bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 09:30:33

ئادىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەقسىمات(2)

ماقالىنىڭ بىرىنجى قىسىمىنى بۇ ئادىرستىن كۆرۈڭ http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=62260#lastpost
تەسەۋۋۇرۇمنىچۇشەندۈرۈشكە قولايلىق بوسۇن ئۈچۈن مەن تۆۋەندە زاۋۇت، كارخانا، گوروھ، شىركەتلەرنى ئوموملاشتۇرۇپ ئىقتىسادى گەۋدە دەپ ئاتايمەن.
ئىقتىسادى گەۋدە بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئاساسلىق ئىقتىساد يۈرۈشتۈرۈش ماتۇرى ،ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەقسىمات تۈزىمى جەمىيەتنىڭ تۈپكى خاراكتىرىنى بەلگىلەيدۇ .
پاي تۈزىمى ئارقىلىق ئىقتىسادى گەۋدىنى كونتىرول قىلىش ۋە تەقسىمات ئىپ بىرش تۈزىمىگەقارىتا ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق تىخىمۇ ئادىل بولغان ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەقسىمات ئۇسۇلىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولامدۇ يوق ،ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى بولامدۇ؟
ھازىرقى پىيى بازارغا سىلىنغان ئىقتىسادى گەۋدىلەرگە قاراپ باقساق ئۇلار ئىقتىسادى گەۋدە پىيىنىڭ %100 ھەممىنىڭ بازارغا سالىدۇ ،كىم پاينى ئەڭ كۆپ كونتىرول قىلسا شۇ پايدىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئالىدۇ، زىياننىڭمۇ شۇنچىلىك قىسىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ .
يەنە كىلىپ پاينى سىتۋىلىپ كونتىرول قىلىش بىلەن ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىشنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق،بىراق پاينى ئاز كۆپ كونتىرول قىلىش بىلەن ئىقتىسادى گەۋدىدە ھوقوق تۇتۇشنىڭ مۇناسىۋىتى بار .
پاي تۈزىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۇپ ئىقتىسادى گەۋدە پىيىنىڭ %51پىيىنى ئىچكى پاي قىلىپ تەڭشەپ چوقۇم ئىقتىسادى گەۋدە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەر تەڭ پۇل چىقىرىپ سىتۋىلىش ئارقىلىق كونتىرول قىلىش ،ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ پايدىسىنىڭمۇ %51پىرسەنتىنى خىزمەتچىلەرگە تەپمۇ تەڭ ئۈلەشتۈرۈپ تەقسىملەپ بىرىش ۋە زىياننىمۇ تەپمۇ تەڭ ئۈستىگە ئىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش،پەقەت %49پىينى تاشقى پاي قىپبازارغا سىلىنىدىغان ،ۋە ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ باش دىرىكتۇرلىرىنى خىزمەتچىلەر ئورتاق سايلاپ چىقىدىغان بەلگىلىمىگە ئىگە ئىقتىسادى گەۋدىنى جەمىيەتتە ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىلى بولامدۇ يوق ؟
ئەگەر مۇشۇنداق تەقسىمات ئۇسۇلىغا ئىگە ئىقتىسادى گەۋدە جەمىيەتتە ھاياتى كۆچكە ئىگە بولۇپ ئوموملاشسا جەمىيەتنىڭ باي نامىراتلىق پەرقىدە زور ئۆزگۈرۈش بارلىققا كىلىشى مومكىن .
ماقالىنىڭ ئۈچىنجى قىسىمىدا ئىقتىسادى گەۋدىگە خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ۋە خىزمەتچىنى ئىشتى بوشىتىش ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادى گەۋدە بىلەن پاي ئىگىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى قانداق باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش تەسەۋۋۇرۇمنى ئوتتۇرغا قويىمەن.

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 14:24:13

ماقالىڭىزنىڭ 3-قىسىمىنى ساقلايمەن!

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 17:37:01

نىمىشقا بىرلەشتۇرۇپ ئىلان قىلمايسىز:handshake

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 18:59:31

ئۈچ بۆلەك ئايرىم ئېلان قىلغۇچە، بىرلەشتۈرۈپ ئېلان قىلغان بولسىڭىز ياخشى بولاركەن.

ھېس قىلىشىمچە ناھايىتى كۆپ ساندىكى كارخانا جەمەت خاراكتىرىدىكى كارخانا ئىكەن.
كاپىتال، كارخانا ئىقتىسادى قاتارلىق تېمىلاردا مۇشۇ ئەھۋالنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئەھۋال پۈتۈن دۇنيادا ئورتاق مەۋجۇت ئەھۋالدەك قىلىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 19:08:46

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2015-2-8 18:59 static/image/common/back.gif
ئۈچ بۆلەك ئايرىم ئېلان قىلغۇچە، بىرلەشتۈرۈپ ئېلان قىل ...

دۆلىتىمىزدىمۇ شۇنداقكەن، شۇنداق بولمىغاندا بەلكىم چىرىكلىك سەۋەپلىك تەرەققى قىلالماسلىقى مومكىن.
بەت: [1]
: ئادىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەقسىمات(2)