Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 09:15:48

ئالىم بايتاش: بىر پارچە خىشنىڭ سىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Alif تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-8 09:16  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار سىلەردىن بىر ئىشقا ياردەم سورىماقچى.
1907- يىلى قۇرۇلۇپ 1909- ئىشقا كىرشىپ ئىلى ۋادىسىدا تالاي تارىخقا گۇۋاھ بولغان، 2005- يىلى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تارىختىن بېتىدىن ئۆچكەن «ھۈسەن باي تېرە زاۋۇتى» نىڭ تۇرخۇنى ئۈچۈن ئىشلىتىگەن، 1909 رەقىمى ئۈچۈن ئىشلىتىگەن تارىخىقا گۇۋاھ بولغان، ئىچىدە ھەم كۈلۈپ ھەم يىغلىيالايدىغان ئاشۇ مىللىي سانائىتىمىزنىڭ بىردىنبىر مىراسى بولغان ئاشۇ خىشتىن بىرپارچە بولسا ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار. مەن شۇ خىشتىن ئۆزۈمگە جاۋاب تاپقان بولسام! مەن ھېچكىمنى ياكى بىرەر ئەدىبنى ئۆرنەك قىلمىغان مەقسەتتە ئۇ خىشتىن بىر پارچە ساقلاپ قويۇش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىپ سىزلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدىم. بولسا شۇ زاۋۇتتا ئىشلىگەن غۇلجىدا ئولتۇرۇشلۇق يىغىپ ساقلىغۇچىلار بولسا تەمىنلەپ بەرگەن بولساڭلار.  تەپسىلى ئاددرېسىنى مەن ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىمەن.
رەھمەت!

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 16:53:18

قىشنىڭ ھەر بىر پارچىسى 1000 دوللار{:92:}

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 16:57:29

بۇ تېمىنى چاقچاققا چىقارماڭ! ياردەم قىلغان بولسىڭىز تېخىمۇ خۇرسەن بولار ئىدىم.

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 17:39:11

‏‏مەن تېخى يالقۇن روزىنىڭ ماقالىسىمىكىن دەپتىمەن

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 23:53:16

شۇ، يالقۇن روزىدا بارمىكىن؟ بىر چاغدا ماقالىسىدا شۇنداقراق بىر گەپنى قىپتىكەن ئۇ ئادەم.

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 11:57:11

مۇشۇ مۇنبەردە ئوينايدىغان غۇلجىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئاشۇ زاۋۇتتا ئىشلىگەن بىرەر كىشىنىڭ تۇغقىنى بولسىمۇ باردۇ؟

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 13:20:18

بىر ئادەم با دائىم ئاغرىپلا يۈرىدىغان،  ئىسمى سالامەت.يەنە بىر ئادەم با چۈشكىچە ئۇخلايدىغان، ئىسمى سۈبھى. ......

تېمىسىغا قاراپ بىرەر بايقاش خارەكتىردىكى ماقالە ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

000000000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:59:26

مەن ئەينى چاغدا مۇشۇ توغرىلىق بىر ماتىرىيال ئوقۇغان ئىدىم. غۇلجىدا بىر دوستۇم بار, شۇنىڭدىن سوراپ جاۋابىنى بىرەي

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 15:28:16

رەھمەت!
بەت: [1]
: ئالىم بايتاش: بىر پارچە خىشنىڭ سىرى