قەشقەر ئوغلانلىرى «كىم توپ شاھى» مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچقا كىردى
قەشقەر ئوغلانلىرى «كىم توپ شاھى» مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچقا كىردى(تۇنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ: شىنجاڭ 8-1 چۇڭچىڭ)
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 11:00 دە، مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان«كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شىمالىي رايون تۇنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينالدى. CCTV5-قانىلىدا ئۈرۈمچى ۋاقتى 11:00 دىن 2:00 گىچە ماس قەدەمدە بىۋاستە تارقىتىلدى.
مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 8-نومۇر ۋە 6-نومۇرلۇق ماھىرىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى، شىنجاڭ قەشقەر ئوغامبالا كوماندىسى بەدەن ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 8-1 نەتىجىدە چۇڭچىڭ بۇرېن ياڭگۇاڭ (辅仁阳光) كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
مۇسابىقىدىن كېيىن ئەفىردىن :« قەشقەردىمۇ مۇشۇنداق چىملىق مەيدان بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!» دېدى.
يەنە بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 2-ئاينىڭ 8-كۈنى (يەكشەنبە كۈنى) ئۈرۈمچى ۋاقتى 11:25 دىن 2:00 گىچە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ. ئەتە شىنجاڭ قەشقەر ئوغامبالا كوماندىسىنىڭ «كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇق مۇسابىقىسىدىكى چېمپىيونلۇق تالىشىدىغان رەقىبى مەيدانغا كېلىدۇ.
ياش ئۆسمۈرلەر مۇنەۋەر كوماندىسىنىڭ مۇنەۋەر ئەزالىرىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدىن ئىلگىرى گېرمانىيەگە بېرىپ بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى بىلەن ماھارەت ئالماشتۇرۇش دوستلۇق مۇسابىقىسى ئويناش پۇرسىتى بولىدۇ.
مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن كۆرمىگەنلەر بۇ ئادىرىستىن كۆرۈڭ.
http://sports.cntv.cn/2015/02/07/VIDE1423289161592132.shtml ياىشى تىلەكلەر بولسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hakaniye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-8 06:33
قەشقەردىكى كۆلىمى ئەڭ چۇڭ پەن -تېخنىكا مەيدانىغا ئۇرۇنلاشقان بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيىدا قىزغىن چىنىقىۋاتقانلارنىڭ سەكسەن پىرسەنتى بىزخەقتىن سۆيۈنۈپ قالىدۇ كىشى بۇ مەنزىرىدىن ،قاننى ئۇرغۇتۇپ ئەركەكتەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھەۋەس قىلىش قېنىمىزدا بۇلسا كىرەك تۇپ شاھى كىم دەپ ئالغان بۇلسا ياخشى بۇلاركەنتۇق ،مەن تېخى 《كىم تۇپ》دەيدىغان تەنتەربىيەنىڭ بىر تۈرى بۇلسا كىرەك زەيتۇن تۇپ دىگەندەك دەپ ئۇيلاپ قاپتىمەن يارايسىلە ئەزىمەتلەر! بىز سىلەردىن پەخىرلىنىمىز! قالتىس . سىلەرنىڭ چىمپىيۇن بۇلىشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن . ئۇتتۇرۋەتكەنلەرنىڭ گېپى يوقما؟ hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 15:24 static/image/common/back.gif
ئۇتتۇرۋەتكەنلەرنىڭ گېپى يوقما؟
تولۇقسىز يىللىقلار گۇرۇپپىسىدا ئۈرۈمچى 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شاللىنىپ كېتىپتۇ، ھازىرقى ئەھۋالدا مۇشۇ ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىدا ئۈمىد باركەن شۇ ئۇنتۇپ قالمايلى ھە بۈگۈن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىلىدۇ. نەدە بىر يەرلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرمەي چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 5 يېرىمدا مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 5-يۈرۈش قانالغا دىققەت قىلىپ قويارسىلەر. ئىككى كوماندىمىز ئالدىنقى ھەپتە رەقىبىنى بوش چاغلاپ شاللىنىپ كەتتى. مۇشۇ ئۆسمۈرلېرىمىزدە ئۈمۈد زور. بۇ تېما ئۈچۈرۈلدىما ؟ بىر پاتمان خەت يازسام يوققۇ؟ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 5 يېرىمدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 7 مەيدان مۇسابىقدە 75 توپ ئۇرغان ئەزىمەتلېرىمىزنىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ قويۇڭلار. مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 5-قانالدا كۆرسىتىلىدىكەن. 2 گە قەرشى 8 نەتىجە بىلەن يەگدى. مەيدان ۋە رىياسەتچىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا لوگىكىلىق خاتالىق بەك جىق لىكىن .:lol:lol:lol {:112:} ئالدىنقى مەيداندىلا كەينى- كەينىدىن 6 نى ئۇرىۋەتكەن، ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشتا يۈزىمىزنى پىشكە ئاياپ قويۇڭلار … دەپ ئىددىيىۋى خىزمەت ئىشلىدىمىكى كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئەمەسلا ئويناپ ئاران ئىككى توپ ئۇردى، بۇلار بۇندىن بۇرۇن ئوينىغان 8 مەيدان مۇسابىقىدە 83 توپ ئۇرۇپتىكەن…
ئەڭ قىززىق يېرى ئىككى تەرەپنىڭ 8- نومۇرلۇق توپچىسى توپ تالىشىش جەريانىدا بەدەن سوقۇلۇپ كەتكەندە قارشى تەرەپ پوتلىسىنى ئېقىتىپ رەسمى ژىغلاۋاتىدۇ دېسە…:lol ئارىلىقتا ئوغامبالا كوماندىسىدىكى 8-.9-.10-نومۇرلۇق ئۈچ توپچىنى دۆلەت ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا تاللايدىغاننىڭ گېپى بولۇندى…:P ئىسىل{:112:} ئاخشامقى مۇسابىقىنى مەنمۇ كۆرۈپ بەك ئىپتىخارلاندىم. مۇسابىقە ئاخىرىدا توپ مەيدانىدا قەشقەر ساماسى سىلىپ تەنتەنە قىلىشتى… مانا بۇ بىزنىڭ ئىنىلىرىمىز دېدىم ھاياجاندىن.
بۈگۈن بىر خىزمەتداشنىڭ كوچا پارىڭى قىلىپ دېيىشىچە بۇ كوماندىدىكى ھەر بىر ئەزا بىلەن كۈچلۈك توپ كۇلۇبلىرى توختام ئىمزالىغانمىش 600 مىڭ يۈئەنگە… پۇتبول مۇسابىقىسىمۇ يا ۋاسكىتبولمۇ؟:lol ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 14:36 static/image/common/back.gif
پۇتبول مۇسابىقىسىمۇ يا ۋاسكىتبولمۇ؟
تىك-تاك توپ مۇسابىقىسىنى دەۋاتىدۇ. پۈشتەك چالغان ئىككى چوكان رىپىر بولۇشقا سەل ھايىلى باردەك:lol
بەت:
[1]
2