوسىغى ئاغرىيدىكەن.
بەت:
[1]
2