esiyan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 12:39:38

بىر دەم كۈلەمدۇق!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئۇزۇن زامان بولدى تورغا چىقالمىغىلى،قۇرۇق كەلمەي،تالاش-تارتىشلاردىن چارچىغان،نېرۋىلىرىمىزغا ئارام بولا دەپ،كونا لەتىپە،يۇمۇرلاردىن ئالغاچ كەلدىم،بەھىرلەنگەيسىلەر:
بىر كۇنى زوردۇن ھەكىمبەگ سەلەي چاققاننى ھوزۇرۇغا چاقىرتىپ،قىززىق پاراڭغا سەپ،توختىماي كۈلۈپ دىققەتسىزلىكتىن«تارت»قىلىپ خېلى كۈچلۇك ئاۋازدا ئوسۇرۇپ قويۇپتۇ.شۇئان ئوردا ئەھلى جىممىدە سۇكۇتكە چۆمۈپتۇ.بۇنى كۆرگەن زوردۇن بەگ ئىچىدە ئويلاپ«سەلەي تېشىغا چىقىپ بۇ ئىشنى ئەل ئىچىگە يايىدۇ،بۇ گۇي مېنى يايغىچە مەن گەپتە تۇتاي»دەپ،گەپ باشلاپتۇ:_سەلەي سەن زادى نەدىن؟
سەلەي چاققان ھودۇقماي جاۋاپ بېرىپتۇ:_ئوپالدىن
_بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭ؟
_قېچىپ ناپسان قوپالدىن.
بۇ چاققان جاۋاپلاردىن بەگ تېخىمۇ ھودۇقۇپ سوئالى قىيىپتۇ:_سىلەر زادى قانچە ئوغۇل؟
_بىز ئۇچ ئوغۇل تەقسىر،-دەپتۇ سەلەي
_ئاكىلىرىڭ بامۇ يۇق؟
_يوق تەقسىر،ئۇلار ئۆلگەن.
_قانداق ئۆلگەن؟
_بىر ئاكام پادىشانىڭ زۇلۇمىغا  چىدىماي،قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ،تۇتۇلۇپ داردا ئېىسىقتا ئۆلگەن،بىر ئاكام چولگە پالىنىپ ئىسسقتا ئۆلگەن مەن ئەمدى ئوردىڭىزدا پاراڭ تۇگىمەي سېسىقتا ئولىدىغان ئوخشايمەن.


2-شۇ زاماندىكى زوردۇن ھاكىمبەگنىڭ «ئېشەك»دەپ سەت لەقىمى بار بولۇپ،بۇ بىچارە بەگ بۇ لەقەمدىن قۇتۇلالماي،جامائەتكە كاتتا مەرىكە بېرىپ،ئۆتۈنۈپتۇ:_ھۆرمەتلىك جامائەت،خۇش بوپ قالاي،خۇدا ھەققى مېنى ئېشەك دېمىسەڭلەر!
_ئەمسە ئىشەك دېمىسەك نېمە دەيمىز؟_دىيشىپتۇ جامائەت.شۇ  چاغ جامائەت ئارسىدىكى شىتىلىرەك بىرسى قوپۇپ:_ئەمسە تەخەي دەيلى،_دەپتۇ.ئامال يۇق بەگ «ئېشەككە قارىغاندا سەل يېقىملىق ئاڭلىندىكەن»دەپ رازى بوپتۇ.بىر كۈنى بەگ  يارانلىرى بىلەن مەغرۇر كېتىپ بارسا،ئالدىغا ئېشىكىنى مىنىپ كېتىۋاتقان سەلەي چاققان ئۇچراپ قاپتۇ.بەگ مەغرۇر ھالدا:_سەلەي ئاڭلىدىڭمىكىن،جامائەت مۇندىن كېيىن مېنى تەخەي دەيدىغان بولدى،_دىيىشىگە،
سەلەي كۈلۈپ قويۇپ:_ئالدىرمىسلا تەقسىر،تەخەي چوڭيسا ئېشەك بولىدۇ شۇ._دىگۇدەك.

3-ئەخمەتجان پاراڭ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
_بىر كۈنى تۇداخۇن ئىككىمىزنى مۇشۇ جاغىستەينىڭ بىر مەھەللىسىگە چاخچاققا چاقاردى.ئارلىق يىراق دىسەك ،ئۇنماي ئۆزىمىز يولغا سەپ قويىمىز،دەپ ئاچىقىشتى،چاخچاق دېگەن بوپ كەتتى ئەمما،لېكىنزە قايىتىدىغان چاغدا ھېچكىمنىڭ كارى يۇق،شۇ غەزەپ ئاچچىقتا كېتىۋاتساق ئالدىمىزغا بىر مەس چىقىپ قالدى:_ئوھۇي ئەخمەتجان بىلەن تۇداخۇنغۇ بۇ يول نەگە؟،_دېدى ئۇ مەس ئالدىمىزنى توراپ،
:_نەگە بولاتتى بۇ سەرالىقلار ئاچىققىچە يالۋۇرۇپ ئاچىقىپ،كەتكىچە كارى بولمىدى،_دېدىم مەن ئاچچىق بىلەن.
_بۇ بولماپتۇ جۇرۇڭلار ئۆيگە مەن باشلاي ئۆي كەڭرى،_دېدى مەس ،ۋاي بوپتىلا مۇنچە  كەچتە يا قاتناش بولمىسا ،قونساق قونىلى،دەپ ئۇنىڭ كەينىگە چۈشۈپ ماڭدۇق.كېتىۋاتىمىز-كېتىۋاتىمىز ،ماڭا -ماڭ بىر ئېتىزنىڭ بىشىدىكى بىر ئېغىزلىق ئۆيگە يېتىپ كەلدۇق. ئۆيگە كىرسەك ئايالى چۆچۈرۈدەك نەچچە بالا بىلەن تىقىلىپ يېتىپتۇ،خۇيۇم دەھشەت تۇتتى_ھەي بۇ تار ئۆينىڭ نەرىدە ياتىمىز،_دىسەم ،ئۇ مەس غېمىدە يۇق:_ئۆي كىچىك بولغان بىلەن كۆڭۈل كەڭ،قوپ خوتۇن،شەدىن ئېزىز مېھمانلار چىقپتۇ،ئورۇن راسلا!_دېۋىدى،بىچارە ئايال ماڭغا يولدىشى بىلەن تام تەرەپكە سالدى،تۇداخۇنغا بالىلىرنىڭ قاتارغا سەپ ياتقۇزدى.پىچاق بىسىدەك يېتىپ نە ئۇيقۇ بولسۇن،بىر چاغدا چىر-چار قىلىپ قالدى.ئورۇنۇمدىن ئتتىك قوپسام،ئۇ ئايالنىڭ بىر بالسى سىيىمەن دىسە،ئايال ئۇيقۇچىلىقتا بالىسىنى كۆتەردىم دەپ تۇداخۇننى كۆتىرىپ مېڭىپتۇ.

مەن مۇشۇنچىلىك يازدىم قالغانلىرىمزمۇ بىلگەنلىرمىزنى ئىنكاس سۈپىتىدە قوشۇپ ماڭىلى....

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 14:03:02

:lol

tokqi123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 14:51:00

{:92:}

hohayla يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 15:13:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hohayla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 15:15  

مەلۇم بىر يەردە بىر يەسلى باركەنتۇق، بىر كۈنى گۈزەل سەنئەت ئۆتىدىغان خانىم سىنىپقا كىرپ دوسكىغا يۈرەكتىن بىرنى سىزىپتۇ دە بالىلادىن سوراپتۇ_بۇ نىمە؟                                          شۇمتەكلە يۇقرى ئاۋازدا  ئالما دەپتۇ، ياق دەپتۇ خانىم _بۇ يەردە نىمە با؟  دەپ  سول كۆكسىنى كۆرسىتىپتۇ   ،  شۇمتەكلە بىردەم تۇرۋېتىپ  مەممە  دىگۈدەك،  ۋاي  ياق  ئۇنىڭ ئچىدە نىم با دەپتۇ  خانىم،  شۇمتەكلە قوپۇپ  ...شۈت  دىگۇدەك

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 16:04:02

بىر تاغنىڭ بىر تەرىپىدە بىر توشقان، يەنە بىر تەرىپىدە بىر يولۋاس ياشايدىكەن. توشقان كۈندە ئەتتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر كېرىلىۋەتكەندىن كېيىن، يولۋاس تەرەپكە قاراپ ۋاقىرايدىكەندە،-يولۋاسسس، يولۋاسسس، ھېي يولۋاسسس.
يولۋاس:-ھە نېمە بولدى؟،-دېسە، توشقان بۇرنىنى بىر كوچىلىۋەتكەندىن كېيىن:- ئاچاڭنى ئالاي دېگەن، نېسىگە...-دەيدىكەن. بىچارە يولۋاس غەزەپتىن ھۆر-ھۆر ھۆركىرەيدىكەن، لېكىن توشقان تەرەپكە ئۆتەلمەيدىكەندە، ئارىلىقتا تىك قىيا بولغانلىقتىن. توشقان كۈندە ئاشۇندا مازاق قىلىۋەرگەندىكىن، بىر كېچىسى يولۋاس باش تەرەپكە بېرىپ تۇيدۇرماستىن توشقان تەرەپكە ئۆتۈپ، توشقاننىڭ ئۇۋىسىنىڭ كەينىگە مۆكۈنۈپ تۇرۋاپتۇ.
ئەتتىگىنى توشقان ئادىتى بۇيىچە:- يولۋاسسس، يولۋاسسس، ھېي يولۋاسسس، -دېسە، يولۋاس ئاستا توشقاننىڭ كەينىدىن كېلىپ، -ھە نېمە دەيسە دەپتىكەن، توشقان قورققىنىدىن تىتىرەپ تۇرۇپ:- ئاچامنى ئالامسىز، نېسىگە،-دېگۈدەك.
ئالامەتتە كۆرگەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 16:51:45

Yaruq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 18:04 static/image/common/back.gif
بىر تاغنىڭ بىر تەرىپىدە بىر توشقان، يەنە بىر تەرىپىدە  ...

ھا..................................ھا.....................

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 17:32:23

ئا پادىشا بەك ياۋاشمۇ قاندا:funk:

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 19:06:25

hohayla يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 15:13 static/image/common/back.gif
مەلۇم بىر يەردە بىر يەسلى باركەنتۇق، بىر كۈنى گۈزەل سە ...

;P  :lol  قىزىقكەن ...

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 19:16:02

يۇمۇر سۇزلەپ دىسەم يىڭى يۇمۇر يۇق ئىكەن  بىشىمدىن ئوتكەن بىر ئىشىنى سوزلەپ بىرەي ھە
-بۇلتۇر ياز مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن تاغقا ئوينىغلى چىققاندا  بىر پاي ئايىغىمنى يۇتتۇرۇپ قويۇپ بىر پاي ئاياق بىلەن يىنىپ كەلگەن ئىدىم.--  تۇگۇدى  .:lol

tureli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 19:59:39

ئاياقنى كىيىپ كەلدىڭىزمۇ ياكى قولتىقىڭىزغا قىسىپ كەلدىڭىزمۇ ؟

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 20:03:39

tureli يوللىغان ۋاقتى  2015-2-8 19:59 static/image/common/back.gif
ئاياقنى كىيىپ كەلدىڭىزمۇ ياكى قولتىقىڭىزغا قىسىپ كەلد ...

كىيىپ كەپتىمەن شۇ ،داۋاملىق كىيگىلى بولىدىغاندەك تاشلىۋەتسەم بۇلاتتى ئەسلى ،،،;P

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 21:12:47

بىر ئادەم دۇختۇرغا باش بارمىقىنى كۆرسىتىپ:
-دۇختۇر، بۇ بارمىقىم بىلەن بېشىمنى تۇتساممۇ ئاغرىيدۇ، مەيدەمنى تۇتساممۇ ئاغرىيدۇ، پۇتۇمنى تۇتساممۇ ئاغرىيدۇ-دەپتۇ.
دۇختۇر ئىلغار تەكشۇرۇش ئۈسكۈنىللىرى بىلەن بىمارنىڭ باش،كۆكرەك قاتارلىق ئەزالىرىنى تەكشۇرۇپمۇ كىسەلنى تاپالماپتۇ دە بۇ بىمارنى مۇرەككەپ كىسەللىكلەر بۇلىمىگە تۇنۇشتۇرۇپ بىرىپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىمار بىلەن دۇختۇر ئۇچرىشىپ قاپتۇ. دۇختۇر بىماردىن:
- ئۇلار كىسەلنى تاپتىمۇ؟-دەپ سورىسا. بىمار:
- تاپتى، ئەسلى باش بارمىغىم سۇنۇپتىكەن-دىگۈدەك.

simple يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 21:57:45

ئايالى: نە بىلەن نە ئويناۋاتىدۇ؟          ئەر:فىرانسىيە بىلەن نىگىريە.          ئايالى: بۇ جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىمۇ؟          ئەر:ئۇف.. دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى          ئايالى: جوڭگۇ كوماندىسى كۈرۈنمەيدىغۇ؟          ئەر:ئۇلار ساڭا ئوخشاش تېلۋۇزۇر كۆرىۋاتىدۇ.          ئايالى: نىمىشقا؟          ئەر:خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىدىن چىققىلى قويمىدى.          ئايالى:دىياۋيۇ ئارىلىنىڭ مەسلىسى سەۋەبىدىنما؟          ئەر: ئاھ خۇدا.. چۇنكى ئۇلارنىڭ سەۋيىسى يەتمىدى.          ئايالى: جۇڭگۇدا ياۋمىڭ بار ئەمەسمۇ؟          ئەر: .......................!!!  [‏شاپلاق بىلەن بىرنى سالمەن ھېلى بىكا

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 21:59:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GHURUR1992 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 22:03  

بىر كۈنى ئىككى مەست يولدا بىر- بىرىنى يۆلەپ  كېتىپ بارسا ئەينەك ئۇچىراپ قاپتۇ، ئەينەكنى بىرسى قولىغا ئېلىپ دەپتۇ - مەن ئەينەكتىكى بۇ ئادەمنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەنغو ، ئاغىنىسى - ئەينەكنى ماڭا بەر مەن قاراپ باقاي دەپ ئەينەكنى ئېلىپ قارىغاندىن كېيىن دەپتۇ - ھۇ كالۋا مېنىمۇ تونۇمۇدۇڭمۇ ؟

GHURUR1992 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 22:13:25

ئاتا- بالا يولدا كېتىپ بېرىپ بالىسى ئاتىسىدىن سوراپتۇ - ئاتا مەست ئادەم قانداق بولىدۇ ؟ ئاتىسى ئۇدۇلدىكى ساقچىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ دەپتۇ ، - بالام ئاۋۇ ئىككى ساقچىنى كۆردۈڭمۇ ؟ ماڭا ئاشۇ ئىككى ساقچى تۆت بولۇپ كۆرۈنسە مەن مەست بولغان بولىمەن دەپتۇ ، بالىسى - ئاتا ئۇ يەردە ئىككى ساقچى يوق بىر ساقچى بار .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 22:49:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ruslan007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 22:52  

مىنىڭ بىر دۇستۇم ktvكۇلۇبى غابىرىپتۇ، لىكىن ھىساۋات قىلدىغان ۋاقىتتا  يىنىغا پۇل سىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قىلىپ ~كۇتكۇچى  ;ئەپەندىم سىز كارتا سۇرۇتسىڭىز مۇ بۇلىدۇ دەپتۇ  ، ئۇ ;بۇ كارتا ئايا لىمنىڭ كارتىسى بۇنى بۇيەردە ئىشلەتسەم قىسقا ئۇچۇر ئايالىمنىڭ تىلفۇنىدا ;سىز ktv كۇلۇبىدا ھىساۋات قىلدىڭىز دەپ چىقىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلگىنىم شۇ ،
كۇتكۇچۇ ;ئەپەندىن كىرەك يۇق بىز سىز گە رىستۇراندا ھىساۋات قىلدى .دەپ چىقىرىپ بىرىمىز ئەندىشە قىلماڭ ! بۇگەپنى ئاڭلىغان دۇستۇم خۇشال ھالدا كارتا سۇرتۇپ ئۇيگە قايتىپتۇ ، ئۇي ئىچىگە كىرىشىشىگە خۇتۇنى 3شاپىلاق 2پەشۋا سىلىپ  ،تىلفۇنىدىكى قىسقا ئۇچۇر نى كۇرسىتىپ ، ۋۇ بىشىڭنى يەيدىغان  قارا مانىڭ غا  《قىسقائۇچۇر مەزمۇنى 》-  باغراش ئۇگۇرە خانىسىدا 5689يۇەن ھىساۋات قىلىندى .
خۇتۇنى ;سەن ئاشخانىدا ئۇ گىرە ئىچ سەڭ قاچاڭدىن   
كالا  چىقتىما?

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 11:42:12

- بۇلبۇلىڭنى ئەمدە ساراتساڭ ئۇۋىسى بىلەن قوشۇپ چۇۋۋىتىمەن.
-توشقان تاۋۇزدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كىلۋاتىدۇ.
- چارەك مانتا
- مەنتاڭنىڭ بىلىتى
- چىچىڭنى بۈدرە قىلۋالساڭمۇ تۇنۇيمىز.
- تولا گەپ قىلماي تامىقىڭنى يىگىنە(ئانا-بالا چۈۋىننىڭكى)
- چاشقاننىمۇ چايناپ بېرەمسە؟
- ما تەرەپتىمۇ بىر چىششىم بار...............

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 13:18:49

نەسىردىن ئەپەندىم ئايالىنى ئېلىپ خوشنا يېزىدىكى ئىمام ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە مىھماندارچىلىققا بېرىپتۇ. ئىمامنىڭ ئايالى تولىمۇ چاققان، پاكىز، مىھماندوست مەزلۇم ئىكەن. ئەپەندىم ئايالى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۆينىڭ پاكىزلىقىدىن، رەتلىكلىكىدىن سەل ئەيمىنىپ قاپتۇ. قۇشناچىم داستىخاننى مول راستلاپ ، بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ قويۇق، سۈيۈق تاماقلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوخشىتىپ ئۇلارنى تولىمۇ ئوبدان كۈتۈپتۇ. مىھمانلار ساھىپخانلاردىن رازى بولۇپ كېتىشىپتۇ. ئۆيگە قايتىپ بېرىپ پاراڭ ئارىلىىدا ئەپەندىمنىڭ ئايالى: «ھەي، ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئاۋۇ ئىمام ئاغىنىڭىز ئايالىنىڭ قولىنى تۇتسىمۇ بىسمىللاھ دەپ تۇتىدىكەن،» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەپەندىم: « ئەلۋەتتە، بۇ دېگەن ئاللاھنىڭ ئەمرى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىش كېرەك، مەنمۇ شۇنداق قىلىمەنغۇ؟» دەپتۇ. بۇ چاغدا ئايالى: « لېكىن ئىمام ئاغىنىڭىز ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشتىن ئاۋۋال بىر قېتىم ياسىن ئوقۇۋېتىدىكەن» دەپتۇ.  ئەپەندىم تۇرۇپ كېتىپ: « ئۇنداق ئايالىم بولغان بولسا،  كۈندە بىر قېتىم خەتمە قۇرئان قىلغان بولاتتىم!» دەپتۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 10:45:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-10 10:56  

جىيەنىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، بىر كۈنى مەكتەپ ئاشخانىسدا، بىر ئوقۇغۇچى ئاشپەز ئۇستامنى تازا تىللاپ ئۇماچنىڭ بەك سۇيۇقلىغىدىن قاخشاپتۇ:
ئاپىرەۋە بۇنداق ماسكا تارتىۋالسىمۇ ئىچكىلى بولىدىكەن ئۇمىچىڭنى .--
--------------------
ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى باللانىڭ سىنىپتا يانفۇن ئىشلىتىشىنى بەك چەكلەيدىكەن، بىر كۈنى ئوقۇتقۇچى بىر تېلىفۇننى مۇسادىرە قىلىپ ئىچىدىكى ئالاقىلاشقۇچىلار تۈرىدىكى «ھايۋان » ئىسىملىك بىر ئىسىمنى كۆرۈپ،  باللارغا تەربىيە بېرىش ئۈچۈن دەپتۇ:
بەزى ئوقۇغۇچىلار يانفۇنغا كىشى ئىسىملىرىنى كىرگۈزگەندە ، ئەخلاقسىزلىق قىلىپ ھەرخىل يېقىمسىز ئىسىملارنى كرگۈزۈۋالىدىكەن، دەپ  تەربىيە بېرىپتۇ ۋە مانا ماۋۇ مىسال دەپ ئاۋۇ«ھايۋان» دىگەن ئىسىمدىكى  تىلىفۇن نومۇرىنى بېسىپتىكەن، مۇئەللىمنى تېلىفۇنى سايراپ كېتىپتۇ .
بەت: [1]
: بىر دەم كۈلەمدۇق!