3karakax يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 13:10:56

يىغلىغان بۇۋاق

بۇۋاق يىغلىماقتا. بۇۋاقنىڭ يىغىسى پۈتكۈل شەھەرگە ئاڭلانماقتا.
توۋا دەيمەن، ئادەملەردە ئادىمىيلىك مېھىر دېگەن نەرسە قالمىغانمىدۇ؟!
يۇلتۇز كۆچۈپ چۈشكەندەك كۆرۈنىدىغان بۇ شەھەرنىڭ ئاسمىنىنى گەرچە قاراڭغۇلۇق ئۆز قوينىغا ئېلىپ جىمى ئىپلاسلىقلارنى يۆگىمەكچى بولغان بولسىمۇ بىراق، يول بويىدىكى چىراغلار جىمى ئىپلاسلىقلارنى كىشىلەر كۆرىۋالسۇن دېگەندەك بىزەڭ نۇرلىرى بىلەن ئەتراپنى يۇرۇتماقتا.
بۇۋاق يىغلىماقتا. بۇۋاقنىڭ ئاچچىق ئىڭراشلىرى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى گاس ئوخشىمامدۇ؟ ياقەي ئادەملەردە  ئادىمىيلىك مېھىر قالمىغان.  قاراڭ! كىشىلەر بۇۋاققا قاراپ- قاراپ قۇيۇپ كېتىشىپ بارماقتا. ئەنە ئاۋۇ ياشانغان كىشى بېشىنى چايقىغىنىچە كېتىپ قالدى. ئۇنىڭدىمۇ ئىنسانىي مېھىر قالمىغانمىدۇ؟  بەلكىم بالا بېقىپ قاتارغا قۇشۇپ ‹‹ئولتۇرۇشقا بارىمەن›› دېسە پۇل بەرمەي بالىسىدىن تاياق يېگەن، ھەتتا ئوچۇقتىن- ئوچۇق نۇمۇس قىلماي سەتەڭلەرگە خەجلەش ئۈچۈن ئۆز دادىسىغا پىچاق تەڭلەپ تۇرۇپ پۇل ئالغان بالىنىڭ دادىسى بولغان ھېلىقى ياشانغان كىشى بالا باققانغا بەك تۇيۇپ كەتكەن بولسا كېرەك بېشىنى چايقىغىنىچە كېتىپ قالدى.  ئادەملەردە  ئادىمىيلىك مېھىر قالمىغان.  ئون نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ يىلىگىنى شوراپ بۇلۇپ، خىزمەتكە چىقىپ مائاش ئالغاندىن كېيىنمۇ مائاشىنى تۇتۇپ خەجلىيەلمەي  دادىسىغا پىچاق تەڭلەپ تۇرۇپ پۇل ئالغان ئۇغۇل بالا بار بۇجاھاندا!
بۇۋاق يىغلىماقتا. ئۇنىڭ يىغىسى ئىنسانىي مېھىر تەلەپ قىلماقتا. ئۇ كىم ئىدى؟ ئلادىراش ئۆتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماستىن، ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ كېتىۋاتقان ئاۋۇ ئىككى ياشقا قاراڭ! ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى شۇنچە چوڭقۇرمىدۇ؟ ئادەملەردە  ئادىمىيلىك مېھىر- مۇھەببەت  قالمىغان. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى- بەزمە ئۈستىدىكى، رومكا ئىچىدىكى مۇھەببەت خالاس. بىرى بىرىنى بابلىسام دەيدۇ، بىرى بىرىنىڭ پۇلىنى خەجلىسەم دەيدۇ. يىغلىغان بۇۋاق مانا مۇشۇنداق ساختا مۇھەببەتنىڭ تۆرەلمىسى.
بۇۋاق يىغلىماقتا. بۇۋاقىنىڭ يىغىسىدىن بىزار بولغانلار قۇلاقلىرىنى يۇپۇرۇشماقتا. ئادەملەردە  ئادىمىيلىك مېھىر- مۇھەببەت  قالمىغان. بىر ساختا مۇھەببەتنىڭ تۆرەلمىسىنى كىممۇ ئېلىشنى خالىسۇن؟! ئانىسى بولغان بولمىش ئىپپىتىنى يۇقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى  قەيەرلەردە يۈرىيدىكىنە؟
بۇۋاق يىغلىماقتا. بۇۋاقنىڭ يىغىسى يىراق - يىراقلارغا ئاڭلانماقتا. ئەي خۇدا! بۇ ساختا مۇھەببەتنىڭ تۆرەلمىسىنى(ئىسمىنى ئۇدۇللۇق ئاتاشقا تىلىم بارمايۋاتىدۇ) بىر رەھىمدىل بەندەڭگە يۇلۇقتۇرساڭچۇ! ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاۋۋېرىشكە مەن چىداپ تۇرالمىدىم.
بۇۋاق يىغلىماقتا. قەيەرلەردىندۇر پەيدا بولغان سەھرا سۈپەت بىر جۈپ ئەر- ئايال بۇۋاقنى نىشانلاپ كەلمەكتە. بۇ بىچارىلەر كەنتكە كىرىپ قالغان قەرزنىڭ ھېسابىغا تۇنجى بالىسىنى تۇغمايلا تۇغۇت چەكلەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرۋەتكەن قەرزدار مۆمىنلەر ئىكەنغۇ! ئەي خۇدا! ئىنسانلەرنىڭ ئىنسابىنى بەرگەيسەن! مانا ئايالنىڭ ئىسسىق قوينىغا ئۇرالغان بۇۋاق جىمىقتى. ئەر- ئايال ئىككەيلەن بۇ بۇۋاقنى يۇلۇقتۇرغان خۇداغا مىڭ رەھمەتلەرنى ئوقۇشتى. ئۇلار بۇۋاقنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلگەن بولسا قانداق قىلار ئىدى؟!
شەھەر جىمجىتلىققا چۆكتى. ياشانغان كىشى بۈگۈن يۇلۇققان بۇۋاقنىڭ ئىشى بىلەن ئوغلىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ قەدىنىسىنىڭ يېشىنى تۆكمەكتە. ھېلىقى ئىككى ياش قەيەردىدۇر بىر سۆگەتنىڭ ئاستىدا ساختا مۇھەببەتنىڭ تۆرەلمىسىنى يىتىشتۈرمەكتە. بۇۋاق يەنە يىغلايدۇ. چۈنكى ئادەملەردە  ئادىمىيلىك مېھىر- مۇھەببەت  قالمىغان.  مەنمۇ زىرىكتىم. يىغلىساڭ يىغلاۋۋەرمەمسەن! مەن پەقەت خۇدادىن ئىنسانلارغا ئىنساپ، دىيانەت،  ئىنسانىي مېھىر- مۇھەببەت تىلەيمەن!
بۇۋاق يىغلىماقتا. .......


مەنبە: ئىجادىيىتىم

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 17:55:27

يىغلىسىغۇ مەيلىتتى سىز دىگەن باقىدىغان بىرە ئادەم ئۇچرايىتتى . ئەمما ھازىر يىغلاپ بۇلا ۋاققىچە ئۆلتۈردىغان گەپ
بەت: [1]
: يىغلىغان بۇۋاق